مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3662|ئىنكاس: 29

قىتانلار ھەققىدە يېڭى بايقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باھار ھامان ئىللىق!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77760
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4334
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2012-3-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 03:37:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«سىرلىق» يېزىقنىڭ سىرى


1922- يىلى 6- ئاينىڭ 21- كۅنى كېرۋىن (kerwin) ئىسىملىك بىر بىلگىيىلىك مىسسىئونېر جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل بالىن ئوڭ خۇشۇنى تەۋەسىدىكى ئوغرىلانغان بىر قەدىمى قەبرىدىن يېزىققا ئوخشاپ كېتىدىغان غەلىتە بەلگىلەر چۈشۈرۈلگەن بىر تاش ئابىدىنى تاپقان. ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم بۇ «سىرلىق» يېزىقنى تۇنىيالمىغان. بۇ بەلگىلەر دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كىيىن ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىر مەھەل تالاش-تارتىش قىلىپ پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىگەن . ئۇنداقتا بۇ «سىرلىق» يېزىق زادى نەدىن كەلگەن؟ ئۇ كىشىلەرگە قانداق ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ؟
دەلىللەش ئارقىلىق بۇ قەبرىنىڭ بۇنىڭدىن 900 نەچچە يىل ئىلگىرىدىكى قىتانلارنىڭ قەبرىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئۇنداقتا بۇ بەلگىلەر قىتانلارنىڭ يېزىقىمۇ-ئەمەسمۇ؟ تارىخنامىلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، قىتانلار لياۋ سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كىيىن، ھەقىقەتەن قىتان يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. ھالبۇكى قىتان يېزىقى 700 يىل بۇرۇنلا يوقالغان . كېيىنكىلەر ئۇنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان. كىيىن مۇتەخەسسىسلەر بۇ «سىرلىق» يېزىق شۈبھىسىزكى ئاللىبۇرۇن يوقالغان قىتان يېزىقى دەپ ھۆكۈم چىقارغان.
بۇ ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كىيىن كىشىلەر ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھەم بۇ يوقالغان خانىدانلىق، بۇ ئۇنتۇلغان تارىخ مۇشۇنىڭدىن قايتا نامايان بۇلارمۇ دەپ زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن.

قىتان سۇلالىسى


قىتانلار خۇددى ئۆزلىرىنىڭ يېزىقىغا ئوخشاشلا سىرلىق ھەم قەدىمى خەلق . قىتان دېگەن سۆز «پولات» يەنى مۇستەھكەم دېگەن مەنىدە، بولۇپ ئۇلار باتۇر بىر مىللەت. بۇنىڭدىن 1400 نەچچە يىل ئىلگىرى قىتانلار جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى بىر مىللەت سۈپىتىدە «ۋېينامە» دە تىلغا ئېلىنغان. ئۇلار قۇدرەتلىك قوشۇنغا ئىگە بولۇپ ، جەڭگە ماھىر بولغان. كىيىن يوللۇغ ئاباگې دېگەن سەردار قىتانلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىلادىيە 916- يىلى قىتان خانلىقىنى قۇرغان. 947- يىلى خانلىق نامىنى لياۋغا ئۆزگەرتكەن. لياۋ سۇلالىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋردە جۇڭگونىڭ يېرىم زېمىنىغا خوجا بولۇپ ، زېمىنى شىمالدا تاشقى ھىڭگان، بايقال كۆلىگىچە، شەرقتە كوبى ئارىلىغىچە، غەربتە ئالتاي تېغىغىچە، جەنۇبتا خېبېي ۋە شىمالى شەنشىگىچە يىتىپ، دەۋر سۈرگەن.
قىتانلار قۇدرەتلىك ھەربىي خانىدانلىق قۇرۇپلا قالماي، يەنە پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان. لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىبادەتخانىلار ۋە مۇنارلار دەل بۇنىڭ ناماياندىسى . خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە بۇددا مۇنارلىرىنىڭ بەزىلىرى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان. بەزىلىرى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە رېمىنۇت قىلىنغان. ئۇلار ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ ، نەچچە يۈز يىللىق بوران چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپمۇ يەنىلا مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان. بولۇپمۇ شەنشى ئۆلكىسى يىڭشيەن ناھىيىسىدىكى بۇددا مۇنارى دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئېگىز ياغاچ قۇرۇلمىلىق مۇنار بولۇپ ، نەچچە قېتىملىق يەر تەۋرەشتىمۇ بۇزۇلمىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، مۇشۇنداق پارلاق مەدەنىيەتنى ياراتقان مىللەت مۇقەررەركى مۇئەييەن ئىقتىسادى ئاساسقا ۋە مول قۇرۇلۇش تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىتان خانلىقى تۈرلۈك مەدەنىيەتلەرنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن خەنزۇ ئىختىساسلىرىنى جەلپ قىلغاندىن باشقا سوڭ سۇلالىسى بىلەن سودا قىلىش ئارقىلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەن. قىسقىسى قىتانلاردىن ئىبارەت بۇ باتۇر چەۋەنداز مىللەت ھەقىقەتەنمۇ جۇڭگونىڭ شىمالىدا بىر گۈللەنگەن دەۋرنى ياراتقان. ۋەھالەنكى، مۇشۇنداق بىر قۇدرەتلىك خەلق كىيىن تارىخ سەھنىسىدىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

لياۋ سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى


لياۋ سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشىنى تارىخنامىلەردىن بىلىش تەس ئەمەس. خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا لياۋ سۇلالىسى بىلەن شىمالىي سوڭ سۇلالىسى 160 نەچچە يىلى تىركەشكەن. ھالبۇكى لياۋ سۇلالىسى ئەڭ ئاخىرىدا بۇرۇن ئۆزلىرىگە قارام بولغان جورجىتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. جورجىتلارنىڭ سەردارى ۋەنيەن ئاگۇدا لياۋ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى باسقىن قىلىپ، 1115- يىلى جىن سۇلالىسىنى قۇرغان. 10 يىلدىن كىيىن بىر مەزگىل گۈللەنگەن لياۋ سۇلالىسى پۈتۈنلەي بەربات بولغان. بەختكە يارىشا ئامان قالغان بىر بۆلۈك قىتانلار خان جەمەتىدىن بولغان يوللۇغ تاشىننىڭ يېتەكچىلىكىدە غەربكە كۈچۈپ، ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا غەربىي لياۋ خانلىقىنى يەنى قارا قىتان خانلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىقمۇ بىر مەھەل دەۋر سۈرۈپ، كىيىن چىڭگىزخان تەرىپىدىن يوقىتىلغان. شۇنىڭدىن كىيىن قالدۇق قىتانلار يەنە ھازىرقى ئىراننىڭ جەنۇبىدا كېرمان پادىشاھلىقىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي يەنىلا يات ئەلدە ئۈن-تىنسىز يوقالغان.

قىتان مەدىنىيىتىنىڭ يوقىلىشى


جۇڭگو تارىخىدا گەرچە سۇلالىلەر كۆپ ئالماشقان بولسىمۇ ئەمما ئەسلىدە بار بولغان مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ھامان دەۋردىن دەۋرگە تارقىلىپ كەلگەن. ھالبۇكى قىتان سۇلالىسى يوقالغاندىن كىيىن قىتان مەدەنىيىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقالغان .
تارىخى خاتىرىلەرنى تەھلىل قىلىشتىن قارىغاندا قىتان سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1271- يىلى يۈەن سۇلالىسى قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان 300 نەچچە يىل جەريانىدا جۇڭگودا لياۋ، شىمالى سوڭ، غەربىي شيا، جىن، جەنۇبىي سوڭ ۋە يۈەن سۇلالىسى قاتارلىق سۇلالىلەر ئۆتكەن. بۇ جۇڭگو تارىخىدىكى ئالاھىدە دەۋر بولۇپ ، ھەرقايسى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئوخشىمىغان مىللەتتىن بولغاچقا، سۇلالىلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىمۇ پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئورنى ۋە مەدىنىيىتىدە ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان. جورجىتلارنىڭ جىن سۇلالىسى قىتانلارنىڭ لياۋ سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئالغاندىن كىيىن ئىسيانكار قىتانلارنى قاتتىق باستۇرغان. تارىخناملەردە خاتىرىلىنىشىچە، بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىق بىر ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان. قىتان مەدىنىيىتىمۇ ئېھتىمال مۇشۇ مەزگىلدە ۋەيران بولغان بولسا كېرەك .
ئۇنىڭدىن باشقا جىن سۇلالىسى قۇرۇلغاندا تېخى ئۆز يېزىقى يوق بولۇپ ، ئامالسىز خەنزۇ يېزىقى ۋە قىتان يېزىقىنى قوللانغان. كىيىن خەنزۇ يېزىقىدىن پايدىلىنىپ جورجىت يېزىقى ئىجاد قىلىنغاندا، جىن سۇلالىسى پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ قىتان يېزىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. قىتان يېزىقى ئېھتىمال مۇشۇ سەۋەبتىن يوقالغان بولسا كېرەك . مۇشۇنداق ھۆكۈملەردىن قارىغاندا قىتان مەدىنىيىتىنىڭ يوقىلىشىنى چۈشىنىشمۇ تەس ئەمەس.

قىتانلار نەگە كەتتى؟


قىتان مەدىنىيىتى يوقالغان ئىكەن، ئۇنداقتا قىتانلار بىر مىللەت سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن قانداق يوقالغان ؟ تارىخناملەردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا لياۋ سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كىيىن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى بۆلەك قىتانلار قېلىپ قالغان. بۇلارنىڭ بىر بۆلىكى قىتانلارنىڭ ئاخىرقى پادىشاھىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، يەنە بىر بۆلۈكى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى نەنجىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى قىتانلار بولۇپ ، يەنە ھەرقايسى جايلاردا تارقاق ماكانلاشقان قىتان پۇقرالىرى ۋە ئەسكەرلىرىمۇ بولغان. ئۈزلۈكسىز تېپىلىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۇلاردىن قالغان يادنامە بولۇپ ، بۇ بىر قىسىم قىتانلارنىڭ جورجىتلارغا ئەل بولغانلىقىنى، بىر قىسىملىرىنىڭ شىمالغا ـ ئۆزلىرىنىڭ ئانا ماكانىغا كۈچۈپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىر قىسىملىرىنىڭ شىمالدىكى باشقا مىللەتلەرگە پەيدىن-پەي قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. تېخىمۇ چوڭقۇر ئارخېئولوگىيىلىك دەلىللەشلەردىن قارىغاندا پۈتكۈل جىن سۇلالىسى دەۋرىدە قىتانلار ئۈزلۈكسىز قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تۇرغان. موڭغۇللار باش كۈتۈرگەندىن كىيىن قىتانلار بەس-بەستە ئۇلارغا بېقىنىپ، چىڭگىزخانغا تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قىتانلارنىڭ كۈچى يەنىلا كۈشلۈك بولغان. ھالبۇكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، مىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ قىتانلار ئۈن-تىنسىز غايىب بولغان. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئىچىدە قىتانلارنى تاپقىلى بولمايدۇ.
ئۇنداقتا نەچچە مىليون نوپۇسلۇق قىتانلار زادى نەگە كەتتى؟ تارىخچىلار بۇ ھەقتە مۇنداق ئۈچ خىل ئېھتىماللىقنى ئوتتۇرغا قويغان: بىرىنچى، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ماكانىدا ئولتۇراقلاشقان قىتانلار پەيدىن-پەي ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇپ، باشقا مىللەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ئىككىنچى، غەربىي لياۋ خانلىقى يوقالغاندىن كىيىن چۆللىكنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم قىتانلار غەربكە كۈچۈپ ئىراننىڭ كېرمان رايونىغا بېرىپ، ئىسلاملىشىپ كەتكەن. ئۈچىنچى ، موڭغۇللار بىلەن جىن سۇلالىسى ئوتتۇرىدا ئۇرۇش پارتلىغاندىن كىيىن «ئاشلىق يېمەسلىككە قەسەم قىلغان» قىسمەن قىتانلار موڭغۇللارغا بېقىنىپ، موڭغۇل قوشۇنلىرىغا ئەگىشىپ، ھەربىي يۈرۈش قىلىش جەريانىدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن.

قىتانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى


كىشىلەر قىتانلارنىڭ ئىزىنى ئىزدەۋاتقان پەيتتە چوڭ ھىڭگان تېغى، نەن جياڭ دەرياسى ۋە خۇلىنبېر يايلىقى كىسىشىدىغان جايدا ياشايدىغان داغۇرلار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئارىسىدا نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بىر بۆلۈك قىتان قوشۇنى بۇ يەردە قەلئە، قورغان سېلىپ ماكانلىشىپ قالغان دەيدىغان بىر رىۋايەت بولۇپ ، بۇ قوشۇننىڭ سەردارى ساگىردىخان داغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىكەن.
تارىخچىلار قىتانلار بىلەن داغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆرۈپ-ئادەت، دىن، تىل، تارىخنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، داغۇرلارنىڭ قىتانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئەڭ كۆپ ۋارىسلىق قىلغان مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ئىسپاتلارنى تېپىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۈننەننىڭ شىدىيەن ناھىيىسىدە ئەجدادىنىڭ قەبرىسىدە قىتان يېزىقى بار بىر ئالاھىدە خەلق بايقالغان بولۇپ ، ئۇلار ئۆزلىرىنى «پېقىر» دەپ ئاتايدىكەن. شىدىيەن ناھىيىسىنىڭ يۈۋاڭ يېزىسىدىكى بىر «پېقىر» ئىبادەتخانىسىدا كىشىلەر ئۈستىگە «يوللۇغ»(耶律) دېگەن ئىككى خەت ئۇيۇلغان بىر لەۋھە تاختىسىنى تاپقان بولۇپ ، «پېقىر» لارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئاسۇلۇنىڭ يادنامىسى، شۇنداقلار ئۇلارنىڭ قىتانلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئىكەن.
تارىخنامىلەردە ھەقىقەتەنمۇ ئاسۇلۇنىڭ موڭغۇللارغا بېقىنغان قىتان ئەۋلادى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئەجدادىنىڭ غەربىي جەنۇبتىكى توپىلاڭنى تىنجىتىش ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى خاتىرىلەنگەن. ئەمما «پېقىر» لارنىڭ ئاسۇلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى قانداق ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ ؟
مۇتەخەسسىسلەر DNA تېخنىكىسى ئارقىلىق بۇ سىرنى ئاچماقچى بولغان. ئۇلار سىچۇەننىڭ لى شەندىن بىر قىتان ئايالنىڭ جەسىتىنىڭ بېغىش سۆڭىكىنى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ چى فېڭدىن بىر دەلىللەنگەن قىتاننىڭ جەسىتىنىڭ چىشى، باش سۆڭىكى، يۈننەننىڭ باۋشەن، شىدىيەن قاتارلىق جايلىرىدىن «پېقىر» لارنىڭ قېنىنى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ مولىداۋا خۇشۇنى ۋە باشقا بىر نەچچە خۇشۇن، ناھىيىلەردىن داغۇر، ئېۋىنكى، موڭغۇل ۋە خەنزۇلارنىڭ قېنىنى ئالغان ھەم ئەۋرىشكىلەردىكى چىش يىلىكى ۋە سۆڭەك يىلىكىدىن كېرىمنىي ئۇسۇلى بىلەن ئېلىنغان خوندرىىۇسۇم DNA سىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى «داغۇرلارنىڭ قىتانلار بىلەن ئەڭ يېقىن ئىرسىيەت مۇناسىۋىتى بار، ئۇلار قىتانلارنىڭ ئەۋلادى. يۈننەندىكى «پېقىر» لارنىڭ داغۇرلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئاتىلىق نەسەبداشلىقى بار. ئۇلار ئېھتىمال موڭغۇل قوشۇنىدىكى قىتان سەركەردە – لەشكەرلەرنىڭ ئەۋلادى بۇلىشى مۇمكىن» دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
تارىخچىلار بۇ يەكۈنگە ئاساسلىنىپ ھەم ئۇنى تارىخى ماتېرىياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاخىر قىتانلارنىڭ ئىز-دېرىكى توغرىسىدا مۇنداق يەكۈنگە كەلگەن: يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇللار ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كىسىپ ئۆتكەن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، يىلمۇ- يىل ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، ئۈزۈلدۈرمەي قوشۇن تارتقاندا، جەڭگە ماھىر قىتانلارنىڭ ھەممىسى ھەربىي يۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى داغۇرلارغا ئوخشاش خېلى چوڭ توپ بولۇپ مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان. بەزىلىرى يەرلىكلەرگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ ، «ئۇرۇقلۇق بولۇپ قالغان ئەۋلاد» سۈپىتىدە ھەرقايسى جايلارغا تېرىقتەك چېچىلىپ كەتكەن.
   

مەنبەسى ئالىم بىز بىلوگى




سىزئۆزىڭىزنى پەقەت ئۆزىڭىزلا قۇتقۇزالايسىزئۆزكۈچىگەتايىنىشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقدىرى مەڭگۈئۆزقولىدابولمايدۇ.
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 04:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 05:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر كىتاپتا كۆرۈشۈمچە قىتانلارنى تۈركى مىللەتكە  تەۋە بىر قەبىلىنى نامى دەپ چۈشەندۈرۈپتىكەن.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

تىل،يېزىق،مىللەت...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 665
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30625
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 06:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-5-24 04:56 PM
بۇرۇن بىركىتاپتا  قىتان  دېگەن خىتاي دېگەن سۆزنىڭ قە ...

قىتان بىلەن خىتاينىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق ئاتالغۇ.
خىتاي،پارىسچە چىندىكى خەن مىللىتىنى كۆرسىتىدۇ.رۇسچە كىتاي ھازىرقى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنى كۆرسىتىدۇ.

تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ...
ــــ «قۇم باسقان شەھەر»مەمتىمىن ھوشۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 07:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىتاي دىگەن مۇشۇ خەنلەر شۇ

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 07:10:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىتان ئۇمۇ جەسۇر مىللەت ، بۇرۇنقىلار يەپ تۈگىتىۋىتىپ ، ئۇ مىللەتنى يوق قىلدى مانا ..

ئاللاھ ساقلىسۇن .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
aㄒamaη بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 07:19:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3785
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 07:49:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تارىخ دەرىسى ئاڭلىدىم ،بۇ بىر ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 11:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى «契丹»نى قىتان دەپ تەرجىمە قىلىدىكەندە،بىر چاغلاردا مۇشۇلارغا ئائىت ماتىرىيال كۆرگەن ئىدىم،مۇشۇلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە يوقاپ كېتىشى سۆزلەنگەن ماتىرىيالكەن.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 11:02:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى «契丹»نى قىتان دەپ تەرجىمە قىلىدىكەندە،بىر چاغلاردا مۇشۇلارغا ئائىت ماتىرىيال كۆرگەن ئىدىم،مۇشۇلارنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە يوقاپ كېتىشى سۆزلەنگەن ماتىرىيالكەن.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش