مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1091|ئىنكاس: 23

چۇشنىڭ كەلتۇرگەن پاجىئەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80295
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 48
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                      چۇشنىڭ كەلتۇرگەن پاجىئەسى

سوت زالى لىققىدە ئادەملەر بىلەن تولغان ئىدى .ھەممە كىشىلەر بىر خىل دەرت ئەلەملەر دۇنياسىغا كەتكەندەك ئويچان كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ قاراپ ئولتۇرۇشاتتى.ھىچنىمىدىن خەۋىرى يوق سەبىى گۇدەك،دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەرئىككى بالاچوڭ دادىسى بىلەن چوڭ ئانىسىنىڭ قۇچىقىدائولتۇراتتى.
ئۇلارچوڭ دادىسى بىلەن چوڭ ئانىسىنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش يۇقىنى كۆرۇپ ئۆزلىرىنى نىمە ئۇچۇن ئەركىلەتمەي،جىمىپ كىتىغانلىقىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرىشاتتى. ئۆزلىرنى ئەركىلىتىپ ،سۆيۇپ قويۇشىنى ئۇمۇت قىلىپ ،بىرى چوڭ دادىسىنىڭ ساقىلىدىن تارتىپ ئۆزىنى ئەركىلىتىشنى كۇتسە،يەنەبىرسى چوڭ ئانىسىنىڭ ياغلىقىدىن تارتىپ ئۇلارنى خىيال دىڭىزىدىن تارتىپ چىقارماقچى بولىۋاتاتتى .
سوتچىلارنىڭ كىرىشى بىلەن ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرشتى.سوتچىلارسوت زالىدىكى ئادەملەر ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،  سوتچى ئىلىپ كىرگەن ماتىريالىنى بىر قۇر كۆرىۋەتكەندىن كىيىن ئۇنلۇك ئاۋازدا-
- جاۋابكارئوسمان ئۆمەر سوت زالىغا ئىلىپ كىرىلسۇن!!!!            
دەپ بۇيرۇق قىلدى. تولۇق قۇراللانغان ئىككى ساقچى قوللىرىغا كويزا.پۇتىدا كىشەن سىلىنغان ئوسماننى سوت زالىغا يالاپ ئىلىپ كىردى.بالىسىنى كۆرگەن ئانا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلارنى ئاققۇزۇپ تۇرۇپ-
-ئوسمانجان بالام ،جىنىم بالام دىگىنىچە--ئالدىغا ئىتىلدى.
دادىسى بىلەن ئانىسىنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولغان سەبى بالىلار دادىسىنى كۆرۇپ،يۇرەكنى ئەزگۇدەك ھالدا -
-دادا -دادا ،ئانام قىنى ، ئانام نەگە كەتتى ،سەن بىلەن بىللە ئىكەنتۇققۇ. دادا، ئانام سەن بىلەن كەلمىدىما !!!!دىگىنىچەچۇقىرغان ھالدا يىغلاپ كەتتى .سوت زالىدىكى پۇتۇن كىشىلەربۇ ئىككى سەبى گۇدەك بالىلارنىڭ يىغىسىغا چىدىماي كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى.
سوتچىنىڭ سوت زالىنىڭ تىنىچلىقنى كۆزدە تۇتۇپ چوڭ ئانا بىلەن ئىككى بالىنى سوت سىرتىدا تۇرۇپ تۇرىشىنى ئىيتقاندىن كىيىن ،بوۋاي بىلەن موماي، بالىلارغا يىغلىماسلىقنى يەنە يىغلىسا دادىسى بىلەن ئانىسىنى مەڭگۇ كۆرەلمەيدىغانلىقىنى، چوڭ ئانىسى بىلەن چوڭ دادىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىسا كۇندە ئانىسى بىلەن دادىسىنى كۆرەلەيدىغانلىقنى ئىيتقاندىن كىيىن، بالىلار دادىسى بىلەن ئانىسىنى كۇندە كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئشىنىپ تىپتىنىچ ھالەتتە دادىسىغا قاراپ ئولتۇرۇشتى .

سوت باشلاندى.جاۋاپكارنىڭ ئادۇكاتى بىلەن تەپتىش خادىمى دىلو توغىرسىدابىر بىرسىگە گەپ بەرمىگەن ئاساستا مۇلاھىزە قىلۋاتاتتى . جاۋاپكار بولسا خىيال دىڭىزىغا كەتكەن ئىدى.
ئۇ ئايالىنى ياخشى كۆرەتتى .ئايالىمۇ .ئۇنى ياخشى كۆرەتتى .ئىككىسى بىر بىرىگە بەك ئامراق ئىدى.
بۇ ئامراقلىق گاھىدا ئوسماننى  كۇندەشلىك پاتقىغا پاتۇرۇپمۇ  قوياتتى.
كۇزلۇك يىغىم تىرىمنىڭ تازا ئالدىراش ۋاقتى ئىدى .رىسالەت ئەتتىگەندىن بىرى ئېتىزلىققا قىخ توشۇپ ھىرىپ كەتكەن بولسىمۇ بالىلىرنىڭ كەچلىك تاماقلىرىنى يىدۇرۇپ ،ئۇلارنى بالدۇرلا ئۇخلىتىۋىتىپ ئوسماننى ساقلاپ ئولتۇراتتى .
ئوسمان ئەتتىگەن  قوشنا كەنىتتىكى تاغىسىنىڭ بۇغداي تىرىشىغا ياردەملەشكىلى كەتكەن ئىدى .
رىسالەت خىلى ئۇزاق ساقلاپ بىقىپ، ھىرىپ كەتكەچكىمۇ ئۇخلاپ قالدى .
ئوسمان بولسا بۇگۇن بالدۇرلا تۇگەيدىغان ئشتى تىراكتۇر بۇزۇلۇپ قالمىغان بولسا، دىگەن ئوي بىلەن ئۆي ئالدىغا كەپ قالغان ئىدى .دەرۋازا تاقاق ئۆينىڭ توكى ئۆچۇرۇلگەن ھالەتنى كۆرۇپ يەنە كۇندەشلىكى قوزالدى دە ئاستا ئۆينىڭ كەينىگە ئۆتۇپ تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا چۇشتى-دە ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ياتاق ئۆي ئالدىغا كەلدى .دەرىزىگەقۇلۇقىنى يىقىن تۇتۇپ ئويدىكى تىۋىشنى ئاڭلىماقچى بولدى ،ئويدىن ھىچقانداق سادا ئاڭلانمىغاندىن كىيىن ئاستا ئويگە كىرىپ توكنى ياقتى .ئايالى بىلەن بالىلىرى ئۇخلاپ قالغىنىنى كۆرۇپ كۆڭلى تىندى دە ئايالىنى ئويغۇتۇش ئۇچۇن قىشىغا بىرىشىغا رىسالەت ئۇيقۇچىلىقتا جىددى تەلەپپۇز بىلەن -
-ئابلىمىت - ئابلىمىت دەپ ۋاقىراپ جۆلۇپ سالدى . بۇنى ئاڭلىغان ئوسمان تۇرۇپلام قالدى دە  كەنىتتىكى سۆزچۆچەكلەر يادىغا يىتىپ،پالانىمنىڭ خوتىنى بىلەن ئابلىمىتنىڭ چاتىقى باكەنەي ،پوكۇنۇم بىلەن ھىلىقى ئىشلار ئۇستىدىن تۇتۇلۇپ قاپتۇ يەي دىگەندىك گەپ سۆزلەر ئوسماننىڭ مىڭىسىدىن چاقماق تىزلىكىدى ئۆتتى دە ..
شۇ ئاچچىغىدا رىسالەتنى بىر تەستەك بىلەن ئويغۇتتى .زەردە بىلەن تەگكەن تەستەكتىن ئويغۇنۇپ كەتكەن رىسالەت نىمە ئىش بولغىنىن ئاڭقىرالماي دەس تۇرۇپ كەتتى  .ئۆزىگەھومىيىپ قاراپ تۇرغان ئېرىنى كۆرۇپ،گەپ قىلاي دەپ ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە ئېرى ئۇنىڭدىن؛
-ئېيتە،ھازىر سەن چاقىرغان ئابلىمىت بىلەن نىمە چاتىقىڭ بار؟ دەپ سورىدى
رىسالەت ئېرىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۇشىنەلمەي ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدى .ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن باياتىن ئۆزىنىڭ چۇش كۆرگەنلىكىنى ،چۇشىدە بۇغداي تېرىماقچى بولغان يىرىگە قىغ توشۇغانلىقىنى ،بىر ھارۋا قىغنى ئېتىزغا ئەكىلىپ ،ئىشەكنى ئېتىز ئوتتۇرسىدىكى چىغىر  يولدا تۇختىتىپ قويپ ،بىر خالتا قىغنى يۇدۇپ مېڭىشىغا  ئېشەكنىڭ بىر نەرسىدىن ئۈركۇپ،ھارۋىدىكى قىغنى ئۆرۇپ قىچىپ كەتكەنلىكىنى ،ئۆشنىسىدىكى  قىغنى تاشلاپ قويۇپ ئېشەكنى قوغلىغان بولسىمۇ كەينىدىن يىېتىشەلمەي ئۆزىدىن يۇز مىتىر چە يىراقتا ئېتىزلىقىغا قىغ چىچىۋاتقان ئېرى بىلەن بىر مەھەللىلىك ئابلىمىتنى كۆرۇپ،ئۇنىڭغا ئېشەكنى تۇتىۋىلىڭ  دىمەكچى بولۇپ ئۇنى چاقىر غانلىقىنى،ئەمما ئۇئابلىمىتنىڭ شۇنچە چاقرسىمۇ  ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي ئىشىنى قىلىۋەرگەنلىكىنى ،دەل شۇ چاغدا ئېرىنىڭ ئويغىتىۋەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ،كۆرگەن چۇشىنى ئېرىگە دەپ بەردى ،لىكىن ئوسمان  ئۇنىڭغا ھومىيىپ تۇرۇپ ؛
-سەن مۇشۇنداق دىسەم مىنى ئىشىنىدۇ دەپ ئويلاپ قاپسەندە .مەن ئايالى نىمە دىسە  سىنىڭ راست  دەپ ئېشىنىپ ئولتۇردىغان يۇمشاقباشلاردىن  ئەمەس ، تىز راستىڭنى سۆزلە ؟ ئابلىمىت بىلەن نەدە ئوچراشتىڭ؟ راستىڭنى ئىيىت ، ھىلى بىكار كۆرگۇلۇكىڭنى كۇرسىتىىىىىىىىمەن!!!!! دە پ ئوينىڭ ئۆگزىسىنى ئچىۋەتكۇدەك ۋارقىرىدى.
-جىنىم ئوسمان،8يىللىق ھالال جۇپتىڭىزگىمۇ ئىشىنمەمسىز؟بايىقى راستىنلام چۇشۇمدە بولغان ئىشلار .ئىككى بالىمىز بولۇپ قالغاندىمۇ مەنسىزگە يۇزكىلەلمەيدىغان  ناشايان ئېشلارنى قىلىپ يۇرەرمەنمۇ -ھە؟
-ئابلىمىت بىلەن سىنىڭ ئوتتۇراڭدا بىرەر مۇناسىۋەت بولغاچقا ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەلمەي  شۇڭا چۇشۇڭگە كىرگەندۇ- ھۇ قانجۇق راستىڭنى ئىيتمىساڭ مانا ئەمسە!!!!-دىگىنىچە ئوسمان رىسالەتنىڭ يۇزىگە مۇش بىلەن ئۇردى .
رىسالەت بولسا ئېرىدىن ئۆزىگە ئىشىنىشىنى تىلەپ يالۋۇراتتى .
ئوسمان بولسا رىسالەتنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا ،چۇشەندۇرۇشلىرىگە پەرۋامۇ قىلماي ئۇنى دەسسەيتتى ،تىپەتتى ،بازغاندەك مۇشتۇملىرى بىلەن ئۇدۇل كەلگەن يىرىگە ئۇراتتى.
ئۆيدىكى قىيا -چىيا ئاۋازدىن ،سۇت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان ئىككى بالىسىمۇ ئويغۇنۇپ كەتتى .رىسالەتنىڭ يىغىسىغا ئەمدى ئىككى بالىسىمۇ قوشۇلۇپ چىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى . ئەمما رىسالەت ۋە بالىلىرنىڭ ئچىنىشلىق نالە پەريادى ئوسماننىڭ قۇلىقىغاكىرمەيتتى .بىچچارە رىسالەت بولسا  بىر چۇشنىڭ كاساپىتىدىن ئېرىدىن تىل ئاھانەت،مۇش پەشۋا ،ئغىر ئاھانەتلەردىن يۇمۇلىنىپ يىغلايتتى  .نادان ئەر بولسا شۇ تاپتا ھەممىنى ئۇنتىغان بولۇپ ، 8 يىلدىن بىرى ئاش تامىقىنى ئىتىپ، كىر -قاتلىرىنى يۇيۇپ، ئىتىز ئىشلىرىنى جاپا تارتسىمۇ ۋايسىماي،بالىلىرىنى بىقىپ،قولغا قول ،پۇتىغا پۇت  بولغان جاپاكەش،مىھرىبان ،كۆيۇمچان ئايالىنى رەھىمسىزلەرچە ئۇراتتى . رىسالەتنىڭ يىغا ئاۋازى بىلەن ئىككى بالىسىنىڭ ئچىنىشلىق يىغا ئاۋازى كىچە جىمجىتلىقىنى  بۇزۇپ،يىراق يىراقلارغا،تۇن قاراڭغۇسىغا سىڭىپ كەتتى .بىردەمدىن كىيىن رىسالەتنىڭ ئاۋازى ئاستا -ئاستا ئۆچتى ئىككى بالا بولسا تىخىچە قورقۇنۇش ئىچىدە يىغلاۋاتاتتى . نادان ئەر بولسا ھىرىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر بالىلىرىنىڭ يىغىسىمۇ قۇلىقىغا كىرمەي ئۇيقىغا كەتتى .

سوت داۋاملاشماقتا . ئوسمان بولسا خىيال دىڭىزدىن ئۆزئەسلىگە كىلىپ ،بىردەملىك ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپ قىلىپ قۇيغان ئىشىغا مىڭ بىرپۇشمان قىلماقتا.كىچىكىدىن ئارزۇلاپ باققان ئاتا-ئانىسىغا ،دادا ساۋەپلىك يىتىم بولۇپ قالغىان ئوماققىنىە ئىككى بالسىغا يۇز كىلەلمەيدىغانلىقىغاقاتتىق ئۆكۇنمەكتەئىدى.
رىسالەتنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئاكا -سىڭللىرىنىڭ ئوسمانغا نەپرەت بىلەن قاراپ ،ئوسماننى چايناپ پۇركىۋەتسىمۇ  دەردى چىقمايدىغانلىقىغا  سوت ئەھلىگە ئايان ئىدى.
سوتتىن ئوسمانغا سۆزقىلىش پۇرسىتى بىرىلدى - ئوسمان قىلغان ئەتكەنلىرىگە پۇشمان قىلغانلىقىنى،بىر بەخىتلىك ئائىلىنى كۇندەشلىك قىلىش سەبىدىن ۋەيران قىلغانلىقىنى.ئۆزىنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسىغا.رىسالەتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ، ۋە بالىلىرىغا يۇزكىلەلمەيدىغانلىقىغا.رىسالەتنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن كەچۇرۇم سورايدىغانلىقىغا،بالىلىرىنى ياخشى بىقىپ جەمىييەتكە ياراملىق ئادملەردىن يىتىشتۇرۇپ چىقىشىنى ئۇمت قىلدىغانلىقنى كۆزىدىن ياشتۆكۇپ تۇرۇپ بايان قىلدى .
سوت ئاياقلاشتى. ئوسمانغا قەستەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۇرۇش جىنايىتى بىكىتىلدى.
سوت ئۇنىڭغا ئىككى يىل كىچىكتۇرۇپ ئۆلۇم جازاسى بىرىلدى.
ئىككى سەبى بالىنى بولسا رىسالەتنىڭ ئاتا- ئانىسى باقىدىغانغا سوتتىن بۇيرۇپ بىرىلدى .
ئوسماننى سوت مەيدىنىدىن ئىلىپ ماڭغاندا ئىككى بالا  ئادەمنىڭ ئىچ باغرىنى ئۆرتەنگۇدەك يىغلاپ كەتتى . سوت زالى بولسا بۇ ئىككى سەبى ،گۇدەك بالىغا ئىچ ئاغىرتىش بىلەن مۇڭلۇنۇپ كەتتى .

   مەنبە ؛ئىمامجان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   @emamjan@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 09:50 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72516
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راست بولغان ئىشمۇ؟

تەخسىكەش،چېقىمخورلار يەر يۈزىدىن تامام يوقالسا...

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 1074
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7984
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 2881 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈندەشلىك ئەسەبيلىككە ئۆزگىرىپ كىتىپ بۇ تىراگىدىيە كىلىپ چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 538
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ مەھەللە كوچا كويلاردىكى گەپ تاپدىغان لالما ئىتلارنى قانداق قىلساق بۇلاركىن. گەپنىڭ ئۇچۇقى بۇ  پاجەگە كوچا كويلاردىكى پىتنە پاسات ۋە ئوسمانجاننىڭ  چىكىدىىن ئاشۇرۋەتكەن كۇندەشلىكى سەۋەپ بوپتۇ.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 12:24 AM  


تىمتاس لېرىكا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇش دىگەن شەيتاننىڭ پوقى دەيدىكە ، توۋا ، راستمۇ نىمە...

ھايا يوقالسا ، بالا كېلىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59340
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2011-10-7
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايالىغا بىر قېتىم ئىشەنگەن بولسا نىمىمۇ بۇلار ئىدى!ھەي...............

ھاياتلىق خۇددى بىر ئاق قەغەز ،ئاللا سىزگە قېرىنداشنى بەردى......
                                      ئەمما سىزدە ئۈچۈرگۈش يوق.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 538
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئوسمان دىگەن ئاداشنىڭ جىڭ كاللىسى ئىشلىمەيدىكەن . ئەگەر كۆڭلىدە ئايالىغا نىسپەتەن گۇمان پەيدا بولغان بولسا  ئايالى شۇ ئابلىمىتنىڭ ئىسمىنى چاقىرغان ۋاقىتتا ئۇخلا خۇتۇن بولدى  دەپ پىشانىسىگە سۇيۇپ قۇيۇپ ئەتىسى كەچ بولغاندا ئۆگزىگە چىقىپ رىسالەت مەن ئابلىمىت ئىشىكنى ئېچىڭ دەپ يالغاندىن دەپ باققان بولسا ھەممىسى ئايدىڭ بۇلاتتى. غورورغا تاقىشىدىغان مەسىلىگە كەلگەندە ھىيلە مىكىر ئىشلەتمەي ئامال يوق. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-26 12:32 AM  


ھەر بىر كشىنى ھۆ

مەستانە ئـــەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 1655
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5544
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2467 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا كالسى چاتاقكەن .كۈلەمچلىك كۈن ئەمەس دىگەن راسكىنائەينا

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
دەلتە ئاداشكەن بۇ،جۆيلىگەنگە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9402
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4569 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بەندىلەرگە سەۋېر تاقەت ئاتا قىلغايسەن

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش