مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2173|ئىنكاس: 22

تاش ئالمىنىڭ رەقىبى كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 01:03:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

گەرچە شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتسىمۇ يەنىلا ئالدىمىزدا چوڭ خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۈمكىن، مەن بۇ تەھلىلنى پەقەت سان- سىفىرلارنى تەھلىل قىلشى ئارقىلىقلا قاراشلىرىمنى ماتىماتىكىلىق ئۇسۇل بويىچە ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇنى مۇكەممەل بولغان ئانالىز دېيىشكە بولمايدۇ، ھەمدە توپ دېگەن يۇمۇلاق نەرسە، كوماندىدا سەۋىيە جەھەتتە ئۆسۈش چېكىنىش بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنى پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن ئوقۇپ بېقىشقا بولىدۇ.

                                     تاش ئالمىنىڭ رەقىبى كىم؟

   2012- يىللىق جۇڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىغا 14 ئۆلكە، 5 بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن 26 كوماندا قاتناشقان. شىمالىي رايۇندا 6 ئۆلكە، 3 شەھەردىن شىنجاڭ تاش ئالما، بېيجىڭ يىتوڭ (北京亿通酷车)، بېيجىڭ سەنگاۋ (北京三高)، بېيجىڭ ياشلار (北京青年)، چىڭخەي سېنكې (青海森科)، چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى (青海足球队)، خېبېي جوڭجى (河北中基)، خېبېي ياشلار (河北青年)، شەنشى لاۋچېڭگېن (陕西老城根)، شاڭخەي جوڭباڭ (上海中邦)، سەنشى جيايى (陕西بىلەن山西 نى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن山西 نى سەنشى دەپ ئالدىم)(山西嘉怡)، تىيەنجىن پاراۋۇز (天津火车头)، شەندوڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى (山东男足) قاتارلىق 13 كوماندا بار. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا بېيجىڭ شەھرى 3 كوماندا، چىڭخەي ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتناشتۇرغان، شەنشى ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتماشتۇرغان بولۇپ، بىر كوماندىسى شىمالدا بىر كوماندىسى جەنۇپتا ئوينايدۇ. شىمالدا ئويناشقا تېگىشلىك چىڭداۋ كوماندىسى مۇسابىقە پەسلىدىن بۇرۇن كوماندىنىڭ تارقىتىۋىتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان. جەنۇبىي رايۇندا 9 ئۆلكە، 2 شەھەردىن 13 كوماندا قاتناشتۇرلغان بولۇپ، شىنجىن شەھرى 2 كوماندا، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى 2 كوماندا قاتناشتۇرغان، شەنشىنىڭ بىر كوماندىسى جەنۇپتا ئوينايدۇ. مۇسابىقە 4- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. شىمالىي رايۇندا 156 مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ، ھەر بىر كوماندا ئۆز مەيدانىدا 12 مەيدان، رەقىبىڭ مەيدانىدا 12 مەيدان جەمئىي 24 مەيداندىن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

    شىنجاڭ كوماندىسى 6 قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىدە 4 مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، 6 توپ ئۇرۇپ، 1 توپ كەتكۈزۈپ، بىر قېتىممۇ يېڭىلمەي، 14 نومۇر بىلەن شىمالدا 1- ئورۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.

كوماندا                                               كىرگۈزگەن توپ       نومۇر

شىنجاڭ-شەنشى                                  0:1                      ئۇتتۇق، 3 نومۇر

شىنجاڭ-چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى    0:1                      ئۇتتۇق، 3 نومۇر

شىنجاڭ-سەنشى جيايى                        0:0                      تەڭلەشتۇق، 1 نومۇر

شىنجاڭ-تيەنجىن پاراۋۇز                     0:0                      تەڭلەشتۇق، 1 نومۇر

شىنجاڭ-خېبىي ياشلار                         0:2                       ئۇتتۇق، 3 نومۇر

شىنجاڭ-بېيجىڭ سەنگاۋ                     1:2                      ئۇتتۇق، 3 نومۇر

     بۇ ئەھۋاللارنى مەن دېمىسەممۇ ھەممەيلەن بىلىمىز، ئۇنداقتا بىر قېسىم تورداشلار ھەممەيلەن بىلىدىغان كونا گەپلەرنى بۇ يەرگە يېيىپ نېمە دېمەكچى سەن، دېيىشى تۇرغانلا گەپ. جەڭدە ئۆزىنىمۇ بىلىش، ئۆزگىنىمۇ بىلىش دەيدىغان بىر گەپ بار. غەلىبىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دۈشمەن ئەھۋالىنى بىلىش، ئالدىدا يولۇقىدىغان قىيىنچىلىق- مۈشكىلاتلارنىمۇ بىلىش ۋە بۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەدبىرلىرىنى قىلىش ئاقىلانىلىق.

       ئۆزىمىزنى تەھلىل قىلساق: مەيدان ئورۇنلاشتۇرۇش، تاكتىكا، ئەزالىرىمىزنىڭ باشقا كوماندىدىكىلەردىن ئۈستۈنلىكى قاتارلىقلار بىر قەدەر ئۆزگۈرۈشچان ۋە مۇرەككەپ مەسىلە بولغاچقا بۇلار كىيىنگە قالدۇرۇلۇپ سان- سىفىرلارغا ئاساسەن پۇتبول كوماندىمىز ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

        5- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە 2 مەيدان ئۆز مەيداندا، 4 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا، 6 مەيدان ئويناپ، بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرمىدۇق،  كەتكۈزۈپ قويغان توپىمىز پەقەت بىر توپ بولۇپ بۇ جەھەتتىمۇ 13 كوماندا ئارىسىدا 1- ئورۇندا تۇرىمىز. بۇ چوڭ غەلىبە ئەلۋەتتە. چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى 5 مەيدان ئويناپ 5 قېتىم ئۇتتۇرۇپ، 20 نومۇر كەتكۈزگەن بولۇپ، 0 نومۇر بىلەن ئارقىدىن 1- ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئادەمنى خوشال قىلىدۇ. مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە يەنە 11 مەيدان ئۆز مەيدانىمىزدا ئوينايمىز. 9 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايمىز، تەلىيىمىزگە 7-، 8- ئايلاردا ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ھۇرراچى ئوقۇغۇچىلار تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا رەقىپلەرنىڭ مەيدانىدا بىزنىڭ مۇسابىقىمىز ئازراقكەن، ئاساسەن ئۆز مەيداندا بولىدىكەن. بۇمۇ بىزدىكى بىر ئۈستۈنلۈك.

     ئەمدى رەقىپلىرىمىزگە قاراپ باقساق:

    (1) گەرچە 6 قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقە تۈگۈگەن بولسىمۇ، لىكىن 4- ئاينىڭ 21- كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرغان 1- ئايلانما مۇسابىقىدىكى 10 كوماندىنىڭ مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، خېبىي جوڭجى بىلەن بېيجىڭ ياشلار كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقە تېخى ئېلىپ بېرىلمىدى، ئالدىمىزدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. خېبىي جوڭجى پەقەت 5 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى، بېيجىڭ ياشلار 4 مەيدان ئوينىدى. 2 مەيدىنى بار، بۇنىڭ بىر قېتىملىقى يۇقىرىدا دېگەندەك خېبىي جوڭجى بىلەن ئوينىلىدۇ، بېيجىڭ ياشلارنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى مۇسابىقە تەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قۇرۇق ئايلانما مەيدان(轮空). (شىمالدا 13 كوماندا بولغاچقا، ئىككىدىن جۈپلىسە بىرى ئېشىپ قالغاچقا، ھەر ئايلانمىدا بىر كوماندا قۇرۇق ئايلىنىدۇ،ھەر بىر كوماندا مۇسابىقە تۈگىگىچە 2 قېتىم قۇرۇق ئايلىنىدۇ. شىنجاڭمۇ 5- ئاينىڭ 30- كۈنى قۇرۇق ئايلىنىدۇ. بۇ كۈنكى مۇسابىقە ب دەرىجىلىك رەسمىي مۇسابىقە ئەمەس). گېپىمىزنى قىسقارتساق گەرچە بىز 14 نومۇر بىلەن ۋاقتىنچە 1- ئورۇندا تۇرغان بىلەن ناۋادا خېبىي جوڭجى 5 مەيداننى تولۇق ئوينىغان بولسا يەنىلا بىز1- ئورۇندا تۇرىۋىرەرمىتۇق؟ تەھلىل قىلىپ باقايلى: بىز 6 مەيداندا 14 نومۇر ئالدۇق، خېبىي جوڭجى 5 مەيداندا 13 نومۇر ئالدى، ئەگەر خېبىي جوڭجى كوماندىسى بىيجىڭ ياشلار بىلەن مۇسابىقىنى قالدۇرماي ئوينىغان بولسا دەيلى، تەڭلەشسە 1 نومۇر ئېلىپ نومۇرى 14 بولاتتى، ئۇتسا 3 نومۇر ئېلىپ 16 نومۇر بولاتتى، ئۇتتۇرسا 0 نومۇر ئېلىپ ھاززىرقى 13 نومۇرنى ساقلاپ قالاتتى. لىكىن 5 مەيداندا 4 ئۇتۇپ 1 تەڭلىشىپ بىر قېتىممۇ ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، 11 توپ ئۇرۇپ، 2 كەتكۈزۈپ،  2- ئورۇندا تۇرىۋاتقان خېبىي جوڭجى كوماندىسىنىڭ بېيجىڭ ياشلارنى ئۇتىۋىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، تەڭلىشىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. ئەگەر خېبىي جوڭجىنىڭ مۇسابىقىسى ۋاقتىدا ئوينالغان بولسا بىز يەنە 1- ئورۇندا تۇرالارمىتۇق، كىيىن تولۇقلاپ ئوينالغاندا ئەھۋال قانداق بولار؟

     (2)بىز نومۇر جەھەتتە 1- ئورۇندا تۇرغان بىلەن كىرگۈزگەن توپىمىزغا قاراپ باقساق، 6 توپ كىرگۈزۈپتۇق، بۇمۇ يامان ئەمەس نەتىجە، لىكىن، بىزنىڭ ئارقىمىزدىن قوغلۇشۇپ كېلىۋاتقان 3 رەقىبىمىز خېبىي جوڭجى 5 مەيدان ئويناپ 11توپ ئۇرۇپ 2 كەتكۈزۈپ، بېيجىڭ يىتوڭ كۇچې 6 مەيدان ئويناپ 12 توپ ئۇرۇپ، 4 كەتكۈزۈپ، چىڭخەي سېنكې 5 مەيدان ئويناپ 12 توپ ئۇرۇپ، 5 كەتكۈزۈپ ھەممىسى13 نومۇر بىلەن بىزگە خىرىس قىلىپ كەلمەكتە. ساپ توپ كىرگۈزۈش (كىرگۈزگەن توپىدىن كەتكۈزۈپ قويغان توپىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىنكى نەتىجە) جەھەتتە خېبىي جوڭجى ( 5مەيدان ئويناپ) 9 توپ بىلەن 1- ئورۇندا، بېيجىڭ يىتوڭ كۇچې 8 نەتىجە بىلەن 2- ئورۇندا،  چىڭخەي سېنكې 7 توپ بىلەن 3- ئورۇندا، شىنجاڭ بىلەن بېيجىڭ ياشلار 5 توپ بىلەن 4- ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ تۈردە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان كوماندا بىلەن 4 توپ پەرقىمىز بار. گەرچە ئۇرغان توپقا نومۇر بەرمىسىمۇ، پەقەت ئىككى كوماندىنىڭ نومۇرى تەڭلىشىپ قالسا، ئۇرغان توپىغا قاراپ دەرىجىگە تىزسىمۇ، كوماندىمىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئاجقىزلىقى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.

  دېمەك شىمالىي رايۇندا بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رەقىپلىرىمىز خېنەن جوڭجى، بىيجىڭ يىتوڭ كۇچې، چىڭخەي سېنكى كوماندىلىرى بولىشى مۈمكىن.

   (3) تيەنجىن كوماندىسى 35 مىڭ كىشىلىك ئالۋاستى مەيدانىمىزدا تەڭلىشىۋالدى، بىيجىڭ سەنگاۋ 45 مىڭ كىشىلىك ئالۋاستى مەيدانىمىزدا 1 توپ ئۇرۇۋالدى ۋە ئۇرغاندىمۇ بىزدىن بۇرۇن ئۇرۇۋالدى، 5 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىكتەك شەرەپلىك تارىخىمىزغا خاتىمە بەردى. 2 رەقىبىمىزنىڭ پىسىخىك بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى خېلى يامان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇق. يەنە ئالدىمىزدا رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايدىغان 9 مەيدان مۇسابىقە بار. رەقىپلىرىمىزنىڭ كۆزى ئېچىلىپ بىزگە ئوخشاشراق (بىزدەك مەيدان تەشكىللىيەلىشى مۈمكىن ئەمەس) ئالۋاستى مەيدان تەشكىللەپ قالسا، كوماندىمىزنىڭ روھى جەھەتتىكى تەييارلىقى قانداقراق، بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەمدۇ بۇمۇ ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.

   (4) ئەمدى ئۇتقان،تەڭلەشكەن  كوماندىلىرىمىزغا قاراپ باقايلى.

    چىڭخەي پۇتبول كوماندىسى. بۇ كوماندا 5 مەيدان ئويناپ 5 مەيدان ئۇتتۇرۇپ،  1 توپ ئۇرۇپ،20  توپ كەتكۈزۈپ، 0 نومۇر بىلەن ئاخىرىدا تۇرىۋاتقان كوماندا. مۇشۇنداق ئاجىز كوماندىنى  بىز پەرقەت 0گە قارشى 1 نەتىجقە بىلەن ئۇتتۇق. خېبىي جوڭجى بۇ كوماندىنى 1گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن ئۇتقان.

    خېبىي ياشلار. بۇ كوماندا 4 مەيدان ئويناپ 2 مەيدان تەڭلىشىپ،  2مەيدان ئۇتتۇرۇپ،  5 توپ ئۇرۇپ،8 توپ كەتكۈزۈپ، 4 نومۇر بىلەن ئاخىرىدىن 5- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. مۇشۇنداق بىر قەدەر ئاجىز كوماندىنى  بىز   0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇق. بۇ ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئۇتۇش بولدى.

     بىيجىڭ سەنگاۋ. بۇ كوماندا 5 مەيدان ئويناپ 2 مەيدان ئۇتۇپ  2 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 7 توپ ئۇرۇپ،8 توپ كەتكۈزۈپ، 7 نومۇر بىلەن 8- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندىنى  بىز 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇق.

     تيەنجىن پاراۋۇز. بۇ كوماندا  4مەيدان ئويناپ 0 مەيدان ئۇتۇپ،  3 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 2 توپ ئۇرۇپ،7 توپ كەتكۈزۈپ، 1 نومۇر بىلەن 11- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندا بىلەن بىز 0گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن ئۆز مەيدانىمىزدا تەڭلەشتۇق.

     سەنشى جيايى. بۇ كوماندا   5مەيدان ئويناپ 0 مەيدان ئۇتۇپ،  4 مەيدان ئۇتتۇرۇپ، 1 تەڭلىشىپ، 2 توپ ئۇرۇپ،13 توپ كەتكۈزۈپ، 1 نومۇر بىلەن 12- ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا. بۇ كوماندا بىلەن بىز 0گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن تەڭلەشتۇق.

     تەڭلەشكەن كوماندىلار نۇقتىسىدىن ئېيتساق بۇلار 11-،12- ئورۇندىكى ئاجىز كوماندىلار، ئۇتقانلىرىمىزدىن بىرى 13- ئورۇندىكى كوماندا، ئىككىسى 5-، 8-،10- ئورۇندىكى كوماندىلار. ئۇتقان تەڭلەشكەنلىرىمىزنىڭ 4ى 13 كوماندا ئىچىدە 10-،11-،12-،13- ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ ئاجىز كوماندا. بىرى ئوتتۇرىھال، بىرى 5نىڭ ئىچگە كىرگەن كوماندا. بىز پەقەت ب دەرىجىلىكلەر ئىچىدىكى ئاجىزلارنى ئۇتتۇق.

     بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇكى، بىز تېخى ھەقىقىي رەقىپكى دۇچ كەلمىدۇق.بىز ئەمدى تېخى پىچكىلەرنى بىر تەرەپ قىلدۇق،  ھەقىقىي رەقىپلىرىمىز بىزنى ھەم قىزىقىش، ھەم ھودۇقۇش-تەمتىرەش، ھەم ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ.

     بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رەقىپلىرىمىز بىرىنچىسى: خېنەن جوڭجى، بىيجىڭ يىتوڭ كۇچې، چىڭخەي سېنكى كوماندىلىرى بولۇپ خەتەرلىكى خېنەن جوڭجى كوماندىسى. ئىككىنچىسى: ئۆزىمىز. ئاجىز كوماندىلار بىلەن ئويناپ ئۇتۇپ، تەڭلىشىپ  ھەقىقىي رەقىپكە دۇچ كەلمەي، يىتەرسىزلىكىمىزنى كۆرمەي، بىز 1- ئورۇندا دەپ مەغرۇرلىنىپ يۈرسەك ئېنىقكى ......

      يەنە 18 مەيدان مۇسابىقىمىز بار، 1- ئورۇننى ساقلاپ قالالامدۇق، قاچانغىچە ساقلاپ قالالايمىز، تاش ئالمىنى ئاللە نىڭ ئۆزىگە تاپشۇردۇم. قاملاشمىغان تەھلىلىم بىلەن تورداشلارنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويغان بولسام  كەچۈرەرسىلە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   DILKASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-24 01:07 AM  


بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1312 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 04:04:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈچلۈك ھېسابلانغان تەرەپنىڭ تاكتىكىلىرىنى ئوبدان كۆزىتىشىنى ، ئوغلانلىرىمىزنىڭ ھارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز !

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 09:03:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە يەنە 11 مەيدان ئۆز مەيدانىمىزدا ئوينايمىز. 9 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايمىز،" دېگەننى مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە يەنە 10 مەيدان ئۆز مەيدانىمىزدا ئوينايمىز. 8 مەيدان رەقىپلەر مەيدانىدا ئوينايمىز، دەپ تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 1005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6394
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1294 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 11:45:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تەھلىلىڭىزگە....

تاش ئالما ،ھۇرررا !

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 767
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11488
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 11:56:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ھازىرغا قەدەر ئۇتقان ۋە تەڭلەشكەن كوماندىلارنىڭ ھەممىسى ئاجىز كوماندىلار . چىڭخەينى بىز 1:0 ئۇتقان ، ئەمما شەندوڭ 9:0 ئۇتتى ، بىز تېخى كۈچلۈك رەقىبلەر بىلەن ئوينىمىدۇق ، شىنجاڭ بىلەن نومۇر جەھەتتە ئاخىرغىچە تىركىشەلەيدىغان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە :
青海森科
河北中基
北京亿通酷车
شىنجاڭ ئەڭ ئاخىردا چوقۇم 13 كوماندىنىڭ ئالدىنقى ئىككىسىگە كىرەلمىسە بۇ يىل ئۇتتۇرغان بولىدۇ .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36604
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7242 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 11:57:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشئالمىنىڭ بىرنچى بولۇشىدىن ئۇنىڭ بىزدە ئويغاتقان روھى ھەممدىن ئەھمىيەتلىك.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!
ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 12:00:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20119
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 4507 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 12:40:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىپسىز، بەك ئەتراپلىق ئانالىز بوپتۇ، مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتقان، بىزنىڭ كوماندىمىزدا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىنى تۇتۇشقا ماھىر  ناھايىتى سەرخىل ئالدى ھۇجۇمچىدىن بىرى كەم. ئالدىمىزدا ئۇتتۇرۇشنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ، لىكىن باللانىڭ ماھارىتىمۇ چوڭ مەيدان كۆرۈپ پىشىۋىتىپتۇ، يەنە قازاق ۋارتارىمىزمۇ بەك ئىسىلكەن، بۇ كىتىپ روس مەشقاۋۇل سىرگىنىڭ تاكتىكا ئوتۇنلاشتۇرىشىمۇ ياخشى بوپتۇ، بارغەنسىرى ياخشى بولۇپ كىتەر.

بىلىغىممۇ بىلىغىم، پىلتىڭلايدۇ بىلىغىم، قېرىغاندا قېرى تاتۇق، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىغىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20119
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 4507 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 12:43:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاش ئالما
تاشئالمىغا تاش ئاتما
ئىچكىرنىڭ كوماندىلىرىمۇ خىلى كۈچلۈك
ئالدىراپلا قاش ئاتما

بىلىغىممۇ بىلىغىم، پىلتىڭلايدۇ بىلىغىم، قېرىغاندا قېرى تاتۇق، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىغىم.

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22107
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10092 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 01:39:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بىزدە ئۇتتۇرۇشقىمۇ ئىدىيىدە تەييارلىق بولىشى كېرەك ،ئۇتتۇرغاندا كوماندا ئەزالىرمىزنى ئەيىپلەيدىغان سوزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. چۇنكى ئۇلارمۇ ئۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.ھەممىمىز ئۇتساق بولسا چېمپىيون بولساق دەيمىز ،رىياللىق رەھىمسىز.شۇڭا ئەڭ موھىمى كوماندىمىزنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن شاتلىق مىنۇتلىرى، ئېناق بىرلىكى ، بىز بۇنى قەدىرلىشىمىز ھەم داۋاملاشتۇرشىمىز  لازىم دەپ قارايمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش