مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6270|ئىنكاس: 21

ياپونلۇقلارنىڭ مىللىي خاراكتىرى(رەسىملىك) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 08:09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياپونلۇقلارنىڭ مىللىي خاراكتىرى

ياپونلۇقلارنىڭ مىللىي خاراكتىرىدە تىپىك بولغان شەرقچە ئالاھىدىلىك بار.بۇ خىل يادرولۇق ئالاھىدىلكنىڭ  تۈرتكىسىدە ،ياپونلۇقلاردا بىر قاتار زىددىيەتلىك خاراكتىرلار شەكىللەنگەن :ياپونلۇقلارنىڭ تەبئىي مىجەزى ئۇرۇشخۇمار ،ئەمما يەنىلا مۇلايىم ۋە كەمتەر خەلق؛بار كۈچى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ يۇ ،ئەمما يەنىلا گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ؛ئۆزىنى چوڭ تۇتىدۇ-يۇ ،سىلىق سىپايىلىقنى ئۇنۇتمايدۇ؛كاج-تەرسا خۇيى بار-يۇ ،ئەمما ئوڭۇشسۇزلۇققا يۇلۇققاندىمۇ كۆتۈرۈپ كىتەلەيدۇ؛ئىتائەتمەن ،ياۋاشلىقى بار-يۇ ،ئەمما باشقىلارنىڭ بوزەك ئىتىشىگە ،ئىدارە قىلىشىغا رازى بولمايدۇ؛پىداكىرانە سادىقلىقى بار-يۇ ،قەلبىدە يەنە ئاسيلىقمۇ بار؛ھەم قورقماس باتۇر ،ھەم توخۇ يۈرەك قورقۇنچاق؛ھەم مۇتەسسىپ ھەم يېڭىچە تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ؛ھەم جۈخار گۈلىنىڭ مۇلايىملىقى ۋە قايغۇ ھەسرىتى بار ،ھەم قېلىچنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە رەھىمسىزلىكى بار...........


ئامرىكا يازغۇچىسى رۇس بېنەدىكىتنىڭ "جۈخار گۈلى ۋە قېلىچ "ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە

nature_hd_best_of_nature_1920x1200_15893_18.jpg

ھۈپپىدە ئېچىلغان نۇرۇز گۈلى

2008081911541121983.jpg

نۇرۇز گۈلى

a2b8db5c88224c7cfbf2c088.jpg

ئەنئەنىۋى كىمونو كىيگەن خېنىم

01300000287245123071892663132.jpg

ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا چاي سۇنۇش

1248317425.jpg


ياپونىيەدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان ياماتو مىللىتىنىڭ مىللىي روھ يادروسىنى "كوللىكتىۋىزىملىق ئاساسىدىكى ئۆزىگە خىزمەت قىلىش "قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. "كوللىكتىۋىزىملىق ئاساسىدىكى ئۆزىگە خىزمەت قىلىش "بولسا ياماتو مىللىتى ياپون (نىپپون ياكى نىھون ) دۆلىتىنى قۇرۇش ، يېقىنقى زاماندا شىددەتلىك باش كۆتۈرۈش  ۋە  ھازىرقى زامان تەرەققىياتىغا قاراپ يۈزلىنىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىنىڭ بىرى.بۇنىڭ يىلتىزى ياماتو مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ۋە روھى ھالىتىنىڭ بىر خىل ئىكەنلىكىدە.قەدىمقى زاماندىكى ياپونلۇقلار پاكىنەكلەر (ياپونىيەدىكى يەرلىك مىللەت )،بىر قانچە ئاز سانلىق مىللەت ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كۆچۈپ بارغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ ،ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆز ئارا ئالاقە ۋە بىرلىشش جەريانىدىكى سىياسىي ،ئىجدىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتكى قۇشۇلۇش  ئۇلارنى بىر مىللەتكە ئايلاندۇرغان.بۇ خىل يەككە مىللەتلىك دۆلەت ئوخشاش بىر خىل مەدەنىيەتتىن بەھرىمان بولىدۇ ۋە ئۇلاردا ئوخشاش بولغان مىللىي خاراكتىر شەكىللىنىدۇ.رەسمىي سورۇنلاردا  ياپونلۇقلار ئارىسىدىكى يۇقىرى تۆۋەن دەرىجە پەرقى كىشلەرگە ناھايىتى زور پەرق باردەك تۇيغۇ بىرىدۇ، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئۈچۈن باش ئىگىپ تازىم قىلىپلا تۇرىدۇ.ئەمما ئادەتتكى نورمال سورۇنلاردا تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تۇيغۇ ئىچىدە ياشايدۇ.جەمىيەت سىنىپىلاشمىغان بۇلۇپ ،سىنىپىلاشقان ئىككىلەمچى مەدەنىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى تۇسۇپ قېلىنغان،شۇنىڭ نەتىجىسىدە ياپون مەدەنىيتىنىڭ بىردەكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان.

ياپونلۇقلار دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە مىللەت ھىساپلىنىدۇ.ئىلگىرى ،بۇ دۆلەتتىكى كۆپىنچە كىشىلەر شال تېرىشنى ئاساس قىلغان يەككە تېرىلغۇ ئىقتىسادىغا تايىنىپ جان باقاتتى ،بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش شەكىلىدە ئەتىيازلىق مايسا تىكىشتىن تارتىپ كۈزلۈك يىغىمغىچە پۈتۈن جەمەت ياكى قوشنا- قۇلۇملارنىڭ ياردىمى بولمىسا تېرىلغۇ ئىشلىرى تەسلىشىپ كېتەتتى.مانا بۇ ياماتو مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يادروسى بولغان ""كوللىكتىۋىزىملىق ئاساسىدىكى ئۆزىگە خىزمەت قىلىش " ئىدىيىسىنىڭ شەكىلىنىش سەۋەبى.ياپون مەدەنىيتىنى لاتا پۇرۇچلىرى جوڭگو ،ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ۋە يەرلىك مىللەتلەردىن كەلتۈرۈلگەن قۇراق كيىم دىسە تازىمۇ ماس كىلىدۇ .ياپونلۇقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتكە تايىنىپ تۇرۇپ ئىلھامغا ئېرىشىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ياپون مەدەنىيتىنىڭ  ئىككىلەمچى خاراكتىرى بۇ مىللەتنىڭ باشقا مەدەنىيەتتىن ئۆگىنىش ۋە ئۇچرىشىشتىكى قىممەت قارىشىنى بەلگىلىگەن.ئۇرۇشتىن كىيىنكى ياپونىيە تېخىمۇ دەبدەبىلىك ھالدا بار كۈچى بىلەن غەربنىڭ ئىلغار پەن –تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى كىرگۈزۈپ ، ئۇنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن ماس ھالغا كەلتۈرۈپ ،يېڭىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزگىچە شەرق مەدەنىيتى قىلىپ يارىتىپ چىقتى.

20683322.jpg

ياپونلاردىكى تاتامى (پول )

4314454_083213258057_2.jpg

قەدىمى قۇرۇلۇش

800px-Meiji-jingu_wedding_procession_-_P1000847.jpg

مېيجى جنگۇدىكى توي مۇراسىمى

2011517923180.jpg

ئەقىللىق يىشۇ

PORTRA~1.JPG

كىچىكىمىزدە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كۆرگەن ئەقىللىق يىشۇ فىلىمىدىكى يىشۇ (ئىككيۇ 1394-1481)كىيۇتۇ شەھىرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق راھىب ،فىلىمدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى يىشۇنىڭ بالىلىق ۋاقتى.


800px-Kinkaku-ji_01.jpg

كىيۇتۇدىكى كىنكاكۇجى سارىيى

Sumo_ceremony.jpg


رۇداۋچە چېلىشىش

800px-Itsukushima_torii_distance.jpg

ئىتسۇكۇشىما ئىبادەتخانىسىنىڭ توري


ياپونىيەنىڭ يېقىنقى زاماندىكى داڭلىق بىر مۇتەپەككۇرى مۇنداق دەيدۇ :"ياپونىيەدە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە پەلسەپە بۇلۇپ باقمىغان ".ياپونلۇقلاردا "تەبىئەتكە يېقىنلىق " ھېسىيات خاھىشى مەۋجۇت بۇلۇپ ،تەپەككۇردا ھېس تۇيغۇنى ئابىستىراكىت ئۇقۇملاردىن مۇھىم  بىلىدۇ ،تەجىربىنى ئىدىيە كۈرىشىدىن چوڭ بىلىدۇ .ياپون مەدەنىيتىدە  ئۆگىنىش ،تەقلىد قىلىش ۋە قايتا يېڭىلىق يارىتىش خاھىشى يۇقىرى ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.گەپنىڭ مېغىزىنى دىگەندە ئۇلارنىڭ مەدەنىيتىدىكى رىئالىزىم(ئەمەلىيەتچانلىق ) ۋە راتسىئونالىزىم(ئاقىلانىلىق ) بىرلىشىپ پىراگماتىزىمنى(قوللىنىشچانلىق) شەكىللەندۈرگەن."ئائىلە " ياپون مەدەنىيتىنىڭ ئاساسى ،ياپون ئەنئەنىسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بولسا "ئائىلە"نىڭ بىرلەشمىسى ،ئۇنىڭ ئەڭ چوققىسى بولسا خان جەمەتى .بۇ خىل كۆپ قاتلاملىق گۇرۇپپىداش مۇناسىۋەت ياپونىيە جەمىيىتىنىڭ سىياسى قۇرۇلمىسى بولغان دۆلەتنى شەكىللەندۈرگەن.بۇ خىل توغرىسىغا سۇزۇلغان جەمىيەت تەشكىلى قۇرۇلما ئاپپاراتىنىڭ قاتتىق دەرىجە ئالاھىىلىكى بار.ئەنئەنىۋى ياپون جەمىيىتىدە خان جەمەتى ۋە ئوردا ئاقسۆڭەڭلىرىدىن باشقا تەبىقە تەرتىپ بۇيىچە سامۇراي،دېھقان ،ئىشچى ،سودىگەر ۋە ئوغرى قاراقچىىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ياپونلۇقلار "ساداقەت "ۋە "ئىتائەت "كە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ.ياپونلۇقلاردىكى "ساداقەت "ۋە "ئىتائەت "چۈشەنچىسى جوڭگۇلۇقلانىڭكىگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ.ياپونلۇقلارنىڭ ئىدىيىسدە ھەر بىر ئەر ئايال تۇغۇلۇشىدىنلا بىر بىرىگە "ۋاپاردارلىق "قەرزى بۇلىدۇ.ئۇنداق بولغان ئىكەن ،ئەلۋەتتە ۋاپاغا ۋاپا قىلىش كېرەك .ۋاپاغا ۋاپا قايتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق شەكلى بولسا "ساداقەت "تۇر.ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ياپونلۇقلارنىڭ "كارخانا روھى "،"كوللىكتىۋىزىملىق ئىدىيىسى " ئەڭ يۇقىرى چەكتە ساداقەتمەنلىك ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بولغانلىقتىن ،ياپونىيە زامانىۋىلىشىشش يولىغا مۇۋاپپىقىيەت بىلەن قەدەم باسالىدى.


ياپون مەدەنىيتى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىجابى ھالەتتىكى غەلبە قازانغان بىر تەرىپىنى رەھبەرلىك قاتلىمىغا ئۆتكۈزىدۇ.ئۇنداق بولمايدىكەن ،ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئامرىكىدىن قالسىلا ئەڭ چوڭ ئقتىسادى دۆلەتكە  ئايلىنالىشىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.ياپون ئىقتىسادى ھەقىقەتەنمۇ خەلىقئارالىق سەۋىيەگە يەتتى ،ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ياپون خەلقىنى ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ روھى ھالىتى خەلىقئارالىشىشتىن تېخى جىق يىراقتا تۇرۇپتۇ.ئۇلار يەنىلا ئۆزىنى بىرلىككە كەلگەن ياماتو مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە ئەكىرىۋېلىپ ،باشقىلارنىڭ كىرىشىنى رەت قىلىدۇ ۋە باشقا چەمبىرەكككە كىرىشنىمۇ چەكلەيدۇ.ياپونلۇقلارنىڭ پىسخولوگىيسىگە ناھايىتى چۇڭقۇر قىلىپ "ياپونلۇق "تامغىسى بېسىلغان بۇلۇپ ،بۇ ئاللاقاچان ئۇلار ئۈچۈن كۆرۈنمەس كىشەنگە ئايلىنىپ قالدى.بۇ خىل ھالەت ياپون مىللىتى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ قۇشۇلىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلىپ ،ياپون ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ چۇڭقۇر قاتلامغا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتتى.ياپونلۇقلار نەزىرىدىكى "يات ئادەم "بولسا يىراق جايلاردىن دېڭىز ئاتلاپ ياپونىيەگە كەلگەن ئوخشىمىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.كۆپلىگەن ياپونلۇق كارخانىچىلار ۋە تېخنىك خادىملار باشقا يەرلەرگە بارسىمۇ ،مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرق ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تۇقۇنۇش ۋە زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.مەدەنىيەت جەھەتتىكى  توسالغۇ بولسا توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم ئالاقىنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرمەكتە.خەلقئارالىشىش دولقۇنغا كىرگەن ياپونلۇق كارخانىچىلار ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن چەتئەل تىلى سۆزلەيدىغانلار تولىمۇ ئاز.كەمىنە بېيجىڭدىكى بىر ئۇنۋىرسىتىتتا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان چېغىمدا بىر ياپونلۇق پىرافىسورنى ئۇچراتقان بۇلۇپ گەرچە ئۇ توختىماستىن ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈش بىرىپ تۇرسىمۇ، ھەر دائىم يېنىدا بىر جوڭگۇلۇق تەرجىماننى ئېلىپ يۈرەتتى.بۇنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرگەندە ،كۈچلۈك بولغان مىللىي غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئارىدا قېلىن بىر تام پەيدا قىلغان ئىدى.ياپونلۇقلار ئادەتتە باشقىلارنىڭ ھېسىياتىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەك ئاز ياق ()دەيدۇ.ياپونلۇقلاردا يەنە مۇنداق بىر خىل خاھىش مەۋجۇت بۇلۇپ ،ئەسلىدە بەكلا سۆز لەشنى ياقتۇرسىمۇ ،ئەمما باشقىلارغا ناچار تەسىر بەرمەسلىك ئۈچۈن ،تىلىنىڭ ئۇچىغا كەلگەن گەپنى يۇتىۋىتىدۇ.بۇنداق دىيىشنمى خالىسىمۇ دىمەي توختاپ قالدىدىغان ،ئېنىق بولمىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئاسانلا باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ."يات ئادەملەر"نىڭ تۈزلا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر تەلەپلىرى غەرەزسىزلا ياپونلۇقلارنىڭ ھېسىياتىنى زەخمىلەندۈرىدۇ.ياپونلۇقلارنىڭ كۈچلۈك بولغان "ئۆزلۈك "قارىشى ۋە شۇ ئاساستا پەيدا بولغان "ئۆزلۈك "چەمبىرىكىنىڭ تۈرتكىسىدە ،ياپونىيەگە كەلگەن چەت ئەللىكلەر ئۆزىنى باشقا دۆلەتلەرگە (مەسلەن ئامرىكىدەك ) كۆچمەن بۇلۇپ بارغاندەك بەخىتلىك ھىساپلىيالمايدۇ.

مەنبە :بەيدۇ قامۇسى ۋە ۋىكىپىدىيا تورى

خەنچىدىن تەرجىمە قىلىندى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 08:13 PM  


ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:47:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىمە يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 10:40 PM
كىم ماڭا  ياپۇنىينىڭ مىللى چالغۇلىرى بىلەن ئورونلىغان  ...

بەيدۇغا كىرىپ 日本传统音乐دەپ ئىزدەپ باقسىڭىز چىقامدىكىن ،مەن ئىزدىسەم بەيدۇ بىلەرمەننىڭ ئىچىدە بەزى ئۇلىنىشلار بار ئىكەن ،بولمىسا گۇگۇلدىن japan traditional music ئىزدەپ كۆرۈڭ

21-ئەسىردىكى سىيىت نوچى !!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5662
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11053
تۆھپە نۇمۇرى: 528
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:53:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياپۇنلۇقلارنىڭ كىنۇلىرىدا چىقىدىغان داخى مىللىتى ياماتو مىللىتى بىلەن بىرمۇ ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   siyitnoqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 10:53 PM  


باھانەڭنى قوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ،بۇ تېمامنىڭ مۇنبەرگە چىقىشى ھەجەپمۇ تەسكە توختىدى دىسە ،بىر ئوبدان تەستىقلىنىپ بىر مۇنچە ئىنكاس چۈشكەن تېمامنى قايتا تەھرىرلەپ ئاۋۇ يىشۇجاننىڭ رەسىمنى قىستۇرۇپ قويسام قايتا تەستىقلاشتىن ئۆتمەي ،قايسى بىر مەسئۇلىيەتسىز باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئۈن تىنسىز ئۈچۈرلۈپتۇ!!ئاچچىقىمدا بىر مۇنچە ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ يەنە يوللىسام مانا بۇ باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ چىقتى.بۇ يا بىر قانۇنغا خىلاپ بولمىغان تېما بولمىسا ،باشقۇرغۇچىلارمۇ قىززىق ،خوشى كەلسە ئۆچۈرۈپ ،خوشى كەلسە چىقىرىپ .....
ئىلتىماس ،بىزمۇ قىممەتلىك ۋاقىتمىزنى سەرپ قىلىپ مۇنبەرگە تېما يوللىغانكەنمىز ،باشقۇرغۇچىلارمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىسىكەن....

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5173
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2331 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:55:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12309
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2768 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:56:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىمە يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 10:40 PM
كىم ماڭا  ياپۇنىينىڭ مىللى چالغۇلىرى بىلەن ئورونلىغان  ...

مېنىڭ چ چ بوشلۇقۇمدا بار ، لېكىن تور ئادرىسىنى بىلمەيمەنكەن ~ مەن ئىزدەپ باقاي

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38101
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7486
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 1159 سائەت
تىزىم: 2011-4-19
ئاخىرقى: 2014-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
siyitnoqi يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 10:53 PM
ياپۇنلۇقلارنىڭ كىنۇلىرىدا چىقىدىغان داخى مىللىتى يام ...

ھەئە شۇ ،خەنچە داخې مىللىتى دەيدىكەن.

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12309
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2768 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 10:59:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://player.youku.com/player.php/sid/XOTE3OTQyMjQ=/v.swf

بۇ ناخشا بولامدىكەن ؟


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jalipkar! تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 10:59 PM  


ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72361
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3617
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 11:26:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر جالالىدىنىڭ « ياپۇنىيەدە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم -- ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا » ناملىق كىتابىنى كۆرۈپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ .

كىملەر بولۇر كىملەرگە خار ،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار .
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن ،
كىملەرنىڭ يولى كىملەرگە تار .        قارلىغاچ ......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش