|
|
|
|
«سايرام ئۆسمۈرلەر مەشرىپى» ئۆتكۈزۈلدى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى ىەۋەر قىلىدۇ:
باي ناھىيە سايرام بازارلىق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3 ئايلىق جاپالىق ئىشلىشى نەتىجىسىدە، 5- ئاينىڭ 25- كۈنى باي ناھىيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىپى مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى «سايرام ئۆسمۈرلەر مەشرىپى» ئۆتكۈزۈلدى. 3 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان بۇ مەشرەپ نومۇرلىرىنىڭ 90% نى ۋە سەھنە دېكۇراتسىيەسىنى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان بولۇپ، مەزمۇنى مول، بەدىئىيلىكى يۇقىرى نومۇرلار كۆرگۈچىلەرنى جەلب قىلدى. باي ناھىيە سايرام بازىرىدىكى دېھقان-چارۋىچىلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ۋە باي ناھىيەسىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەر ۋە بىر قىسىم قەلەمكەشلەر، جامائەت ئەربابلىرى مەشرەپنى كۆردى. مەشرەپ داۋامىدا ئىگىلىك تىكلىگۈچى ساخاۋاتچىلەردىن ياقۇپجان، دىلشات ھەسەن قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى مائارىپقا 5 مىڭ يۈەندىن نەقپۇل ياردەم قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-31 01:59 AM
|
|
|
|
|
|