قارلۇق شىركىتى ئالدىنقى قېتىم بۇ ئەپنىڭ ئايپەد نەشىرى ئېلان قىلغان ئىدى ،بۇنى كۆرۈپ كۆپ قىسىم ئايفونداشلار ، ئايفون نەشىرىنىڭ تېزرەك ئېلان قىلىنلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى ، بۇمۇ بۈگۈن ئەمەلگە ئېشىپتۇ .
«ئېلىپبە» - دۇرۇس، ھېلىقى بال تەملىك ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسى شۇ. بۇ بىر ئانا تىل ئۆگىنىدىغان ئويۇن سورۇنى. گۈزەل ھەرىپلىرىمىزنى تاتلىق ئاۋازلار، ئوبرازلىق سۈرەتلەر ۋە مىسال جۈملىلەر بىلەن ئۈگەنسىڭىز قانداق پەيزى بولىدىغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. يەنە تېخى يېڭىدىن تەييارلانغان ئېلىپبە ناخشىسىنى چوقۇم ياخشى كۆرۈپ قالىسىز. چۈنكى بۇنى يېڭىدىن مەخسۇس سىز ئۈچۈن ئىجاد قىلدۇق !
ھە راست! ئۆگەنمەكچى بولغان ھەرىپلەرنى سىزىمچان ئېكراندا ئىزلاپ يازالايسىز. يەنە… بولدىلا، ئۆزىڭىز ئىشلىتىپ تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بەرمەمسىز؟
☜ يېقىملىق تەگ مۇزىكىسى بار.
☜ رەسىملىك جۈملىلەر بار.
☜ يېڭى ئېلىپبە ناخشىسى بار.
☜ توغرا تەلەپپۇزلۇق سەبى ئاۋازى بار.
☜ كۆپ تىللىق ياردەم.
☜ ئىزلاپ يازالايسىز.
☜ ئىجتىمائىي بېكەتلەرگە ھەمبەھىرلەندۈرەلەيسىز
☜ ھەممەيلەنگە ماس كېلىدۇ.
ئېلان قىلىغان ۋاقىت : 2012 - يىل 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى باھاسى : 12 يۈەن ( خەلق پۇلى ) نەشىرى : 1.0 چوڭلىقى : 43.2 مېگابايىت قوللايدىغان سېستىما نەشىرى : iOS 4.0 دىن يۇقىرى قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر : iPhone 3GS、iPhone 4、iPhone 4S、iPod touch(第3代)、iPod touch
ئەپنىڭ ئايتۇنېس چۈشۈرۈش ئادرېسى
ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى
مەنبە : شىنلاڭ مىكرو بلوگى قارلۇق - ئورگان مىكرو بلوگى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mr.Forever تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 11:30 AM
|