ئاۋېسترالىيەدىكى بىر تاماقخانا خوجايىنى خېرىدارلارنىڭ ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقنى ئېيىتتى . ئۇ بىر پەرمان چىقىرىپ: بىزنىڭ ئورتاق يەرشارىمىز ئۈچۈن ،غىزالانغىلى كەلگەن بارلىق خېرىدارلارنىڭ بۇيرۇتقان تامىقىنى پاك- پاكىزە يېيىشىنى ئۇقتۇرىمەن،ئۇنداق بولمىغاندا جەرىمانىگە ئۇچرايسىز!، دېگەن.
سېدنىينىڭ شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان چېف يۇكاكونىڭ«ۋۇفا تېز تاماقخانىسى »30 كىشىنى سىغدۇرالايدىكەن ،مەزكۇر تاماقخانىدا غىزالانغۇچىلار بۇيرۇتقان تاماقلىرىنى پاك -پاكىزە يەپ بولسا تاماق باھاسىدا 30% ئېتىۋارغا ئېرىشىدىكەن .مەزكۇر تاماقخانا بۇنى «ھېچقانداق گۇناھ ھېس قىلمايدىغان ياپونچە غىزالىنىش» دەپ ئاتىغان .
تاماقخانىدىكى بىر ئىشىككە «بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار » ئورنىتىلغان . بۇنىڭدا نۇرغۇن ماددىلار بار بولۇپ ،ئۇنىڭ بىرسىدە «سىجىل تەرەققىياتقا ئىگە كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن ،باشقا تاماقخانىلارغا قارىغاندا سەل كۆپرەك تەلەپلەرنى قويدۇق»دەپ يېزىلغان .
بۇنىڭدا يەنە «بارلىق ئورگانىك يېمەكلىكلەر،ئاقسېل تەركىبى بولمىغان يېمەكلىكلەر ،سۈت تۈرىدىكىلەر،شېكەر تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ۋە تۇخۇملارنى پاك -پاكىزە يېيىشىڭىزنى ئۇقتۇرىمىز.ئەگەر پاك-پاكىزە يېمىسىڭىز ،تاماقخانىمىزدىكى بارلىق خادىملار ئېنىق قىلىپ كېلەر قېتىم تاماقخانىمىزغا قەدەم باسماسلىقىڭىزنى ئۇقتۇرىمىز »،دېيىلگەن .
ۋۇفا تاماقخانىسىنىڭ بۇ قاتتىق تەدبىرىنى نۇرغۇن كىشىلەر قوش قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن .ئەمما يەنىلا بەزى كىشىلەر بۇنى«بەك چەكتىن ئاشقانلىق »دېگەن ،ئەمما ۋۇفا ئۇستام بۇنىڭغا قىلچىمۇ ئېتۋار قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋۇفا پەقەتلا بىر تاماقخانا بولماستىن بەلكى يۇكاكو يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ كېڭەيتىلىشى .مەزكۇر تاماقخانىنىڭ تور بېكىتىدىكى بايانلاردا « بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بەدەنگە پايدىلىق ،ساغلام تائاملارنى ھۇزۇرىڭىزغا سۇنۇپلا قالماستىن ،يەنە ئىسراپچىلىقنى توسۇيمىز، رەت قىلىمىز .كەلگۈسىدىكى سىجىل تەرەققىيات ۋە مۇھىتىمىز ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇل
بولىمىز»دېيىلگەن .
بۇ تۇنجى تەرجىمە ماقالەم بولغاچقا ئازدۇر كۆپتۇر نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس .قېرىنداشلارنىڭ خاتا كەتكەن يەرلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمەن
مەنبە:
Read more: http://digitaljournal.com/article/292968#ixzz1vD0ezuxP