مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3194|ئىنكاس: 54

شەيدائىي: ئۇ سېنىڭ ئاناڭ!... (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43073
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2019
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2012-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 12:21:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ سېنىڭ ئاناڭ !


(ھېكايە)


مېۋە-چېۋە تىجارىتى دېگەن پەسىل تاللايدۇ دېسە ئىشەنمەيىتتىم. قىش پەسلىدە سودامنىڭ بۇنچىلىك كاسات ھالغا چۈشۈپ قېلىشنى نەدىن بىلەي؟ ھازازۇل خوتۇننڭ چىرايىدەك تەتۈر تۈرلۈپ جۇت-شىۋرىغان ھوشقايتىپ تۇرغان دېكابىرنىڭ ئاخرىدىكى مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە سودام بارغانسىرى كاساتلىشىپ كېتىپ باراتتى. ئىچكىرى ئۆلكە ۋە قوشنا ۋىلايەتلەردىن كىلىدىغان بىر قىسىم پەسىلسىز مېۋە-چېۋىلەرمۇ ۋاقتىدا يىتىپ كەلمەي ئىچىمگە ئاچچىق سېلىپ قويدى. كىرىمدىن چىقىم ئېشىپ كېتىۋاتسا ۋاقتىنچە تىجارەت توختىتىپ پەيت كۈتۈپ تۇماقتىن باشقا نېمە ئامال؟
ئاھالىلىكلەر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ غەربىدىكى يول بويىغا جايلاشقان مېۋە-چېۋە تىجارىتى سودىگەرلىرىنىڭ ھەممىسى «ۋاقتىنچە تىجارەت توختىتىپ، ھاۋا سەل-پەل ئىللىغىچە پەيت كۈتىمىز!» دېيىشىپ ئاللىقاياقلارغىدۇ غايىپ بولۇشتى. مەنمۇ شۇ قاتاردە ۋاقتىنچە تىجارەت توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇم.
رەسمى تىجارەت توختاتقان كۈندىن باشلاپ كۈنلەر كوچا ئارىلاپ بازار ئۇچۇرى ئىگىلەيدىغان، تۇنۇش بىلىشلەر ئۇچراپ قالسا ھال-ئەھۋال ئېيتىشىپ مۇڭدىشىدىغان، قاۋاقخانىلارغا بېرىپ بىرەر رومكىدىن قېقىۋېلىپ، ئاغىينىلەردىن بىرسىنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ كۈن بويى قارت ئويناپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق.
بۈگۈنمۇ تۈنۈگۈنكى كېلىشىم بويىچە ئاغىنەم ئادىلنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. تۆت كوچا دوقمۇشىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ غەرپتىكى پىيادىلىكلەر يولىغا كەلگىنىمدە قېرىلىق دەستىدىن بەللىرى مۈكچەيگەن، چاچلىرى ئاقىرىپ كۆزلىرى كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ كەتكەن، قېرىلىق دەستىدىن ئېگىلىپ مۈكچەيگەن تۇرقىغا تولىمۇ يېلىڭ كونا كىيىملەرنى كىيىۋالغان بىر موماي سەدىقە سوراپ يولۇمنى توستى.
-سەدىقە بالانى يەر، توۋا گۇناھلىرىنى بالام، ئازراق سەدىقە بەرسىلە باشلىرىغا كەلگەن بالا-قازانىڭ ھەققى...-ئۈمىد بىلەن تىكىلپ تۇرغان بىرجۈپ نۇرسىز كۆز، دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن بىر جۈپ قول... مەن يانچۇقۇمغا قول سېلىپ ھەممە پۇللىرىمنى ئالدىم. خېلىغىچە ئاختۇرۇپمۇ مومايغا سەدىقە بەرگۈدەك پارچە پۇل تاپالمىغاندىن كېيىن ئۇنى ئۈمىدسىز قالدۇرۇپ، يولۇمغا ماڭماقچى بولدۇم.
-ئاللاھ رەھىم قىلسۇن بالام،- دېدى موماي ماڭا يېلىنىپ،- ئۈلۈپ كەتكەن ئولۇغلىرىمىزنىڭ ھەققىدە بولسىمۇ... ئۈچ كۈن بولدى قورسىقىم ئاچ...،- موماينىڭ دۇئاغا كۈتۈرۈلگەن قوللىرى پەسكە چۈشۈپ، نۇرسىز كۆزلىرىدىن مونچاق-مونچاق ياشلار تۆۋەنگە سىيرىلىشقا باشلىدى.
نېمىلا بولمىسۇن ئۈلۈپ كەتكەن ئولۇغلىرىمىزنىڭ ھەققىدە سەدىقە سورىغان ئاشۇ مومايغا ئازدۇر-كۆپتۇر سەدىقە بەرمىسەم ئولۇغلىرىمىزنىڭ روھى مەندىن قورۇنماسمۇ؟ شۇنداق خىياللار يولۇمنى توستى. كەينىمگە بۇرلۇپ  يەنە پۇللىرىمنى ئالدىم. ھەممىسى دېگۈدەك 100 سوملۇق، 50 سوملۇق پۇللار بولۇپ، راستىنى دېسەم سودام كاسات، كىرىمسىز يۈرگەن، بۇنداق كۈنلەردە بىر پۇڭمۇ چىقىم قىلغۇم يوق ئىدى، لېكىن نىمىشقىدۇر ئىچىنمگە جىن تەپكەندەك قەلبىمدە بۇ موماينىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى. «باققۇچىسى يوق ئوخشىمامدۇ، مېيىپقۇ ئەمەسكەن بولمىسا؟!» شۇنداق سۇئاللار بىلەن بۇلۇپ كىتىپ پۇللىرىمنى يەنە يانچۇقۇمغا سالدىم. بۇ ھالنى كۆرگەن موماينىڭ ماڭا تىكىلگەن كۆزلىرى بىردىنلا ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا يۆتكەلدى. يەنە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ قورايدەك بولۇپ قالغان ئوڭ قولى بېشىدىكى ئاق لېچەكنىڭ ئۇچىدا كۆزىدىكى ياش تاامچىللىرىنى سۈرتۈپ ئۈلگۈردى.
- يۈرۈڭ چوڭ ئانا، مەن سىزگە تاماق ئېلىپ بېرەي، - دېدىم مەن كۈلۈمسىرىگىنىمچە مومايغا يېقىنلاپ. موماي ماڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە تىكىلدى. ئۇنىڭ يوغان ئېچىغان كۆزلىرىدىن خۇددى «ئازراق سەدىقە بىرىشكە چىدىمىدىڭىز، ماڭا تاماق ئېلىپ بىرىشكە قاندق چىدارسىز؟ » دىگەندەك بىر خىل تەئەججۈپ ئىپادىلنىپ تۇراتتى.
- راسىت دەۋاتىمەن چوڭ ئانا، يۈرسىلە مەن سىلىگە تاماق ئېلىپ بېرەي،- دېدىم مەن ئوڭ قولۇمدا پىيادىلەر يولىنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى ئاشخانىنى ئىشارە قىلىپ. موماي گېپىمگە ئىشەنمىگەندەك بىر پەس ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا ئەگەشتى. ئاشخانىغا كىردۇق. موماي تاماق ئۈستىلىگە ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن تاماق بۇيرۇتقاچ ئۇنىڭدىن سورىدىم.
- نەچچە ياشقا كىردىلە چوڭ ئانا؟
- 70 ياشتىن ئاشتىم،-دېدى موماي زورىغا ھىجىيىپ ئەتەي چىشسىز قالغان ئېغىزىنى ماڭا كۆرسەتمەكچى بولغاندەك قىلىپ.
- بالىلىرىڭىز باردۇ، ئۇلار نىمە ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدۇ؟- يەنە سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
- ئىككى ئوغلۇم بار، ئاۋۇ بەش قەۋەتلىك بىنانى كۆردىڭىزما؟-دېدى ئۇ ئاشخانىنىڭ قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكىدىن كۈرۈنۈپلا تۇرىدىغان تۆت كۇچا ئېغىزىنىڭ شەرقى شىمال بۈرجىكىگە جايلاشقان ئېگىز بىناغا قولىنى چىناپ.
- ئاۋۇ بانكىنىڭ خىزمەت بىناسىنى دەملا ؟-سورىدىم مەن ئېنىق چۈشىنەلمەي.
- ھەئە، ئاشۇ بىنانىڭ ئۈچىنجى قەۋىتىدە بىر ئوغلۇم ئىشلەيدۇ، بانكا خىزمەتچىسى، يەنە بىر بالام دەنشى قويىدىغان ئىدارىدا مۇخبىر دەمدۇ، دوكتور دەمدۇ ئىشقىلىپ باشلىقلارنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى سۈرىتى بىلەن قوشۇپ تارقىتىدىغان شۇنداق بىر خىزمەت بىلەن مەشغۇل.
- نېمە؟... دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راسىتما؟- سورىدىم مەن موماينىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قاراپ.
موماينىڭ چىرايى ئۆڭدى. ئۇنىڭ بېشىنى تۆۋەن سېلىشىدىن ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقى بىلنىپ تۇراتتى.
- ئەشۇنداق بالىلىرىڭىز تۇرسا، سىزنىڭ يەنە بۇنداق كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگىنىڭىز نېمىسى؟-دېدىم مەن موماينى تاماققا تەكلىپ قىلىۋېتىپ. موماينىڭ كولانغان ئورىدەك ئولتۇرشۇپ كەتكەن كۆزلىرى مۆللىدە ياشقا تولدى. ئۇ قارا چېكىت گۈللۈك رەخىتتىن تىكىلگەن كۆينىكىنىڭ پېشىگە كۆز يېشىنى سۈرۈتكەچ «شۇنداق» دېگەن مەنىدە يىنىك باش لىڭشىتتى.
كۆز ئالدىمدىكى ئاشۇ بىچارە ئايالنڭ تۇرقىدىكى كۈرنۈشلەرگە قاراپ يۈرىكىم ئوتتا كۈيۈپ كاۋاپ بولۇپ كېتىۋاتقاندەك بىرخىل سىزىمدا ئازابلاندىم. ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئولۇغ ئىنسان، ئۇ پەرزەنىت ئۈچۈن ئوت يالقۇنىدا كۆيۈشتىن، دېڭىز دولقۇنلىرىدا ئېقىشتىن باش تارتمايدۇ، بىراق يوقسۇللۇق ئىلكىدە خوۋلۇق كۆرمەي ئازاپ چىكىپ موھتاجلىق ئىسكەنجىسىدە ئۆتكەن-كۆچكەنلەرگە تەلمۈرۈپ قىلدەك تولغىنىۋاتقان ئاشۇ ئانا ئۈچۈن ئۇنڭ ئارزۇلۇق پەرزەنىتلىرى زادى نىمىلەرنى قىلىپ بىرەلىدى؟ مومايدىن يەنە نېمىلەرنىدۇر سوراي دەپ تۇراتتىم، كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپسىلغاندەك بولۇپ، كۆزلىرىمگە غىللىدە ياش تولدى. قايتا سوراۋېرىشكە تاقىتىم قالمىغان ئىدى.
موماي ئۈن-تۈنسىز ھالدا تاماققا تۇتۇندى. تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن مايلاشقان ئېغىزىنى چاپىنىنىڭ يېڭىگە سۈرۈتتى-دە ماڭا قاراپ رازىمەنلىك ھىس قىلغاندەك پىسىڭڭىدە كۈلۈپ تاشلىدى.
- ئەمدى سىزگە دەپ بىرەي، ئەقلىمگە كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان بارلىق كەچۈرمىشلىرىمنى ھەممىنى سىزگە سۆزلەپ بىرەي،-دېدى موماي چوڭقۇر ئويغا پاتقاندەك ئاشخانىنڭ ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن تورۇسىغا قاراپ.
پۈتۈن دىققىتىم موماينىڭ گېپىگە مەركەزلەشكەنىدى.
- مەن توغۇلۇشىمدىنلا ئائلىمىز ئىنتايىن باي ئكەنتۇق،- دېدى موماي گەپ باشلاپ،- دادامنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان 20 نەچچە يىللىقچى بار ئىدى، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى راھەت-پاراغەتتە ئۆتەتتى. ئارىدىن بىر زامانلار ئۆتۈپ پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلىدىمۇ قانداق؟ ئاجايىپ بىر زامان بولۇپ كەتتى. نامراتلار ئاسماندىن بايلىق ياققاندەكلا ئىشلىمىگەن مال-دۇنيانىڭ غوجىسىغا ئايلاندى. بايلار بولسا «باي دېھقان»، «فومىچىك» دېگەندەك ناملار بىلەن قارلىنىپ كۈرەشكە تارتىلدى. كېچە كۈندۈز  ئېغىر ئەمگەكلەركە سېلىنىپ باي بولغاننىنڭ جازاسىنى يەتكۈچە تارتتى. يەر، ئۆي جاي، مال-مۈلۈكلىرىنى «مۇسادىرە» دەپلا نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىلدى. شۇ قېتىمقى ھەرىكەتتىن مەنمۇ چەتتە قالمىدىم. مېنى «باي دېھقاننىڭ تۇخۇمى» دىگەن چىرايلىق نام بىلەن تارتۇقلاپ، بېشىمغا ئۇزۇن كۇلايى قالپاقنى كىيگۈزۈپ خەلق ئالەم ئالدىدا سازايى قىلغاندىن سىرىت ئاتا-ئانام بىلەن بىر قاتاردا كېچە-كۈندۈز ئېغىر ئەمگەككە سالدى. ئاشۇ زۇلمەتلىك يىللاردىكى ئېغىر ئەمگەك دەستىدە ئاتا-ئانام ئالەمدىن ئۆتتى... مەن يالغۇز قىز ئىدىم...
موماينىڭ كۆزلىرىدىن چۈشكەن ياش تامچىللىرى مەڭزىنى بويلاپ تۆۋەنگە سىيرىلماقتا ئىدى. ئۇ ياشلىرىنى سۈرتكەچ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
- يېشىم بارغانسىرى چوڭۇپ قېرى قىزغا ئايلىنىپ قالدىم. كىشلەر «فومېچكنىڭ قىزى» دىگەن نامدىن قورقۇپ خېرىدارمۇ كەلمىدى. لېكىن مەن ياش تۆكمىدىم. رەھمەتلىك ئاتا-ئانام ئەينى يىللاردا يوشۇرۇپ كۆمۈپ قويغان بىر كومزەك ئالتۇننى تېپىۋېلىپ شۇنى پۇل قىلىپ خەجلەپ بىر قانچە يىلنى ئۆتكۈزدۈم. دەل شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر كىشى ماڭا خېرىدار بولۇپ كەلدى. ئۇ 45 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان، چاچ ساقاللىرىغا ئارىلاپ ئاق كىرگەن كىشى بولۇپ، ئۆزىنى مۇشۇ شەھەردىكى مەلۇم بىر ئىدارىدا ئىشلەيمەن، پات ئارىدا رەسمىيەت بىجىرىپ دەم ئېلىشقا چىقىمەن دەپ تونۇشتۇردى. مەن ئۇنىڭغا تەلەپنى چوڭ قويدۇم، ئەگەر مەن بىلەن توي قىلماقچى بولسا يېزىغا كۆچۈپ كېلىشنى، ئەگەر تەلپىمگە قوشۇلمىسا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالمايدىغانلىقمنى ئوچۇقلا ئېيىتتىم. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلەن بولغان نورمال ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالدى. بىر كۈنى ئۇ توساتتىن ئۆزى مېنى ئىزدەپ كېلىپ، دەم ئېلىشقا چىقىش رەسمىيتىنىڭ بىجىرلىپ بولغانلىقىنى ئېيىتتى ھەم مىنىڭ تەلىۋىمگە قوشۇلۇپ يېزىغا كۆچۈپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم. تومۇشىمىز خاتىرجەم ئۆتتى. يەر تېرىپ، چارۋا بېقىپ دېگەندەك ئائىلىمىز بارغانسىرى ھاللىنىپ، باي ئائىلىلەردىن بولۇپ قالدۇق. شۇ ئارىدا تېخى ئىككى بالىلىقمۇ بولدۇق. بىر خوشاللىقنىڭ ھامان بىر قايغۇسى بولغانغا ئوخشاش ئارىدىن 15 يىل ئۆتىۋىدى يولدىشىم كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ چاغدا بالىلىرىمنىڭ چوڭى 12 ياش، كىچىكى 10 ياشتا ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن ئىككى بالىنى ئوبدان بېقىشىم، ئۇلارغا ئانىلىق ھەم ئاتىلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپ، ئۆز مەسئۇلىيتىمنى تولۇق ئادا قىلىشىم كېرەك ئىدى. كۆڭلۈمدە بالىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن باشقا ئارمىنىم يوق ئىدى. بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇپ، دادىسىنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرمىدىم. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا يولغا سالدىم. بالىرىم ئوقۇپ خىزمەتكە چىققۇچە بولغان ئارلىقتا ئائىلە ئىقتىسادى جەھەتتە زور قىيىنچىلىققا يولۇقتۇم. لېكىن بۈگۈنكىدەك كوچىلارغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلدىغان كۈنگە قالغۇدەك ئەھۋالدا ئەمەس ئىدىم. يەر تېرىيتتىم، قوي، توخۇ باقاتتىم. ھەر شەنبە كۈنىدىكى بازاردا 20-30 كويغا توخۇم ساتاتتىم، شۇنداق قىلىپ بالىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى غەملىگەندىن سىرىت ئۆز تۇرمۇشۇمنىمۇ ياخشى قامدايىتتىم. بالىلىرىم ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققان بىر نەچچە يىلدىن بىرى مۇشۇنداق خار بولۇپ قالدىم. نېمىشقا دەمسىز؟! بالىلىرىم خىزمەت ئېھتياجى بىلەن شەھەردە قالدى. كېيىن بېرىپ «يالغۇز تۇرساڭ ياخشى بولمايدۇ، كىشلەر ئانىسىنى يېزىدا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالماپتۇ دەپ سۆز-چۆچەك توقۇشىدۇ، سىزنى شەھەرگە ئېلىپ كېتەيلى، بىز بىلەن بىرگە تۇرۇڭ» دەپ تۇرىۋالدى. بالا تۇرسا، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز ئىدىم. بالىلىرىم ماڭا چىدىماي شۇنداق قىلىدى دەپ ئويلىدىم، ئۇلارنىڭ ئىنسابىدىن سۆيۈنۈپ بەختىگە دۇئا تەھسىن ئوقۇدۇم. توۋا دەيمەن، كېيىنچە بۇ كۈنلەرگە قېلىشىمنى كىم ئويلىغان دەيسىز!؟
بالىلىرىم يېزىدىكى ئۆي زېمىنلىرىمىزنى سېتىپ مېنى شەھەرگە كۆچۈرۈپ كەلدى. بالىلىرىمنىڭ يېشى خېلىلا چوڭۇپ قالغان بولۇپ تېخىچە تويىنى قىلمىغان ئىدى. شۇ كۈنلەردە ھەر ئىككلىسى تويىنى قىلىپ قويۇشۇمنى ئېيتىپ كىشى قويدى. مىنىڭمۇ ئويلايدىغىنىم ئۇلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرىنى ۋاقتىدا بىر ياقلىق قىلىپ زىممەمدىكى ئانىلىق پەرزىمنى ئادا قىلىش ئىدى. كۆپ ئويلانمايلا ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ توي تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتىم. بالىلار ئۆزى كادىر بولغاندىكىن تاپقان لايىقىمۇ كادىر بولىدىكەن، ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا رەسمىيەت بېجىرىشكە توغرا كېلىدىغان گەپكەن. يىققان-تەرگىنىمنى سەرپ قىلىپ قوش توي ئۆتكۈزۈپ ئىككى ئوغلۇمنىڭ پەرزىنى ئوبدان ئادا قىلىۋالدىم. ئىككى يىل ئىچىدە كېلىنلىرىم بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتتۈم. ئۈچۈنجى يىلىسىغا قەدەم باسقاندا كېلىنلىرىم بىلەن بولغان ئىتتىپاقىم ياخشى بولالماي قالدى. ئازغىنە كۆڭۈل ئاغرىقى تۈپەيلى كېلىنلىرىم بالىلىرىمنى ماڭا قاراتمىدى. ھە دېسىلا بالىلار يوق پۇرسەتتىن پايدىلنىپ مېنى «يېزاڭغا كەت!» دەپ قوغلاشنىڭ كويىغا چۈشتى. بالىلىرىمنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يىتىپ قالمىسۇن، ئايالىنىڭ ئالدىدا گېپى ئۆتمەس بولۇپ قالمىسۇن دەپ يېزىدىكى شىرەم تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە كەتتىم. ئۇ يەردىمۇ ئۇزاق تۇرالمىدىم. ھەممىسىنىڭ ئايالى يات، بالىلىرى كۆپ... تۈرلۈك تاپا-تەنە، كۆڭۈل ئاغرىقىدىن خالىي بولالماي يېزىدىن شەھەرگە قايتىپ كەلدىم. تولىمۇ ئەپسۇس، مەن يەنىلا بالىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمىدىم. ئۇلار مېنى چىرايىنىمۇ ئاچماستىن سوغۇققىنا كۈتىۋالدى. كېلىنلىرىم ھەر قېتىم خىزمەتكە ماڭغاندا ئۆيىدىن چىقرىۋېتىپ ئىشىكلىرىنى تاقاپ ماڭاتتى. كىچىك ئوغلۇم بىر ئىككى قېتىم قولۇمغا پۇل بىرىپ ئايالغا ئۇقتۇرماسلىقىمنى تاپىلىدى. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندە ئۇلار ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.
- ئاناڭغا بەرگەن پۇلنىڭ ھېسابىنى ماڭا ئۇقتۇرماپسەن، يەنە شۇنداق قىلدىغان بولساڭ سەن بىلەن ئاجترىشىمەن!- بۇ كېلىنىمنىڭ ئاۋازى ئىدى.
- ھەممە ئەيىپ مەندە، ئۇنداق دىمەڭ ھەلىمە، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي!- ئۇلارنىڭ دېيىشكەن گەپلىرى يوچۇن ھالدا قولۇقىمغا كىرىپ قالدى. يۈرەك پارەم ئەمەسمۇ؟  شۇ ئىشتىن كېيىن يۈرىكىم ئۆرۈلىدىغان بولۇپ قالدىم. راستىنى دېسەم بالىلىرىمنىڭ ئايالى ئالدىدا تىلى قىسقا بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭكىگە كۆپ بارمايدىغان بولدۇم، ئامال قانچە دىيسىز؟... باغرىمنى يېرىپ چىققان يۈرەك پارىلىرىم ئەمەسمۇ! موماي سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولاشقان ئىدى.
- بالىلىرىمنىڭ مەن بىلەن كارى بولمىدى، مەنمۇ بالىلىرىمنى ئوڭايسىز ھالەتتە قالدۇرۇشنى خالىماي مۇشۇنداق تىلەشكە مەجبۇر بولدۇم، بىر كۈن كوچىغا چىقسام ھەپتە چىقمايمەن، ياز كۈنلىرى بولسىدى يېزىلارغا بېرىپ كۈچۈمگە يارىشا ئىشلەپ يەيدىغىنىمنى تاپاتتىم، بىراق ھازىر قىش پەسلى تۇرسا قانداق قىلىمەن. كىشلەر تىلەمچىلەرنى يامان كۆرىدۇ، ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش تۈمەن خىل قىسمەت، موھتاجلىق تۈپەيلى مۇشۇ يولنى تاللىۋالغانلاردۇ، بەلكىم سىزمۇ كۆرگەنسىز بالام كۆز ئالدىمىزدا موھتاجلىق تۈپەيلى بەزى قىز-چوكانلار ئىنسانىي غۇرۇر، شەرمىي ھايا بىلەن ھېسابلاشماي ئىپپەت نومۇسىنى سېتىۋاتىدۇ، يەنە نۇرغۇن ھاجەتمەنلەر ئۆز مىللىتىنىڭ غورۇرى، ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ھېسابلاشماي ماڭا ئوخشاش سەرگەردانلار كوچىسىدا تىلەپ يۈرۈپتۇ. ئاھ... بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى؟! كىشلەرنى خۇدا ئالدىدا گۇناھكار قىلدىغان نەرسە يەنىلا شۇ موھتاجلىق ئەمەسمۇ؟ گاھىدا ئويلىنىپ قالىمەن، ھۆكۈمەت مۇشۇنداق موھتاجلىق تۈپەيلى كوچىغا چىقىۋالغانلارغا تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالسا بولمامدىغاندۇ؟
ئاڭلىسام شىمالدىكى رايۇنلاردا بۇنداق كوچىغا چىقىپ تىلەيدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بولماسمىش، ئۇ يەردە سەرگەردانلارنى پاناھلاندۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان خەلق ئىشلىرى دەيدىغان مەخسۇس ئورۇن بارمىش، بۇ شەھەردىمۇ شۇنداق ئورۇنلار يوقمىدۇ؟ ئاڭلىسام بەزىلەر بۇ شەھەردىمۇ شۇنداق ئورۇن بار، ئۇ يەرگە يوقىرىدىن مەخسۇس مەبلەخ ئاجرىتىپ بىرىدۇ دەيدۇ، بىراق مەن ھېچكىمنىڭ مەن خەلق ئىشلىرى كادىرى دەپ كىلىپ كوچىدىكى تىلەمچىلەرگە بىر، ئىككى يۈەن سەدىقە بىرىپ ئۆتكىنىنى كۆرمىدىم. يوقىرى دەرىجىلىكلەر تۈزگەن سىياسەتنىڭ بۇنداق چەت شەھەرلەردە ئەمەلىيلىشى تەش ئىش ئوخشايدۇ. كوچىدىكى تىلەمچىلەر كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتسا ھەي!....
موماينىڭ كۈلكە، تەبەسسۇم، ھاياجان، يىغا ئارىلاشقان رەڭدار قىسمەتلەرگە ھەمشېرىك كەچۈرمىشلىرى ئاخىرلاشقاندەك قىلاتتى.
ئاچچىقىم چېكىكىگە يىتىپ نىرۋا تالالىرىم ئەسەبىيلەشكەن ئىدى. ئىچىمدە كىلەرگىدۇ ۋارقىراپ خىتاپ قىلغۇم كېلەتتى. بارلىق ئاۋازىم بىلەن ئۇ، سېنىڭ ئاناڭ، ئۇ ساڭا جان بەرگەن، سېنى ھاياتلىق ئالىمىگە ئاپىرىدە قىلىپ، مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلغان ئىنسان! قارا ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرقىغا...                                  قەلبىم داۋالغۇيىتتى. كىملەردىندۇ ئانىغا، ئەشۇ كوچىدىكى بىچارە ئايالغا نىجاتلىق تىلىگۈم كىلەتتى، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مىنىڭ قولۇمدىن كەلمەيىتتى. مىنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى پەقەت پەرزەنىت ئىشقىدا پايپېتەك بولۇپ، بالا دەپلا بىر ئۆمۈر بارلىقىنى پەرزەنىتلىرىگە ئاتىۋەتكەن مۇشۇ موماينىڭ چىرايىدا كەچكۈزنىڭ سوغۇق ئاپتىپىچىلىك بولسىمۇ جىلۋە پەيدا قىلالىغۇدەك سەدىقە بىرىپ يولۇمغا راۋان بولۇش ئىدى.
-بۇنى ئېلىڭ چوڭ ئانا،- دېدىم مەن موماينىڭ قولىغا 50 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ،- ئامال بالىلىرىڭزنىڭ يېنىغا قايىتىڭ، كېلىنلىرىڭىز بىلەن ئەپ ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ خوشاللىق غەم قايغۇسىغا ھەمدەم بولۇڭ! شۇ چاغدا سىز بۇ جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئىللىقلىقىنى ھىس قىلالايسىز!  
-رەھمەت بالام!...موماينىڭ ماڭا سۇنغان قوللىرى تىترپ كەتتى،- خۇدايىم ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلا، دەرتتە قويماس، بەخت گۈلىڭىز پۆرەكلەپ چېچەك ئاچقاي!... موماي يەنە نۇرغۇن تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلغاندىن كېيىن قوللىرىنى دۇئاغا كۈتۈردى.
موماي بىلەن خوشلىشىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم. قەلبىمدە ھەسرەتلىك بىر نىدا مەۋج ئۇراتتى. قەلبىم كىملەرگىدۇ توختاۋىسىز ھالدا «ئۇ، سېنىڭ ئاناڭ!» دەپ ئۈنسىز خىتاپ قىلاتتى.

                                                               ــــــــــــــــ مەنبە: ئۆز قەلىمىم.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
biparwa0997 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78849
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 733
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 02:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرگە تۇنجى بولۇپ ئىنكاس يازغۇچى بولۇپتىمەن ،ماۋۇ شائىر ماۋۇ روماننى دەششەت ماقالىدەك يىزىۋېتىپتۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 955
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6831
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 02:52:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80163
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2012-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 02:53:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭغا نىمە دەي...
ئارىمىزدا شۇنداقلا مەۋجۇتمۇ؟ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ يىغلىغىم كەلدى...
ئۇلۇغ ئاللاھ پەرزەنىت بولغۇچىلارغا ئەڭ چوڭ ئىنساپ ئاتا قىلغاي...

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8947
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 3009 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 02:59:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇ ئىمان ئىنسابتىن ،ئادىمىيلىكتىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتقان  بىر قىسىم پەرزەنتلەرنىڭ ئانا ئالدىدىكى پەرزەنتلىك بۇرچىنى « ئادا قىلىشلىرى »، شۇ بارلىغىنى بىز ئۈچۈن ئاتىغان شۇ مىھرىبانلىرىمىزنىڭ رازىلىغىسىز بىزگە نە جەننەت ؟

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8947
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 3009 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 03:05:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئانا ئالدىدىكى پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلماي . شۇ جاپاكەش ئانىنى قېرىغىنىدا مۇھتاجلىق كوچىسىغا ئىتتىرگەن شۇ ۋاپاسىز بالىلىرى ھاياتىنىڭ مەلۇم نوخىتىسدا شۇ مىھرىبانىغا قىلغانلىرى ئۈچۈن چەكسىز پۇشايمانلار قىلىدۇ ، لىكىن ئۇ چاغدا پۇشايماندىن نە  نەتىجە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80601
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 03:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ   بېر   ھېكايە    بەكمۇ    زېخېرلاپ  كەتمەي   كۇروڭلا   

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 5274
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 44289
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 03:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئانىلار بارلىقىنى پەرزەنت ئۈچۈن ئاتىغۇچىلاردۇر،بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ....

بارلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن...

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80629
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2012-7-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 03:39:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى يېزىلغان ھېكايە بوپتۇ، تولىمۇ تەسىرلىككەن، كۆز يېشىمنى توختىتالماي قالدىم. يىغلاپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ چىقىپتىمەن، تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69164
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 421 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 06:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇنداق نائىنساب بالنى دۇزاخقا تاشلسمۇ ئازلىق قىلدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش