مىنىڭچە،ھىسسىيات - شېئىىردىكى موھىم ئامىل.سىزدە بۇ شەرىت يىتەرلىككەن.تىخنىكىغا ئائىت تەلەپلەرنى ئاستا-ئاستاتولۇقلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ.ئەنئەنىۋى شىئىرىيەت تەلەپلىرى نوقتىسىدىن قارىغاندا رادىفلارنى قاپىيە ئورنىدا قويۇشقا بولمايدۇ.شېئىرىڭىزدىكى گەۋدىلىك كەمچىلىك قاپىيەدەئىكەن.لىكىن،رېتىم،تۇراقلارغا ياخشى دىققەت قىلىپسىز.قاپىيەسىگە بىر ئىشلىۋەتسىڭىز بۇ ياخشى ئەسەر بولغىدەك.مەن سىزنىڭ كىلەچەكتە بىر ياخشى شائىرە بولۇپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن ۋە ئىشىنىمەن.
رەڭسىز گۈللەر ئۇخلار ئىكەن مىسكىن نەپەستە،
سىغىنغانمىش باھار،يازنىڭ ئىللىق ھىدىنى،
كۈلۈپ يۈردۈم،چۈشلىرىمدە،مەنمۇ بىر پەستە،
كۆرۈپ قالغاچ،مەن دۆڭكۆۋرۈك ھەم ھىيتگاھىمنى.
1-كوبلىتتىن كۈرۈۋىلىشقا بولىدۇكى،سىز ئالماش قاپىيەلىك شېئىر يازماقچى بولغان.1-3-مىسرالار بۇ شەرىتنىڭ يىرىمىنى قانائەتلەندۈرگەن،لىكىن ئەڭ مۇھىم بولغان يىرىمى يەنى2-4-مىسرالار قاپىيەسىز قالغان.«ھىدىنى»دىگەن سۈز بىلەن«ھىيىتگاھىمنى»دىگەن سۈز قاپىيە شەرتىنى قانائەتلەندۈرمەيدۇ.ئاخىرىدىكى«...نى»دىگەن پەقەت تاۋۇش شەكلىدىكى رادىفتىن ئىبارەت.ئەڭ ئاخىرقى مىسرادا قاپىيە شەرتىنى قانائەتلەندۆرۈش ئۈچۈن بۇ مىسرادىكى پىكىر-تىندىسىيە،ھىسسىياتلارنى باشقا بىر شەكىل-ۋارىيانىتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.قالغان كوبلىتلارغىمۇ شۇ تەلەپ بىلەن نەزەر سىلىپ بىقىڭ.
ئەگەر سىزبۇ شېئرنى ئالماش قاپىيەقىلىپ يازمايمەن دىسىڭىز مىنىڭچە ئىش بىر ئاز ئاسانغا چۈشەتتى ،بۇ ھالدا 1-كوبلىتنى تۇۋەندىكىچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولاتتى:
سىغىنغاچقا باھار،يازنىڭ ئىللىق ھىدىنى،
رەڭسىز گۈللەر ئۇخلار ئىكەن مىسكىن نەپەستە.
كۆرۈپ قالغاچ،مەن دۆڭكۆۋرۈك ھەم ھىيتگاھىمنى،
كۈلۈپ يۈردۈم،چۈشلىرىمدە،مەنمۇ بىر پەستە.
بۇھالدائاخىرقى مىسرانى:
كۈلۈپ يۈردۈم،چۈشلىرىمدە،زۇقتا-ھەۋەستە.
دىسەك بىر ئاز ياخشى بولامدىكىن.ماڭا«مەنمۇ»دىگەن سۈز تەكرارىدەك،بوغۇم تولدۇرۇش ئۈچۈنلا يىزىلغاندەك بىلىنىپ قالدى.بۇنىڭدىن ياخشى ۋارىيانىت بولسا تىخى ياخشى.
تەكلىپلىرىمنى ئورۇنلۇق دەپ قارىسىڭىز قايتا ئىشلەپ بېقىڭ.مەشىقنى كۈپ قىلىڭ.بىر ئىشلىۋەتسىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى شېئىر بولىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-22 03:14 PM