مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3777|ئىنكاس: 83

لەغمەن يىمەيدىغان بالا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74143
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3136
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-1-28
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:17:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن چىكىنىپ شەھەر ئىچىدە تاغامغا ياردەملىشىپ دۇكان ئاچتىم.مەن ئاچقان دۇكاننىڭ ئەتراپىدا تامىقى خېلى داڭلىق بىر ئىككى ئاشخانا بولۇپ، ئانامنىڭ(بازارنىڭ تامىقىنى كۆپ يىمە،خام-چالا پۇشۇرۇپلا ئېتىدۇ،ئۆي يېقىن بولغاندىكى چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە كىر....) دىيىشلىرىگە پەرۋا قىلماي  تاماقنى ئاشۇ ئاشخانىلاردىن يەيتىم.چۈنكى،ئاشخانىنىڭ تامىقى باشقىچە تەملىك ئىدى،مەن ياخشى كۆرەتتىم.بۇنداق دىسەم(ئۆي تامىقى تەملىك ئەمەسمۇ؟)دىيىشىڭلار مۇمكىن،ئۇنداق ئەمەس،ھەممىمىز ئانىلىرىمىز ئەتكەن تاماقنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايمىز،مەنمۇ شۇنداق. ئەمما،ئەشۇ ئاشپەز ئۇستاملار سەي-قورۇمىلارغا قانداق خۇرۇچ،تېتىتقۇلارنى ئىشلىتىدىكىن،تەمى ۋە پۇرىقى ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ،شۇنداققۇ ھە بالىلار؟
شۇنداق قىلىپ بۇلتۇر كۈزگىچە نەخ 9 يىل بازارنىڭ تامىقىنى يەپ كەلدىم.
ئەمما،نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر ئىش يۈز بەردى.بىر كۈنى بىر تەخسە لەغمەن يېگەن باھانە بىلەن(ھىق)تۇتۇپ قالدى(ھىلى توختاپ قالار...)دەپ بىر كۇننى ئۆتكۈزدۈم،كىچىچە توختىمىدى،ئەتىسى دورىخانىغا كىرسەم (ئۇنداق كىسەلگە دورا يوق،كەمپۈت يەپ بېقىڭ)دەپ، كەمپۈت يىيىشكە بۇيرىدى...
كۈلمەڭلار،ھىق تۇتۇش ئاڭلىماققا ئاسان،قىزىقارلىق تۇيۇلغىنى بىلەن،بىر كىچە توختىماي تۇتسا كۆكرەك بىلەن ئىككى مۈرە تولا سىلكىنىپ تېلىپ ئاغرىپ،تۇغۇلغانغامىڭ تويۇپ كىتىدىكەن كىشى(خۇدايىم ئۇ كۈننى ئىمان ئېيتقان بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن!)
دىگەندەك، كەمپۈت يىسەم توختىدى،ئەمما نەچچە سائەتتىن كىيىن يەنە تۇتتى،بۇ قېتىم كەمپۈتمۇ تەسىر قىلمىدى.ئاخىر،ئۆيدىكىلەرنى ئەنسىرەپ كەتمىسۇن دەپ دوختۇرغا ئۆزۈم  كۆرۈندۇم.(ئاشقازاندا ئازراق مەسىلە بار ئىكەن...) دەپ ئاسما ئوكۇل سېلىشتى، بىر ھەپتە بولغاندا،بىر قۇسۇش بىلەن تەڭ توختىدى.توۋا،شۇ كۈنى نىمە تاماق يىگىنىم ئېسىمدە يوق،ئەمما قۇسقىنىم لەغمەن...
شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى ھېلىقى تىۋىپنىڭ تومۇرۇمنى تۇتۇپ( ئاشقازىنىڭىزدا دەرت بار ئىكەن،يېگەن تاماق ياخشى ھەزىم بولمايۋېتىپتۇ......)دىگىنى  پات-پات ئېسىمگە كىلىپ قالىدۇ.
مانا شۇ ئىشلاردىن كىيىن بازارنىڭ تاماقلىرىدىن پەرز تۇتتۇم، ئامالنىڭ يوقىدىن دوستلار بىلەن كىرىپ قالمىسام كىرمەيمەن،كىرسەممۇ لەغمەن يىمەيمەن،چۈنكى، (ھىق تۇتۇش تراگىدىيىسى)دىن كىيىن لەغمەننى خالىماس بولۇپ قالغانىدىم،بازارنىڭ بولامدۇ مازارنىڭ بولامدۇ،ئۆينىڭ بولامدۇ توينىڭ بولامدۇ ھەرگىز يىمىدىم،يىيىش ئەمەس،يىيىشنى ئويلىساملا بىئارام بولاتتىم...
شۇنداق قىلىپ نەچچە ئايدىن بېرى ئۆيدىن تاماق يەۋاتىمەن.
بۈگۈنمۇ مانا كۈندىكىدەك چۈش بىلەن تەڭ ئۆيگە قايتىپ كىردىم،دەرۋازىدىن كىرىپلا :
_ئەجەپ قورسىقىم ئاچتى،ئانا،نىمە تاماق ئېتىۋاتىسىز؟
شۇنداق دىگەچ ئۇدۇللا ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدىم،بوسۇغىدىن ئاتلاپلا ،قازاندا قايناۋاتقان ئاشنى،قازان بېشىدا چويلا كۆتۈرۈپ تۇرغان ئانامنى كۆردۈم.
بىر قازانغا،بىر ئانامغا قارىۋىتكەندىن كىيىن:
_ئەسسالامۇ ئەلەيكوووووووووووووووم-، دىدىم،سالامنى قەستەن سوزۇپ.
_ۋاي خۇدايىم،يەنە قاقشايدىغان بولدى بۇ بالا-،دىدى ئانام ئىشىنى قىلغاچ.
_يەنە لەغمەن ئەتتىڭىزمۇ ئانا؟
_(يەنە)دەيسەنغۇ؟ بۇ ئۆيدە لەغمەن ئېتىلمىگىلى توپتوغرا بىر ھەپتە بولدى بۈگۈن.
_ جېنىم ئانا،تېخى تۈنۈگۈن ئەتتىڭىزغۇ لەغمەننى،پولو ئەتسىڭىز بولمامدۇ؟
_جېنىم بالام،تۈنۈگۈن پولو ئەتتىم،مىنى ئۇنچە ئەخمەق كۆرمە ھە.
_ئەمسە گاڭپەن ئىتىڭ.
_تۈنۈگۈن پولو ئېتىپ بۈگۈن گاڭپەن ئېتىمەنمۇ؟گۈرۈچ تامىقىنى ئۇنداق كۆپ يىسە ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ.
_ئەمسە سۈيۈقئاش ياكى چۆپ بولسىمۇ بولاتتىغۇ؟
_سۈيۈقئاش دىگەن كەچتە ئىتىدىغان تاماق،چۆپنى ئەتە ئىتىپ بىرەي،بۈگۈنكى تاماق لەغمەن.
_ئاھ خۇدا،كىم ئىجاد قىلغان بولغىيتى مۇشۇ لەغمەننى....
سۆزۈمنى ئاڭلاپ ئانام لەپپىدە كۆزۈمگە قارىدى،تۇمشۇقۇمنى ئۇچلىۋىدىم، كۈلۈپ كەتتى ۋە(سەتلىكىنى...)دەپ قويدى.
مېھمانخانىغا چىقىپ كەتتىم،دادام كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرغان ئىكەن،(ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم)دەپ كىردىم.دادام كىتاپتىن بېشىنى كۆتۈرمەيلا (ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام) قويدى. تىلۋۇزۇرنى ئاچماقچى بولۇپ قولۇمغا تىزگىنەكنى ئالدىم-يۇ،يەنە نېرىغا ئىتتىرىۋەتتىم،ئاندىن ئۈستەلدىكى كىتاپلاردىن بىرنى سۇغۇرىۋېلىپ كۆرۈپ ئولتۇردۇم.شۇ ئارىدا كىچىك سىڭلىم كىرىپ كەلدى:
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
_ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.كەلدىڭمۇ؟
_ھەئە،ئانام قېنى؟
_تاڭ....
_ئانچە خۇشال ئەمەسقۇ سەن،نىمە بولدۇڭ؟-،دىدى ئۇ،سومكىسىنى قويغاچ.
_كىرىپ (ئاشپەز)دىن سورا-،دىدىم،ئاشخانىنى ئىشارەت قىلىپ.
ئۇ بىر ئاز تۇرىۋىتىپ:
_ھە چۈشەندىم،ئانام بۈگۈن لەغمەن ئىتىپتۇ دە-، ئۇ،شۇنداق دەپلا كۈلىۋەتتى.(ۋۇ شەيتان...)دەپ قويدۇم ئۇنىڭ كۈلكىسىگە مەستلىگىم كىلىپ.ئۇ كۈلگەن پېتى ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىككى تەخسە تاماقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۈستەلگە قويدى،قارىسام بىرى مەنپەر ئىكەن،بەك خۇش بولدۇم.....ئانام بەك ياخشى جۇمۇ....
تاماقنى يەپ  بولۇشىمىزغاچوڭ سىڭلىم كىردى،ئۇ ئۆيدە لەغمەن ئىتىلگىنىنى بىلىپ ئاتايىن كىلىپ مىنىڭ تەخسەمگە ،ئاندىن ماڭا قارىدى،مەن مەغرۇر كۈلۈپ قويدۇم، دادام دۇئاغا قول كۆتۈرىشى بىلەن ئۇ دەرھال دۇئاغا قول كۆتۈردى ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا(ئى قۇدرىتى ئۇلۇغ ئاللاھ،ئاكامنىڭ دىلىغا لەغمەننىڭ ئوتىنى سالغايسەن)دەپ دۇئا قىلدى،ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
دادام ئورنىدىن تۇرۇپ مەسچىتكە ماڭدى،ئاندىن كىچىك سىڭلىم ھەدىسىنى( كىچىكىپ كەلگەنلىكى) ئۈچۈن قاچە-قۇچىلارنى يۇيۇشقا،مىنى ( مەنپەر ئەتكۈزگەنلىكىم )ئۈچۈن ئانامنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇپ ئۆزى دەرس تەكرارلاشقا كىرىشىپ كەتتى.بىزمۇ (ۋەزىپىمىز)نى مۇقەددەس بىلىپ ئىشىمىزغا تۇتۇش قىلدۇق.
تۇيۇقسىزلا بازاردىن تاماق يىمەيدىغان بولغىنىمغا ئانام بەك خۇش بولدى،ئەمما لەغمەن يىمەسلىكىم ئاز -تولا ئاۋارىچىلىق بولۇپ قالدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   korash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-25 12:23 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76601
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4392
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2012-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:30:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىلام ئوخشايدىكەن مەنمۇ پەقەت لەغمەن بىلەن خوشۇم يوق ئەمما گاڭپەن پولۇ،بولسا يەيمەندە

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13371
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 7794 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2012-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 10:31:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا بىزنىڭ ئۆيدىلا بارمكى دەپتىمەن بۇ ئىشلارىنى،ئۆزۈم لەغمەنگە ئامراق لىكىن مىنڭ ئوغلۇمنىڭ
لەغمەن بىلەن زادى خوشى يوق،لەغمەن ئەتكەن كۇنىلرى ئشكتىن سومكسىنى يەرگە پاقققدە ئىتىپ
يەنە شۇ لەغمىنما دەيتتى.قايسى كۇنى لەغىمەن ئەتسەم گەپ قىلماي لازا ئاچچقسۇلارغا مىلەپ
تازا يىدى بۇگۇن تاماق ئوخشاپتىمۇ دىسەم ئاپا سز ئەتكەن  تاماقىنڭ ھەممسى ئوخشايدۇ دەيدۇ،
بەك خوش بوپ كەتتىم،

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

سەنەمجان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6370
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1432 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 11:28:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن قېتىقىنى پۈۋلەپ ئىچىپتۇ دىگەندەك ئەجەپ قورقۇپ كېتىپسىز لەغمەندىن؟مېنىڭچە باازاردىن يىمەي ئۆيدىن يېسىڭوىز ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.بىر كۈن ئۆتكۈزپ بىر قېتىم لەغمەن يېمىسەم ئاشىقلىق ئىشقى تۇتۇپ كېتىدۇ دىسە ماڭا ،بەك ئامراقمەن ئاپىجان ئەتكەن لەغمەنگە.

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

سەنەمجان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6370
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1432 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 11:28:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن قېتىقىنى پۈۋلەپ ئىچىپتۇ دىگەندەك ئەجەپ قورقۇپ كېتىپسىز لەغمەندىن؟مېنىڭچە باازاردىن يىمەي ئۆيدىن يېسىڭوىز ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ.بىر كۈن ئۆتكۈزپ بىر قېتىم لەغمەن يېمىسەم ئاشىقلىق ئىشقى تۇتۇپ كېتىدۇ دىسە ماڭا ،بەك ئامراقمەن ئاپىجان ئەتكەن لەغمەنگە.

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

كېىلدۇ شۇنداق بىركۈنلەر....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
赛乃木江 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-25 11:28 AM
سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن قېتىقىنى پۈۋلەپ ئىچىپتۇ دىگەندەك  ...

سىز ئۈزبىكمۇ‹؟

ئەرەپ تىلى قاتارلىق 60دىن ئارتۇق كەسىپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىمىز،ئالىي مەكتەپكە نۇمۇرى يەتمىگەنلەرگە يەنە بىر چىقىش يولى بار.بۇيەرنى بىسىڭ،تەپسىلاتى بۇ يەردە

كېىلدۇ شۇنداق بىركۈنلەر....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 937
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:16:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭمۇ تازا خوشۇم يوقتى،لېكىن ئالى مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كىيىنلا نىمە بولسا يەۋىردىغان بوپ قالدىم!

ئەرەپ تىلى قاتارلىق 60دىن ئارتۇق كەسىپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىمىز،ئالىي مەكتەپكە نۇمۇرى يەتمىگەنلەرگە يەنە بىر چىقىش يولى بار.بۇيەرنى بىسىڭ،تەپسىلاتى بۇ يەردە

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10576
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:51:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۆيدە خۇدانىڭ كۈنى بىر ۋاق لەغمەن،شۇڭلاشقا لەغمەن بىلەن پەقەت خوشۇم يوق،باشقىلار توۋا لەغمەن بىلەن خوشى يوق ئادەممۇ بولامدۇ دەيدىكەن،مەن بىرەر يىل يېمىسەممۇ ئاشخانىداھەرگىز لەغمەن  بۇيرۇتۇپ سالمايمەن.لەغمەن يېسەم بىر پىيالىنى يېرىم سائەتتە يەيمەن،چۆچۈرە ئىچسەم ئىككى چىنىنى كۆرمىدىم دەپ ئىچىۋىتىمەن.دادامنىڭ گېپى بويىچە لەغمەن قوساق ئايرىم،چۆچۈرە قوساق ئايرىم.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80392
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3157
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 12:57:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لەغمەن  ئۇيغۇر  تائام  مەدەنىيتنىڭ  ئالدى  ئەگەر  شۇ  تائامنىڭ  تارىخغا  قىزسقساڭلا  ئابدۇ شۇكۇر مۇھەممەت ئىمن  ئەپەندىننڭ  كىتاۋغا  مۇراجەت  قىلڭلا(پالانى  كىتاپ  دىمەپتۇ  دەپ  سۇزلەپ  كەتمەڭلا)............

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11207
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 854 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2012-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 01:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇرۇن لەغمەننى ياقتۇرمايتتىم، ئەمما ھازىر بىر نەچچە كۈن يىمىسەم تاماق يىگەندەك بولمايمەن.

ئhttps://uyghur-archive.com/misranim/data/attachment/forum/201202/29/150528dobc1bw7dwhaoacn.gif
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش