ئاياللار ۋە تاھارەت توغرىسىدا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتىھۇ. ئەزىز ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ھۈزۈرىغا بەزى داڭلىق قازى ۋە پىقھى ئالىملىرىمىزنىڭ ئاياللار توغۇرىسدا بەرگەن پەتىۋالىرىنى سۇندۇق، ھەمشىرلىرمىزنىڭ بىلمىگەن، ياكى سوراشتىن خىجىل بولغان جايلارنى بىلىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىش بىلەن بىرگە بۇ توربەتنى كۇرۇشكە مۇيەسسەر بۇلالمىغان ھەمشىرلىمىزگىمۇ يەتكۈزۈپ قويشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
35 جاۋاب بار
1. تاھارەت ئالغۇچى ياكى غۇسلى قىلغۇچى سۇنىڭ تىرە بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشنى چەكلەيدىغان ھەرقانداق بىرنەرسىنى يوقاتمىقى ۋاجىپ. (شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن)
2. ھەيزدار ئايال ناماز ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن تىرناق بۇياقلىرىنى ئىشلەتسە كېرەك يوق. (شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن )
3. تاھارەت ئالماقچى ياكى غۇسلى قىلماقچى بولغاندا، تىرناقتىكى بۇياقلارنى يوقۇتۇش ۋاجىپ، چۈنكى ئۇ، سۇنىڭ تىرناق بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلەيدۇ.
4. مۇلاھىزە ئەگەر تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن تىرناقنى بويىغان بولسا ئوقۇغان نامىزى دۇرۇس بولىۋېرىدۇ . (شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن )
5. پۇتىغا ياكى قولىغا ياققان خېنىنىڭ تېرىگە سۇ يۇقۇشتىن چەكلەيدىغان ماددىسى بولسا، تاھارەت ئېلىشتىن ياكى غۇسلى قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى چىقىرىپ تاشلاش لازىم، بىراق پۇت قولىدا قېلىپ قالغان دېغى تاھارەتنىڭ دۇرۇس بۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ دېغى سۇنىڭ تېرىگە يىتىشنى چەكلىيەلمەيدۇ. (لۇجنە تۇتدائىم )
6. خېنە يېقىلغان چاچقا مەسىھ قىلىشقا بولىدۇ ، ئەمما (جىنابەتكە ئوخشاش) چوڭ تاھارەتتە باشنىڭ ھەممىسىنى يۇيۇش لازىم. مەسىھ قىلپ قويۇشلا كۇبايە قىلمايدۇ. (شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن )
7. بىرەر قىيىنچىلىق بولسا ياكى ھاۋا بەك سوغۇق بولۇپ قالسا ۋە ياكى تارتىۋىتىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ياغلىق ئۈستىگە مەسىھ قىلىش جائىز. ئۇنداق بولمىسا مەسىھ قىلمىغان ئەۋزەل. (شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن)
8. چاچنىڭ بەزىلىرىنى بوياش: غۇسلى قىلغاندا ياكى باشقا مەسىھ قىلغاندا سۇنىڭ تىرە ياكى چاچ بىلەن بىۋاسىتە ئۈچرىشىشنى چەكلىسە، ئۇنى يوقۇتۇش ۋاجب، چۈنكى ئۇ تاھارەتنىڭ كامىل بۇلىشىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ.
9. ئەمما تېرىگە سۇ يۇقۇشتىن توسمىسا پەقەت خېنىگە ئوخشاش بۇياقلار بىلەن بۇيالسا كېرىكى يوق. (شەيخ ئىبنى مۇنىئ )
10. چاچنى مايلاش ۋە لەۋسۇرۇخ ئىشلىتىش تاھارەتنى سۈندۇرالامدۇ؟ مايدىن باشقىلىرى تاھارەتنى سۈندۇرالمايدۇ. (شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن )
11. ماي تاھارەت ئالغاندا سۇنىڭ تېرىگە يېتىشىنى چەكلەيدىغان بولسىچۇ؟ ئەگەر تاھارەت ئالغاندا يۇيۇشقا تېگىشلىك ئەزالار ئۈستىدىكى ماي سۇنىڭ يېتىشىگە توسالغۇ بولدىغان قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى ماي بولسا، ئۇنى تاھارەت ئېلىشتىن ئىلگىرى يوقۇتۇش لازىم. ئەگەر ماينىڭ ئۇنداق تەركىبلىرى بولمىسا كېرەك يوق. بىراق ئەزالارنى يۇغاندا سۇنىڭ يۇقۇشمايلا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئەزالارنى قول بىلەن سىلاپ يۇيۇش كېرەك . (شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن)
نىجاسەت ئەھكاملىرى توغرىسىدا
12. ناماز ئوقۇۋېتىپ كىيىمىدە بىرەر نىجاسەتنىڭ بارلىقىنى كۆرسە دەرھال نامازدىن چىقىپ، شۇ نىجاسەتنى يۇيىۋەتكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىپ نامازنى يېڭىدىن باشلاپ ئوقۇشى كېرەك. (شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن)
13. ناماز ئىچىدە كىيىمدە نىجاسەت بارلىقىدىن شەكلەنسە تاكى ئىشەنچ باغلىغانغا قەدەر نامازدىن چىقىپ كىتىش جائىز ئەمەس. (شەيخ ئىبنى باز )
14. جايناماز ۋە ئەدىيال قاتارلىقلارغا نىجاسەت يۇقۇپ قالسا بۇلۇت بىلەن سۈرتىۋېتىشلا كۇبايە قىلمايدۇ يۇقۇپ قالغان سۈيدۈككە ئوخشاش نىجاسەتلەرنى سۇ قۇيۇپ ئېقىتىش كېرەك ئەگەر يۇقۇپ قالغىنى جىسىملىق نىجاسەت بولسا ئۇنى يوقىتىشى لازىم. (لۇجنە تۇتدائىم)
15. بەدەنگە ياكى كىيىمگە قۇرۇق نىجاسەت يۇقۇپ قالسا شۇنىڭدەك قۇرۇق مۇنچىغا قۇرۇق تاپان بىلەن كىرسە ھېچ بىر زىيىنى يوق، چۈنكى نىجاسەت پەقەت ئۆزىنىڭ ھۆللىگى بىلەنلا باشقا ياققا يامرايدۇ. (شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن
16. پاك كىيىمنى نىجىس كىيىم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇيۇشقا بولامدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى نىجىس كىيىمنى يېتەرلىك سۇ بىلەن ئايرىم يۇيۇش كېرەك. ئەگەر پاك كىيىم نىجىس كىيىم بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، نىجاسەتنى يوقىتالايدىغان ۋە نىجاسەت بىلەن ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغان كۆپراق سۇ بىلەن يۇسا كىيىملەرنىڭ ھەممىسى پاك بولىدۇ. (شەيخ ئىبنى باز)
17. تاھارەت ئالغۇچىنىڭ ياكى باشقا بىرىنىڭ بەدىنىدىكى نىجاسەتنى يۇيۇش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، ئەمما ئەۋرەتنى تۇتۇش تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. (لۇجنە تۇتدائىم)
18. نىجاسەت بار جايدىن ئۆتكەندە كىيىمنىڭ پېشىگە نىجاسەت يۇقۇپ قالسا، بۇنىڭ ھۆكىمى قانداق بولىدۇ؟ -ئۇنىڭ ھۆكىمى بىر جۈپ كەشنىڭ ھۆكىمىگە ئوخشايدۇ، نىجاسەت ئۈستىدىن ئۆتكەندىن كېيىن پاك تۇپراق ئۈستىدىن ئۆتسە پاك بولىدۇ . (شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم)
تاھارەتنىڭ ئەھكاملىرى
19. ئايال كىشىنىڭ تاھارەت ئالغاندا (مەيلى چېچىنى تۈرمەللىۋالغان بولسۇن مەيلى تۈرمەللىۋالمىغان بولسۇن) چېچىغا مەسىھ قىلىشى جائىز. (شەيخ ئىبنى ئۇسامەيىن)
20. ئەۋرەتنى بىۋاسىتە تۇتۇش تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ، تۇتۇلغۇچى مەيلى چوڭ بولسۇن مەيلى كىچىك بولسۇن. (لۇجنەتۇتدائىم)
21. ئايال كىشىنىڭ جىنسى يولىدىن ھاۋا چىقسا تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاسەت چىقىدىغان يەردىن چىقمايدۇ. (شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن )
22. ئايال كىشىنى تۇتۇش: توغرىسى تاھارەت سۇندۇرمايدۇ، مەيلى ئۇ يات ئايال بولسۇن، مەيلى ئۆز ئايالى بولسۇن، مەيلى شەھۋەت بىلەن بولسۇن، مەيلى شەھۋەتسىز بولسۇن، مەزى چىقمىسىلا تاھارەت سۇنمايدۇ. (لۇجنەتۇتدائىم)
23. جۇنۇپ ئادەمنىڭ غۇسلى قىلماي تۇرۇپ ھەرقانداق ئۇسۇلدا قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشى جائىز ئەمەس. (شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن)
24. ئايال كىشىنىڭ جىنسى يولىدىن داۋاملىق ھاۋا چىقسا، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرسە تاھارەت ئېلىشى ۋاجىپ، ئەگەر ئۇ غالىب كېلىپ توختىۋېلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس. (شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن)
25. تاھارەتتە ئايال كىشىنىڭ بېشىغا مەسىھ قىلىشى، ئەر كىشىنىڭ مەسىھ قىلىشغا ئوپمۇ – ئوخشاش. ئايال كىشى بېشىنىڭ ئۇمۇمىسىغا چاچ چىققان يەرنىڭ ئاخىرغىچە مەسىھ قىلىشى كېرەك. چاچنىڭ ئۆرەلگەن قىسمىغا مەسىھ مۇستەھەپ. (شەيخ ئىبنى جۇبەيرىن)
26. رەڭ ياكى لاي ۋە ياكى ئوت چۆپ ئارىلىشىپ قالغان سۇ ئۆز تەبىئىتىنى ساقلاپ قالغانلار بولسا، تاھارەت ئېلىشقا جائىز. (شەيخ ئىبنى باز)
27. ھەر قېتىم تاھارەت ئالغاندا ئىستىنجا قىلىش شەرت ئەمەس، ئىستىنجا قىلىش چوڭ - كىچىك تاھارەت سۇندۇرغان ۋە ئۇ ئىككىسى يۇقۇپ قالغاندا ۋاجىپ. ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا يەل قويۇپ بېرىش، ئەۋرەت تۇتۇش ۋە ئۇخلاش قاتارلىقلارغا ئىستىنجا قىلىش شەرت ئەمەس، يۇقىرىقىلارغا شەرئى تاھارەتلا كۇپايە. (شەيخ ئبنى باز )
28. تاھارەت ۋە ناماز ئۈچۈن نىيەتنى تەلەپپۇز قىلىش بىدئەت، چۈنكى نىيەتنى تەلەپپۇز قىلىش نە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، نە ساھابە كىراملارىدىن نەقىل قىلىنغان ئەمەس. نىيەتنىڭ ئورنى دىل (تاھارەت ئېلىشنى ياكى ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلدىم) دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. (شەيخ ئىبنى باز)
29. مۇگۇدەش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ: ئەمما ئەتراپتىكى كىشىلەرنى ۋە بولغان ئىشلارنى سەزمىگۈدەك دەرىجىدە ئېغىر ئۇخلاش تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ. (شەيخ ئىبنى باز)
30. پاكلىقىغا شەك بار يەرگە جايناماز سېلىشنى ھۆكمى: مۇبادا يەر نىجىس بولۇپ قالسا ئۈستىگە بىرەر نەرسە سېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇش كېرەك، چۈنكى ئۇ نىجاسەت بىلەن ناماز ئوتتۇرىسىدا پاك بىر توسالغۇ شەكىللەندۈرىدۇ. (شەيخ ئىبنى فەۋزان)
31. تاھارەتنىڭ دۇرۇس بۇلىشى ئۈچۈن ئەۋرەتنى يېپىش شەرتىمۇ؟ تاھارەتنىڭ دۇرۇس بۇلىشى ئۈچۈن ئەۋرەتنى يېپىش شەرت ئەمەس. (شەيخ ئىبنى باز)
32. مېيىت يۇيۇش تاھارەتنى سۇندۇرامدۇ ؟ تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ ، بىراق مېيىت يۇغۇچى مېيىتنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدۇ. يۇغۇچى مېيىتنىڭ ئەۋرىتىنى بىۋاسىتە تۇتماسلىقى كېرەك . (شەيخ ئىبنى باز)
33. چاچقا خېنە يېقىش تاھارەتنى سۇندۇرامدۇ؟ تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ياقسا تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. چاچقا خېنە ئۈستىدىن مەسىھ قىلىنسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق. (شەيخ ئىبنى باز)
34. ساقلىق ساقلاش سايمانلىرىنى تۇتۇش ۋە مۇنچىنىڭ تىگىگە يالاڭ ئاياق دەسسەش قاتارلىقلار تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ . (شەيخ ئىبنى باز )
35. چىش ئارلىقلىرىدا قېلىپ قالغان تاماق قالدۇقلىرىنى تاھارەت ئالدىدا ئېلىۋىتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تاھارەت ئېلىشنىڭ ئالدىدا چىش ئارىلىقلىرىدىكى قالدۇق تاماقلارنى ئېلىۋېتىش ۋاجىپ ئەمەس. بىراق تاماقدىن كېيىن چىش ئارلىقلىرىنى تازىلاش ياخشى خىسلەت ۋە چىش، ئېغىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۈسۈل. (شەيخ ئىبنى فەۋزان )
مەنبە : نۇرلۇق ئىسلام تورى .