|
|
|
|
يەنە گەپ دېلو ئۈستىدە: ئايزىمگۈل ۋېلىسپېتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ يانپاش بۇغۇمى زەخمىلىنىدۇ. دادىسى ئۇنى ناھىيە بازىرىدىكى مەشھۇر تېڭىقچى باسىتنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بارىدۇ. باسىت ئايزىمگۈلنى 2 ئاي ئۆز ئۆيىدە داۋالايدۇ. ئايزىمگۈل ياخشى بولالماي، ئاقسۇ، ئۈرۈمچىلەرگە بېرىپ كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭ ئوڭ يوتا سۆڭەك بېشىنىڭ سېسىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئايزىمگۈلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زور ئىقتىسادى چىقىم تارتىدۇ. مەزكۇر دېلودا تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېڭىقچى باسىتنىڭ قانۇنسىز دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنداقتا قانۇنسىز دوختۇرلۇق دېگەن نېمە؟ دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن چوقۇم دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. يەنى:1. دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغۇچى <ۋىراچلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى> ۋە <ۋىراچلىق كەسپى گۇۋاھنامىسى> ئېلىشى كېرەك. 2. دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان ئاپارات <داۋالاش ئاپاراتلىرى ئىجازەتنامىسى> ئېلىشى كېرەك، مەسىلەن دورىخانا خادىملىرى رېتسىپ يازسا، بىمارلارغا ئۇكۇل ئاسسا بولمايدۇ. 3. دوختۇرلار چوقۇم <ۋىراچلىق كەسپى گۇۋاھنامىسى>دا تىزىملانغان كەسىپ ئايرىمىسى بويىچە دوختۇرلۇق قىلىشى كېرەك، مەسىلەن <ۋىراچلىق كەسپى گۇۋاھنامىسى>دا كەسىپ تۈرى تاشقى كېسەل دەپ تىزىملانغان بولسا، بۇ دوختۇر چوقۇم تاشقى كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنى داۋالىشى كېرەك. 4. دوختۇرلار چوقۇم ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان داۋالاش ئاپىراتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك، مەسىلەن ئۆز ئۆيىدە ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ داۋالاش ئېلىپ بارسا بولمايدۇ. 5. داۋالاش ئاپىراتلىرى <داۋالاش ئاپاراتلىرى ئىجازەتنامىسى>دا تىزىملانغان تۈردىن ھالقىپ داۋالاش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ. 6. داۋالاش ئاپىراتلىرى <داۋالاش ئاپاراتلىرى ئىجازەتنامىسى>دا تىزىملانغان ئادرېستىن باشقا جايدا ئۆز ئالدىغا تارماق بۆلۈملەرنى تەسىس قىلسا بولمايدۇ. دېمەك، يۇقارقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرقانداق داۋالاش ھەركىتى قانۇنسىز دوختۇرلۇق بولىدۇ. قانۇنسىز دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار باشقىلارغا زىيان پەيدا قىلسا مۇناسىپ جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 09:07 PM
|
|
|
|
|
|