|
|
|
|
ئۈرۈمچىدە نان تاللا بازىرى ئىچىلىپتۇ !
دىيارىمىزدا ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى تۇنجى نان تاللا دۇكىنى ئىچىلىپتۇ ، كىشىلەرنىڭ پاكىز يىمەكلىكلەرگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ ئېشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ ، نۇرغۇن تاماقخانىلار ئۆزلىرىنىڭ موھىتىنى پاكىز ، ئازادە قىلىپ بىزەپ كىشىلەرنى ئازادە موھىتتا غىزالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ئىدى ، لىكىن خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان يىمەكلىكى بولغان نان تىخى بۇنداق ياخشى موھىتقا ئىگە بولمىغان ، نۇرغۇن ناۋايخانىلار تام-تورۇسلىرى قارىداپ ئىسلىشىپ كەتكەن ياتىدىغان يەر بىلەن تونۇر بىريەرگىلا ئورۇنلاشقان ، ناننى ئالساقمۇ بىرقىسمىلا بۇلۇپ قالاتتۇق ، يىقىندا رەھمەت سودا چەكلىك شىركىتى ئۆزلىرى يىقىپ بازارغا سالغان ھەمرا يۈرۈشلۈك نانلىرىنى مەخسۇس بىر نان تاللا بازىرى قۇرۇپ سىتىشقا باشلاپتۇ . بۇ دۇكاندا ياڭاق نان ، بادام نان ، ئارپا نان ، نوقۇت نان ، قارا بۇغداي نان ، زاغرا ، ئۆي نان ، سەپەر توقىچى قاتارلىق ناننىڭ تۈرى 20 خىلدىن ئاشىدىكەن ، بۇ شۇنداق بىر ياخشى ئىش بولاپتۇ ، نان باھاسىمۇ باشقا ناۋايخانىلار بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن ، بەزى نانلارنىڭ ساقلاش مۇددىتى بىريىلغا يىتىدىكەن ،بولسا مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا سىزمۇ بىر بىرىپ كۆرۈپ بىقىڭ ئادرىسى :يەنئەن يولى 17-ئوتتۇرا مەكتەپ قىيپاش ئۇدۇلىدا ، يەنى شىنخۇا كىتابخانىسى بىلەن كۆكرەك كىسەللەر دوختۇرخانىسى ئارىسىدىكى كوچا ئىچىدە ،،،،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 06:47 PM
|
|
|
|
|
|