ياڭاق بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، ئۈچەينى سىلىقلايدۇ
ياڭاقنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، قان تۇلۇقلاش، ئۆپكىنى ياخشلاپ ئۈچەينى سىلىقلاش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق ئىقتىدارغا ئىگە. تۆۋەندە ياڭاق ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللىكنىڭ ئاددى رېتسىپلىرىنى چۈشەندۈرىمىز.
1. ياڭاق، ھەسەل، چاينى بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلغاندا، ئاستا خاراكتىرلىك قەۋزىيەتنى داۋالىغىلى بولىدۇ: 5 گىرام ياڭاق، 1 گىرام ھەسەلنى قايناقسۇغا سېلىپ ئىستېمال قىلغاندا، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
2.ياڭاق بىلەن كۈنجۈتنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلغاندا چاچقا بالدۇر ئاق كىرىشىنى داۋالىغىلى بولىدۇ: ياڭاق بىلەن كۈنجۇتتىن 5 گىرامنى ئىزىپ، مەلھەم قىلپ ئىستېمال قىلغاندا، چاچقا بالدۇر ئاق كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. ياڭاق بىلەن زەنجىۋىلىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىستېمال قىلغاندا، يۆتەل ۋە دەم سىقىلشنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدۇ: بىر تالدىن ئىككى تالغىچە ياڭاق مېغىزى، بىر پارچىدىن ئىككى پارچىغىچە زەنجىۋىلنى ئۇششاق ئىزىپ، ھەر كۈنى ئەتىگىنى ۋە كەچتە بىر ۋاقتىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۆپكە ۋە تالنى قۇۋۋەتلەپ، بەلغەمنى بوشىتىپ نەپەسنى ياخشىلايدۇ. بولۇپمۇ ئۆپكە ۋە بۆرەك ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىپ، ئۇۇن مۇددەتلىك يۆتەل، بەلغەم ۋە دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
4. ياڭاق بىلەن سۈتنى قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ: 6 تال ياڭاقنى بىر ئىستاكان سۈتكە سېلىپ، قاينىتىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ياخشى ئۇخلىغىلى بولىدۇ.
5. ياڭاق سېلىپ تەييارلانغان گۈرۈچ ئۇمىچىنى ئىستېمال قىلغاندا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ: 50 گىرام ياڭاق مېغىزى ۋە 50 گىرام گۈرۈچنى 500مىللىلىتىر سۇغا سېلىپ، كۈچلۈك ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، ئوتنى پەسەيتىپ، ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
مەنبە : خەلق تورى .
http://uyghur.people.com.cn/156019/15227606.html