
تىما:ئامېرىكنىڭ سابىق زوڭتوڭى كات ئەزھەرنىڭ باش مۇدەرىرىسى بىلەن كۈرۈشكەندە غەرىپنىڭ ئىسرائىلىيىگەبەك يان بېسىپ كەتكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى
يېقىندا، ئەزھەردارىلفۇنىنىڭ باش مۇدەرىرىسى دوكتورئەھمەد تايىپ تەكىتلەپ مۇنداق دىدى:«پەلەستىن مەسلىسىگە يەھۇدىي دۆلەتچىلىكىنىڭ دىننى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي نوقتىدىن تۇرۇپ دىننىي كىتاپلارنى بۇرمىلاش خاھىشى يۇشۇرۇنغان. يەھۇدىي دۆلەتچىلىكى پەلەستننىڭ مۇستەملىكەۋەپەلەستىنلىكلەرنىڭ قۇل قىلىنىش ، ئېزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.»
。2012-يلى 5-ئاينىڭ24-كۈنى باش مۇدەرىرىس دوكتورئەھمەد تايىپ ئەزھەردارىلفۇنىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق زوڭتوڭى كات بىلەن كۈرۈشتى. كۈرۈشۈشتە دوكتورئەھمەد تايىپ سابىق زوڭتوڭ كاتقامۇنداق دىدى:«كۈچلۈك گورۇھلار ئاجىز كوللىكتىپلارنى بۈلشۋالغان ۋە كونتورۇل قىلۋالغان،ھەمدە ئاجىزلار ئەزگۈچىلەر تەرپىدىن ئېزىلۋاتقان خەلقئارالىق سىياسىي ئىجتمائىي ئادىللىقنىڭ كەمچىل بۇلۇشى ۋە كىشلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پەلەستىن مەسلىسى بۇنىڭ كونكىرىت بىر مىسالى. پەلەستىنلىكلەر ئۇچۇرغان ئازابلارغا بارلىق خەلىقئارالىق تەشكىلاتلار جۈملىدىن ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى پەقەتلا قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيسى ۋە مەيدانىدا تۇرۇپ كەلدى.»
ئامېرىكىنىڭ سابىق زوڭتوڭى كات دوكتورئەھمەد تايىپنىڭ پىكىرىگە تامامەن قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە مۇندق دىدى: ئامېرىكا ۋە غەرىب ئەللىرى ئىسرائىليىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى باستۇرىدىغان مۇستەملىكچىلىك سىياسىتىنى ھەددىن زىيادە قوللىدى. بۇ سىياسەت پەلەستىن خەلىقىنىڭ ھوقوقىنى تارتىۋالدى.
ئۇ يەنە:«ئىلگىرىكى ۋاقىتتا، مىسىرنىڭ سابىق زوڭتوڭى مۇبارەك ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلينىڭ تەلۋىگە ھەدىدىن ئارتۇق ئاۋاز قوشۇپ كەتتى» دىدى. ئۇ مىسىرنىڭ يېڭى زوڭتوڭنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ دەردىگە ھەققانىيەت ۋە باراۋەرلىك نوقتىسدىن مۇئامىلە قىلشىنى ئۈمىت قىلدى.
كات يەنە مۇنداق دىدى: ئىسرائىلىينىڭ ئۆكتەم ۋە ھاكاۋۇر بۇلۇپ كىتىشىگە ئامېرىكىنىڭ شەرىتسىز قوللىشى ۋە قارغۇلارچە قانات ئاسىتىغا ئېلىشى سەۋەب بولغان. بۇتۈپەيلى ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ھەتتا پۈتۈن دونيا مىقياسىدا ئامېرىكنىڭ ئابروي-ئىناۋىتى زىيانغا ئۇچۇردى.بارلىق كىشلەر شۇنداقلا مەن ئوباما ئەگەر قايتىدىن زوڭتولۇققا سايلىنىپ قالسا ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنڭ ۋىجداننى بىئارام قىلۋاتقان پەلەستىن مەسلىسىنى توغرا يولغا سېلىشنى ئۈمىت قىلمەن.