شۇ يېقىندىن بۇيان مەندە ئاجايىپ ئالامەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى،شۇنىڭغا قاراپ كېسەل بوپقالدىممىكىن دەيمەن."ئۇخلىسام كۆزۈمنى يۇمۇۋالىمە،ۋېلىسپىىت ھەيدىسەم قولۇم بىلەن تەپمەيمە،شۇندا قوشۇقتا ئاش كېلىپ بولغىچە ئاغزىم موككىدە ئېچىلىپ ئۈلگۈرىدۇ" دىسەم ھەممىڭلار "ساقكەن"دەيسىلەرغۇ دەيمەن.شۇ- مەن غەلىتە ئالامەتلەرنى تېخى دېمىدىم،يەنىلا گەپنى مانچە يىل بۇرۇنقى ئىشتىن سۆزلەپ بېرەي.
...،ياتاقتا ئولتۇرېۋىرىپ يۈرىكىم توغرىسىدا خىيال قىلىپ ساپتىمەن،قانداق ئىكەنلىكىنى بەكلا بىلگۈم كەلدى،قارىداپ قاسماق بوپكەتتىمۇ ياكى خالتىغا ئېلىپ قويغان كىچىككىنە سېسىق سۇدەك لىغىرلاپ تۇرامدۇ ۋە ياكى بولمىسا يىگىلەپ كەتتىمۇ شۇنداق خىلمۇ-خىل خىياللار مېنى ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىغا تارتىپ كېتىۋاتاتتى.نىمە ئۈچۈن دىسەڭلار يۈرىكىمنى تۇتۇپ باقمىسام سوقۇۋاتقانلىقىنى ئۇقالمايتىم ياكى ئۇنتۇپ كېتەتتىم.شۇ خىيال مېنى يانپاشلىدى بولغاي پىچاق بىلەن تىلغاشقا باشلاپتىمەن،تىلغاپ تۇرۇشۇمغا ئاغرىپ كەتتى...ئاغرىشنى ئويلىمغان بولغىيمتىم-ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم.پىچاقنى تاشلىۋېتىپ ئېچىشقان يەرگە قارىسام قان ئەمەس رەڭسىز سۇيۇقلۇق سىرغىغىلى تۇرۇپتۇ (ئۇ چاغلاردىغۇ چۆچۈش مەندىن يىراق ئىدى ،بولمىسا بۇنچىلىك ئېغىرلىشىپ كەتمەستىم)،تۇتۇپ باقسام شۇنداق شىلىمشىق،ھېچكىمگە تىنماي يۈردۈم،قېنى مېنىڭ مەندە ئۇيغۇرنىڭ قېنى بار،مۇسۇلماننىڭ جېنى بار دەپ يۈرگەنلىرىم،ھەي...
بۇنداق ئىشنى كىمگە دېگىلى بولىدۇ دەيسىز،پەرۋايىم پەلەك دەپ يۈرگىنىم بىلەن بەزىدە نومۇسنىمۇ بىلىدىكەنمە،شۇنىڭ بىلەن تىلغان يەرنى تېڭىپ قويۇپلا ئۇ خىيالىمدىن ۋاز كەچتىم.ۋاز كەچكەن بىلەن ئادەم يەنە ئازاپلىنىدىغان گەپ ئىكەن،بۇنداق كېسەل ئاڭلاپ باقمىغاچ دوختۇرغىمۇ كۆرۈنمۈدۈم،نىمىشقا دېسىڭىز دوختۇرغا ئىشىنەلمەيدىغان خۇيۇم بار،دوىتۇرخانا دىگەن ساق كىرىپ ئاغرىپ چىقىدىغان يە،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيى ۋەيران بولغۇچە داۋالىنىپمۇ ساقىيالمىغانلار كۇمىڭ تۇرسا،مېنىڭ بۇ كېسىلىم ساقىيامتى؟!سىرنىڭ سىر پېتى تۇرىۋەرگىنى ياخشى ئەمەسمۇ،لېكىن باللا قېنىمنىڭ بۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالسا ئىش چاتاقتە،مەنغۇ شۇنداق گۇمان قىلىپلا يۈرۇيدىغان ، شۇنىڭ بىلەن رەڭنى ئاسما-ئوكۇل قىلىپ ئېسىۋەتتىم.نەدە ئادەم كۆپ بولسا ،نەدە مىللەتنىڭ ،مۇسۇلمانلىقنىڭ گېپى چىقسا شۇ يەردە كۆپ سۆزلەپ يۈردۈم،خۇددى نېنى كىچىك ناۋاي بەك توۋلىغاندەك.
شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل تېنچلىق ئۆتۈپ كەتتى.لېكىن ھەر كېسەل قوشۇمچە كېسەلنى باشلاپ ئەكىلەمدۇ قانداق،بەزىدە ئادەمنىڭ ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي قالىدىكەنمە.بۇنى دوستلۇرۇمدىن ئاڭلىغان،دەل ئاشۇلار مېنى ئزدەپ كەلسە مېنى تاپالمىغۇدەك،ئەمما ئالىدىغان يەر بولسا ھەممىسىدە دېگۈدەك مەن با بولمىسا،مېنى ئزدەپ كەلسە يېنىدىن كۆرۈنمەي ئۆتۈپ كېتەلەيمەنۇ يولدىكى ئىت-ئېشەكنىڭ مېنى كۆرگەنلىكىنى ھېس قىلالايمەن،شۇنىڭغا قاراپ بەزىدە ئادەمنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي قالىدىغان ئوخشايمەن،بۇنىغۇ ياخشى دىسەم بولار ئىدى ،ئالساممۇ بەرمىگەندىكىن.بىراق مەن ئۆلگەندە ئادەملەرگە كۆرۈنمەي ئوچۇقچىلىقتا قېلىپ قاغا-قۇزغۇنغا يەم بولۇپ كېتەرمەنمۇ دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن.
ھېچكىمگە ئېيتماي سىر ساقلاپ يۈرەي دىگەن،ئۆلۈم ۋەھىمىسى يامانكەن،بەلكىم ماڭا ئوخشاش كېسەل بوپقالغانلار ئاز ئەمەستۇ،كىم كىمنى بىلەلەيدۇ ھەممىسى مەندەك پىنھان تۇتۇپ مەندەك سۆزلەپ يۈرسە.
دىگۈم يوق ئىدى،بىراق دەۋەتتىم،مەندەكلەر كۆرۈپ داۋاسىنى بىلىدىغانلار يېزىپ قويغىنىنى كۆرىۋالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئەمدى دەۋالغاندىكىن يېنىكلەپ قالارمەن بەلكىم...
مەنبە:ئۆزۈم