مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 847|ئىنكاس: 20

تۇرسۇن زابوينىڭ ئۆلۈمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79414
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 47
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-4-27
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇرسۇن زابوينىڭ ئۆلۈمى


(ھېكايە)


ئاپتور: تۇنياز غۇجا شايارى



    بۇگۇن مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان قايتا دىدارلىشىپ باقمىغان ،ئەمدى قايتىدىن ھايات دىدارلىشىش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ساۋاقدىشىم تۇرسۇننىڭ يۇرتىغا كىتىۋاتىمەن .تۇرسۇننىڭ بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز كىتىپ قالغانلىقىنى—ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق بولغان ساۋاقدىشىم ئەركىن تىلىفۇندا خەۋەر قىلغان ئىدى.

         ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ؛رەھمەتلىك ئاغىنەم تۇرسۇن بىللە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا ،ئۆزىگە نەسىھەت قىلغانلارنى ئۆچ كىرەتتى،ئەكسىنچە ماختىغانلارنى بولسا ئەڭ يىقىن دوست ھىساپلاپ—ئۇلارنى نەچچە كۈنلۈك يوللارغىچە كەينىدىن سۇرۇشۇپ بېرىپ مېھمان قىلىشتىنمۇ يانمايتتى.ئۇ ئەينى يىللىرى ئوقۇش ھاياتىنىڭ كۆپ ۋاقىتلېرىنى مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى قاۋاقخانىلاردا ئۆتكۈزەتتى.باشقىلار ماختاپ قۇيىدىغانلا بولسا ،ئۇ ، بىرەر بوتۇلكا پىۋا ئىچكەنلەرنىڭمۇ ياكى تۆت-بەش ئاغىنىلىرى بىلەن ئايرىم شىرەلەردە ئولتۇرغانلارنىڭمۇ سورۇن چىقىملىرىنى ئۆزىنىڭكىگە قۇشۇپ تۆلەپ قۇياتتى.كىيىنچە تۇرسۇننى تۇنۇيدىغانلار بارغانسېرى كۈپەيگىلى تۇردى.ئۇلار قاۋاققا كىرگىنىدە تۇرسۇننىڭ چاقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرمايلا ،ئۇنىڭ قىشىغا كىلىپ ئولتۇرىدىغان، قايتقۇسى كەلگەندە سورۇننىڭ چىقىملىرىنى ئۇنىڭغا تاشلاپ قۇيۇپ، چىقىپ كىتىدىغان ئىشلار- ئادەتتىكى بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

تۇرسۇننىڭ پۇللىرى نەچچە ھەپتە ئۈتمەيلا قۇرۇغدىلىپ قالاتتى.ئۇ ئائىلىسىگە تىلىفۇن بەرگىنىدە دائىم‹‹مەكتەپنىڭ ھېلى بۇنداق ھەق ئالىدىغانلىقىنى تۇقۇپ چىقسا،ھېلى ئۇنداق ھەق ئالىدىغانلىقى ››  نى تۇقۇپ چىقىپ، پۇل ئەۋەتىشنى ئېيتاتتى.نەچچە كۈن ئۆتمەي ئائىلىسىدىكىلەر ئەۋەتكەن پۇللارنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى-دە،بەدىنىگە يېڭى بىر كۈچ قۇشۇلغاندەك بولۇپ ،يەنە قاۋاققا چاپاتتى.

    مىنىڭ  يەنە ئېنىق  ئىسىمدە  تۇرۇپتۇكى : بىر  قىتىم  تۇرسۇننىڭ  ئاچىسى يۇرتىدىن كىلىپ،ياتاقتا ئۇنىڭغا ‹‹بىز يىتىم…›› دىگەندەك گەپلەر بىلەن نەسىھەت قىلغىلى تۇرۇپتىكەن.بۇ ۋاقىتتا مەن سىرتتىن ياتاققا كىرىپ قىلىپ-ئاشۇ گەپنى ئاڭلاپ قالغان ئىدىم.مەن كىيىن ئۇنىڭدىن شۇ گەپنى چۈشىنەلمىگەن بولۇپ سورىسام،ئۇ مىسال كەلتۇرۇپ تۇرۇپ ‹‹مىنىڭ يۇرتۇمدىكىلەرنىڭ (ھەي يىتىم) دىگىنى-    ئورتاق تىلىمىزدا (ھەي بالا ) دىگەن مەنىنى بىلدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟! سەن مۇشۇنچىلىك بىر نەرسىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپكە قانداقمۇ ئوقۇغىلى كەلگەنسەن؟›› دەپ مىنى مازاق قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يوقلۇقىنى مىنىڭدىن يۇشۇرغان ئىدى .شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا ئارتۇقچە بىر نەرسە دىمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.

     مانا  تۇرسۇننىڭ يۇرتىغىمۇ يىتىپ  كىلىپ، ئۇنىڭ ئۈيىگە -يۇرتلۇقى ئەركىن بىلەن بىللە بېرىش خىيالىدا تۇرۇپتىمەن . ئەركىن تۇرسۇننىڭ ئەكسىنچەبۇلۇپ، ئۇنى نەچچە كۈن ماختىسىمۇ تەسىرلىنىپ قالىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. كۆرۈشمىگىلى  ئۇزۇن  بولغاچقىمۇ ، ئەركىن  مىنى كۆرۈپ، نەچچە قەدەم يىراقتىن ئىككى قۇلىنى كۈتۈرۈپ كەلگىنىچە بېلىمدىن تۇتۇپ، مىنى  يەردىن بىر نەچچىنى  كۇتۇرۇپ- جايىمغا تاشلاپ  قىزغىن كۆرۈشتى.

     ئەركىن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماڭا چاخچاق قىلغاچ مىنى ئۆيىگە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە گىلەم سىلىنغان،تاملىرىنىڭ تۈۋەن تەرىپىگە ئۆيلىرىنى  چۇگۇلدۇرۇپ  زەدىۋال تارتىلغان ئىدى . ئىشىك –دىرىزىلىرىگە پەردە ئىسىلغان، يۇتقان-كۆرپىلەر ئورۇن كارۋىتىغا رەتلىك قىلىپ يىغىلغان ،يەر پاكىزە سۇپۇرۇلگەن ئىدى.بۇ ئۆيگە  كىرگەن ئادەم  بىر  قاراپلا ‹‹بۇ ئۆي-ئايالى بار كىشىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكى،تۇرمۇشىنىڭمۇ خېلى ياخشى ئىكەنلىكى ›› نى ھېس قىلاتتى.ئەركىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇشىدا

يىغىنچاقلىقىنى تېخىچە  يۇقاتمىغان ئىدى. مەن  ئۇنىڭ  بىلەن  ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيانقى ئائىلە ئەھۋالىمىز توغرىسىدا بىر دەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن، گەپنى تۇرسۇنغا يۈتكىدىم .ئەركىن بىر پەس جىمىپ كەتكەندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى .

-جۈمە ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كىلەلىگەن بولساڭ،نەق نامازغىلا ئۈلگۈرەر-

كەنسەن!تېخ ىسنىڭ ئالدىڭدىلا ئۇنىڭ تۇپراق بېشىدىن كىلشىم ئدى.

-ئۇ قانداق قازا قىلدى؟- مىنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان بۇ سۇئالىمدىن ئەركىن سەل مەڭدەپ قالدى. مەن تۇرسۇننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدىكى چىگىش پەرەزلىرىمنىڭ تېزرەك يىشىلىشىنى ئۈمىت قىلغاچقىمۇ،دىققەت-

نەزىرىم ئىختىيارسىز ئەركىنگە تىكىلگەن ئىدى.

-نىمە دىسەم بۇلار؟! بۇنى بىر –ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ؟!

-نىمە بولسا شۇنى دىمەمسەن؟- ئەركىننىڭ تىلىنى چايناپ مىنى تېخىمۇ تەققازا قىلغىنىغا نارازى بولغان قىياپەتتەقايتۇرۇپ سورىدىم .ئەركىن سەل ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن سوزلەشكە باشلىدى .

-ئاڭلىشىمچە ،تۆنۆگۈن ئەتىگەن جامائەت بامدات نامىزىدىن يىنىپ،مەسچىتتىن ئۆيلىرىگە كىتىۋاتسا-چوڭ يولنىڭ يىنىدىكى تېرەك قېرىمىدا ئادەمدەك بىر نەرسە ياتقۇدەك.بىرەيلەن يىقىن بېرىپ قارىسا-تۇرسۇن مۇزلاپ ئاللىبۇرۇن تاشتەك قىتىپ قاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن جامائەتنىڭ ھەممىسى –تۇرسۇننى ھاراق ئىچىپ،كىچىدە ئۆيىگە كىتىدىغان يولنى تاپالماي، يېرىم يولدا تېرەك قېرىمىغا يىقىلىپ سۇغۇقتا تۇڭلاپ ئۆلگەن دىيىشكۇدەك! لىكىن كىيىن ئۇنىڭ يىنىدىن چىققان خەتلەر ۋە قانۇن دوختۇرىنىڭ دىياگۇنۇزى –تۇرسۇننىڭ چاشقان دورىسى ئىچىپ ئۆزى ئۆلۈۋالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ!- ئەركىن شۇنداق دىگەچ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ، بىر قانچە ۋاراق قەغەزنى قۇلىغا ئىلىپ، ماڭا ئۇزاتتى.

   مەن خەتنى قۇلۇمغا ئالدىم-دە، ئالدىراپ قەغەزگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدىم.قەغەزگە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:

‹‹قەدىرلىك دىلبەر ،سەن قەيەردە؟ ئۇماق ئوغلىمىزچۇ؟ ئۇ ھازىر قانداق تۇرىۋاتىدۇ؟

     دىلبەر، سىنىڭ مىنى كەچۇرمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن!سەن مىنى ھەقىقەتەن كەچۇرمەسلىككە ھەقلىقسەن! چۈنكى مىنى سەنلا ئەمەس،بۇ ھايات ئالىمىمۇ مەڭگو كەچۇرمەيدۇ . ئېھتىمال سەن مىنىڭ بۇ خېتىمنى قۇلۇڭغا ئالغىنىڭدا ،غەزەپ-نەپرەتكە كۈمۈلۈپ خەتنى يىرتىپ تاشلىشىڭ،ھەمدە ‹‹ئۆلەي دىگەندە (سۆرە-ياسىن) ئوقۇغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ بۇ ئازغۇننىڭ نىمە قىلغىنىدۇ-بۇ؟›› دەپ ئەجەپلىنىشىڭ ۋە ياكى شېرىن مۇھەببەت پاراڭلىرىنى سىلىشىپ باغچىلارنى ئايلانغان چاغلارنى ئىسىڭگە ئىلىپ-مۇھەببەت قايناملىرىنىڭ چۈمدۇرۇشى بىلەن مىنىڭ ھاراقكەشلىكىمگىمۇ پەرۋا قىلماي،ئۆزەڭنى ماڭا تاپشۇرغانلىقىڭغا پۇشايمان يەپ،مۇھەببىتىمىزنىڭ مەھسولى بولغان ئوغلىمىزنى باغرىڭغا بىسىشىڭ تۇرغانلا گەپ.مەيلى نىمىلا قىلما ،مەن سىنىڭ بۇ خېتىمنى ئوقۇپ چىقىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن .

     دىلبەر،مەن سىنى مىنى كەچۇر دىيەلمەيمەن ؟! بۇنداق دىيىشكىمۇ ھەقلىق ئەمەسمەن! مەن سەن بىلەن توي قىلغاندىن كىيىن ھاراققا بېرىلىپ،ئاق چىكىشنى ئۆگىنىپ قالدىم.خىزمەتتىن قوغلانغىنىمدىمۇ-سىنىڭ بىر ئۆينىڭ تۇرمۇشىنى مۇئاشىڭ بىلەن قامداپ كەلگەنلىكىڭنى ئاز دەپ، تېخى سىنى باي –غۇجاملارغا ھەمرا بولۇپ، پۇل تىپىپ كىلىشكە مەجبورلىغىنىمدا،سەن ۋىجدان-غۇرورنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۇپ تەلىپىمىنى رەت قىلغىنىڭدا –مىنىڭ سىنىڭ ئاغزى-بۇرنۇڭنى جىگەر يىگەن مۇشۇكتەك قانغا بۇيىغانلىرىم.سىنىڭ بۇ ئاھانەتكە چىدىماي ئاپاڭنىڭكىگە يامانلاپ كەتكىنىڭ –ھېلىمۇ ئىسىمدە .

     دىلبەر،مىنىڭ جىسمىم –روھىم پۈتۈنلەي بۇلغاندى .پاكىزە قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .مەن بۇ دۇنيا بىلەن قانچە بالدۇر خوشلاشسام شۇنچە ياخشى! مەن بۇنى ئاللىقاچان ئويلاپ قويدۇم.سەن ئەمدى ئۆزەڭنىڭ كىيىنكى يۇلۇڭنى ئويلاپ قويغىن! مىنى ئۇنتۇپ كەتكىن ! ئوغلىمىزغىمۇ  مىنىڭ ئۇنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىمنى مەڭگو ئېيتمىغىن! پەقەت ئۇنىڭغا ‹‹داداڭ ئۆلۈپ كەتكەن ››دەپ قويساڭلا بولدى.مەن ئۇنىڭغا دادا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسمەن !

    دىلبەر، مەن سىلەرگىلا ئەمەس ،ئاچامغىمۇ يۈز كىلەلمەيمەن .ئاچام مىنى ئاتا-ئانامدىن كىچىك قالغىنىمدا ،ئۆز بالىلىرىغا يىگۈزمىگەننى ماڭا يىگۈزگەن ئىدى.؟ئۆز بالىلىرىغا كەيگۈزمىگەننى ماڭا كەيگۈزگەن . پاختىدا چوغ ساقلىغاندەك چوڭ قىلىپ ،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقان ئىدى .ئۆزىنىڭ مەسئولىيەت دائىرىسىدە بولمىسىمۇ ماڭا بارلىق مېھرىنى سىڭدۇرۇپ چوڭ قىلدى.مۇئاشىم بولسىمۇ ،يەنىلا ئۆزەو تۇرمۇشقا چىققىن دىمەي،تۇرمۇشقا چىقىرىپ قويغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئەجىر –مېھنىتىگە ھەرگىزمۇ ياخشى جاۋاپ قايتۇرالمىدىم! ئۇنىڭ ماڭا ئاشۇنداق ئەجىر سىڭدۇرۇشى –مىنىڭ ياخشى ئادەم بۇلۇشۇم ئۈچۈن ئىدى. ئەمما مەن ياخشى ئادەم بۇلۇشنىڭ ئورنىغا ئازغۇن بىر بەندە بۇلۇپ قالدىم.ئاخىرى ئاش بەرگەن قازاننى چىقىپ-تۇز بەرگەن تۇزلۇققا سىيىدىغان بىر تۇزكور بۇلۇپ قالدىم.مەرھوم ئاچاممۇ-مىنىڭ ئۇنىڭغا سالغان ئازاپلىرىم ئىچىدە كۆز يۇمدى.مىنىڭ ئاشۇ كۈندىكى ئۆزەمنى بىلمەي ،ئۇنى قاتتىق ئۇرۇشۇم-ئۇنىڭ جىسمىنى تۈگەشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى روھىنىمۇ تۈگەشتۇردى .مەن ئەسلىدە ئاچامنى ئازراق ئۇرۇپ قويسام ،ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش پۇل ئىلىپ چىقىپ بېرىدۇ، دەپ-خۇددى ئۇنىڭغا تۈگىمەس ئالتۇن-كۈمۈش ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ئويلاپتىمەن ! يىقىندىن بۇيان ئاچام چۇشۇمگە پات-پات كىرىدىغان بۇلۇپ قالدى . بەلكىم ئاچام مىنى ئۇ دۇنياغا چاقىرىپ ئاپىرىپ-مىنىڭدەك بىر ئازغۇن بەندىنى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆز قۇلى بىلەن سوراق قىلىشىغا تاپشۇرماقچى بولغاندۇ؟! مەيلى !  مەن ئاللىبۇرۇن ئۈلۈپ بولغان موردىمەن . موردىنىڭ بارىدىغان يېرى ئەلۋەتتە قەبرىستانلىق. سىنى تۇلا ئەسنەك باسقۇزماي خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي! مەن سىلەرگە ھىچنەرسە قالدۇرالمىدىم . پەقەت ئوغلۇمغا چاشقانلارمۇ قاچىدىغان ئۆينىلا قالدۇرالىدىم .مىنى كەچۈرگىن دىلبەر! ›› .

      مەن ئېغىر خورسىنىش ئىچىدە تۇرسۇننىڭ خېتىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم . ئەركىن ماڭا قاراپ چىكەتكىدەك تىكىلىپ ئولتۇراتتى . مەن ئۆز-ئۆزەمگە ئىختىيارسىز پىچىرلىدىم :‹‹ ھەي،تۇرسۇن زابوينىڭ ئۆلۈمى! ›› .

تۈگىدى .

قەلەم تەۋرەتكۈچى: شايار ناھىيە يېڭى مەھەللە بازىرى پاشالىق باشلانغۇن مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى  تۇنىياز غۇجا

2006-يىلى 10- ئۆكتەبىر . ئۈرۈمچى


مەنبە : ئۆز قەلىمىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 09:28 PM  


تەبەسسۇم بىلەن كەلگۈسىگەنەزەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1139
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان بۇلاپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hoyuanjia يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 09:54 PM
ئوبدان بۇلاپتۇ

بىركىم سىزنى ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇرلىمىغاندىكىن،بۇنداق قوپال ئىنكاسنى يازمىسىڭىز بولمامدۇ؟؟؟؟

سىزدەك ناچار ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ دەستىدىن مۇنبىرىمىزگە نادىر تىمىلار يوللانماس بۇلۇپ قالدى مانا،

يازغان ئىنكاسىمىز ئاپتۇرنىڭ كۆڭلىگە مەدەت -ئىلھام،بۇلالىشى،ھەم تۈزۈتىشكە تىگىشلىك جايلىرىنى كۆرسىتىپ-تەكلىپ-پىكىر بىرىشىمىز كېرەك.

تورداشلار ئويلىشىپراق ئىنكاس يازايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1539
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 367 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ساقلىسۇن ئۆمرىمىزنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كىتىپ ئۇدۇنياغا قۇرۇق قول بېرىپ قېلىشتىن ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز رەھمىتىگە ئالسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1139
تۆھپە نۇمۇرى: 199
توردا: 2122 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 10:01 PM
بىركىم سىزنى ئىنكاس يېزىشقا مەجبۇرلىمىغاندىكىن،بۇند ...

سىزچە ئوبدان بۇلاپتۇ دىگەن گەپ قوپالما،مەن سىزگە دەپ قۇياي قوپال گەپنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ ئاندىن ماڭا تەربىيە قىلىڭ،قەستەن ئۇرۇش تېپىۋاتقان سەندەكلەر،مەن ئىنكاسنى تېمىغا يازدىم،ئۆزەڭنى بىلىۋال،يامان بولساڭ باشقۇرغۇچى بول نوچى دەيمەن

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108523
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6899 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە مۇشۇنداق ئازغۇنلارنى يولغا سالالىغۇدەك ئەڭ ياخشى تەدبىرلەرنى ئويلاپ كېتىمەن.كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان زىقمۇ كۆيمەيدىغان بىر ئامال بولسا شۇ كىشىنىڭ بېشىنى يېرىپ بولسىمۇ مېڭىسىگە قۇيۇپ، ئەنە شۇ قىيامەتتىكى دوزاھقا تۇترۇق بولۇپ قېلىشتىن توسىسام دەيمەن . ئەپسۇس....مىڭلارچە ئەپسۇس! ئاللاھ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ھە. مۇشۇ كىشىگىمۇ جۈمئە نامىزىدا ناماز تاپقان كۈننى بېرىپتۇ . قىيامەتلىكىنى ھەم بەرگەي .

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 730
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1375 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىبرەت ئالىدىغان ھىكايە ئىكەن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50438
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئوغۇللارنى يىراق قىلسۇن ھاراق تاماكىدېن، ئۇلۇغ ئاللا دېن ئىنساپ تىلەيلى

سۆيگۈسىز ئادەم ئادەم ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hoyuanjia يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 10:06 PM
سىزچە ئوبدان بۇلاپتۇ دىگەن گەپ قوپالما،مەن سىزگە دەپ  ...

كەچۈرسىز ئەپەندىم ھەقىقەتەن نوچى ئىكەنسىز،سىزگە قول قويدۇم سىز بىلەن تەڭلىشىپ بۇلالمىغۇدەكمەن؟
شۇنداق چىرايلىق گەپ قىلسام گەپ قىلغانغا تويغىزىپلاۋېتىپسىزغۇ؟
بولدىلا ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك،سەنلەپ كىتىشلىرىڭىزدىن ئۆرگۈلەي،سىز ئەسلا ئىتىپاق ئۆتۈشنىڭ تەرەپدارلىرىدىن ئەمەسكەنسىز.

ھېتلىردەك ياشاپ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78945
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 56
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-4-16
ئاخىرقى: 2012-5-25
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا خويەنجا كەنسىز جۇمۇ سىز

داۋاملىق سۈكۈت قىلامدۇق....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش