ئەمسە ئىككىنجىسىنىمۇ قۇيۇۋېتىڭ ! تەس بولمىغاندىكىن ؟
مۇئەللىم دەرىس ۋاقتىدا ، بىر ئىستاكان سۈتنى ئۈستەلگە قويۇپ قويدى .
بىز ، سۈت بىلەن دەرىسىمىزنىڭ نىمە مۇناسىۋېتى باردۇ دەپ مۇئەللىمدىن سورىدۇق .
مۇئەللىم سۆزىمىزگە جاۋاب بەرمەستىن ،ئىستاكاننى يەرگە ئۇرۇپلا چېقىۋەتتى .
ساۋاقداشلار نېمىنى چۈشەندىڭلار ؟ قاراڭلار ، ئىستاكان چېقىلدى ، سۈتمۇ تۆكۈلدى.
ئەمدى بۇنى ئورنىغا ، كەلتۈرگىلى بولامدۇ ؟
بىز دېيىشىۋالغاندەكلا ، ياق... ئورنىغا كەلمەيدۇ ! دەپ جاۋاب بەردۇق .
مۇئەللىم _ بىز ھاياتىمىزدا ئۆتكۈزگەن خاتالىق ، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن
قايغۇرۇپ ، ئازابلىنىپ ئۆتىمىز . ئەمما ، ئۆتۈپ كەتكەن ئىش ، چېقىلغان ئىستاكانغا
تۆكۈلگەن سۈتكە ئوخشايدۇ . ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ . كەچكۇچە ئۆتۈپ
كەتكەن ئىشلارغا قايغۇرۇش ، بىزنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرۇمىزنى بوغىدۇ . روھىمىزنى
چۈشكۈنلەشتۈرۈپ پۈچەك قىلىدۇ . ئېرادىمىزنى سۇندۇرىدۇ .
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ ، ئون بەشى ئايدىڭ ! بەلكىم قايغۇڭىزنىڭ كەينىگە
زور خۇشاللىق يۇشۇرۇنغاندۇ . قايغۇرماڭ ! باتۇرلارچە ياشاڭ ! دۇنيادا ياخشى
قىزلار ساماندەك . پالتا بولسا ئوتۇن تۇلا ، ئەركەككە خۇتۇن تۇلا . ھەقىقىي
ئىرادە ، قەيسەرلىك بىلەن ياشاپ بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇپ تەرەققىي
قىلسىڭىز ، ئەخلاقلىق بولۇپ پۇل تېپىڭە ! تىرناققا توختىغۇدەك ، ئەخلاق ـ ھايالىق
قىزلىرىمىز كۆپقۇ ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-22 07:16 PM