سۇلۇ سۇلتانلىقى
سۇلۇ سۇلتانلىقى(The Sultanate of Sulu Dar al-Islam) بولسا 1457-يىلى سۇلۇلار تەرپىدىن ھازىرقى فىلىپىننىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا قۇرۇلغان سۇلتانلىق بولۇپ،دائىرسى ھازىرقى فىلىپىننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مىنداناۋ مۇسۇلمانلار ئاپتونوم رايونى(Autonomous Region in Muslim Mindanao)نىڭ غەربىدىكى سۇلۇ تاقىم ئاراللىرى،باسىلان ئۆلكىسىى ۋە تاۋى-تاۋى ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى،پالاۋان ئارىلى،كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ۋە سۇلۇ دېڭىزدىكى باشقا تاقىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھازىر بۇجايلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا مىنداناۋ مۇسۇلمانلار ئاپتونوم رايونىنىڭ باسىلان ئۆلكىسى ۋە مىماروپا رايونىنىڭ پالاۋان ئۆلكىسگە تەۋە.سۇلۇ سۇلتانلىقى ئەينى ۋاقىتتىكى جوڭگو مىڭ سۇلالىسى ، ھىندونېزىيە ،مالايسىيەلەر بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارغان بولۇپ ،پايتەختى جولو(Jolo)غا جايلاشقان.
سۇلۇ
مىڭ سۇلالىسنىڭ دەسلەپكى يىللىرى،سۇلۇ سۇلتانى ئۈزى مىڭ سۇلالىسى خانى مىڭ چېڭزۇ(جۇلى)بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن بولۇپ،ۋەتىنگە قايتىش يولىدا كېسەل تېگىپ ۋاپات بولغان ھەم دېجو(ھازىرقى شەندۇڭغا تەۋە)غا دەپنە قىلىنغان.پەقەت سۇلتاننىڭ چوڭ ئوغلى سۇلۇغا قايتىپ سۇلتانلىققا ۋارسلىق قىلغاندىن باشقا ئىككىنچى،ئۈچىنچى ئوغۇللىرى ھەم بىللە كەلگەن باشقىلارنىڭ ھەممىسى جوڭگودا ھازىرغىچە تۇرۇپ قالغان.بۈگۈنكى شەندۇڭ دېجودىكى كۆپ قىسىم خۇيزۇلار دەل ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
16-ئەسىردە ئىسپانلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بۇيەرنى مورولەندىيە(Moroland) ، يەرلىكتىكى ئاھالىلەرنى مورولار (Moro)دەپ ئاتىغان.كېيىن ئىسپان دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ پائالىيتى تۈپەيلىدىن،يەرلىكتىكى مۇسۇلمانلار زىيانكەشلىككە ئۇچىرغان،مورولەندىيەنىڭ دائىرسىمۇ بارا-بارا تارىيىپ بۈگۈنكى فىلىپىننىڭ جەنۇبىدىكى جايغا ئايلانغان.
1898-يىلى ئامېركا بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلاپ ئىسپانىيە مەغلۇپ بولىدۇ،ئامېركا -ئىسپانىيە ئىككى تەرەپنىڭ پارىژدا ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسىغا ئاساسەن،ئىسپانىيە جەنۇبىي ئامېركا ۋە تىنىچ ئوكياندىكى ئاراللاردىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولىدۇ.فىلىپىن مەسلىسىدە ئىسپانلار گەرچە مورولەندىيەنى ئەزەلدىن ئىشغال قىلمىغان بولسىمۇ،بىراق ئۇرۇش توختىتىش شەرتنامىسدا بۇجاينى ئامېركىغا بۆلۈپ بېرىدۇ.
ئامېركا ئۆتكۈزۋالغاندىن كېيىن مورولەندىيەگە قارىتا نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇش قوزغىغان بولسىمۇ،لېكىن يەنىلا ئىشغال قىلالمايدۇ.ئامېركا ئاخىرى جەنۇبتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن سىياسىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ،ئامېركا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ مورو سۇلتانى ۋە ماگۈينداناۋ(Maguindanao)سۇلتانى بىلەن شەرتنامە ئىمزالايدۇ. شەرتنامىگە ئاساسەن ئامېركىلىقلار فىلىپىننىڭ جەنۇبىغا كىرمەيدۇ،ئىچكى ئىشلارنى مورولار ئۆزى باشقۇردىغان بولىدۇ.
1903-يىلى ئامېركا فىلىپىندا يەر قانۇنىنى ئېلان قىلىدۇ،يەر قانۇنىدا، فىلىپىننىڭ جەنۇبىدىكى ئامېركا ئارمىيسى تەرپىدىن ئىشغال قىلىنمىغان يەرلەر<< قانۇنسىز يەر>> دەپ جاكارلىندۇ.يەر قانۇنىدا يەنە فىلىپننىڭ جەنۇبىدىكى كاتولىك دىنى مۇرتلىرى جەنۇبقا كۆچۈپ كىرسە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ھەر بىرنىڭ 16 گېكتار(240مو) يەر ئىگەللەشكە رۇخسەت قىلىندىغانلىقى بەلگىلىندۇ، بىراق جەنۇبنىڭ يەرلىك ئاھالىسى مۇسۇلمانلار بولسا ھەربىر ئائىلنىڭ يېرى ئەڭ كۆپ بولغاندا 8گېكتاردىن(120مو) ئاشمايدۇ.1904-يىلى،ئامېركا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلار بىلان بولغان شەرتنامىنى بىكار قىلىدۇ.1919-يىلى،فىلىپىن يەر قانۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا شىمالدىكى كاتولىك دىنى مۇرتلىرى جەنۇبتا ھەقسىز 24 گېكتار(360مو)يەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى بەلگىلىندۇ.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن،1946-يىلى ئامېركا چەتئەلدىكى مۇستەملىكە سىياسىتىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ،ئۇنىڭغا ئەگشىپلا فىلىپىنمۇ مۇستەقىللىق جاكارلايدۇ.ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبتىكى مورو مۇسۇلمانلىرى گەرچە خەلقئارا جەمىئىيەتكە قوغداشىنى مۇراجەت قىلىپ،زوراۋانلارنىڭ ئۇلارنى سېتىۋېتىشى ۋە يۇتۇۋېلشىغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ،بىراق ئامېركا ھۆكۈمىتى فىلىپىن مانىلا دائىرلىرى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىغان ۋاقىتتا،مورولەندىيەنى فىلىپىنگە بىراقلا كېسىپ بېرىۋېتىدۇ.
مەنبە:ئوغۇلچاق مۇنبىرى(www.oghulchaq.co.cc) تەرجىمىدە:بىلگە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-25 06:47 PM
|