مەن يۈز قىزنى ئۇچراتتىم
ئاپتۇرى گې شۇيې
قەلەمىي تەرجىمسى
مەن 100قىزنى ئۇچراتتىم .بۇ سان قارماققا ناھايتى كۆپتەك بىلىنسىمۇ ئەمەليەتتە ئانچە كۆپ ئەمەس . دۇنيادىكى قىزلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك سان -ساناقسىز . لېكىن مېنىڭ يولۇقتۇرغىنىم پەقەت 100.
شۇ ۋاقىتلاردا مەن ناھايتىمۇ ئۇزۇن بىر سەپەرگە كېتۋاتاتتىم . سەپىرىمنىڭ قەيەردە ئاخىرلىشدىغانلىقىنى بىلمەيتىم . بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە ،بىر دۇنيادىن يەنە بىر دۇنياغا قىسىقىسى بۈگۈندىن ئەتىگە قاراپ سەپىرىمنى داۋام ئېتشىم مۇقەررەر ئىدى .
ئەنە سەپىرىمدە بايا قەيىت قىلىپ ئۆتكىنىمدەك 100قىزنى ئۇچراتتىم .(بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قىزنى ئۇچراتقاندىمەن ،لېكىن مەندە تەسىر قالدۇرغىنى پەقەت شۇ...)ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسنى تونۇمايمەن .نۇرغۇنلىرى پەقەت سۈركىلىپلا ئۆتۈپ كەتتى . بەزىلىرى بىلەن ئۆز ئارا دوسىت بولدۇم . بەزىلىرى بىلەن سەپىرىمنىڭ مەلۇم بىر ئۆتكىلدە ئازاب ۋە خۇشاللىقلاردىن تەڭ بەھرىمان بولدۇم . بەلكىم ئۇلارغا نىسپەتەن مەنمۇ ئۇلار يولۇقتۇرغان 100ئەركەكنىڭ بىر سىدۇرمەن .
1. تاۋۇزى يېرىلمىغان قىز
تومۇز كۈنلىرىنىڭ بىرى . مېنىڭ دەل بۇ شەھەرگە كەلگەن ۋاقتىم . پىژغىرىم ئىسسىقنىڭ تەپتىدىن كوچىدا بىرمۇ ئادەم يوق . پەقەت بىر تاۋۇز ئۇياقتىن بۇياققا دومىلاۋاتاتتى . بىر قىز ھاسىراپ ھۆمۈدەپ تاۋۇزنىڭ ئارقىسدىن كېلۋاتاتتى .مەن پەم بىلەن تاۋۇزنى تۇتۋالدىم .قىز ئىڭشىپ تۇرۇپ مەندىن سوردى .
- بىرەر نەرسە بولمىغانسىز ؟
- ياقەي ،ھېچنىمە بولمۇدۇم .
قىز قارغانسىرى شەپەقتەك قىزرىپ ھودۇقۇپ كېتۋاتاتتىم .
-تاۋۇزۇمنى تۇتۇپ بەردىڭىز ،رەھمەت يۈزسىدىن سىزنى ئۆيىمىزگە تاۋۇز يىيىشكە تەكلىپ قىلاي .
قىزنى شۇنداق دىسكەن دەپ ئۈمىد قىلىپ تۇرغاندا بۇ گەپ ماڭا ياغدەك ياقتى .
قىزنىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم ....
شۇ كۈندىن باشلاپ ياز پەسلى خۇددى ئاشۇ قىزنىڭ تاۋۇزىدەك تاتلىق تېتىيدىغان بولۇپ قالدى .
داۋامىغا قىزىققان بولسىڭىز دىققىىڭىز داۋاملىق بۇ تېمىدا ياكى بېلوگىم دا بولسۇن