بالىلار
( بالىلار بايرىمىغا ئاتاپ)
بۇ ھاياتقا يۇمران بىخ رىزقى بەركەت بالىلار،
نىمە قىلسۇن تەشۋىش غەم ئەينى ئاق بەت بالىلار.
تىتىك چاققان شوخ تىمەن،كەپسىز ئەمما بەك چىچەن،
گاھى ئۇماق گاھ تەدەن،بەختۇ-ھۈممەت بالىلار.
چىھرى نۇرلۇق گۈل سىياق،ئوي –خىيالى چەش بولاق،
قاينار ھەۋەس ئىشتىياق،شانۇ-شەۋكەت بالىلار.
پاك قەلبىدە سەبىيلىك،مۇجەسسەم چىن بەدئىيلىك،
يار گۈزەللىك تەبئىيلىك،ئەسلى سەنئەت بالىلار.
تاتلىق-چۈچۈك بال تىلى،سۈزۈك تاڭدەك ئاق دىلى،
غەمسىز ئۆتەر ئاي يىلى،كۈنى جەننەت بالىلار.
ئەل-يۇرتۇمنىڭ ئەركىسى،ئەتىدىكى سەركىسى،
ئۈمىد نۇرى ،بەرگىسى،تاجۇ-دۆلەت بالىلار.
دىلدا ئەندىش كۆك قويۇن،ئىگىپ كەلدۇق تىز بويۇن،
كىم يېڭەر بۇ بىر ئويۇن،كۈتەر قىسمەت بالىلار.
ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2012-يىلى 25-باھار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-25 11:27 PM