بىز ئاقلىنىشىمىز كېرەك
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتەۋۇ تورداشلار مەن بىر ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى،بايا مىسرانىم مۇنبىرىدە ئالى مەكتەپتە ئۇقۇسىلا بۇلامدۇ دىگەن تىمىنى كۆرۇپ قىزىقىپ كىرىپ كۆرگەن . لىكىن ئەپسۇسلاندىم . قارىسام ئۇقۇشنى قوللايدىغانلارمۇ خېلى كۆپكەن ئەممە بىر نەچچە تورداشنىڭ ئالىي مەكتەب ئۇقۇغۇچىللىرغا قارىتا ئوخشىمىغان پىكىرلىرىمۇ چۇشۇپتۇ ھەمدە بىزنىڭ غۇرۇرىمىزغىمۇ تەگمەپتۇ مۇ ئەمەس مەن بۇنى كۆرۇپ سەل چېچىلىپ قېلىپ سۈزۈگە بىر نەچچە مىسال ئارقىلىق رەدىيە بەردىم! لىكىن يەنە ئويلاپ قالدىم نۇرغۇن تورداشلىرىمىز ماقالىنى كۆرۇپ ئىنكاسنى كۆرمەيدۇ شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ پىكىرنى بىر ئېلىپ بېقىش توغۇرلۇق مۇنۇ تىمىنى ئالدىنقى تېمىدىكى دىئالۇگلرنى قىستۇرۇش ئارقىلىق يوللىماچقچى
ئەسلى تىما مۇنداقكەن
ئالى مەكتەپتە ئۇقۇسىلا بۇلامدۇ ؟
كۆپ ساندىكى كىشلەر باللىرىنى چوڭ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى ئارزۇ قىلدۇ، سىلەر قانداق قارايسىلەر؟
ئالى مەكتەپتە ئوقۇشتىى مەقسەت نىمە؟
مەكتەپتە ئوقۇشتىكى مەقسەت كەلگۇسىدە ياخشىراق تۇرمۇش كەچۇرۇشقۇ، شۇڭا مىنىڭچە ياخشى تۇرمۇش كەچۇرۇش چۇقۇم ئۈچۈن ئالى مەكتەپتە ئوقۇش مەقسەت ئەمەس.
مەسلەن ئېلىپ ئېيتساق: خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىن سودىگەرلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشى.
ھەم يەنە مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىشمۇ بىر مەسلە، ئوقۇش پۇلمۇ ئاز ئەمەس.
مەن مۇنداق ئويلىدىم: چۇقۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنى مەقسەت قىلۋالماي كەلگۇسىدە ياخشى تۇرمۇش كەچرۇشنىلا ئويلاڭ.
سىلەر قانداق قارايسىلەر؟؟؟؟
ئاپتۇر مۇشۇنچىلىك بەس مۇنازىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتىكەن ! تۆۋەندە ماڭا تەسىر قىلغان نەچچە دىئالوگنى مىسال ئالاي بىر توردىشىمىز مۇنداق دەپتۇ !
ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەرنىڭ بايلىق توپلاشتا ھېچقانداق رولى
بولمىدى ... ( شۇ ،ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى مائاشقا قايلاپ ) جەمىئەتتىن ، ئۆزلۈكىمدىن
ئۆگەنگەنلىرىم ئېشىپ چۈشتى.
نۇقۇل ھالدا بىلىم بولغانغىلا باي بولغىلى بولمايدۇ ، داڭلىق ئۇنۋېرسىتلارنىڭ پىرافـفېسور _
ئۇقۇتقۇچىللىرى بىلەن ، تىجارەتچى ، كارخانىچلارنىڭ كىرىمىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز
گىپىمدىن گۇمانلانمايسىز .
ھەممە ئادەم سودىگەر بولۇپ كەتسە ، سودىگەرنىڭ ماللىرىنى كىم ئالىدۇ ؟ ھەممە ئادەم
ئاشخانا ئېچىۋالسا تاماقنى كىمگە ساتىمىز ؟
خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ تاللاش ھوقۇقى ئۆزىمىزدە ! قانداق ئادەم بولۇشنى
ئۆزىمىز تاللايمىز .
ناۋادا بىر ئادەم مىنىڭ قولۇمدىن ئەسكى ـ تۈسكى نەرسە تېرىپ جان بېقىش يا ناۋايخانا
ئېچىشتىن باشقا ئىش كەلمەيدۇ دەپ قارىسا،ئۇ ئادەم ئەلۋەتتە بىر ئۆمۈر شۇ ئىشلار بىلەن
ھەپىلشىپ ئۆتىدۇ . سىزگە يۈكسەك خىيال ، ئارزۇ ـ ئارمان ، ئېنىق نىشان يار بولسا
ئەلۋەتتە ئويلىغانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز . ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىي ھەرىكەت .
بۇنى تەبىئەت قانۇنيىتىگە تەدبىقلىساق __ يەرگە نېمە تېرىسىڭىز شۇنى ئالسىز .
بۇغداي تېرىسىڭىز ھەرگىز قۇناق ئۆسۈپ قالمايدۇ .
قەلىب ئېتىزلىرىڭىزنى ــ چۈشكۈنلۈك ، بىكار تەلەپلىك ، مەسئۇليەتسىزلىك ، نامراتلىققا
شۈكۈر دەيدىغان پاسىپ ئىددىيىنىڭ ياۋا ئوت _ چۆپلىرى قاپلىغان بولسا تۈزۈك ھوسۇل
ئالالمايسىز !
بايلىق ئېڭى يىتىلدۈرۈڭ ! نامراتلىق ، نامراتلىققا شۈكۈر دەيدىغان ئادەمگە مايىل
كەلگەندەك بايلىقمۇ غۇلچىنى كەڭ ئېچىپ ئېتىلغان ئادەمگە مايىل كىلىدۇ .
ئوخشاش يەردىكى ئىككى ئېتىزنى مىسالغا ئالساق _ ئوخشاش تۇپراق ، ھاۋا ،
قۇياش نۇرى . ئەمما بىرىدىن كۆپرەك ھوسۇل چىقىشى، يەنە بىرىدىن تۈزۈك
ھوسۇل چىقماسلىقى مۇمكىن . بۇنى تەقدىردىن كۆرەمدۇق ؟
ياق ... ! بىر ئېتىزنىڭ ئىگىسى زىھنىنى ھوسۇل ئېلىشقا قارىتىپ ، چىن نىيەت بىلەن پەرۋىش
قىلدى . يەنە بىرى قۇلىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ بولدى قىلدى
ھازىرقى جاھاندا پۇل تاپالىغان كىشىلا ھەقىقي ‹‹ بىلىملىك ›› ھىسابلىنىدۇ
ئەپسۇس ، مەن باشقىلارغا ئوخشاش ئادەم بولۇپ قالمىسام دەيمەن...
مۇشۇ ئاتا ـ ئانسىغا تايىنىپ كۈن كەچۈرۋاتقانلار ، بىر ئۆينىڭ مۇرىسدىن تۈتۈن چىقرىپ باقمىغان ئالىيجاناپ
بىلىمخۇمارلار ، پۇلنى چەتكە قاقماڭلار !
تەرەققىي قىلغان ، ساپالىق ، جاھاننىڭ غۇجسىغا ئايلىنىپ يۈرىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە
ئېرىشىشنى پۇلغا بولغان تەلپۈنۈش ، ئىنتىلىشلىرىدىن ۋە پۇلدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
بىرسى سىزنى ئوقۇماڭ دېدىمۇ ؟ ئوقۇڭ ! پۇل تېپىشقا ئىشلىمىگەن بېلىم ، ئەقىل ـ پاراسەتنىڭ نېمە
كېرىكى ؟
ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى جەمىيئەتتە ئىشلىتىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ يۈرىۋاتقانلار قانچېلىك ؟
ھېنرى فورد ئالتىنجى سىنىپىمۇ تۇلۇق تۈگەتمىگەن ، ئەمما ئۆز كەسپىنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىپ
فورد ئاپتۇموبىل شىركىتىنى قۇرغان . ئېدىسون ئارانلا ئۈچ ئاي مەكتەپ تەربىيسى كۆرگەن بولسىمۇ
ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا مىسىلسىز تۆھپىلەرنى قوشتى . ھېچكىم ئۇلارنى بىلىمسىز دەپ قارىمايدۇ .
مىنىڭمۇ ئوقۇغان كەسپىم بىر ياقتا قېلىپ ، باشقا بىر ئىشلارغا تەقسىم قىلىنىپ يۈرگەن چاغلىرىم
بولغان . ( ئەلۋەتتە بۇنى ئۆزۈمنىڭ تالانتىمنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغانلىقىمىدىن ، ئىقتىدار
سىزلىقىمدىن كۆرىمەن )
مەنمۇ ئوقۇشتىن ئىلگىرى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا ياراملىق ئادەم بولغىلى بولىدۇ دەپ قارايتتىم .
ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن بۇ ئويلىرىمنىڭ ئۇرۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم . بىر ئادەم مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن ، چۇقۇم ئۆزىگە بىر نىشان تىكلىشى ، يېڭلىق
يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىشى ، بىر تالاي بىلىملەرنى ئىگەللەيمەن دەپ كاللا ئۇپراتماي
ئۆز كەسپىگە دائىر بىلىملەرنى پىششىق ئىگلەپ تېرىشىش لازىملىقىنى تونۇدۇم .
بىر تالاي ئوقۇش پۈتتۈرگەن زىيالى دوستلىرىم بار ، ئەمما ئۇلارنى كۇچىدا يايما ئېچىپ
تىجارەت قىلۋاتقان دوسىتلىرىمغا تەڭ قىلمايمەن . زىيالى دوسىتلىرىم : ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدا
، ئىشقىلىپ كۆپىنچە ۋاقىتلىرىدا : ئۆزىنىڭ قانداق قىممەتلىك ئېسىل ھاراق ئىچىشكەنلىكى ،
قايسى قىزنىڭ كۆكسى ، پىگورىنىڭ قاملاشقانلىقى ، قايسى دېسكو ـ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا
قىزلارنىڭ كۆپ بارىدىغانلىقى ئېلىكتۇرۇنلۇق قىمارخانىلاردا ئۇتۇش ـئۇتتۇرۇش بولغانلىقى توغرۇلۇق
سۆزلىشىدۇ ، توردا ئويۇن ـ ئويناش ، مۇھەببەتلىشىش ، كىنو كۆرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن
ھەپىلشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆپرەك ئۇچرىتىمەن .
ئۇلار ئۈچۈن ئاي توشسا ، مائاش چىقسا ، مائاش يەتمىسە بىر ئاماللار
بىلەن ئۆيىدىكىلەر ۋە باشقىلاردىن پۇل ئېلىپ كۈن ئۆتسىلا ھىساب ...
ئەمدى يايمىچى دوسىتلىرىمغا قارىسام : ھەرقاچان يېنىدىن ئايرىماي تېجارەتكە ئائىت
ھەر خىل كىتابلارنى كۆرىۋاتقانلىقىنى ، قانداق قىلسا ئىگلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن
ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ، تاپقانلىرىنى تىجەشچانلىق بىلەن باشقۇرۋاتقانلىقىنى ، قانداق
قىلساھازىرقى يايمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ رەنجىرسىمان خارەكتىرلىك سودا تۈرىنى
شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى ، گېزى كەلسە ، ئۆزى سېتىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى
يات مىللەتلەرنىڭ زاۋۇتلىرىدا ياساتماي ئۆزى ئىشلەپچىقارغىلى بولدىغانلىقى
توغرىسدا ئويلىنىپ ، ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن ، بىلىمەن . ئالىي مەكتەپ
بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك تالانت ، ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئەمەس .
شۇڭا ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم دەپ چوڭ تۇتمىسۇن .
ھەم ئوقۇيالمىدىم دەپ پەس كۆرمىسۇن !
مانا بۇ بىر تورداشنىڭ يوللىغان ئىنكاسلىرى يەنە بىرى تېخى مۇنداق دەپتۇ !
ئەكرەم يولدىن ئۇتۇپ كىتىۋاتسا بىر ئايال قۇچىقىدىكى بوۋاقنى ۋاي دىپلومۇم ۋاي دىپلومۇم دەپ پەپىلەۋاتقۇدەك شۇنىڭ بىلەن ئەكرەم ئانا نىمىشقا بۇبالىنى دىپلوم دەيلا دەپ سوراپتىكەن ئۇئايال مىنىڭ قىزىم ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا كەتكەن مەكتەپنى ئۇقۇپ تۇگەتمەيلا مۇشۇ دىپلومنى ئەكەپتۇ دەپتۇ
بۇ ئىنكاسلارنى كۈرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ھەمدە ئۇلاردا پەيدا بولغان خاتا قاراشلارنى رەدىيە بىرىپ مۇنداق ئىنكاس يازدىم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن ئاۋال بىر ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ بەزى گەپلىرىڭىزگە رەدىيە بەرمەكچى!
سىز بايا ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان دوسلىرىمنى يايما ئاچقان دوسلىرىمغا تەڭ قىلمايمەن ،ئۇلار پەقەت قىزلارنىڭ .........توغۇرلۇق ئوينىغان ئۇيۇنلىرى توغۇرلۇق پارڭلىشىپ ۋاقىتنى ئوتكۇزىدۇ دەپ بىرمۇنچە دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئۆز قارىشىڭىزنى .ئىسپاتلىماقچى بوپسىز.لىكىن سىز شۇ دەلىللەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچى ئەمەس دەپ پەرەز قىلىپ ئويلاپ كۈرۈڭ ،ئاتا -ئانىسنىڭ پۇلىنى بىكارغا بۇزۇپ دىبا رىستۇران رەڭلىك سۇرۇنلاردىن كىلەلمىگەن ئاشۇ بىر نەچچە قۇلاق كەستىنى پۇتۇن ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرغا مىسال ئېلىشقا بومايدۇ،،ئۇلار ھازىرغا ئۇقۇپ تۇرۇپ مۇشۇنداق يۇرۇپتۇ ئەگەر ئۇقۇمىغان تەربىيە ئالمىغان بولسا قانداق بۇلار ئىدى ! بىرىنچىدىن ئۇلاردا مۇسۇلمان پەرزەنتىدە بۇلۇشقا تىگىشلىك ئەدەپ ئەخلاق يوقكەن ،ئىككىنچىدىن ئادەمدە بۇلۇشقا تىگىشلىك ھايا نۇمۇس يوقكەن بولغان بولسا ئۇ ئىشلارنى سىزگە ئاڭلىتىپ سۆزلەپ ئولتامىغان بۇلاتتى.ئۈچىنچىدىن ئۇلار ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسىدا بۇلۇشقا تىگىشلىك ساپانى ئۈزىدە يىتىلدۇرمەپتۇ! سىز ئاۋال ئۇلارنى پۇتۇن ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرغا مىسال ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئمانىنى ۋىجدانىنى ھاياتتا ياشاش نىشانى تۇرغۇزغان ياكى تېخىچە نىشانسىز ئىشەكتەك ئالدىغا كەلگەن ئوتنى يەپ يۇرگەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ ! ئىسىڭىزدە بولسۇن سىز ھەرگىز ئۇزىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئاۋۇ بىر نەچچە ئىشەككنى (بۇنداق دىسەم ياخشى ئىشەكلەرگە ئۇۋال بۇلدىغان بولدى)ۋە بىچارە ئاپىسىغا بوۋاق دىپلۇم ئەكىلىپ بەرگەن ئاشۇ تەربىيە كۆرمىگەن بىر قىز تەلەتىدە ياسىنۋالغان ئالۋاستىنى مىسالغا ئېلىپ مىللەت دۆلەت جەميەت ئۈچۈن يەنە ئۆزى ئۈچۈن ئالى بىلىم يۇرىتلىردا بىلىم ئېلىۋاتقان تىرىشچان يىگىتلىرىمىزگە ۋە سۈتتەك پاك قىزلىرىمىزغا بۇنداق بىر يولىلا باھا بىرىۋەتسىڭىز بولمايدۇ ! بەش قول ئوخشاش ئەمەس سىزنىڭ ئاشۇ يايما ئېچىپ پۇل تېپىۋاتقان دوسلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە دۇكاننى يىغىپ بۇلۇپ قىماخانا ھاراق بوتكىسى پاھىشخانلارغا بارىدىنى يوق دەپ كىسىپ ئېيتالامسىز؟؟؟ياق ھەرگىز ئېيتامايسىز. شۇڭا بىز ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرى ئۈچۈن قىلىنغان يۇقارقى ھاقارىتىڭىزنى ئىنكار قىلىمەن!
يەنە بىر ئىنكارىم؛سىز بايا بىر نەچچە پۇلدار سودىگەرلەرنى مىسالغا ئېلىپ يەنە كەشپىياتچىلارمۇ بار،ئۇقۇمىسىمۇ پۇل تاپقىلى بۇلدۇ دەپسىز! سىزدىن سورىسام بىزنىڭ مەقسىتىمىز پۇل تېپىشمۇ ؟ ھەقىقەتەن پۇلنىمۇ تاپمىساق بولمايدۇ بۇ ئارقىلىق مىللەتكە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرسەك بۇلىدۇ لىكىن پۇل بۇلۇپ ئەقىل بىلىم بولمىسا پۇكلنىڭ نىمە ئەھمىيىتى سىز پۈتۈن ئۇيغۇرنى ئۆز يۇرتىدىلا ياشايدۇ دىمەيدىغانسىز؟ ئۇلار دۇنيانى كۆرۇش كېرەك دۇنيانىڭ سىرىنى ئالامنىڭ سىرىنى ئېچىش پۇرسىتىنى چەتئەللىكلەرگە تاشلاپ بەرمەي ئويغۇنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق ئاچساقمۇ بۇلىدىغۇ! بىزمۇ دۇنيا بىزمۇ دۇنيا سىرلىرىنى ئاچالايمىز ! راستىنى ئېيىتقاندا ئالى مەكتەپ بىر ۋاستە خالاس،لىكىن ھازىرقى دۇنيا جامائەتچىلىگىدىن ئېيىتقاندا بىلىمگە تەشنا ياشلارنى بىر يەرگە يېغىپ ئۇلارنى تەربىيلەش ئۈچۈن شۇ ۋاستە بومىسا بومايدۇ شۇڭا ! ئادەمنىڭ ئەقلىنىڭ تەرەققىيات يونىلىشى ئوخشاش ئەمەس شۇ سەۋەپتىن بەزىللىرىمىز يۇقىرلاپ ئۇقۇيمىز بەزىللىرنىڭ ئەقلى سودا قىلىپ پۇل تىپىش يۆنىلىشگە قاراپ تەرەققى قىلغان. شۇڭا ھەممە ئادەم ئۆز ئەمىليىتى بۈيىچە ئىش قىلىش كېرەك !
ئەمدى مەن سىزگە بىر ئۈزەم ھېس قىلغان مەسلىنى دەپ بەرسەم چاتاق ئۇقۇغۇچىدا ئەمەس مائارىپتا!
ھازىرقى مائارىپقا نەزەر سالساق نىمە جېق قۇرۇق نەزىريە ئەمىليەت يوق بەلكىم سىز دىگەندەك ئۇقۇش پۇتۇپ ئىش تاپالماسلىق ئەمىلى بىلىمنىڭ كەمچىللىكىدىن بۇلىشى سەۋاپ بولغان! شۇڭا بىز ئۈچۈن ۆۈچ چىقراي مىللەت ئۈچۈن كۈچ چىقىراي دىگەن بولسىڭىز ئۇقۇغىچىنى بىرنىمە دىمەي قۇلۇڭىزدىن كەپ قالسا ناۋادا مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش توغۇرلۇق پىكىر قىلىڭ
سىز يەنە بىز تەرەپتە تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ ،ھازىر بۇرۇنقىدەك ئۇقۇش پۈتتۈرسىلا خىزمەتكە چىقىدىغان تومۇر تاۋاق يوق ،مەكتەپ پۈتكەندىن كىيىن ئەتراپقا قارىسا بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرى دوسلىرى مھلۇم ھۈنەر قىلىپ پۈل تېپىۋاتقان باللىرى يۇرغان ،بىزچۇ ئۇقۇش ئۈچۈن ئۇلاردىن ۋاز كەچكەن !! ئەجىبا بىزگە روھى بېسىم بوماسما بۇ سەۋەپتىن بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۇزمەيمىز دىيەمەيمىز،لىكىن ئەقلىمىز بارلار ئۆتكۈزمەيمىز!
ئەمدى بولغاندا سىلەر بۇنداق دىسەڭلا بىزگە تېخىمۇ روھى ئازاپ بوماسما؟؟؟
ئىسىڭزدە بولسۇن بىز ئالى مەكتەپتە پۇل ئۇچۇن ئەمەس بىلىم ئۈچۈن ئۇقۇدۇق سىلەر پۇل تاپىسىلە بىز ئەقىل تاپىمىز سىلەر بىزنى ۋاستە قىلىپ باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشقا مەبلەخ سالسىڭىز بىزنى ھۇكۇمەت ئەمەس سىز ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرسىز سىز ۋە بىز بىرلىكتە مىللەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز . بۇنداق قىلساق قانداق بۇلا ؟ بۇلامۇ سىز پۇل چىقىرىڭ بىز بىلىم ئىشلىتەيلى شۇنداق قىلىپ بىزنى يەنى ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرنىڭ قانداقلىقىنى دۇنياغا تۇنۇتايلى بۇلامۇ بۇنداق قىلساق؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مانا بۇ تارىختىكى ئۇيغۇر روھى !!! ئۇيغۇر دىگەنلىك ھەرگىز ئازراق كەمچىلىكىنى تېپىۋېلىپ بىر بىرىڭنى تىللا كولا دىگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە كەمچىلىكنى كۆرسىتىپ بىرىش ئۇنىڭ سىرتىدا!
بەزى سۆزلەرنى ئىشلىتىشىم خاتا كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن، ئەگەر شۇنداق بولسا ئەپۇ قىلاسىز!!!!
مەن بۇ ئىنكاسنى يىزىپ بۇلۇپمۇ كۆڭلۈم يەنىلە بىئارام . شۇ سەۋەپتىن توردىكى باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرىنى بىزگە بولغان باھاسىنىمۇ ئاڭلىغۇم كەلدى ،شۇڭا بۇ تىمامنى يىزىپ ئولتادىم.
قېنى تورداشلار پىكىر بىرىڭلار بىزنى قوللايدىغانلا قانچىلىكتۇرسىلە؟
مەنبە ؛ ئۈزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-23 06:57 PM