« تاغ جۇدنلىرى» رومانىدا ئىشلىتىلگەن ماقال-تەمسىللەر
يېقىندا ئاتاقلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام يازغان «تاغ جۇدۇنلىرى» ناملىق روماننى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. ئوقۇش جەريانىدا ئىلگىرى مەن ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ باقمىغان بەزىبىر ماقال-تەمسىللەر ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ روماندىكى ماقال-تەمسىللەرنى رەتلەپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ رەتلەپ چىقتىم، تورداشلارنىڭمۇ كۆرۈپ،پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى تىلەيمەن.
u يادلىساڭ يېنىڭدا مەن، يادلىمىساڭ يەمەندە مەن.
u قېشىڭدا كىم ئولتۇرسا، چىرايلىقىڭ شۇ، بېشىڭنى كىم سىلىسا،ماشايىخىڭ شۇ.
u ئۆزى ئۈچۈن قىلىنمىغان ئوغۇرلۇق،ئوغۇرلۇق ھېسابلانمايدۇ.
u ئۈزۈمنى يە، ئىگىسىنى سورىما.
u ئۆيگە ئوغرى كىرسە،ئىتنىڭ سىيگىسى كەپتۇ.
u قوتۇر ئاتنىڭ تۈكى دورا بولۇپ قالسا، قوتۇر ئات دەريانىڭ ئۇ قېتىدا ئوتلاپتۇ.
u يانتۇ يەر يەر ئەمەس، كىچىك بالا ئەر ئەمەس.
u تىنچ چاغدا ئاسار-ئەتىقە،مالىمانچىلىقتا ئالتۇن يىغ.
u كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ.
u چىققان كۆز ئورنىغا چۈشمەس.
u خۇدايىم بەندىسىنى كەچ قويسىمۇ،ئاچ قويماپتۇ.
u خۇدايىم بەندىسىنى ھەرگىز تەڭلىكتە قويماس.
u ئادەم ئەپتىدىن بىلىنەر.
u ئاقىۋېتى يامان پادىشاھتىن،ئاقىۋېتى خەيىرلىك بولغان گاداي ياخشى.
u يول ئازابى ،گۆر ئازابى.
u سۇنى سەپ سىڭار يەرگە،گەپنى قىل سىغار يەرگە.
u يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
u قاغا قاق ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ.
u ئوقيانىڭ ھېرىپ قالغان ئوقى شايىنىمۇ تېشەلمەيدۇ. (جۇگېلىياڭ)
u سۇ ئۇخلىسا ئۇخلار،دۈشمەن ئۇخلىماس.
u ئاشتىن كېيىن زاغرا،تويدىن كېيىن ناغرا.
u زېرىككەن تاز كۆۋرۈكتە ئات ئۈركۈتۈپتۇ.
u سەركىسىز پادا يولدىن ئازىدۇ.
u خۇدا ئۇرغاننى خۇدا بەردى قوشلاپ ئۇرۇپتۇ.
u ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە ئايان.
u ۋاڭنىڭ ئاچچىقىنى جاڭدىن چىقىرىپتۇ.
u بىر سىقىم تېرىقنىڭ مەرىدىن كەچمىگىچە،قۇشقاچ تۇتقىلى بولماس.
u دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ،تىمساھ بىلەن دوستلىشالمايسەن.
u كىمكى زالىمغا مەدەت بەرسە،ئاللاھ ئۇنى شۇ زالىمنىڭ قولى بىلەن ھالەك قىلىدۇ.
u پادىشاھ سىر ساقلىمىسا نەزەردىن ئادا، ۋەزىر سىر ساقلىمىسا ئۇرۇدۇ خۇدا.
u يېتىپ قالغۇچە ئېتىپ قال.
u چاپىقىنى ئالىمەن دەپ، قارىغۇ قىپتۇ.
u ئېغىز يۈگۈركى باشقا،پۇت يۈگۈركى ئاشقا.
ھېسابلىق دوست ئايرىلماس.