|
|
|
|
كىچىك سەييارە يەر شارىغا قاراپ كەلمەكتە!!!
ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 21-ماي بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى رەتلەش ئارقىلىق كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر خەۋەرنى ئىلان قىلدى،بىر دانە چوڭلۇقى تەخمىنەن 50مېتىر(150فوت) ،ئېغىرلىقى 14000توننا كېلىدىغان ئوربىتىسىدىن چىقىپ كەتكەن كىچىك سەييارە 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەتراپىدا يەر شارى بىلەن ئەڭ يېقىن ئارلىقتا سۈركىلىپ ئۆتىشى مۇمكىن.
مەزكۇر سەييارە ئىسپانىيەنىڭ لاسارگا كۈزىتىش پونكىتىدىكى ئاستىرونوملار بايقىغان بولۇپ،نۆۋەتتىكى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ سەييارىنىڭ يەر شارى بىلەن 33796كىلومىتىر ئارىلىقتا يەر شارى بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا ياندىشىپ ئۆتىدىغانلىقى ،يەر شارىنىڭ ئالاقىلىشىش سۈنئى ھەمرالىرى بىلەن سوقۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ خېلىلا يۇقۇرى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
نۆۋەتتە ئامىرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى خادىملار ئىنچىكىلىك بىلەن بۇ سەييارىنىڭ ھەركەت ئوربىتىسىنى ھىساپلىماقتا ،سانلىق مەلۇماتلادا ئىپادىلنىشىچە مەزكۇر سەييارىنىڭ يەر شارى بىلەن سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى 0.031% ئىكەنلىكى ،يەر شارى ماس قەدەملىك سۈنئى ھەراسى بىلەن سوقۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ خېلىلا يوقۇرى بولدىغانلىقى ئاشكارلانغان. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر بۇ سەييارە يەر شارىغا سوقۇلسا تەخمىنەن 2.4مىگا توننا پارتىلاش كۈچىنى پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى ،بۇنداق چوڭ كۆلەمدىكى پارتىلاش 1908-يىلى روسيىنىڭ سىبىريە رايونى تۇڭگۇس ئورمالىقىدا يۇز بەرگەن مىتىرىئورىت سووقۇلۇش ۋەقەسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولدىكەن. ئەينى چاغدىكى پارتىلش زەربىسىدىن نەچچە يۈز كىۋادىرات كىلومىتىر كېلىدىغان ئورمانلىق كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى نۆۋەتتە ئالىملار ئىلىپ بېرىۋاتقان يەر شارى ماس قەدەملىك سۈنئى ھەمرا ئاقىلىق مەزكۇر سەييارىنىڭ ھەركەت ئوربىتىسىنى كۆزىتىش ،ھېسابلاش،ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش خىزمەتلىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى ۋە توغرىلىق دەرىجىسى ئۇنچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس،چۈنكى كىچىك سەييارە قۇياش سېستىمىسىغا كىرگەندىن كېيىن تولىمۇ ئاسانلا باشقا سەييارىلەرنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن ھەركەت ئوربىتىسىدا ئالدىن مۆلچەرلەش تولىمۇ تەس بولغان ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.چۈنكى كىچىك سەييارە قۇيا سېستىمىسىغا كىرگەندە ،ھەم يەر شارىغا سوقۇلغاندا نورمال بولغاندىكى سۈرئىتى سائىتىگە 30000كىلومىتىردىن 60000كىلومىتىرغىچە يەنى تاپانچا ئوقىنىڭ تەخمىنەن 10 ھەسسىدىن 15ھەسسىگە باراۋەر بولۇپ يەر شارىنى تەل تۈكۈس ۋەيران قىلىۋېتەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئادەمزات زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا چۈشكەندە مۆلچەلىگۈسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.چۈنكى بۇنچىۋالا كۈچلۈك سوقۇلۇش گەپ سۆسسىز چوڭ بىر شەھەرنى تۈپ تۈز قىلىۋېتەلەيدۇ.
ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى بۇ پەقەت بىر خىل ئېھتىماللىق،چۈكى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر بولغان ھەم ھەر قېتىم يەر شارىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ئامان قالغان شۇڭا زىيادە ئەندىشە قىلىپ كەتمەستىن پەقەت بىر ئوقۇپلا قويسىڭىز بولىدۇ.چۈنكى ئىنسانىيەت ئاللىقاچان ئوننەچچە قېتىملىق (ئاخىر زامان )دىن ئالدىن مەلۇماتنى ساق سالامەت باشتىن ئۆتكۈزۈپ بولغان.
http://timesofindia.indiatimes.com/home/science/Asteroid-may-smash-Earth-satellites-Nasa/articleshow/13331348.cms بۇنىڭدىن كۆرۈڭ ....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turpanoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-21 06:34 PM
|
|
|
|
|
|