ئايال
ئەقىدەڭدە چوغلانغان سۆيگۈ،
ۋۇجۇدۇمنى ئەيلىدى كۈلگە.
كۆيۈپ يېنىپ تاۋللىنىپ بىر كۈن،
بولسا ئىدى ئەۋلاتقا ئۈلگە.
ئۆكۈنمەيمەن بالدۇر كەتكەنگە،
پاك قەلىپتە بولغاچقا قەبرەم.
سىرىمىزنى ئېيتىپ قويمىغىن،
قالسا كېلىپ بېشىمغا نەۋرەم.
ھاياتىمدا بىردىن بىر ئايال،
بۆسۈپ كىرگەن قەلبىمگە سەنلا.
ئايال قەلبى يىگانە ئارال،
شۇ ئارالدا يىگانە مەنلا.
2012-5-26
سۆيگۈ ئىزدەپ
كۈي تۆكىدۇ باھاردا زەينەپ،
زىكرى قىلىپ دەردۇ پىراقتىن.
ئېلىپ كەلسە سابا ھىدىڭنى،
سېغىنىشلار تاپارمۇ تەسكىن.
سېغىنغاندا كەلسەم شاپاشلاپ،
ئارمانلارنى يۈدۈپ ھاپاشلاپ.
بولغان ئىكەن سەھەردە غايىپ،
پۇرسەتلىرىڭ ھىجراننى تاشلاپ.
سۆيگۈ ئىزدەپ باھاردىن كۈزگە،
ئۆكۈنمەيمەن ھالقىپتۇ ئۆمرۈم.
ئورمانلاردا شىۋىرلىسا كۈز،
غازاڭلاردا ئۈگدەيدۇ سۆيگۈم.
2012.5.26
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pasil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-27 01:02 AM