مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6140|ئىنكاس: 55

روسىيەگە كەلمىسىڭىز،مۇنۇلارنى بىلمەي قالىسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30361
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 08:42:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قارىسام،روسىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا مۇنۇ مەزمۇنلار مودا بولۇپ،ھەتتا رۇس تىللىرىدا ئېلان قىلىنىپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى يىغىۋاپتۇ.بەھىرلىنەيلى،ئويلىنايلى دەپ تەرجىمە قىلىپ،ئاز تولا پىكىرىمنى قوشۇپلا يوللاپ قويدۇم.


ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،سەۋزە-كەرەپشىلەرنىڭ كىلوسىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز ھەم ئويلاپمۇ قويمايسىز.توغرا،دۆلىتىمىزدەك كۆكتاتلار قىش-ياز كەڭتاشا جايدا باھاسى بىلەن ئويلىشىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟


ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،ئۆزىڭىزدە يوشۇرۇن ئاشپەزلىك تالانتى بارلىقىنى بىلمەيسىز،ھېسمۇ قىلالمايسىز.توغرا،ئۆيدە ئاپىڭىز ئۈچ ۋاخ تامىقىڭىزنى تەييارلاپ بېرىۋاتسا،قازان يېنىغا كېلىپمۇ قويمايسىز دە!بولۇپمۇ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار.



ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،سىز ئالاھىتەن بۈگۈن كەچتە نېمە تاماق يېيىشىڭىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇپمۇ ئولتۇرمايسىز.روسىيەدە ئۇنۋېرسىتېتلاردا بىر دەرىس سائىتى 90 مىنۇت.ئارلىقتا 10 مىنۇت ئارام ئېلىش ۋاقتى بار.ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىم بىلەن ناشتىنى چالا بۇلا قىلىپلا دەرىسكە چىقىپ كەتسىڭىز،شۇ كەچلىك تامىقىڭىزنى ئويلاپ،ئەڭ ئاخىرقى سائەتلىك دەرىسنى قورساقنى غولدۇرلىتىپ ئۆتكۈزىسىز.


ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،ۋەتەندىكى تائاملارنىڭ،نەقەدەر تەملىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ سالمايسىز.بۇ يەردىكى ئەڭ ئېسىل سالات،تائاملارنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولغان بىلەن،ۋەتەندىكى كىچىككىنە ئەشپۇزۇلنىڭ بەش موچەنلىك لەڭپۇڭىغا يەتمەيدۇ.


ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،رۇس قىزلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپلا نەقەدەر سالاپەتلىك،تەنناز چوڭ بولىدىغانلىقىنى ،ئۆز تەن گۈزەللىكىگە ناھايىتى يوقرى تەلەپ قويىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.   ھەئە،يىگىتلەر،كوچىدا سەل ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ ماڭمىسىڭىز دوقمۇش-دوقمۇشلاردا تاس قالىسىز سايىڭىزگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى.قەيەرگىلا قارىسىڭىز "خەلقئارا گۈزەللەر تاللاش مۇسابىقىسى"گە قاتنىشىۋاتقاندەك،مەيلى يېرىم-يالىڭاچ،مەيلى پۈتۈن،رۇس كىيىنگەن بولسۇن ،بىربىرىدىن گۈزەللىك تالىشىۋاتقان قىزلارنى ئۇچرىتىسىز.بىكارغا خەلقئارادا داڭقى يوق بۇ رۇس قىزلىرىنىڭ.


ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،رۇس ئاياللىرىنىڭ نەقەدەر باتۇر،مەزمۇت،قورقماس ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالىسىز.  روسىيەدە رۇس ئاياللار ئەرلىرىنى باقىدۇ دېسەك ھەرگىز مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايمىز.ئەرلىرى سولاش تۇرسا،تەييار ۋەتەن تۇرسا!ھەتتا خوتۇننىمۇ ئوڭلاپ قوغدىيالمايدىغان مىكىيان مىجەز خورازلار بۇ.


ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،"رۇسىيە،ئەرلەرنىڭ جەننىتى"دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەيلا ئۆتۈپ كېتىسىز.توغرا،ئەرلەرنىڭ چىرايلىق قىزلارغا،مۇشۇنداق گۈزەل،پاكىز،ساپ ھاۋالىق مۇھىتقا بېقىپ بىر مەزگىل ياشاپ بېقىشى بەدەنگە پايدىلىق.ئوغرىنىڭ گېپى ئەمەس بۇ.



ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،نەچچە كۈنلەپ سىرتقا چىقماي،تۇرالغۇڭىزدا بىكىنىۋالغان ۋاقىتتىكى ھوزۇرلاردىن بەھىرلىنەلمەيسىز.نېمە ھوزۇر دەمسىز؟ھازىر دەپ بېرىمەن.


ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،كارۋاتتا يېتىپ،كومپىيوتېرىڭىزدىكى ھەر ئېسىل ھوللىۋوتنىڭ كىنولىرىنى ،يىلىغا نەچچە يۈزلەپ كۆرۈش ھوزۇرىنى سۈرەلمەيسىز.مۇشۇمۇ ھوزۇر دەمسىز؟تۇرۇپ تۇرۇڭ...


ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،10 ئاي كىرىشىگىلا قىشنىڭ باشلانغانلىقىنى،بۇ قىشنىڭ يېرىم يىل دىگۈدەك داۋاملىشىدىغانلىقىنى،ئۇزاق قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە نۆلدىن تۆۋەن 40 گرادۇستا ،يەيدىغان نەرسىڭىز تۈگەپ كېتىپ،ئامالسىز سىرتقا چىقىپ قالمىسىڭىز بېكىنىۋېلىپ ئولتۇرالايدىغانلىقىڭىزنى،يۇقارقى ھوزۇرلارنى سۈرەلەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرەلمەي قالىسىز.شۇنداقلا مۇشۇ سوغۇقتا رۇس قىزلىرىنىڭ خىيالىدا يوق نېپىز تور پايپاق،ياكى يالاڭ پاچاق كالتە يوپكىلار بىلەن ئىشقا ماڭغانلىرىنى خىيالىڭىزغىمۇ كەلتۈرۈپ سالمايسىز...قانداق؟ھەپتىلەپ سىرتقا چىقالمىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا،چۈش سائەت 11 بىلەن يورۇق چۈشۈپ،چۈشتىن كىيىن 3 بىلەنلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە،كىنو كۆرمەي نېمە ئىش قىلىسىز مۇشۇ ئۇزاق كېچىدە؟ھاھاھا



ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،ھاجەتخانىغا ئىشلىتىدىغان تازىلىق قەغىزىنىڭ قاپاق تېرەكنىڭ غازىڭىدەك قاتتىقلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەي قالىسىز.   نەدىكىنى ،ھاراق ئېلىپ،تاماكا ئېلىپ كەيىپ قىلغۇچە ياخشىراقنى ئېلىپ ئىشلەتسە شۇنداق ئىش يوق.ئەڭ ئەزىنى شۇنداق قاتتىق.يەنى بىر بولىقى 3 يۈەن خەلق پۇلى.



ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،رۇس ئاپىچاقلارنىڭ يېشىغا توشمىغان بالىلىرىنى ھارۋىسىدا،قار بەك جىق كۈنلىرى چانىسىدا ئولتۇرغۇزۇپ،قەھرىتاندا ئاپتاپقا سېلىپ ئايلاندۇرىۋاتقىنىنى كۆرەلمەيسىز.   شۇنداق قىلمىسا قانداق ياشايدۇ بۇ دۆلەتتە؟



ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،ئاپىسى ئالدىدا،1-2 ياشلىق بالىسى كەينىدە مېڭىشىپ،بالا يىقىلىپ كەتسە ئۆزى ئىنجىقلاپ تۇرغىنىنى كۆرەلمەيسىز.ھەتتا تۇرە دېگەن گەپنىمۇ ئاڭلىمايسىز.   بۇ كونا گەپلەرغۇ...



ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،نېمىسچە راسچوت،يەنى خەنزۇچىدىكى AA تۈزىمىنى  قىلىپمۇ سالمايسىز.بۇ يەردە شۇنچىلىك تەبئىيكى،ھەرقانچە يېقىن بۇرادەرلەر بىلەن سىرتقا چىقسىڭىزمۇ،بىرسى سىزنى مېھمان قىلمايدۇ،سىزمۇ ئۇنى مىھمان قىلمايسىز،ئىككىڭلار ئۆزۈڭلار يىگەن نەرسىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ،ھېسابات خاتىرسىگە قىستۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىسىلەر.لېكىن بىزدە ھەممە نەرسە ئەزانچىلىق،مولچىلىق،دوست-يارەنلەر بىلەن تاماق يىسەك بىر-بىرسىمىزدىن تالىشىپ پۇل تۆلىشىمىز نورمالغۇ؟




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،بىر كۈن كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ سالمايسىز.ھەرگىز...توغرا،بۇ يەردە بىزلەردەك كىتاب تارقاتمايدۇ.دەرىسنى سۆزلەپلا ،بىر تالاي تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ چىقىپ كېتىدۇ.شەنبە يەكشەنبىدە ئۆزىڭىز كومپىيوتېر بىلەن،ئىنتېرنېتتىن ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تاپشۇرۇقنى كومپىيوتېردىكى ۋورد،ئېكسېل،پوۋېر پوينت دېگەندەك ھەرخىل زامانىۋىي دېتاللار بىلەن تەييارلايسىز.




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ رەڭسىز ئېكىرانلىق تېلىفۇن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيسىز.   ئىشقىلىپ نوكىيانىڭ كونا تېلفۇنلىرى ھازىرغىچە بۇ يەردە بار،سېتىلىدۇ.نېمە دېمىگەن بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەرزان تېلفۇنلىرىدىن پىششىق،نوچى دەيمەن.




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،"پۇلنىڭ بەركىتى يوق"دېگەن گەپنى ئۆز بېشىڭىزدا ئۆتكۈزەلمەيسىز... بۇ ھارام بېسىپ كەتكەن بۇ دۆلەتتە شۇ پۇلنىڭ بەركىتى يوق.ھالال نەرسىلەرمۇ بىر قىسىم مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ھەسسىلەپ باھادا سېتىلىدۇ.ئۆزىڭىزنىڭ ھارام بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن چىداپ،ئېلىپ يەيسىز،ئىشلىتىسىز.مانا مۇشۇنداق بۇيەردىكى ئىقتىساد.




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،ھەقسىز كېسەل كۆرسىتىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي قالىسىز.  ھەئە،پۈتۈنلەي ھەقسىز.تېخى ھەقسىز نېمىسچە كولباسا،موگۇ شورپىسى،قارا بولكا،چوشقا قىيمىسى بېرىدۇ...ھەقسىز مۇشۇ قورقۇنۇشلۇق سوۋېت دەۋرىدىكى دوختۇرخانىلاردا ياتىسىز.ئەتراپىڭىزغا كرېستلار ئېسىلغان،تاملارغا خىرستوسنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان...خۇدايىم ساقلىسۇن مۇسۇلمان بەندىسىنىڭ رۇس دوختۇرخانىسىغا كىرىپ قېلىشىدىن...لېكىنغۇ پۇلىڭىز بەك جىق بولسا قورقماي شەخسىي دوختۇرخانىغا بارسىڭىز بولىدۇ.ۋەتىنىمىزدىكى كادىرلار ياتاق بۆلۈملىرىدىن ئېسىل،ئامرېكىچىچە.ھاھاھا...




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،20 ياشقا ئەمدى كىرگەن سۈپسۈزۈك،چىرايلىق قىزلارنىڭ 3-4 بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇنۋېرسىتىتقا كېلىپ يېنىڭىزدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغىنىنى كۆرەلمەيسىز...

روسىيەدە قىزلار 12 ياشتا توي قىلسا بولىدۇ.لېكىن چوقۇم 18 ياشتا ئاندىن ھاراق-تاماكا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالايدۇ.ھەتتا 12 ياشتىن كېيىن جىنسىي ئەركىنلىكنى ئاتا-ئانىسىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.پېشانىڭىزگە ئۇرماي،شۈكرى دەڭ جۇڭگودا ياشىغىنىڭىزغا.




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،مەيلى قەھرىتان قىش بولسۇن،ياز بولسۇن،بىر توپ قىزلارنىڭ نېپىز ئىچ كىيىمى بىلەنلا چىقىپ ياتاق-تۇرالغۇ بىنالىرىنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشىپ تۇرغىنىنى كۆرەلمەيسىز.  روسىيەدە ياتاق-تۇرالغۇ بىنالىرىدا،ئىشقىلىپ ھەرقانداق دېگۈدەك ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ.تۇتۇلۇپ قالسىڭىز بىرمۇنچە جەرىمانە بار. ھېلىمۇ مۇشۇنداق ئوتتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ بۇ خەق.لېكىن تارىختىن تارتىپ روسىيەدە داۋاملىق دېگۈدەك چوڭ كىچىك ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،قىشنىڭ قانچىلىغان زابويلارنى كوچىدا توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.بۇ خەققە ئانىسى سۈت ئەمەس،ۋودكا ئېمىتىدۇ.  شۇنچە زابويلار قىشىچە ئۆلۈپ تۈگەيدۇ،ياز كېلىشى بىلەن كوچىدا لىق زابويلارنى كۆرىسىز.



ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،"ھاراقكەش"دېگەن بۇ سۆزنىڭ رۇس خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقغا كېسىپ ھۆكۈم قىلالمايسىز.  لېكىن سىز توغرا ئويلىغان،ھاراق ئىچەلمەيدىغان رۇس،غەلىتە مەخلۇق،يات مىللەت قاتارىدا،بىر خىل سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ.




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،جۇڭگولۇقلارنىڭ تىل بىلمەيدىغان قېرىنداشلىرىنى قويۇپ،بىرمۇنچە پۇلغا دۈم چۈشۈرىۋاتقانلىقىنى،ھەتتا ئۇلاردىن بىر مۇنچە پۇللارنى ئۈندۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيسىز.    بۇنداق ئىشلار ھەممە يەردە بار بۇيەرنىڭ.شۇڭا بىر بىرى بىلەن دۈشمەندەك ئۆتىدۇ بۇ يەردىكى جۇڭگولۇقلار.مەن تۇرىۋاتقان بۇ شەھەردە بار-يوق 20 ئافرىقىلىق،ھەر يىلى 23-مايدا ئافرىقا بايرىمى ئۆتكۈزۈپ يىراق-يېقىن شەھەرلەردىكى نېگىر ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتنىشىپ چوڭ بىر بايرام بولىدۇ.لېكىن 200-300 جۇڭگولۇق،50-100،ئوقۇغۇچى جۇڭگولۇق بار بۇ يەردە بىر قېتىممۇ دۆلەت بايرىمى ،ھېچ بولمىسا ئۆزىنىڭ چاغىنى تەبرىكلىنىپ قالمايدۇ.ئېسىت ھالىڭغا...




ئەگەر سىز روسىيەگە كەلمىسىڭىز،دۆلىتىڭىزنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە ئېسىل بىر يەرلىكىنى بىلمەيسىز.   ھەي...شۇنداق.ئىشەنمىسىڭىز كېلىپ،ياشاڭ،ئاندىن بىلىسىز.



مۇشۇنچىلىكلا ئىكەن...كېيىن،ۋەتەنگە پۈتۈنلەي قايتقاندىن كېيىن،مۇشۇ رۇسىيەدە تۇرۇش جەريانىمدىكى ئەدەبىي خاتىرەمنى سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەرمەن...



مەنبە،مەن،ھەممە يەر.


تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4711
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 09:56:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇددى خوتەنگە كەلمىگەنلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمى سىرىنى بىىلەلمەيدۇ   غا  ئوخشايدىكەن

مىسرانىمنى مىسرانىم قىلغان مىسرانىم ئەزالىرى.خۇددى ئوقوغۇچى بولمىسا ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى بولمىغاندەكلا.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72686
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3807
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-1-6
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 09:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى ياخشى  تونۇشتۇرۇلۇپتۇ ،     ئەمدى  روسىيەگە بارماي  بولماپتۇ  جۇمۇ  ،  روسيەنى  سوغاقتىن بىرى  بولمايدىغان  يە ئوخشايدۇ دىسەم ، مانداق  ئېسل يەلىرى باكەن ئەمەسمۇ  ، ئۇيغۇرشاھ ئاكىمىز شۇڭا  روسيەگە چېقىۋاپتىكەندە (چاقچاق..ھە)  ....   لىكىن  زە   ما  روسلارنىڭ  تىلنى  ئۆگۈنۈش يامان  تەسكەن  .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gomnam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 09:58 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 09:58:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5017
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 09:58:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
تازا تۇرمۇش ئۈگەگۈدەكسىز ئەمىسە!

ياخشىغا كۈن يوق

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6422
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:21:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 09:58 PM
نىم،نىمە،سائەت 11بىلەن يۇرۇق چۈشۈپ،چۈشتىن كېيىن 3بىلەن ...

   بۇ گەپنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار ؟؟   كاللا جايىدا بولسا بۇنچىلىك ئەقەللىي مەسلىگە ھەيران قېلىش كەتمەيدۇ !!  

  

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50438
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3286
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرجاينىڭ تۇمۇشى ئوخشىمايدىغان بۇلدىڭكەن ھە

سۆيگۈسىز ئادەم ئادەم ئەمەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 264
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 992 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 09:56 PM
خۇددى خوتەنگە كەلمىگەنلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمى سىرىنى بىى ...

راس دەيسىز

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1698
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6943
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەر بارسا ياخشىراقمۇ نىمە تېما مەزمونىغا قارىغاندا...

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:41:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش