يولۇڭغا نۇر-چىراق ، كۈچ-قۇۋۋەت ئارمان،ئەزىزلىك ، خەستىلىك باغلىق ئۆزۈڭگە.
زۇلمەتكە تۆكۈلدى تاڭنىڭ كۈلكىسى،
خاپىلىق ، شادلىقمۇ مەڭگۈ ئۆزۈڭدە.
مېھىرلىك ھىجراننىڭ دەشتى-سەھراسى،
تەنلىرىم ياپراق ئاھ ، تىترەيدۇ تاردەك.
ئىبادىتىم زەربە شەيتانغا ھەردەم،
يولىغا توساقتۇر قاتمۇ-قات تاغدەك.
ھاياتنى سۆيگەنلەر سۆيۈلۈپ ياشار،
تۇرمۇشنىڭ تەبىرى ھەقىقەت دېمەك.
مۇھەببەت-نەپرەتتە ئىنسان قىممىتى،
مەلئۇنلۇق ، باشقىلار يىغلىسا كۈلمەك.
لاۋۇلداپ تۇرىدۇ دىلىم ئوتلىرى،
جۇدالىق-ھىجراندىن يۈرىكىم زىدە.
باغرىمنى ئۆرتىگەن ئۇيغۇرچە ئارمان
دەردىنى تۆكىدۇ سۆزلەر تۈنىگە.
كېكەچلەپ سۆزلەيدۇ ئۇيغۇر باللىرى،
ئارمىنىم يىغلايدۇ ئۇيغۇر تىلىدا.
ھەرپلەرنىڭ يىتىمدەك قىسىلغان بوينى ،
سۆزلەرنىڭ باغرىدا يىرىڭلىق يارا.
بەزىدە شاھدۇرمەن ، بەزىدە قۇلدۇرمەن،
ئارا يول ئۈستىدە تەمتىرەپ يۈرگەن.
كېكەچلەپ سۆزلەيدۇ ئۇيغۇر باللىرى،
يارىمەن كۆكسۈمنى قوش پىچاق بىلەن.
قىيامەت قايىمدۇر دوستلار يىغلىسا،
ئاسمانغا تاقىشار دۈشمەنلەر بېشى.
بىرلەشسە دەريادۇر تامچە-تامچە سۇ ،
گۈللەرنىڭ بەرگىگە چېچىپ قېنىنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-27 09:19 AM