|
|
|
|
ئەسسالام-ئەلەيكۈم تورداشلار !
بۈگۈن كۈتۈپخانىدا ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيسى توغرىسىدا ماتىرىيال ئېزدەپ يۈرۈپ ئەجدادلىرىمىز نىڭ ئادەم يېشى توغرىسىدىكى ئوخشۇتۇشلىرى كۆزۈمگە چىلىقىپ قالدى ، شۇنداقلا مىللىتىمىز تارىخىغا بولغان چۈشەنچەم يەنە بىر قەدەم ئالغا باستى دىسەممۇ بولىدۇ، تۆۋەندە ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان ئادەم يېشى توغرىسىدىكى ئوخشۇتۇشلىرىنى سۇندۇم . ھەممىمىزگە مەلۇم بىز ئۇيغۇرلار باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس تارىخي،ئېتنىكىلىق ئوموملۇققا ئىگە قەدىمىي مىللەت . بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس مەدەنىيتىمىز ، ئۆرپ-ئادىتىمىز ، دىنىي ئېتقادىمىز بار . ئۆز تارىخىمىزنى بىلىش ۋە چۈشۈنۈش ھەربىر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيتى شۇنداقلا يۈكسەك بۇرچى . دۇنيادا ئۆز مىلىتىنىڭ تارىخىنى بىلمەيدىغان ،چۈشەنمەيدىغان ئېنسان ئەڭ بىچارە ، ئەڭ يىر گىنىشلىك ئېنساندۇر !!! ئاخىرىدا قىرىنداشلاغا دەيدىغىنىم ئانا تىلىمىزنى قوغدىساق ، ئۇنى ھۆرمەتلىسەك ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن ھازىرلاپ بەرگەن مىللي ئەنئەنىسىنى ، ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىر لىسەك !!
بىز نىڭ پەخىرلىندىغىنىمىز يەنىلا شۇ ئۇيغۇر !!!
ماتېريال :
ئادەم يېشى توغرىسىدىكى ئوخشۇتۇشلار ؛ ئەجدادلىرىمىز تەجرىبىگە ئاساسەن ئادەم يىشىغا قاراپ ، ئادەمدە كۆرۈلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئوخشىتىشلار ئارقىلق ئىپادىلەپ كەلگەن :
ياش 1 ئەتىۋالىق 40 ئارىسلان
5 خۇمالىق 50 توختا
10 ئەكە 60 ئاختا
20 بۆرە 70 پاختا
30 قاپلان 80 تاختا
2-ۋارىيانتى
20 تەلۋە 60 كۆپىدە ياتمىش
30 سەركە 70 دۇنيادىن كەتمىش
40 بۇقا 80 يەر بىلەن يەكسەن
50 يىگىنىڭ يەللىك 90 كەم سان .
مەنبە: ماتېريال مىللەتشۇناس ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا ئاكىنىڭ ‹ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيسى› دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى
|
|
|
|
|
|