مەن يالغۇز قالدىم
مۇھەببەت ـــ دۇنيادىكى ئەڭ نازۇك ھېسياتنىڭ ،ئەڭ شىر
ىن ،تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت بولسا كېرەك .« مۇھببەتتىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمگە جاھان قاراڭغۇ زىندان »دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ھەم ئۆزۈممۇ تېتىپ باقتىم .
مەن كىچىكىمدىن قىزلار بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئىدىم . مەھەلىمىزدە مەن دېمەتلىك ئۈچلا ئوغۇل قالغان ئون بەشكە يېقىن قىزلار بار ئىدى . بىز مەكتەپكە بىللە بېرىش ،مەكتەپتىن قايتىش قاتارلىق ۋاقىتلاردا دائىم دىگدەك بىللە ئىدۇق . ئالىم بىلەن كامىلنىڭ بولۇپمۇ كامىلنىڭ قىزلار بىلەن ئانچە خوشى يوق ئىدى.بىراق مەن بولسام ئۇلارغا قارىغاندا قىزلارغا بەكرەك ئامراق ئىدىم .بۇنىڭغا بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىش تەسىر قىلغان بولسا كېرەك .
مەن باشلانغۇچ 3-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. مەكتەپتىن ھېرىپ كەلگەچكە ھېچ ئىش خوش ياقماي بالدۇرلا ياتقان ئىدىم . دادام ئۆيگە كىرىپلا بىر تال موخرىكىنى يۆگەپ قاتتىق-قاتتىق شورىۋەتكەندىن كىيىن ئانامنى چاي ئەكىلىپ بېرىشكە بۇيرىدى ،ئانام قولىدىكى ئىشنى تۈگىتىپ بولۇپ ھورى چىقىپ تۇرغان بىر پىيالە چاينى دادامغا ئىككى قوللاپ سۇندى. دادام چاينى ئېلىپلا پۈۋلىمەي ئوتلاپ ئېغىزنى كۆيدۈرۋېلىپ ئاغرىققا چىدىماي پىيالىنى ئانامغا ئاتتى.بىر پىيالە چاي ھويلىدا ئۆي ئىشى قىلىۋاتقان ئانامنڭ ئوڭ دۇۋلىسىغا چۈشۈپ دۈمبە قىسمى كۆيۈپ كەتتى . كۆيۈك ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئانام ئاچچىق تولغىنىپ يىغلاپ كەتتى. مەن بېرىپلا دادامنىڭ قولىنى چىشلىۋالدىم . دادام ئاغرىققا چىدىماي مېنى كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتى .مەن يەردىن قوپۇپ قوشنىمىز مەريەمخان ئاچىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ بولغان ئەھۋالنى ئۇلارغا دىدىم . ئۇلار كىرىپ ئانامنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئانام بىر ئايدىن ئوشۇق دوختۇرخانىدا يېتىپ ساقىيىپ چىقتى . بۇ بىر مەزگىلدە دادام دوختۇرخانىغا بىر قېتىممۇ دەسسەپ باقمىدى. ئانام دوختۇرخاندىن چىققان كۈنى دادام ئانامغا دومسىيىپ قارىمىدى. لىكىن ئاقكۆڭۈل ئانام دادامنىڭ ئالدىدا خىزمەت قىلىپ پايپېتەك بولۇپ كەتتى. دادام ئانام ئەتكەن ئاشنى خوش ياقا ،خوش ياقماس ئىچىپلا سىرىتقا چىقىپ كەتتى . مېنىڭ ئاچچىغىم بەكمۇ كەلدى ۋە ئاستا ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ :
ـــ ئانا نىمىشقىمۇ دادامغا تەگكەن بولغىيتىڭ؟
ـــ .........................
ـــ كامىلنىڭ دادسى بەكمۇ ياخشىكەن ،ئۇنىڭ دادسى ئانسىنى ئۇرمايدىكەن ، تېخى كامىلغا كۈندە پۇل بېرىدىكەن ،دا....دا....دادام............مەن بىر دەم دۇدۇقلىۋەتكەندىن كىيىن :
ــــ دادامغا تەگمەي قاسىمكامغا تەگسەڭ بولماسمىدى؟
ـــ ئۇنداق دىمە بالام ،دادڭ قاسىمكاڭدىنمۇ ياخشى ،شۇڭا مەن ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىمگە تەگمەي داداڭغا تەگكەن .
ـــ ئەمسە بىز چوڭ داداملارنىڭكىگە كېتەيلى ، چوڭ دادام سېنى ئۇرمايدۇ.تېخى ماڭا جىق پۇل بېرىدۇ ، مەن ساڭا كەمپۈت ئېلىپ بېرىمەن .
ئاردىن بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كىيىن ئانام :
ـــ بالام ،قىز بالا تولىمۇ ئاجىز كېلىدۇ ،سەن قىزلارغا قول تەگكۈزگىچە بولما ،بولمىسا ئاللاھمۇ سېنى كەچۈرمەيدۇ ،قىزلارغا قولىڭدىن كېلىشىچە ياردەم قىل ،قولىڭدىن كەلمىسە مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن .
شۇنىڭدىن كىيىن مەن قىزلاغا بەكمۇ كۆيىندىغان ، باشقا ئوغۇللار قىزلارنى بوزەك قىلسا ئارغا چۈشدىغان بولدۇم .
يېشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ مېنىڭ قىزلار بىلەن ئەركىن پاراڭلىششىم ،بۇرۇنقىدەك ياردەملەرنى قىلشىم چەكلىمگە ئۇچىردى ، «باللار نىجات ئالىيەنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ ،بالىلار نىجات تۈنگۈن ئالىيەنى ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەن بۈگۈن نادىرەنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،بالىلار نىجات تۈنگۈن كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشكەندە نادىرە بىلەن چىملىق مەيداندا تۇراتتى بۈگۈن كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشكەندە نۇرسىمان بىلەن ياتاق بىناسى ئالدىدىكى سېدە ئاستىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشۋاتىدۇ»مانا مۇشۇنداق گەپلەر تۈپەيلى تولىمۇ بىئارام بولاتتىم ،قىزلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم . بىراق يەنىلا ئامالسىز ئىدىم.
*******************************************
مەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىمدىلا مېنى «سۇيۇق»«خوتۇن پۇرۇش»دىگەندەك سۆزلىرىدىن كۆپ ئازار يىگەچكە ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى قىزلاردىن يىراق ئۆتكۈزەي دىگەن پىلاننى تۈزگەن ئىدىم . ھەربى مەشىقنىڭ ئەڭ ئاخرىقى كۈنى كەچلىك مۇزاكىردە مۇخلىسە ئىسىملىك بىر قىز يېنىمغا كېلىپ :
ـــ ھەي رەڭلىك.دەپ ئىلىقىنە تەبەسسۇم قىلدى . مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭغا سۇئال نەزىردە قارىدىم .
ـــ بىر كۈندە ئۈچ قېتىم تاماق يەيمىز ئۈچ قېتم كىيىم يەڭگۈشلىمەيمىز .
ئۇ شۇنداق دەپلا يەرگە قارىۋالدى ، مەن بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ بىر كۈندە ئۈچ قېتىم كىيىم ئالماشتۇرغانلىقىمنى ئېسىمگە ئېلىپ دەرھال چۈشەنچە بەردىم:
ـــ ھە ،ئەتىگەن سېرىق كىيىم كىيىپ چىقسام ھەسەل ھەرىلەر قونىۋېلىپ بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتى شۇڭا چۈشتىن كىيىن ئالماشتۇرۋەتتىم.مەشىق مەزگىلدە ئالماشتۇرغان كىيم مەينەت بولۇپ كېتىپتىكەن شۇڭا مۇزاكىرگە بۇنى ئالماشتۇرۇپ چىقتىم .
بىز شۇ تەرىقىدە قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق ،قەيەردىن كەلگەنلىكىمىز ، قايسى مەكتەپتىن كەلگەنلىكىمىز ،ئائىلە ئەھۋالىمىز ،قىزقىشىمىز .ئىش قىلىپ بىزنىڭ ئۆز ئارا سوراشمىغان گەپلىرىمىز قالمىدى .ئاخشىمى «چى چى »دا پاراڭلاشساق ،كۈندىزى بىريەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق .
پىكىرلىرىمىزنىڭ بىر يەردىن چىقىشى ،ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىمىز ،يول قويشىمىز بىلەن بىزنىڭ دوسلىقىمىز تەرەققى قىلىپ مۇھەببەتكە ئايلىنىپ قالدى . مەن ئاخرى چىداپ بولالماي مۇخلىسەگە تەلەپ قويدۇم .ئۇ قانچە رەت قىلسا مەن شۇنچە زېرىكمەي تەلەپ قويدۇم . قىلغان ئەجىرىم تۆلىگەن بەدەللىرىم بىكارغا كەتمەي ئۇ مېنى قۇبۇل قىلدى . مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك خۇشال ھېس قىلدىم .
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىڭ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قالدى .سەۋەپ مەن بۇرۇنقى« قىزلارغا ئامراق» خۇسۇسىيتىمنى ئەسلىمگە كەلتۈرۋالغان ئىدىم . بۇ يەردە مەن بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىللە ئوقۇغان قىزلار بار ئىدى . يېڭى مۇھىت ،يېڭى مەكتەپ ،يالغۇز غېرىپچىلىقتا قالغان ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ ياردىمىمگە مۇھتاج بولۇپ قالغاندا ئۇلاردىن ياردىمىمنى ئاياشنى خالىمدىم . بىراق بۇنى مۇخلىسە قۇبۇل قىلالمىدى . بىزنىڭ ئارىمىزدىكى خۇشاللىق ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن ئىدى. تىلفۇنۇمغا كېلىۋاتقان «كۆڭلۈم يېرىم بىردەم پاراڭلاشساق بوپتىكەن، قىزبالا بازارغا يالغۇز چىقسا بولمايدىكەن بىللە چىقسىڭىز بوپتىكەن ، ئاغرىپ قالدىم سىرىتتىن تاماق ئەكىرىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ..................» قانداق قىلىش كېرەك ،ئاخىرى بولماي مۇخلىسەنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ ، مېنى قوللايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇ ئۇچۇرلارنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ بىللە ياردەم قىلىشقا چاقىردىم . ھەي.....نىمە پوق يەپ ئۇنىڭغا ئۇچۇرنى كۆرسەتكەن بولغىيتىم . ئۇ ماڭا:
ــــ سىزگە مەن ئازلىق قىلىپ قالغاندىن كىيىن زېركىپ قالغانلارغا ھەمراھ بولۇڭ ، ئاغرىپ قالغانلارغا دورا بولۇڭ ،مەن زېركىپ قالمىدىم ،ئاغرىپمۇ قالمىدىم شۇنداق بولغاندا سىزگە ئۇچۇر يازارمەن .
ئۇنىڭ گېپى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى .ھەپتە ساقلىدىم كەلمىدى ، ئاخىرى چىدىماي ئۆزۈم بېرىپ كەچۈرۈم سوردىم .مۇھەببەت شۇنداق بولسا كېرەك ئۇمېنى كەچۈرۋەتتى ،بىز يەنە قايتا جەم بولدۇق ، بىز يەنە كۈلدۇق .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي خاتالىق ئۇنىڭدىن ئۆتتى ،مەن كەڭ قورساق بولماي ئەكىسچە ئۇنىڭغا قېيدىدىم. يەنە ھەپتە قېيداشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ كەچرۈم سورىشى بىلەن يارشىپ قالدۇق . يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئەينەكنى قانچە ئۇستىلىق بىلەن يەملىسىمۇ چېنىپ قالغاندەك بىزنىڭ ئارىمىزغا چۈشكەن سوغۇقچىلىق قايتا يارشىپ قالغان بولساقمۇ تەلتۈكۈس يوقالمىدى . بىزدە نە بۇرۇنقىدەك يول قويۇش ، نە ھۆرمەت ، نە ئىشەنىچ قالمىغان ئىدى ، توختىماستىن زارلىنىش ،سوقىشىش ئەۋجە ئېلىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇخلىسە ۋارقىراپ تۇرۇپ :
ـــ ھەجەپ ئىتىقىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن ،باشقىلار ناچار ،قىزلارغا ئامراق دىسە مەيلى مەن ئۆزگەرتىمەن دەپتىمەن . ئېسىت سىز بىلەن ئارلاشقىچە پەرۇخ بىلەن ئارلاشسامچۇ.
ئۇنىڭ «ئىتلىقىڭىزنى بىلمەي قاپتىمەن،پەرۇخ بىلەن ئارلاشسامچۇ »دىگەن گپلىرى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى . شۇ ئاچچىغىمدا ئورنىمدىن چاچراپ تۇردۇم –دە ئۇنى ئۇرۇش ئۈچۈن قول كۆتۈرۈپ بولۇپ ئانامنىڭ «قىزلارنى ئاسرا ،قول تەگكۈزمە» دىگەن سۆزى ئېسىمگە كېلىپ ئاچىغىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ياتاققا قايتىپ كردىم .كەچتە قانغۇچە ھاراق ئىچمەكچىمۇ بولدۇم ،تاماكۇ چەكمەكچىمۇ بولدۇم بىراق مەكتەپ شارائىتى يار بەرمەي قىلالمىدىم . ئاچچىغىم يانغاندىن كىيىن ئۇنداق قىلشنىڭ ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلپ ئۇنداق خىيالدا بولمىدىم ئەكىسچە مۇخلىسەنى مېنى ياخشى كۆرىدۇ ،چوقۇم كەچرۈم سوراپ كېلىدۇ دەپ ئۇنى كۈتتۈم . ئەپسۇس ،تولىمۇ ئەپسۇس ،ئۇ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا پەرۇخنىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆزلىرىگە قاراپ كۈلۈپ مۇھەببەتلىك تۇرمىشىنى باشلىۋەتتى.«ئاھ خۇدا ،بۇ ماڭا نىمە كۈن ؟ئۆلەي دىسەم جان تاتلىق ، ئاسمان يىراق ،يەر قاتتىق ،بەكمۇ ئازاپ بولدى.»ئۇيقۇسىز ،تاماقسىز يۈرۈپ بىر تەن بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئىدىم . باشقىلارنىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ ھېسداشلىق قىلغۇسى كەلدى .بىراق مۇھەببەت ئىچ ئاغرىتىش ، ھېسداشلىق قىلىشقا گول بولمايدىكەن ، مۇخلىسە پەرۇخ بىلەن قانچە يېقىن ئۆتكەنسىرى مەن ئۇنى شۇنچە سېغىناتتىم .ھېجران ئازابىدا قىيلىناتتىم . لىكىن ئامال يوق .
مۇخلىسەنىڭ پەرۇخ بىلەن ئۆتكەن كۈنى بىر ئايغىمۇ بارمىدى . چۈنكى پەرۇخ سۆيگىنى گۈزەل ئاي بىلەن خاپا بولىشىپ قالغان ۋاقىتتا مۇخلىسە ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ئىكەن . مۇخلىسەنىڭ كىشى يۈركىگە ئوت سالدىغان قىلىقى ،نازلىنىشى پەرۇخقا يېقىپ قالدى بولغاي مەن بىلەن ئارلىشۋاتقانلىقىنى بىلپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويغان ئىكەن .ئەمدى گۈزەل ئاي ئۇنىڭدىن كەچرۈم سوراپ كەلگەندە ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن مۇخلىسەدىن ئايرىلىش تەلىپى قويۇپتۇ.
مۇخلىسە بەرداشلىق بېرەلمەي سىرىتقا چىقىپ يولدىن ئۆتۈپ كەتكۈچە ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپۇ . مەن ئۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دوختۇرخانىغا باردىم .ئۇنىڭ قاتتىق تېگىشى ، ھاقارەتلىشىگە بەرداشلىق بەردىم . چۈنكى بىر ئايدىن بېرى ئۇ مېنى شۇنچە قىينىغان ئىدى .
ئۇ مەندىن پەرۇخنى بەكرەك ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى . مەن رۇدىپايدەك چاپلىشىپلا يۈردۈم چۈنكى خەقنىڭ يۇرتىدا قىز بالا نىمە ئىشلارنى قىلىپ سالمايدۇ دەيسىز ؟بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ماڭدىم . ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىغان «خوندا»ماركىلىق قاپقارا ماشىنىغا چىقىپ ،ماشىنا ئۇزاپ كەتكەندىن كىيىن مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەيلا قالدىم . ئاخىرى مەن مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم . پۈتۈن بىر كۈندۈز مەكتەپكە دەسسەپ باقمىدى . مەكتەپ دەرۋازا باققۇچىلار مېنى مەكتەپكە كىرىپ كەت دىسىمۇ ئۇنماي ساقلىدىم.كەچ سائەت ئونلاردىن ئاشقاندا مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر «باۋما»ماركىلق ماشىنا توختىدى.
ـــ شۆھرەت باي كەلدى .دىۋەتتى دەرۋازا باقىدىغان قارىۋاش بىرى.
ماشىنىدىن 40ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان يوغان قورساق بىرى چۈشتى ،ئارقىدىن مۇخلىسە تولىمۇ نازلىنىش بىلەن چۈشتى
ـــ ياق مېنىڭ مەكتەپكە كىرىپ كەتكىم يوق ،سىز بىلەن بىللە كېتەي چۇ ؟
ـــ كىرىپ كېتىڭ جېنىم قالغان ئىشلارغا يەنە ئەتە بارغۇ ؟ شۆھرەت باي دەرۋازا باقىدىغانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ :
ـــ سەن بۇياققا كېلە ، بۇ قىزنى ياتىقىغا ئاپرىپ قويۇپ كەل .
مەنمۇ بىلمەي قالدىم دەرۋازا باققۇچىلار ئۇنىڭ سۆزىنى يىرمايلا مۇخلىسەنى باشلاپ كىرىپ كەتتى ، مۇخلىسە كىرىپ كېتىش ئالدىدا شۆھرەت باينىڭ بوينىدىن تۇتۇپ سۆيۈپ قويدى . «ھەي ........بالاڭدەك قىزلارنى بۇزغىچە ئۆلۈپ كەتسەڭ بولمامدۇ »مېنىڭ
بېرىپلا شۆھرەت باينى ئۇرغىم كەلدى بىراق قورىقتىم .
مەن شۇنڭدىن باشلاپ مۇخلىسەدىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزىمەن دىگەن بولساممۇ لىكىن يەنىلا ئۈزەلمەيۋاتاتتىم . مۇخلىسەدە ئۆزگىرىش تولىمۇ چوڭ ئىدى ،كىيگەن ئېسىل كىيىملەر ،تاقىۋالغان ئالتۇن ئۈزۈك،ئالتۇن بىلەيزۇك،قىلغان گىرىملىرى ،ئۇ ئەمدى باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى . دەرىس قالدۇرغان قېتىم سانىمۇ كۆپىيىپ قالغان ئىدى.
مەن ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۇنى ئىزدەپ پاراڭلاشماقچى ،ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولدۇم ،لىكىن كار قىلمىدى ، تەتىل قويۇپ بېرىشكە نەچچە ھەپتە قالغان ئىدى، مۇخلىسە مەۋسۇملۇق ئىمتاھانغىمۇ قاتناشمىدى ، فاكۇلتىت ئىچىدە ،ھەتتا پۈتۈن مەكتەپ بويچە «تەنقىدلەندى» . مەن چىدىمىدىم . ئاخرى ئۇنى يەنە ئىزدەپ ئۇنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى كەچۈردىغانلىقىمنى ، ھەممىنى قايتا باشلىغىم بارلىقىنى ،مېنى كەچۈرىشنى ئۈمۈد قىلدىغانلىقىمنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى مۇخلىسەنى مەكتەپتە تونىمايدىغان ئادەم قالمىغان ئىدى . مەن ئۇنى قانداق قىلسام قىلىپ مەكتەپنى ساق سالامەت پۈتكۈزپ ئاتا-ئانسىنىڭ قېشىغا بارسىكەن ، شۆھرەت باينى ئىزدىمىسىكەن دەيتىم .چۈنكى مەن ھېلىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم.
ئەتىسى پۈتۈن مەكتەپنى بىر شۇم خەۋەر قاپلىدى.
ـــ مۇخلىسە دىگەن جالاپ ئۆلۈپتۇ .
ـــ مۇخلىسە دىگەن ئەر سارىڭى بېشىنى يەپتۇ
ـــ ياخشى ئۇ مەينەت بىلەن بىللە ئوقۇپ قالماپتىكەنمىز .
ـــ مەكتەپنىڭ يۈزىنى تۆكتى ـــ دە..
ــــ...............
ــــ ..............
بۇ گەپلەرنى كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى ، ھېچ قاچان يىغلاپ باقمىغان مەن ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتىم . ئەجىبا مەندىن باشقا بىرەسى ئۇنى«ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن »دىمەسمۇ ؟
ـــ نىمىگە ئۆلىۋاپتۇ ئۇ بۇزۇق ؟ شۆھرەت باينىڭ پۇلىنى خەجلەپ جاھاننىڭ پەيزىنى سۈرىۋەرمەي؟
ــــ شۆھرەت باي ئۇنىڭ نۇمسىغا تەگكەن ئوخشايدۇ .
ـــ شۆھرەت بايدىن ئەيدىز ۋىروسى يۇقتۇرۋاپتۇ ..
ــــ ئوبدان بولاپتۇ ...........
ــــ .................
ــــ .................
قۇلىقىم توختىماستىن مۇشۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتى . ھەر ئاڭلىغاندا يۈرىكىپ ئېچىشىپ ئاغرىيتى . مەن ئۇنى توغرا يولغا باشلىيالماي ئازاپ ئىچىدە يالغۇز قالغان ئىدىم .
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئا.ئابلىز( ئۇچارى)
سائەت20:10