1. سىز تاللىغان كومپيۇتېر چۇقۇم سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدىغان بولىشى كىرەك. 2. ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىتىش دائىرسىگە ئاساسەن كومپيۇتېر تاللاڭ 3. كومپيۇتېر تاللىغاندا ماركىغا تەلەپنى بەك يۇقۇرى قويىۋالماڭ، بازاردا ئېقىۋاتقان سۈپەت ياخشى باھاسى مۇۋاپىق بولغان ماركىنى تاللاڭ ، 4. كومپيۇتېر قۇراشتۇرغۇچى تېخنىك خادىمدىن كۆپرەك مەسلىھەت ئېلىڭ ، شۇلار سىزگە تۇنۇشتۇرغان ماركىنى ئاساس قىلىڭ ، ھەرگىز مەن چۇقۇم مۇشۇ ماركىنى ئالمەن دەپ تۇرۋالماڭ . چۇنكى سىز كومپيۇتېر بازىرىغا يىلدا بىر ياكى نەچچە يىلدا بىر كىلىسىز ، قانداق ماركا ئېقىۋاتىدۇ، قانداق ماركا بازاردىن چىكىندى سىز بىلمەيسىز.. سىز 2 يىل بۇرۇن ئالغان كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختىسى ياخشى چىققان بولسا بەلكى ھازىر ئۇ ماركىلار يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بازاردا ئېقىۋاتقان ماركىنى تاللاڭ، 5. سىز تاللىغان كومپيۇتېر بىلەن قۇراشتۇرۇلۇپ چىققان كومپيۇتېرنىڭ ئوخشاش بىردەك بولۇش بولماسلىقىغا كۆپرەك دىققەت قىلىڭ، ئىشەنچىلىك دەپ قارغان شىركەتتىن سېتىۋىلىڭ 6. كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا سىز باھاسىغىلا ئېسلىۋالماڭ . كومپيۇتېر باشقا نەرسىگە ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە 1~3 يىلغىچە كاپالىتى بولىدۇ، ئالدىڭىزغا كەلگەنلا يەردىن سېتىۋالسىڭىز كىيىن كاپالىتىنى قىلدىغان ئادەم تاپالماي قالىسىز. 7. كوميپۇتېر سېتىۋالغاندا سىز چۇقۇم شۇ شىركەتنىڭ مەسھۇلى بىلەن سۆزلىشىڭ ياكى مەسھۇلىدىن كومپيۇتېر سېتىۋالغانلىق ئىسپاتى ئېلىڭ. بۇنداق بولغاندا سىز كومپيۇتېرنىڭ كىيىنكى كاپالىتىدىن ئەنسىرمەيسىز . ئەگەر سىز ئىشلەيدىغان خادىملار بىلەن سۆزلىشىپلا ئالسىڭىز بىر يىلغىچە ئىشلەيدىغان باللا بولسا ياخشى ئەگەر شىركەتتىن چىقىپ كىتىپ قالسا ئۇ شىركەتتىكى باشقىلار سىزنى تۇنىماسقا سېلۋالىدۇ . كىمدىن ئالغان بولساڭ شۇنى ئىزدە دەپ كاپالەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردۇ..
|