مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 816|ئىنكاس: 15

تۇمۇزدا چىققان قارا بوران [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80327
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 09:29:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                        تۇمۇزدا چىققان قارا بوران
ياز كېلىشى بىلەنلا تونۇردەك تىنجىق ئىسسىق بۇلۇپ كەتكەن بۇ شەھەر بۈگۈنمۇ بۆلەكچىلا تىنجىق ئىدى. ئەمما نەچچە كۈندىن بېرى خۇددى زېمىننى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدىغاندەك ئاتەش كەبى يېنىپ تۇرىدىغان قۇياش بۈگۈن ئېرىنچەكلىك بىلەن قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن گاھ- گاھ مارىلاپ يوقاپ كېتەتتى . بۇلۇتلۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى ئەتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ۋە ياكى ئاخشام كۆرگەن چۈشى سەۋەبلىكتىنمۇ ئەيتاۋۇر بۈگۈن زۇلقەرنىڭ كۆڭلى باشقىچىلا يېرىم ئىدى. نىمە ئۈچۈندۇر ھازىرمۇ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئاخشام كۆرگەن چۈشىدىكىدەك ئانىسى ئۇنى چاقىرغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئېغىر قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئەڭ ئاخىرقى پارتىغا كېلىپ ئولتۇردى. سىنىپ تولىمۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭ ئىدى، كىملەردۇر كىملەرگە چاقچاق قىلىپ ۋارقىراپ كۈلىشەتتى،بىر-بىرىدىن نىمىلەرنىدۇر سورايتتى،نېمىلەرنىدۇر تالىشىپ ۋارقىرايتتى. يەنە بەزىلىرى ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماستىن كىتاپ كۆرىۋاتاتتى. ئەمما خۇددى ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك سۇلغۇن ئولتۇرغان زۇلقەرنى گۈلنارنىڭ زىل قوڭغۇراقتەك ئاۋازى چۆچۈتىۋەتتى .گەرچە بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا شۇنچە تۇنۇشلۇق، يېقىملىق ئاڭلانسىمۇ، ئەمما ئۇ بۈگۈن نەچچە ۋاقىتلاردىكىدەك ئانچە ئېرەنشىپ كەتمىدى.
   -زۇلقەر،بىر نېمە بولمىغانسىز؟ مىجەزىڭىز يوقما؟
  قاپقارا قوي كۆز، ئاق پىشماق، ئۇزۇن بۈدرە چاچلىرى يەلكىسىنى يېپىپ تۇرغان بۇ ئېگىز بويلۇق قىز ئۇنىڭ مەشۇقى ئىدى. ئۇ بۇ مەشۇقىغا قانچىلىك ئاشىق ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيتتى، ئەمما بۈگۈن بۇ گۈزەل سەنەمنىڭ كۆزلىرىدىكى سېھىرلىك بېقىشلار، ئاناردەك يۈزىدىكى تەبەسسۇملار ئۇنىڭ مەيۈس كۆڭلىنى يورىتىۋېتەلمىدى. زۇلقەرنىڭ كۆز ئالدىغا تۇيۇقسىز ئىككىسىنىڭ تۇنۇشقان ۋاقتىدىكى ئىشلار كەلدى. شۇنداق، ئۇ ئىككىسى تۇنقى قېتىم مۇشۇ سىنىپتا ئۇچراشقان ئىدى، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ ئىككىلىسى بىر- بىرىگە يۇشۇرۇن ئاشىق بولغانىدى. دائىم بىر- بىرىگە ئوغرىلىقچە قارايتتى، ناگان- ناگاندا كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالسا ئىككىلىسى ئوت بۇلۇپ يېنىپ دەرھال يەرگە قارىۋالاتتى. كۈنلەر ئايلارنى قوغلىشىپ زۇلقەرنىڭ قايتا –قايتا تەلەپ قۇيۇشى بىلەن ئىككىسى مۇھەببەت دېڭىزىغا بىرلىكتە شۇڭغۇدى. ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ ئەركىن دۇنيادا ئۇلار ھەممىىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. دائىم بىللە يۈرەتتى، ساياھەت ئورۇنلىرى، ھەر خىل ئوينايدىغان جايلاردىن ئۇلارنىڭ بارمىغىنى يوق ئىدى. ھەر قېتىملىق ھېيىت – بايراملارنىغۇ دېمەيلا قويايلى...يىغىپ ئېيتقاندا بۇ ئىككىسى ھەقىقەتەن خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر ئىدى. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى زۇلقەر بۇ گۈزەل نازىنىن بىلەن مۇھەببەتلەشكەندىن باشلاپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئاددىيسى ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ بۇ چوڭ شەھەرگە كېلىپ يالغۇزسىراپ قالغاندا تۇنجى بۇلۇپ ياتاقتا تۇنۇشقان قەدىناس دوستى ئادىلنىمۇ ئۇنتۇپلا كەتتى، ئۇنى ئىزدەش تۈگۈل كارىمۇ بولمايتتى. بىر نەچچە قېتىم ئادىل ئۇنى چاقىرىپ گەپلەشكەندىمۇ سۆھبەت بىردەمدىلا ئۈزۈلۈپ زۇلقەر سىرتقا قاراپ ماڭاتتى. ئادىل ئۇنىڭغا گەپ قىلغانمۇ بولدى، ئەمما زۇلقەرنىڭ قوپال سىلكىشى بىلەن ئۇمۇ جىمىپ كەتتى. تېخىمۇ يامان بولغىنى ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئىزدىمەس بۇلىۋالغانىدى . ھەتتا بەزىدە ئۇنىڭ ئاپىسى يىغلامسىراپ تېلىغۇن قىلمىغۇچە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيگە تېلىغۇن قىلمىغىنىغا نەچچە ھەپتە بۇلۇپ كەتكىنىمۇ بىلمەيتتى. تېخى ئالدىنقى ھەپتىدىلا ئۇ گۈلنار بىلەن مەكتەپ مەيدانىدا تازا قىزىق پاراڭلىشىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئاپىسى تېلىغۇن قىلغانىدى.
  -جېنىم بالام، ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ تېلىغۇن قىلايمۇ دېمەيسەن، سېنى كۆرگۈم كېلىپ...
  -ئانا ، مەن سەل ئالدىراش ،كېيىن تېلىغۇن قىلاي ،- دېگەن قوپال ئاۋاز بىلەن تەڭ ئانىنىڭ زەئىپ ئاۋازى قاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى. ئوڭايسىزلىنىپ قالغان گۈلنار ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلغانمۇ بولدى، بىر ئازدىن كېيىنلا ئۇلار يەنە  ئۆزلىرىنىڭ شېرىن پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى. قاراڭغۇ كېچىدە يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىپ مۇھەببەت قاينىمىغا شۇڭغۇغان بۇ ساددا يىگىت ئەنە شۇ كۈنى ئانىسىنىڭ بىر كېچە كىرپىك قاقماي يىغلاپ چىققىنى ئەسلا بىلمەيتتى. ئانىسىنىڭ پەرزەنىت ئوتىدا پۇچىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ مېھىرنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ، قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى بولسا ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى ھەم قىلىپمۇ قويمايتتى.پەقەت ھەر ئايدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بانكا كارتىسىغا ئۇرۇلۇپ قالىدىغان پۇللارنى، پات- پاتلا ئۆيىدىن كېلىپ تۇرىدىغان يەل-يېمىشلەرنى كۆرگەندىلا ئۆيدىكىلىرىنى ئاندا-ساندا ئەسلەپ قالاتتى. ئەمما زۇلقەر تېلفۇن قىلمىغان، تېلفۇننى قويىۋەتكەن چاغلاردا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بالىمىز چوڭ شەھەردە كاتتا مەكتەپتە ئوقۇغاچقا ئۆگىنىشى ئالدىراش بولسا كېرەك دەپ ئۆزىنى بەزلەپ، بۇ ئەتىۋارلىق ئوغلىنى بەك كۆرگۈسى كەلگەندىلا ئىزدەيتتى. جاپاكەش ئاتا- ئانىلار سىلەر نېمانچە ئاقكۆڭۇل، ئەپۇچان، كەڭ قورساق –ھە!
  زۇلقەر مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ تازا بەخىتلىك كۈنلەرنى كەچۈرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىر گۈزەل ئاخشىمى بولغان تۈنۈگۈن كەچ  ئۇنى قارا باستى. چۈشىدە قاتتىق بوران چىقىۋاتاتتى، قارا بوراندا ئۇ كۆز ئالدىدىكى جاينىڭ ئۇ كىچىكىدىن ئويناپ چوڭ بولغان گۈزەل سەھرا ئىكەنلىكىنى ئارانلا پەرق ئېتەلىدى. ئەمما بۇ خىلۋەت سەھرا بۇرۇنقىدەك ئەمەس، تولىمۇ سۈرلۈك ئىدى. ئۇ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ئېغىر قەدەم بىلەن كېتىۋاتاتتى، ئۇدۇل تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ نېمىلەرنىدۇر توۋلىغان ئاۋازى كەلدى. ئاۋاز بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا ئىدى. زۇلقەر بۇ ئاۋازنى ئاخىر ئېنىق ئاڭلىدى:«زۇلقەر، جېنىم بالام، نەدە سەن؟سېنى بىر كۆرەي، ئاۋازىڭنى كۆرەي ، بۇ ياققا چىققىن بالام...بالام، سەن نەدە؟...»ئانا شۇنداق دېگىنىچە يۈگۈرەيتتى، ئارقىدىن كىملەردۇر قوغلاۋاتاتتى. توۋا، قوغلاۋاتقىنى زۇلقەرنىڭ چوڭ دادىسى توختى ئەپەندى، چوڭ ئانىسى رىزۋان خانىم ئەمەسمۇ...زۇلقەر ئانىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈردىيۇ قەدەم ئالالمىدى، تۇتۇلۇپ قالغان ئانا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم :«جېنىم ئوغلۇم» دېگىنىچە ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆرەپ- تارتىشلىرى بىلەن ئاپئاق نۇر ئىچىدە غايىپ بولدى...
  ئەتىگەندىن بېرى زۇلقەرنى بىئارام قىلىۋاتقىنى دەل مۇشۇ چۈش ئىدى. ئۇنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋاتقىنى ئۇ بىر قانچە قېتىم ئۆيىگە تېلىفۇن قىلدى، ئەمما ھېچكىم ئالمىدى. ئۆيدىكىلىرى ئېتىز-ئېرىققا چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېچ بولمىسا ھەدىسى بولسىمۇ يان تېلىفۇنىنى ئالسا بولاتتى. باشقا چاغدا تولا تېلفۇن قىلىپ زۇلقەرنى بىزار قىلىدىغان ئۆيدىكىلىرى مانا ئەمدى ئۇنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.
  زۇلقەر خىياللار قوينىدىن قايتىپ چىقىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قارىدى. دەرس ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغانىدى. يېنىدا دەرس ئاڭلىغاچ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا زۇلقەرگە قاراپ تۇرغان گۈلنارنى كۆرگەن زۇلقەر ئۇنىڭغا قاراپ سوغوققىنا كۈلۈپ قۇيۇپ، بولغان ئىشنى قىسقىلا سۆزلەپ بەردى. دەرس  كۆڭۈلسىزلا ئاخىرلاشتى. گەرچە زۇلقەرنىڭ تاماققا ئىشتىھاسى بولمىسىمۇ، ئەمما گۈلنۇرنىڭ كۆڭلىنى دەپ بىللە تاماق يېدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ دەرھال ياتاققا قايتىپ كىرىپ ئۆيدىكىلىرىگە تېلىفون بېرىشكە باشلىدى، ئەمما ئۆلگۈر تېلىفوندىن «كەچۈرۈڭ، سىز چاقىرغان ئابونىتنىڭ تېلىفوننى ئالىدىغان ئادەم يوق» دېگەن سادادىن باشقا ئاۋاز كەلمىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى بىر خىل ۋەھىمە ۋە ئۆكۈنۈش قاپلىۋالدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تېلىفونى جىرىڭلىدى. ناتونۇشلا نومۇرنى كۆرۈپ نېمە ئۈچۈندۇر يۈرىكى قارىتتىدە قىلىپ قالغان زۇلقەر تېلىفوننى ئاستا قۇلىقىغا ياقتى.
  -بالام، بۇ مەن، داداڭ،جېنىم بالام، دەرھال رۇىسەت سوراپ ئۆيگە بىر كەلگىن، بىر مۇھىم ئىش چىقىپ قالدى...-زۇلقەرنىڭ دادىسى نېمە ئۈچۈندۇر كېيىنكى سۆزلىرىنى دېيەلمىدى.
  -دادا،دادا، نېمە ئىش بولدى،ماڭا دەپ بېرىڭچۇ؟! ېمنى قورقۇتماڭ دادا، ئانا م بىر ئىش بولمىغاندۇر، نېمە ئىش بولدى دادا؟-دېدى زۇلقەر يىغلاسىرىغان ھالدا.
  -جېنىم بالام، ئانىسىز قالدىڭ ئوغلۇم...-تېلىفوندىن باشتا يىغلىغان ئاۋازلار كەلدى، كېيىن ئاستا-ئاستا ھېچ سادا كەلمىدى. توساتتىنلا يۈز بەرگەن بۇ ئىش خۇددى تۇيۇقسىز چىققان قارا بوراندەك زۇلقەرنى ئۇچۇرۇپ ھەسرەت چۆللىرىگە تاشلاپ، نادامەت ئوتلىرىدا كۆيدۈرىۋاتاتتى. يۈزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈشكە باشلىغان زۇلقەر:
  -ئانا، جېنىم ئانا، مېنى تاشلاپ كەتمە،ئانا...-دەپ ياتاقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىزلانغىنىچە ھازا ئېچىشقا باشلىدى. ئۇ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن تېلىفونىنىڭ تىنىمسىز سايراپ كەتكىنىنى ئاڭلىمىدى. باياتىندىن بېرى زۇلقەرگە قاراپ ئەنسىزلىنىپ ئولتۇرغان ئادىل ئۇنىڭ تېلىفونىنى ئالدى:
  -ۋەي، گۈلنارمۇ سىز؟زۇلقەر ئۇ...ئۇ...گۈلنار، زۇلقەر ...زۇلقەرنىڭ ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ئوخشايدۇ...دەرھال ئۇنىڭغا ئايرۇپىلان بېلىتى ھەل قىلايلى...
  ئەسلىدە زۇلقەرنىڭ ھەدىسى بۇ خەۋەرنى ئۇكىسىغا قانداق دېيىشنى بىلمەي، چۈشتە ئادىلغا ئۇچۇر يازغانىدى. ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي، نېمە قىلارىنى ، قانداق قىلىپ بۇ ئىشنى زۇلقەرگە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرغان ئادىل زۇلقەرنىڭ يىغلاشلىرى، ھازىلىرىدىن ئىشنىڭ تېگى-تەكتىگە يەتكەنىدى.
  ساۋاقداشلىرى ھەم گۈلنارنىڭ ياردىمىدە زۇلقەر ئايرۇپىلان ئارقىلىقلا تېزدىن يۇرتىغا قايتتى. ئەمما ئۇ كېچىككەنىدى. ھويلا ئالدىدا دائىم رومالىدا كۆزلىرىدىكى نەمنى سۈرتۈپ، ئۇنىڭغا كەڭرى قۇچاق ئېچىپ ئۇنى قارشى ئالىدىغان ئاقباش ئانىسى يوق ئىدى. بۇرۇن شۇنچە ئىللىق كۆرۈنىدىغان بۇ قورو بۈگۈن باشقىچە مۇزدەك تەلەتى بىلەن زۇلقەرنى كۈتىۋالغانىدى. زۇلقەر دەرۋازىنى ئېچىپ ھويلىغا كىردى، ھويلىدىكى كارىۋاتتا بېلىگە ئاق پوتا باغلىغان دادا تولىمۇ غەمكىن ئولتۇراتتى. يۈگۈرۈپ بېرىپ دادىسىنى قۇچاقلاپ ھۆكىرەپ يىغلىۋەتتى. دادىسى ئۇنىڭغا پوتا  باغلاپ، ئۇنى قەبرىستانلىققا ئېلىپ كەلدى. دادىسىنىڭ مۇڭلۇق قېرائەتلىرىدىن كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولغان زۇلقەر قەبرىنى قۇچاقلاپ ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە باشلىدى.
  -جېنىم ئانا، مەندەك ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر، قەدرىڭنى بىلمەپتىمەن ئانا، ئەمدى سەنسىز قانداق قىلاي ئانا، ئەمدى كىمنى«ئانا »دەپ توۋلايمەن، ئانا! ئەمدى ھەر تەتىل قايتىپ كەلسەم مېنى كىم سەندەك باغرىغا باسىدۇ ئانا، جېنىم ئانا؟!...
  ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ھويلا ئالدىدا ئولتۇرغان زۇلقەر ئۆزىنى خۇددى چۆللۈكتە يالغۇز قالغان كىيىكتەك، قانداقتۇر قارا بوران يەنە ئۇنى ئۇچۇرۇپ بىر يەرلەرگە ئاپىرېۋىتىدىغاندەك ئەنسىز ھالدا خىيال سۈرۈپ كۆزلىرىدىن ياشلىرىنىڭ تاراملاپ چۈشىۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيلا قالدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ  مۈرىسىگە تەگكەن قول ئۇنى چۆچۈتىۋەتتى.
  -ئادىل، سەن...-كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالغان زۇلقەر بۇ كونا قەدىناسىنى قۇچاقلاپ بۇلدۇقلاپ يىغلىۋەتتى.
  -زۇلقەر، سەۋىر قىل، قارا، گۈلنۇرمۇ مەن بىلەن كەلدى،-دېدى ئادىل دوستىنىڭ مۇرىسىگە شاپىلاقلاپ.   
  -زۇلقەر، سەۋىر قىلىڭ...-دېگەن گەپنى ئارانلا دېگەن گۈلنار كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلگەن ياشلىرىنى سۈرتكىنىچە ئىشىك ئالدىغا چىققان زۇلقەرنىڭ ھەدىسى ئايگۈلنى قۇچاقلىدى. ئۇلار بىرھازاغىچە كۆز- يېشى قىلىشتى...
  ھايات ئەنە شۇنداق رەھىمسىز، قۇياش بىزگە كۈلۈپ باققان بەخىتلىك كۈنلىرىمىزدە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ قەدرىنى بىلمەيمىز. ئەمما ئەنە شۇنداق بەخىتلىك كۈنلەردە چىققان دەھشەتلىك قارا بوران بىزنى دائىم ھەسرەت تاشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئەڭ قەدىرلىك نەرسىمىزنى يوقىتىپ قويغىنىمىزنى ھېس قىلىمىز. ئەمما بۇ چاغدا پۇشايماننىڭ قىلچە پايدىسى يوق. بىز يەنىلا ھاياتقا كۈلۈپ بېقىپ ئاشۇ قارا بورانلاردا بىزگە ھەمدەم بولغانلارنى قەدىرلەشنى بىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى كېلەركى قېتىم قارا بوراندا قالغاندا بەلكىم ئۇلارمۇ بىزنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ غايىپ بۇلۇشى مۇمكىن...


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80327
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 09:32:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقلا يېزىپ باققانىدىم،تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم،قىممەتلىك تەكلىپ پىكرىڭلارنى ئايىمىغايسىزلەر، قېرىنداشلار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11451
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1687 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 04:33:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbardektor3 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 09:32 AM
مۇنداقلا يېزىپ باققانىدىم،تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇند ...

ماڭا بەك تەسىر قىلدى ، مەنمۇ ئۆيگە ئاز تېلىفۇن قىلاتتىم..........

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 04:36:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى ياخشىكەن ، تېخىمۇ تىرىشىڭ  ،

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80327
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 04:38:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Abdul يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 04:33 PM
ماڭا بەك تەسىر قىلدى ، مەنمۇ ئۆيگە ئاز تېلىفۇن قىلاتت ...

رەھمەت، بىرەر ئادەمگە تەسىر قىلغۇداك يازغان بولسام ئۆزۈمنى ئالەمچە بەخىتلىك ھېس قىلىمەن....

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 04:47:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇيۇقسىز ئايرىلغان شۇ مىنۇتلاردا دەريا كەبىي ياشلىرىمىز ئاقسىمۇ نە ئامال ؟

بار چاغلىرىدا دۇنيادىكى شۇ ئەڭ  يېقىملىق ئاۋازنى ئاڭلاشقا كىچىككىنە ۋاقىت سەرىپ قىلىشقا چىدىمايمىز  ،كىيىن قانچىلىك سېغىنايلى ، باشلىرىمىزنى سيلىغان مىھنەتكەش قوللار ، شۇ مىھىرلىك ئاۋازلار، بىز ئۈچۈنلا سەكپارە بوپ سوققان يۈرەك ...........ھىچنەدە يوق ...........
ئەي ئانا !بارلىغىنى پەرزەنت بەختى ئۈچۈن ئاتايدىغان پىداكار ئىنسان ، بۇ دۇنيادا  پەقەت سەنلا مىنى شەخسىيەتسىز  مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈچىسەن ، ئاللاھىم  سىنى ئىككى  دۇنيا سائادىتىگە ئىرىشتۈرگەي ، امىن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azizgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 04:48 PM  


ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80327
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 04:47:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizgul يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 04:36 PM
مەزمۇنى ياخشىكەن ، تېخىمۇ تىرىشىڭ  ،

رەھمەت، تۇنجى قېتىملىق ھېكايەم بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس...ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە رەھمەت...

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 04:51:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئىكەن ، بۇندىن كىيىنمۇ ئىمانغا قۇۋۋەت بولىدىغان ،ئادىمىيلىككە يىتەكلەيدىغان  ،  ھەققىي ئەھمىيەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80327
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3042
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-5-19
ئاخىرقى: 2012-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 04:58:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azizgul يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 04:51 PM
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار ئىكەن ، بۇندىن كىيىنمۇ ئىمانغ ...

رەھمەت، بۇ يولدا تىرىشىپ باقماي بولمايدۇ...

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3006
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-26 05:02:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbardektor3 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-26 04:58 PM
رەھمەت، بۇ يولدا تىرىشىپ باقماي بولمايدۇ...

ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپىقيەت  تىلەيمەن قېرىندىشىم .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش