سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك
مەردان ئابدۇللا
خىياللىرىم كېزەر سامانى،
تاغلار ئېشىپ قىران بۈركۈتتەك.
باغلار ئارا ئۇچراتماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك.
تائام ئۆتمەس گېلىمدىن پەقەت،
يۇتالمايمەن تۇزسىز ئۇماچتەك.
ھەر دەقىقە ئۇنۇتماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك.
تۇرۇپ- تۇرۇپ كۈلۈپ سالىمەن،
قارا قۇيۇندا قالغان ساراڭدەك.
ھېچ بىراۋغا ئوخشاتماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك.
كەلگۈسىگە كېتىپ قالىمەن،
ھەممە گويا گۈزەل چۆچەكتەك.
يا ئەمرىمگە ئالالماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك
بېلىق كەبى ئۈزىسەن تىنماي،
مېڭەم سەنچۈن بوپكەتتى كۆلچەك.
ئاھ!كاللامدا تىنجىتماي سېنى،
سېغىنىشتا يانىدۇ يۈرەك.
پىغانلىق سېغىنىش
مەردان ئابدۇللا
پىغانلىق ھېسىيات ئەمەس سېغىنىش،
سېغىنىپ تاڭ كۈتۈپ سايرايدۇ بۇلبۇل.
شۇ زۇلمەت كېچىنى ئۇلايدۇ تاڭغا،
سېغىنىش ئوتىنى مەشئەل قىلىپ گۈل.
مەندىمۇ بارشۇنداق گۇڭگا سېغىنىش،
بىركونا سۈرەتنى باغاشلاپ يېتىپ.
ھىدلىرىڭ پۇرايدۇ، ئاۋازىڭ قېنى؟
يىل بولدى چېھرىڭگە باقمىدىم قېنىپ.
بۇ ئاسىي ھېسلىرىم ئازغۇن خىيالىم،
سېنى دەپ خەنجەرگە ئۇرار ئۆزىنى.
كەچمەيمەن ئېسىڭدىن مىڭ يىلدا بىررەت،
ئېھتىمال سېغىنىپ يۈردۈڭ ئۆزگىنى.
مەندىكى سېغىنىش يىتىم سېغىنىش،
دائىما ئازابقا بولىدۇ بوزەك.
تاشلايدۇ ئەلەمگە، سېغىنمىغاننى-
سېغىنىپ زارلىغان بۇ ساراڭ يۈرەك.
ئىجادىيەت: مەردان ئابدۇللا(تاتلىق پىغان)