مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 469|ئىنكاس: 6

ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىلاردىن سوراشقا تېگىشلىك سەككىز سوئال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3071
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8918
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 1140 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 11:50:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىلاردىن سوراشقا تېگىشلىك  سەككىز سوئال
سوئال سوراشتىن خېجىل بولماڭ، سورىغاندىلا، ئاندىن جاۋابى بولىدۇ. ئاتا - ئانىمىزنىڭ جاۋابى ئادەمنى ئويغا سېلىپ، چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. بىز ئاتا - ئانىمىز بىلەن ھاياتىمىزدىكى نۇرغۇن كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزىمىز. لىكىن، كۆپ چاغلاردا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىش بىلەنلا بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئىنتايىن ئاز مۇڭدىشىمىز. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۇچقانداق تىز ئۆتۈشى بىلەن ھەممىمىز قېرىيمىز، شۇڭا ھەر ۋاقىت ئاتا - ئانىلىرىمىز بىلەن مەزمۇنى چوڭقۇر سۆھبەتلەرنى ئېلىپ  بېرىشىمىز لازىم.
سىز ئاتا - ئانىڭىزدىن تۆۋەندىكىدەك سوئاللارنى سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ؛
1. سىز ماڭا ئاتا - ئانىڭىز، يەنى بوۋام - موماملار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق؟
ئائىلە تارىخى پەقەت نەسەبنامە ۋە ئالبومدىكى سۈرەتلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئائىلدىكى ئىشلارمۇ ئائىلە تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى. ئائىلىڭىزدە چوقۇم ئەجداتلىرىڭىزنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان ھېكايىسى ۋە ئىش ئىزلىرى بولىدۇ.
2. بالىلىق چاغلىرىڭىزدىكى ھېكايىلىرىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭە، بولامدۇ؟
ئاتا - ئانىڭىزنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى، ئارزۇسى، ئەندىشىسى ۋە دوسىتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار كۆپ ھاللاردا ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ، ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. نېمىشقا بۇ ئىشلارنى سوراپ خاتىرلىۋالمايسىز؟
3. كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىشلىرىمىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟
ئاتا - ئانىڭىز چوقۇم سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدا يۈز بەرگەن قىزىقارلىق ھەم ئەخمىقانە ئىشلىرىڭىزنى ئەسلىيەلەيدۇ. كىيىن بالىڭىز سىزدىن بالىلىق ۋاقىتلىرىڭىزنى سورىسا، سىزمۇ بىمالال سۆزلەپ بىرەلەيسىز.
4. سىزنىڭ ماڭا قانداق نەسىھىتىڭىز بار؟
ئاتا - ئانىڭىز پۈتكۈل ئۆمىرىدە نۇرغۇن كەچمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، سىز بۇ كەچمىشلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز. ئۇلار بەلكىم سىز بىلەن پەلسەپىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىزىقارلىق ۋە ياكى گۆدەكلەرچە قىلغان ئىشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ئۇلار قانداق ئىش بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئۇ ئائىلىڭىزنىڭ ماقال - تەمسىلى ياكى قىممەتلىك رىۋايەتلىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
5. سىزنى ئەڭ بەخىتلىك قىلغان ۋە مەغرۇرلاندۇرغان ئىشلار قايسى؟
ئۇلارنى ھاياتىدىكى ياخشى ئىشلار - نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، خۇشاللىققا چۆمگەن، پەخىرلەنگەن ۋاقىتلىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىڭ. بەلكىم سىز ئاتا - ئانىڭىزنىڭ بەختىنىڭ ياكى پەخىرلىنىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشىڭىز مۇمكىن.
6. سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشىڭىز قايسى؟ مۇبادا پۇرسەت بولسا سىز قانداق قىلغان بولاتتىڭىز؟
بۇ گەرچە كىشىلەرنى ئازابلايدىغان، سىز تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان تېما ن بولۇشى مۇمكىن،ئەمما ئاتا - ئانىڭىزنىڭ جاۋابى سىزنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ، سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىزنى ، شۇنداقلا ئىلگىرى چۈشەنمىگەن ئىشلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ.
7. قايسى ئىشنىڭ سىزگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ؟
ئۇ بەلكىم ئۇرۇش ياكى ئاپەت بولۇشى مۇمكىن. زادى قايسى ئىش ئاتا - ئانىڭىزنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ساقلانغان، سوراپ كۆرۈڭ. بۇ ئارقىلىق سىز بەلكىم  ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىدىيەسىنى ۋە خىيالىنى چۈشىنەلەيسىز. ئاتا - ئانىڭىزنىڭ ئۆز بېىشىدىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى، ئېھتىمال سىز بۇرۇن كىتابتىن كۆرگەن مەزمۇنلار بولۇشى مۇمكىن.
8. سىز ۋاپات بولغاندىن كىيىن بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
ئاتا - ئانىمىز ۋاپات بولغاندىن كىيىنكى كەلگۈسى پىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆھبەتلەر گەرچە ئادەمنى ناھايىتى بىئارام قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئاخىرەتلىك ئىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ ۋەسىيەتچۇ؟ تەۋەرۈكلەرنى قانداق قىلىمىز؟ دەپنە مۇراسىم ئىشىلىرىنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟ بۇلارنى ئەڭ ياخشىسى مۇزاكىرە قىلغان تۈزۈك. كېيىنكى قېتىم ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىڭىزنى يوقلاپ بارغىنىڭىزدا، ئائىلىڭىزدىكى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئۇششاق چۈشەك ئىشلارنى سۆزلەپ يۈرمەي، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان بىر قانچە سۇئاللارنى سوراپ كۆرۈڭ. ئاتا - ئانىڭىزنىڭ جاۋابى چوقۇم سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ.



مەنبە:  تەرمىلەر ژۇرنىلى  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnaz624 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-23 12:18 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80412
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 01:31:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 05:16:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە8 - سوئالنى سوراش تەسمىكىن؟ چۈنكى، ئادەم ياشانغانسىرى ھاياتقا قانمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن،شۇڭا،بەزى ياشانغانلارغا ھايات ۋاقتىدا ۋەسىيەت قالدۇرۇپ قويۇشنى ئېيتسىمۇ رەنجىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80462
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 03:33:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بولغاندا چوڭلارنى يوقلاپ تۇرغان ياخشى،چۈنكى ياشانغانلار كۈيۈنۈشكە مۇھتاج!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6452
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3331 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 04:17:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانام دادامنىڭ ئەڭ بەخىتلىك قىلغان ۋە مەغرۇرلاندۇرغان ئىشلار_ مەن ئالى مەكتەپ ئىنتىھانىدىن ئۆتكەن چاغلار ئىكەن...بۇرۇنلا شۇنداق دىگەن ئىدى.

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6452
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3331 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 04:18:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت  8-سۇئالنى ئاغزىدىن چىقىرىشقمۇ ئەيمىنىدىكەن كىشى....
خۇددى...........

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1577
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9789
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3283 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 05:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن ،بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ خاتېرجەم قىلىشقا تىرىششىمىز كېرەك...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش