مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 761|ئىنكاس: 6

«ئىلغار» بولغۇم يوق(تەرجىمە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7567
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2441 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 10:18:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«ئىلغار» بولغۇم يوق



    خىزمەتكە قاتناشقىنى 10نەچچە يىل بولدى، ئوقۇتۇش نەتىجەم گەرچە شەھەر بويىچە بىرىنچى بولالمىسىمۇ، بىراق رايۇن تەۋەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئوقۇتۇش مۇكاپاتى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما، «ئىلغار ئوقۇتقۇچى» بولۇشتىن مەھرۇممەن.

يېقىندا، تەلىيىمگە يارىشا، «ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى»نى ئاڭلىدىم. يىغىندا، بىرقانچە «ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلغار»لار گۈلدەستە ۋە چاۋاك ساداسى ئىچىدە، ياشلىرىنى ئېقىتىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلىمەكتە ئىدى: بەزىسى ئېغىر كېسەل بولوپ تۇرۇغلۇق، ئوقۇغۇچىلارغا دەرس سۆزلىگەن، بەزىسى قىزىتىپ قالغان بالىسىنى ئۆيىدە قويۇپ قويۇپ، دەرىس مۇنبىرىگە چىققان، بەزىلىرى يۇقىرى نەتىجە ئۈچۈن، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئوقۇچىلارغا دەرس تولۇقلايمەن دەپ، ياشىنىپ قالغان ئانىسىنىڭ ئۆلىمىنى ئۇزىتالماپتۇ... ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن، مەن گاڭگىراپ قالدىم: ئوقۇتقۇچىلىق بولسا جاھاندىكى ئەڭ شەرەپلىك كەسىپ ئىدى، لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ بىچارە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ! بىراق، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆزياشلىرى ۋە قىزغىن چاۋاكلىرى مېنى تەلتۆكۈس ئويغاتتى، مەن ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ «ئىلغار» باھالىنالمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى تاپتىم:  بىرسى، پېقىر گەرچە يالغۇز پەرزەنت بولمىساممۇ، بىراق، بىرئاز «نازۇك»، بۇلتۇر پاقالچىقىمنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ كېتىپ، كۈندە ھاسا-تاياققا تايىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا دەرىس سۆزلىمەي، ئەكىسچە بىر ئاي رۇخسەت سوراپ، ئۆيدە دەم ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ چىدامچانلىق ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپتىمەن. ئىككىنچىدىن، قىزىم ئىككى ياشقا كىردى، تېنى بەك ساغلام، پەقەت ئىككى قېتىم قىزىتىپ زۇكامداپ قالدى، يەنە كېلىپ قىشلىق تەتىلدىلا. ئۇنى ئۆيدە قويۇپ قويۇپ مۇنبەردە مەردانىلىك بىلەن :«ئۆزىنىڭ بالىسى بالا، باشقىلارنىڭ بالىسى بالا ئەمەسمىكەن؟» دىيىشكە پۇرسەت بولمىدى. ئۈچىنچىدىن، ئاتا-ئانامنىڭ يېشى گەرچە 50تىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق، ئىنتايىن ساغلام، يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدۇ. پېقىر پەقەت ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈرلا تىلىيەلەيدىغان تۇرسام، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزۇتۇشقا نېمە ئاساسىم بولسۇن؟

قارىغاندا مېنىڭ «ئىلغار ئوقۇتقۇچى»لىقتىن تەلىيىم يوق ئوخشايدۇ. بىراق، چۇڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، پېقىر بىر يۈرۈش«ئىلغار»لارنى باھالاش ئۆلچىمىنى خۇلاسىلەپ چىقتىم، ئىختىيار قىلغۇچىلارنىڭ سىناپ بېقىشىنى سورايمەن:

بىرىنچى: ئۆپكە كېسىلى، سۆڭىكى سۇنۇش قاتارلىق كېسەللىرى ئۈچۈن رۇخسەت سورىمىغانلار «شەھەر دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ جىگەر ياللۇغى، ئوپراتسىيە قىلىنسىمۇ، رۇخسەت سورىمىغانلار «ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ ئەگەر سەكتە،راك كېسىلى بولسىمۇ رۇخسەت سورىمىغانلار «دۆلەت دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ ئەگەر ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ھەركۈنى مەكتەپكە بېرىپ دەرىس ئۆتكۈچىلەر« دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ.

ئىككىنچى: بالىسى ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئاپارماي، ئۇدۇل يەسلىيگە ئاپىرىپ قويغۇچىلار «شەھەر دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ يەسلىدىن تېلفون كېلىپ، بالىنىڭ قىزىتمىسى ئېغىر بولغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى دەپ ئۇقتۇرۇلسىمۇ، تېلفوننى قويۇپ، ئاۋالقىدەكلا دەرس مۇنبىرىدە چىڭ تۇرغانلار «ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ ئوقۇغۇچىسى قىزىتىپ قالغاندا يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، بالىسىنىڭ ياتىقى ئالدىدىن ئۆتسىمۇ كىرمىگەنلەر «دۆلەت دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ ناۋادا، بالىسى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىگەن، دوختۇرنىڭ ئامالى قالمىغان چاغدا، سالماقلىق بىلەن: «گەرچە مەن بىر بالىدىن ئايرىلغان بولساممۇ بىراق، مېنىڭ يەنە سىنىپىمدا 45بالام بار» دېيەلىسە، بۇنداق ئوقۇتقۇچىنى «دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار» باھالاش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، جورىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ «تۆھپە قوشۇش روھى»نى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەر «شەھەر دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ ئاتا ئانىسى، پەرزەنتلىرى ئۇنىڭ خىزمىتىنى چۈشەنمەسلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋەتكەنلەر«ئۆلكە دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرى چۈشەنمەسلىكتىن ئۇنىڭ بىلەن بېرىش كېلىش قىلمىغانلار(ھەممىنى بىزار قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن)، «دۆلەت دەرىجىلىك ئىلغار» بولالايدۇ؛ تۆھپە قوشۇش روھىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن، تەڭداشسىز دەرىجىدە جارىي قىلدۇرۇپ، دەرس مۇنبىرىدە شەرەپلىك ھالدا قۇربان بولغانلارنى «دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار» باھالاش كېرەك.

يۇقارقى ئۆلچەملەرنى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم، ئويلىنىپ باقساڭلار.

ۋاڭيۈنچىڭ ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما «فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى»نىڭ 2009-يىل 5-ئايلىق ئالدىنقى يېرىم ئايلىق سانىدىن.

ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمىسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-21 04:33 AM  


ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5650
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 02:02:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر « ئىپادە » ئەڭ موھىم بولۇپ قالدى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66399
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3726
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 614 سائەت
تىزىم: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 02:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مھن بۇنىڭغا ئوخشاش ماقالىنى بۇرۇن بىر قېتىم ئوقۇغان ،شۇ چاغدىمۇ مۇشۇنداق قالماشمىغان ئاتالمىش ئىلغارلىققا شۇنداق نەپرەتلەنگەن!ئۆزىنىڭ ئىشىنى قويۇپ قويۇپ باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىشنىڭ ئۆزى قۇرۇق نام ئابروي قوغلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس!(قىسمەن ئالاھىدە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا)

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80412
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2012-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 01:41:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47969
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 11:45:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدىكى ئلغارلىقنى ئوبدان تەنقىدلەپتۇ....توۋا دەيمەن مۇشۇ خەنزۇلارغا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47969
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 11:45:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدىكى ئلغارلىقنى ئوبدان تەنقىدلەپتۇ....توۋا دەيمەن مۇشۇ خەنزۇلارغا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47969
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 11:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تەرجىمە بوپتۇ....تەرجىمانغا رەھمەت،ئاللاھىم ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن،ئامىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش