مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 983|ئىنكاس: 0

يارقان (سېرىق كىسەل) توغرىسىدا چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3181
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-27 10:52:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار. ئالدىنقى يازملاردا جىگەر توغرىسىدا توختالغان ئىدۇق.  بۈگۈن يارقان كىسىلى توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتمەكچى. قېنى ئەمسە تۈۋەندىكى يازمىغا دىققەت قىلىڭ.


تۈرلۈك سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقدىغان كىسەللىك بۇلۇپ سېرىق يارقان كېسىلى، قارا يارقان كىسىلى، سېرىق بىلەن قارنىڭ بىرلىشىشىدىن بولغان يارقان دەپ 3 خىل بۇلىدۇ. تۈۋەندە بۇ خىل كىسەللىك بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىمىز.

1. سېرىق يارقان كېسىلى


ئالامىتى : يارقان سېرىق، قارا ، سېرىق بىلەن قارىنىڭ بىرلىشىشىدىن ئىبارەت 3 خىل بولۇپ، يارقاندا پۈتۈن بەدەن سارغىيىش، باش ئاغرىش ، كۆپ ئۇسساش ، قىزىتما بولۇش، بەدەن قىچىشىش، قۇرۇق ھۆ بولۇش، قۇرساق ئىسىلىش ، يۈرەك ھەركىتى تىز بولۇش ، سۈيدۈك سېرىق بولۇش، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك، ئۇيقۇسى كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ ھەمدە جىگەر ئېچىشىش بولىدۇ.
سەۋەبى: جىگەر بىلەن ئۆت ئوتتۇرىسىدىكى تومۇرغا توسالغۇ ياكى ئۆت ئىششىقىغا ، ئۆتتە تاش پەيدا بولغان سەۋەبىدىن سەپرانى ئۆت قۇبۇل قىلمىغاندىن ياكى جىگەردىن ئۆتكە بارىدىغان تومۇر تارايغان ياكى سەپرا خىلىتى قويۇلۇپ ، ئۆتكە بارالماي قانغا تارىلىپ كەتكەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن كىسەلگە ئۈچ كۈنگىچە تاماق بەرمەي سىركەنجىۋىل ساددە، قىزىتما يۇقۇرى بولسا سىركەنجىۋىل بارىد،  ئەرقى كاسىن  ،  قىزىلگۈل ئەرقى بىرىش ئارقىلىق ، قىزىتما، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىپ ئۇندىن كىيىن ئۆت ياللۇغى بولسا ھەببى شىپا، ھەببى ئەفەستىن ، ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى شوخلا بىرىش، ئەگەر ئۆتتە تاش بولسا شارابى بۇزۇرى بارىد، ھەببى رەۋەن بېرىش لازىم.
غىزاسىغا 3 كۈندىن كېيىن ئارپا ئېشىغا تۇرۇپ، پالەك ، كۆك يۇمغاقسۈت سېلىپ بېرىلىدۇ ھەم چۈجە گۆشى بىلەن تۇرۇپ سېلىپ ئىتىلگەن شويلا بېرىلىدۇ. قارىئۆرۈك، ئەينۇلا، چىلان ، دىنار شەربەتلىرى بېرىلسە بولىدۇ.
                                                                        (2) قارا يارقان كېسىلى  
ئالامىتى : چىرايى، پۈتۈن بەدەن قارامتۇل رەڭگە كىرىپ، مۇزلاپ كۆكۈرۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشاپ قالىدۇ.
توخۇئەت پەيدا بولۇپ ، تىلمۇ ، سۈيدۈكمۇ كۆكۈشكە مايىل قارامتۇل بولىدۇ. دىماغ قۇرۇيدۇ، ئۇسسۇزلۇق بولمايدۇ.بەدەن تېمپۇراتۇرسى تۆۋەن، يۈرەك ھەركىتى ئاستا، تومۇرى قاتتىق سوقىدۇ. جىگەر ساھەسى سانجىقسىمان ئاغرىيدۇ، ھۆ بولىدۇ، قۇسىدۇ، كۆك سۇ يانىدۇ، ئىشتىھاسى بولمايدۇ.
سەۋەبى : سەۋدا جىگەردىن تالغا بارىدىغان تومۇردا قويۇق قان توسالغۇ پەيدا بولغاندىن ياكى تال ئىششىغاندىن سەۋدانى تال قۇبۇل قىلماي، جىگەردىن قانغا ئارىلىشىپ بەدەنگە تاراپ كىتىشتىن ياكى تال بىلەن ئاشقازان ئوتتۇرسىدىكى تومۇر توسۇلۇپ تال ئىششىغان سەۋەبدىتىن بولىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى : جىگەر بىلەن تال ئوتتۇرسىدىكى تومۇر توسۇلىشتىن بولسا سىركەنجىۋىل ئەفتىمۇن بىرىش لازىم . ئەگەر تال ئىششىغاندىن بولسا شارابى بىخ كەبىر ، ھەببى غاپەس بېرىش، ئاشقازان بىلەن تال ئوتتۇرسىدىكى تومۇر توسۇلۇپ قېلىشتىن بولسا ئاشقازاننى تازلاش ئۈچۈن  شارابى دارچىن ، جاۋارىش ئۇد شېرىن بېرىش لازىم. غىزاسىغا نۇقۇت ، سەۋزە ، باچكا گۆشى بىلەن شورپا قىلىپ قارىمۇچ، زىرە، جۇۋىنا سېلىپ بېرىش لازىم.
(3)سېرىق بىلەن قارىنىڭ ئارىلىشىشىدىن بولغان يارقان
ئالامىتى : سېرىقمۇ، قارىمۇ دىگىلى بولمايدۇ، ئىككىسنىڭ قۇشۇلۇپ كىلىشىدىن بولىدۇ.
ئۆت، تال يوللىرىنىڭ توسۇلىشى بىلەن سەپرا ۋە سەۋدانىڭ ئۆت، تالغا بارماي بەدەنگە تاراپ كىتىشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇ ئېغىر ئۆتىدۇ.
داۋالاش ئۇسۇلى : ئالدى بىلەن كىسەلدە ھارارەت بار يوقلۇقىغا قاراش لازىم. ئەگەر ھارارەت ‹قىززىتما› يۇقۇرى بولسا ئالدى بىلەن ئۆت سۈيۈقلۈقىنىڭ ئېقىشىنى راۋانلاشتۇرۇشقا تىرىشىش كىرەك. ئەگەر سەۋدانىڭ ئالامەتلىرى يۇقۇرى بولسا ئالدى بىلەن جىگەر بىلەن تالنىڭ تۇمۇرلىردىكى تۇسالغۇنى ئېچىشنى ئاساس قىلىش لازىم. دورۇللىرى يۇقۇردا بايان قىلىندى.  ئۇزۇقلۇق جەھەتتە تاماقتىن مۇمكىن قەدەر بەرمەسلىك يۇقارقى شەربەتلەرنى بىرىش، كۆڭلى تاماق خالىغاندا تاماق بىرىش لازىم.

مەنبە:http://bbs.alsihat.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alsihat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-27 10:53 AM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش