 |
 |
 |
 |

مۇھەببەت قوشاقلىرى 
ئاخسا يىگىت 
زۇكام بولغان ئوخشايسىز ، چۇلۇق تاۋۇز يەپ بېقىڭ . سىزنى ماڭا بېرەرمۇ ، ئانىڭىزغا دەپ بېقىڭ . 
ئولپاق كەيدىم ئۆرىمە ، كۆينەك كەيدىم چۆرىمە . تېگەر بولساڭ پات گەپ قىل ، ئەمدى ئۇزاق سۆرىمە . 
ئۆگزە غىس - غىس قىلادۇر ، چىقسام توخۇنىڭ ئىزى . يۈرەكىمنى كۆردۈرگەن ، ساۋۇت ئاكىنىڭ قىزى . 
تەييار قىلىپ ھارۋامنى ، مەلەڭگە باراي دەيمەن . كىرمىسەڭ گەر گېپىمگە ، ئېلىپلا قاچاي دەيمەن . 
شاپتۇل شاخى لىڭشىيدۇ ، شاپتۇل شاخىدا كىم بار ؟ مەن يارنى دېگەن بىلەن ، يارنىڭ كۆڭلىدە كىم بار ؟ 
ھويلاڭدىكى سېرىق ئىتنى ، سېرىق زەنجىردە باغلاپ قوي . مەندىن باشقا يار تۇتساڭ ، ئۆلتۈرۋېتىمەن ئاڭلاپ قوي . 
ئىككى تەڭنە شىلىم بار ، سوقۇپ بەرگىن سوقاڭدا . ۋاپاسىزلىق قىلساڭ يار ، ئىككى قولۇم ياقاڭدا . 
ئاينى گۈزەل ئۇز دەيدۇ ، مېنىڭ يارىمغا يەتمەيدۇ . شۇ يارىمنىڭ جامالى ، كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . 
ساپلىدىم مەن كەتمەننى ، كەكىدە توكۇلدىتىپ . سۆيۈپ قاچتم يارىمنى ، باراڭلىقتا چوكۇلدىتپ . 
مەھەللىدە ئۆيىڭىز ، بارسام قاۋايدۇ ئىتىڭىز . ماقۇل دېگەن ئىدىڭىز ، يالغان ئىكەن سۆزىڭىز . 
ئىشىك ئالدىدا قوش تېرەك ، قوش تېرەككە سۇ كېرەك . بىزدەك ئاخسا يىگىتكە ، سىزدەك سەتەڭ قىز كېرەك . 
ئەمدى ئۇنداق قىينىما ، بۇ كۆڭۈلنى بىل يارىم . دۈشمەن توستى يولۇمنى ، راست گېپىڭنى قىل يارىم . 
بۈگۈن كۈنگە چارشەنبە ، ئات ھارۋاڭنى قوش ئەمدى . ئۈرۈمچىگە ماڭدىم مەن ، قېلىڭ يارىم خوش ئەمدى . 
باغقا چۈشتىم توككىدە ، يىقىلىپ كەتتىم پوككىدە . خۇمار كۆزلۈك يارىمنى ، سۆيۈۋالدىم چوككىدە . 
چىللاڭ خورىزىم قى قى قىق، يارىم ئويغانسۇن . لەۋلەرىدىن چىشلىۋالاي ، چۆچۈپ ئويغانسۇن . 
مەنبە : بۇ قوشاقلارنى مەن << ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى>> دېگەن كىتابتا ئوقۇغان ئىدىم . خاتىرەمدە قالغانلىرىغا ئاساسەن يوللاپ قويدۇم . چالا قالغانلىرىنى يەنە يوللاپ تۇرارمەن . ئەگەر بىلسەڭلا سىلەرمۇ قېتىپ قۇيارسىلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-23 09:08 AM
|
 |
 |
 |
 |
|