دوست ئەمەس
قول –ئىلكىڭدە بار چاغلاردا ،
پەرۋانە بوپ ئەتراپىڭدا.
پۇلغا مۇھتاج بولغىنڭىدا،
نېرى قاچقان دوست ئەمەس.
كۈلپەت كېلىپ بىر چاغلار،
پاناھ تىلەپ كەلگىنىڭدە،
باھانە ئىزدەپ ئىشىكىنى،
يۈزۈڭگە ياپقان دوست ئەمەس.
ساڭا مۇھتاج بولغىنىدا،
كۈچۈك كەبى ئەركىلەپ،
تېنەپ يۈرسەڭ يوللاردا،
ئىتتىرىپ ئۆتكەن دوست ئەمەس.
سېغىنىپ كەلدىم قوينۇڭغا ئاقسۇ
ئۈرۈمچىنى قالدۇرۇپ يىراققا،
شۇ يۇرتۇمنى سېغىنىپ كەلدىم.
قۇچىقىدا پەپىلەپ باققان،
ئاتا-ئانامنى سېغىنىپ كەلدىم.
جەننەت كەبى يۇرتۇم ئاقسۇ،
باغرىڭغا باغرىم يېقىپ كەلدىم.
خەندان ئۇرۇپ بۇلبۇل كەبى،
يېقىملىق كۈيگە قېتىپ كەلدىم.
سېغىنىپ كەلدىم قوينۇڭغا ئاقسۇ،
ئۆزگەرمەپتىغۇ سەندىكى خىسلەت.
ئوغۇل –قىزلىرىڭ يايرىسۇن سەندە،
ئاقباش تاغلىرىڭ تۇرسۇن كۆك تىرەپ.
ھايات يولى
ھاياتلىقتا بار ئىكەن،
ياخشى –يامان ئىككى يول.
ياخشى يولنى كۆرگەندە ،
ھومىياركەن يامان يول.
يامان يول بوپ ئەزرائىل،
ئالدىمىزنى توساركەن.
ئەقلى كور بولسا ئىنسان،
يامان يولغا يۈرەركەن.
ياخشى يولدا كېلىچەك،
تۇرار ئىكەن نۇر چېچىپ.
يامان يولدا ئېزىتقۇ ،
تۇرار ئىكەن ھىجىيىپ.
نادانلىقتا قېلىپ ئىنسان،
ئەقىل كۆزى توسۇلسا،
پاتقاققا پېتىپ چوڭقۇر،
ئۆز پۇتىغا چاپار پالتا.
ئاتا –ئانىلارغا نەسىھەت
ئاتا بولسىڭىز ئەر بولىسىز،
يامان يولغا كىرمەڭ يەر بولىسىز.
ئايال بولدىڭىز ئانا بولىسىز.
ياخشى بولسىڭىز خىسلەتكە تولىسىز.
ئاتا –ئانىلار ئىناق ئۆتۈڭلار،
قان بىلەن گۆشتەك يېقىن ئۆتۈڭلار.
پەرزەنتىڭلارنى قوشۇپ قاتارغا،
كەيپى –ساپادىن يىراق ئۆتۈڭلار.
ئاتا –ئانىلار پەرزەنت ئۈلگىسى،
يالغان بولمىسۇن بەرگەن ۋەدىسى.
يەتتە ئەزايى بولسا گەر پەرزەنت،
پەرزەنت گەۋدىسى ئاتا –ئانىسى.
يازغۇچى:
ئاقسۇ شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 2- يىللىق 4- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى : ئېرپانجان نۇرمەمەت
ئەسكەرتىش: ئىككى يىل بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ،ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ كەتكەن ئوقۇغۇچۇمنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، قىسمەن مىسرالىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ يوللاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 01:41 AM