مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2517|ئىنكاس: 31

جىگەر ھەققىدە چۈشەنچە(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3181
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 08:52:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم   ئالدىنقى قېتىم جىگەر توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتكەن ئىدىم. خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن داۋامىنى يوللىيالماي قالدىم. بۈگۈن ئازىراق يوللاپ قۇياي دەپ كونوپكا تاختىسىنى تاراقلىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن قېنى ئۇقۇپ باھا بىرىپ قۇياسىلەر.


5. جىگەر ساغلاملىقنىڭ بەلگىللىرى



1)بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ تۈزۈلىشنىڭ نورمال بولۇشى.2)ئەزالار خىزمىتىنىڭ نورمال بولۇشى (يەنى سەزەۇ ھەركەت ئەزالىرىنىڭ بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنىڭ نورمال بولۇشى). 3) بەدەندىكى قۇۋەتلەرنىڭ بولۇپمۇ، قۇۋۋىتى تەبىيتىنىڭ نورمال بولۇشى جىگەر ساغلاملىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.بۇنداق دىيشىمىزدىكى سەۋەپ ، بارلىق جانلىقلاردا ھاياتلىق باشلانغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۈسۈپ تەرەققى قىلشىغا جىگەر ئۇزۇقلۇق يوللاپ بىرىدۇ. ئەگەر ئۇزۇقلۇق مەلۇم ئەزاغا يىتىشمىسە ياكى ئۇزۇقلۇق بارىدىغان يول تۇسالغۇغا ئۇچىرىغان بولسا، شۇ ئەزا كەمتۈك ياكى يوق بولىدۇ. مەسىلەن :بەزى ئاياللاردا بالياتقۇنىڭ يوق بولۇشى، تەرەققى قىلماسلىق ، ئەرلەردە ئۇرۇقداننىڭ بىرى بولۇپ، يەنە بىرى بولماسلىق، بولغاندىمۇ ئۇرۇق ئىشلەش ئىقتىدارى بولماسلىققا ئوخشاش ئۇنىڭدىن باشقا بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش نورمال بولغاندا ماددا (خىلىت)سەۋەبىدىن بولىدىغان كىسەللىكلەر پەيدا بولىمايدۇ. ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا،ئەزالارنىڭ كەمتۈك ياكى تەرەققى قىلالماسلىق ئىچكى سەۋەبدىن(يەنى ماددىلار ئۆزگىرىپ بۇزۇلۇشتىن)بولدىغان ماددىلىق كىسەللەرنىڭ جىگەر ساغلاملىقنىڭ بەلگىسىدۇر.

(6)جىگەر كىسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئورتاق ئالامەتلەر



قىزىش، باش ئاغرىش، گال ئاغرىش، دىماغ پۈتۈش، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش، ھۆ بولۇش، ئېغىز قۇرۇش،مايلىق غىزالارنى كۆرگەندە ھۆ بولۇش، كۆڭلى غىزا تارتماسلىق قاتارلىقلار جىگەر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولۇپ ، جىگەر كىسەللىكلىرى ئىسسقتىن بولسا سېرىق سۇ ياندۇرىدۇ. چۈشتىن كىيىن ئېغىرلىشىدۇ، تېزلا سېرىقلىق چۈشىدۇ. ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ئەتتىگەندەھۆ بولىدۇ. ماغزاپتەك شال ياندۇرىدۇ، قورساق كۆپىدۇ، كۆپۈنچە چۈشتىن كىيىن ئىسىلىپ قالىدۇ.
جىگەر ساھەسىدە تېلىپ، چىڭقىلىپ، ئېچىشىپ، قادىلىپ ئاغرىشلار بولىدۇ.قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش جىگەر كىسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. تۇتۇپ كۆرگەندە جىگەر قولغا يۇمشاق بىلىنسە ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىنىڭ ، قاتتىق بىلىنسە سوزۇلما جىگەر ياللۇغىنىڭ ، بەكرەك قاتتىق، چوڭ بىلىنسە جىگەر راكىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.ئۇنىڭدىنن باشقا پۈتۈن بەدەن ئاجىزلىشىش، قول پۇت تىتىرەش، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللرى يىگلەش ، چىراي نۇرسىزلىنىپ قارداپ قېلىش، ئالقان قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تاپان قىزىشمۇ بەلغەمدىن بولغان جىگەر ياللۇغلىرىدا كۆرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ماغدۇرسىزلىنىش جىگەر كىسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇنىڭ ئېغىر يىنىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ. يىنىكلىرىدە يەڭگىل ماغدۇرسىزلىنىش سېزىلىدۇ. ئېغىرلىرىدا پۇت قول بۇششىپ پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ يېتىشنىلا خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېغىر ھالدىكى جىگەر كىسەللىرى قاتتىق چارچىغانلىقىدىن ھەركەت قىلالماي يېتىپ قالىدۇ. كىسەلنىڭ سۈيدىكى قېنىق چايدەك كېلىدۇ. سوزۇلما جىگەر ياللۇغىلىرىدا تال چوڭىيىپ كىتىش بولۇپمۇ، قىل قانن تومۇرلار كىڭىيىپ كىتىش، بۇرۇن ئۇچى، بويۇن ئەتراپىنىڭ تومۇرلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ قېلىش ھەمدە يۈز، بويۇن، كۆكرەك ساھەسىدە، قول ئالقىندا ئۆمۈچۈك تورىدەك توسىمان مەڭلەر پەيدا بولۇش بەلگىللىرى كۆرۇلىدۇ، بۇلار سۇزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كىسەللىكلىرىدە كۈرلىدىغان ئالامەتلەردۇر. سۇزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كىسەللىكلىرى ئاياللادا بولسا سۈت بىزى چۇڭىيىدۇ ھەمدە ھېيىز قالايمىقانلىشىدۇ،
بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازغاچ تۇراي داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ. ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگى ياكى مۇنبىرىدىن داۋامىنى كۆرگەيسىز.

بىزنى قوللاپ ئىلان چىكىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


   مەنبە:http://bbs.alsihat.com



ئۇمۇتلىك بول بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28124
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6465
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 2388 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 11:49:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم !
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم تىببى ساۋات ئىكەن ئەجىرىڭىزگە كوپ رەھمەت قېرىندىشىم !

ئايال بولساڭ دىنايەتلىك ياشا

گۇناھ ئوغول بالى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5508
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2364 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 11:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7943
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6036 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 12:18:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالىدىغان چاغدا، مەكتەپتىن مەجبۇرى تەكشۇرىتكەندە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى چىققان ئىدىم ، بىرەر قىتىم دورا يىمەپتىمەن ، ياكى داۋالانماپتىمەن ، ئارىدىن 7 يىل ئوتۇپتۇ ، جىگىرىم قانداقراق ، چۈشۈپ قالدىمۇ بارمۇ ئۇنى ئۇقمايمەن ،
لىكىن يۇقارقى دىيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ بىرىمۇ مەندە يوقكەن . بۇنى قانداق ئىش دىدۇق ئەمدۇ؟!

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4178
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 12:27:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېچنىم بولمايدۇ ئادەتتىكى ئىشلا  ئادەم دىگندە ئازراق كىسەل بولمىسا ئادەم بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2187
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7199 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 12:54:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەراس   بەدەندىكى  بەزەن بىر ئەزالانى كۈچۈرۈپ    يېڭىسىنى سالغىلى بولدىكەن   

  جىگەرنى    ئۇنداق قىلغىلى بولمايمىش      
                      شۇتوغۇرلۇق   تۈشەنچە بەرسەڭلا  

يانا بەزەنلە  جىگەرنى  قانئىشلەيدۇ دەيدۇ     كىيىن بىلىشىمچە  قانئىشلەيدىغان  يەر يىلىكمىش   
جىگەرنى  قاننى  تازلارمىش .

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80033
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3895
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2012-8-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 01:13:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىمە يوللىغان ۋاقتى  2012-5-22 11:56 PM
ئەمدىلا 30 ياشقا كىرىپتىم تىخى، مەنمۇ ب تىپلىق جىگەر كى ...

ئەڭ ياخشىسى سىز دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تەكشۈرتۈپ 大三阳 ياكى 小三阳ئىكەنلىكىنى ئايرىتىپ  ، ئاندىن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە داۋالىنىڭ .(大三阳نىڭ يۇقۇش نىسپىتى يۇقىرراق،اللە ئۇنىڭدىن يىراق قىلسۇن.) ئائىلىڭىزدىكىلەرنىمۇ  تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ ، ئۇلارغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشنى ئۇنىتماڭ.
اللە شىپالىق بەرسۇن.

سەن ئۇچۇشنىلا ئويلىماي ، ئاشۇ مەزمۇت قاناتلىرىڭ كۈچتىن قالغاندا ، يەرگە قانداق قونىدىغانلىقىڭنىمۇ ئويلاپ قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78452
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 01:16:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىمە يوللىغان ۋاقتى  2012-5-22 11:56 PM
ئەمدىلا 30 ياشقا كىرىپتىم تىخى، مەنمۇ ب تىپلىق جىگەر كى ...

تورداش  ئەمدىلا  3 ياشقا  كىرگەندەك  تۇرىسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 01:28:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار. مەنمۇ سابىق ب تىپلىق جىگەر كېسىلى بىمارى. 2001-يىلى يېزىدا نوقتىدا يېتىپ خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم ۋە ئېغىر تۇتقانلىغى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا مەجبۇر بولدۇم. داۋالىنىش جەريانىدا بۇ كېسەلگە دائېر ئەھۋاللارنى كۆپ ئىگەللىدىم، كۆپ ماتىرىيال كۆردۈم ھەم ئوخشىمىغان يات بىر خىل ھېسىيات-كەيپىيات بىلەن بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزدۈم. جىگەر ياللۇغى ئاساسلىغى ئېغىزدىن يۇقىدىغان كېسەل. تاماق تازىلىق شارائىتىىنىڭ ياخشى بولماسلىغى ۋە نورمالسىز تۇرمۇش ئادىتى بۇ كېسەلنى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ب تىپلىق بولسىڭىز دەسلەپكى مەزگىلدە بايقىمايدىكەنسىز. لىكىن ئېغىرلاشقاندا ئاشقازان ۋە ئۆت كېسەللىكلىرىنى بىرگە سۆرەپ كېلىدىكەن. ئىشتاھايىڭىز بۇزۇلىدىكەن، تاماق ياخشى ھەزىم بولمايدىكەن، مايلىق تاماقلار دەرھاللا زىيان قىلىدىكەن، ئورۇقلاپ چىرايىڭىز سارغىيىپ كېتىدىكەن. دوختۇرخانىغا كىرسىڭىزمۇ تېز پۇرسەتتە دەرھاللا داۋالاپ ساقايتىۋەتكىلى بولمايدىكەن. ئەگەر دىققەت قىلماي ئۇزارتىۋەتسىڭىز ئاخىرى جىگەر قېتىش، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ ئىككىلا كېسەل ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق! ساقىيىش مۆمكىن ئەمەس، ھەم دەرھاللا جاننى ئالمايدۇ، ئەكسىچە بىر تېرە بىر سۆڭەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، جېنىڭىزنى ناھايىتى قىيناپ، بەدەندە نەپەسكە چۇشلۇقمۇ ئىنىرگىيە قالمىغاندا ئاندىن جاننى ئالىدىكەن. مېنىڭ ئەينى چاغدىكى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش جەريانىم ئۆزۈمنىڭ يىگىرمە نەچچە يىللىق ئۆمرۈمنى ئەسلەش،يەكۈنلەش ۋە كەلگۈسۈم ھەققىدە ناھايىتى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىش جەريانىم بولدى، پەرھىز بويىچە تاماق يەيمەن، دوختۇرخانىدا ۋە ئۆيدە قاچا-قوشۇقۇم ئايرىم. دوختۇر،سېستىرالارنىڭ مۇئامىلىسىدىن مەسئۇلىيەت يۈزىسىدىن قېشىمىزغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ لىكىن بىر خىل بېزارلىق ۋە ئەنسىرەشنى ھېس قىلىپ تۇرىمەن. يوقلىغىلى كەلگەنلەر مېنىڭ كۆڭلۈمنى دەپ يوقلاپ كەلسىمۇ لىكىن قېشىمدىن تېزراق ئايرىلىشقا ئالدىرايدۇ.........   ھەتتا بىر قېتىم سىرىتتىكى ئاشخانىغا تاماققا كىرسەم بىر تونۇشۇم بالىلىرىنى چۈشلۈك تاماققا ئەكىرگەنكەن، مەن بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن دەرھال تاماق ئېتىش ئۆيىگە كىرىپ قولىنى يۇيغاچ ئاشپەزلەردىن ‹قاچا-قۇچىلارنى قانداق يۇيىسىلەر؟ دىزىنفېكسىيە قىلامسىلەر-يوق؟....›دەپ سورىغىنىنى ئاڭلاپ قېلىپ ناھايىتى بىئارام بولغانمەن.............    شۇنداق مۇرەككەپ كەيپىياتلاردىن كىيىن مەن ئۆز-ئۆزۈمگە «ئەگەر ياشايمەن دەيدىكەنسەن، بۇ ئىپلاستىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇل!»دەپ خىتاپ قىلدىم ھەمدە دوختۇرلاردىن شۇنى تەلەپ قىلدىم، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق داۋالاش ئۇسۇلىغا ۋە تەلىۋىگە ماسلاشتىم. شۇنداق قىلىپ 80كۈن ياتقاندا دوختۇرلار «جىگىرىڭ ئاساسەن ئەسلىگە كەلدى، سەندىكى كېسەللىك مىكروبى ئاساسەن نورمال ھالەتكە، يۇقۇمسىز ھالەتكە كەلدى، دوختۇرخانىدىن چىقساڭ بولىدۇ» دىدى. مەن ئۇلارغا «شۇنچە ئۇزۇن يېتىپتىمەن، يەنە چالا چىقىپ كېتىپ قالماي، يەنە كۈزىتىپ باقساڭلار» دىدىم، يەنە 10كۈن ياتتىم. شۇ چاغدا ئاپتونوم رايوندىن بىر مۇتەخەسىس كەپتۇ، دوختۇرلار مېنىڭ ئىلگىرى-كىيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجەمنى ئۇنىڭغا كۆرسەتسە ئۇ مۇتەخەسىس «سىلەرنىڭ تۆۋەندىمۇ مۇشۇنداق داۋالاش شارائىتى ۋە تېخنىكىسى بارمۇ؟! بۇ بىمار تولۇق ساقىيىپ بوپتۇ، دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ۋاكسىنا ئەملىتىۋەتسە بولىدۇ» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ 90كۈندە دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزدۇم. ئەينى چاغدا دوختۇرلارمۇ مېنىڭ سەۋىرچانلىغىمغا ناھايىتى قايىل بولغان ھەم ھازىرغا قەدەر دوختۇرخانىغا كىرگەن جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدىن داۋالاشقا مەنچىلىك ماسلاشقىنى، مەنچىلىك ئۇزۇن ياتقىنى ۋە ساقىيىپ چىقىپ كەتكىنى يوق ئىكەنلىگىنى، ئۇزۇن بولسا 2-3باسقۇچ يېتىپ، ئاغرىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق كېسەل ئالامەتلىرى تۈگىگەندىن كىيىنلا چىقىپ كېتىدىغانلىغىنى ئېيىتقان. شۇندىن كىيىن ئۆزۈم قايتا قوزغىلىشىدىن ئەنسىرەپ 4يىلغىچە ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇردۇم. 4-يىلىمۇ مەسىلە كۆرۈلمىگەندىن كىيىن خاتىرىجەم بولدۇم. يەنە نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، بالىلىق بولدۇم. ئايالىم ۋە بالامنىمۇ تەكشۈرۈتتۈم، ئەلھەمدۇلىللا، سالامەت. خاتىرىجەم ئۆتۈۋاتىمەن.       ئۈستىدە ئىنكاس قالدۇرغان قېرىنداشلاردىن بىر نەچچەيلەن ئۆزىدە بۇ كېسەلنىڭ بارلىغىنى ئېيتىپتۇ، لىكىن ناھايىتى پەرۋاسىز قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بۇ كەچۈرمۈشۈمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى. قېرىنداشلار ، ھايات ناھايىتى قىممەتلىك. سىزنىڭ ھاياتلىغىڭىز يالغۇز سىزگە تەۋە ئەمەس، ئاتا-ئانىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز، جۆرە ۋە پەرزەنتلىرىڭىز، ۋەتىنىڭىز ھەمدە مىللىتىڭىز ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم ۋە قىممەتلىكتۇر. ياشلىقتا بەلكىم بۇ كېسەل ئاددى كۆرۈنگەندۇر، بەدىنىڭىزنىڭ ئىممۇنىت كۈچى كېسەلنى ئاجىز كۆرسەتكەندۇر، لىكىن كېسەل دىگەن جانغا ئىكەك، ئۇ سىزنىڭ ئىممونىت كۈچىڭىزنى، ساغلام ھۆجەيرىلىرىڭىزنى ئىكەكلەيدۇ، ئېغىرلاشقاندا ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇم بىلەن بىنا سالغانغا ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ ياش چوڭايغاندا تېخىمۇ شۇنداق! شۇڭا سىزگە دەيدىغىنىم: ئۆزىڭىز، ئائىلىڭىز ۋە قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ! ياشلىغىڭىزدا، كېسەلنىڭ يېنىك ۋاقتىدا ياخشى داۋالىنىڭ، ياخشى كۈتۈنۈڭ، پەرھىزلەردىن(زىيانلىق نەرسىلەردىن) يىراق تۇرۇڭ! تەن ساقلىق-زور بايلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74963
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 01:34:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىمە يوللىغان ۋاقتى  2012-5-22 11:56 PM
ئەمدىلا 30 ياشقا كىرىپتىم تىخى، مەنمۇ ب تىپلىق جىگەر كى ...

مىللى تىبابەتمۇ بولىدۇ، غەرىپچە داۋالاشمۇ بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى سەۋىرچانلىق ۋە پەرھىز. مۇشۇنى ئورۇنلىيالىسىڭىز، داۋالاشقا ياخشى ماسلاشسىڭىز ئۈزۈل-كېسىل ساقىيىپ كېتەلەيسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش