ئۆمەر مۇختار
(مۇسئەب)
ئەرەپچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مۇھەممەد
لىۋىيەنى ئىتاليە 20- ئەسىر نىڭ بېشىدا ئىشغال قىلغان ۋاقىتتا ئاللاھ تائا لىۋىيەگە ھەقىقى ئەركەك ئەزمەت مۇسۇلمانلارنى بەرگەن.
ئەنە ئۆمەر مۇختار شۇلارنىڭ قۇماندانى. ئۆمەر مۇختار 1862 لىۋىيەنىڭ جەنزۇر يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. دەسلەپتە مەھەللىسىدىكى مەسجىدتە تەلىم ئالغان، كىيىن جەغبۇب ئۇنۋىرسىتىتىدا 8 يىل ئوقۇغان. 1911-يىلى ئىتالىيە لىۋىيەگە باستۇرۇپ كىردى. ئۆمەر مۇختار ئىتالىيەگە قارشى بولغاچ ئىتالىيە تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. تۆۋەندىكى بولسا ئۆمەر مۇختار بىلەن ئىتالىيە ئوفىتسىرى ئوتتۇرىسىدا بولغان دېئالوگ.
ئوفىتسىر: ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدىڭمۇ؟
ئۆمەر مۇختار:ھەئە.
ئوفىتسىر: كىشىلەرنى ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردۈڭمۇ؟
ئۆمەر مۇختار: ھەئە
ئوفىتسىر:قىلمىشىڭنىڭ جازاسىنى بىلەمسەن؟
ئۆمەر مۇختار:ھەئە.
ئوفىتسىر: دېگەنلىرىڭنى ئىقرار قىلامسەن؟
ئۆمەر مۇختار:ھەئە.
ئوفىتسىر: نەچچە يىل ئىتالىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدىڭ؟
ئۆمەر مۇختار: 20يىل.
ئوفىتسىر: قىلغىنىڭغا پۇشايمان قىلامسەن؟
ئۆمەر مۇختار:ياق!.
ئوفىتسىر: سەن دارغا ئېسىلىسەن بۇنى بىلەمسەن؟
ئۆمەر مۇختار: ھەئە.
سوتچى ئۇنىڭغا: ھاياتىڭنىڭ بۇنداق ئاخىرلاشقىنىدىن مەن تۇلىمۇ ئەپسۇسلىمەن.
ئۆمەر مۇختار ئۇنىڭغا جاۋابەن: بۇ ھايتىمنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئاخىرلاشتۇرغىنىم.
سوتچى كەچۈرۈم ئارقىلىق ئۇنى ئالدىماقچى بولىدۇ.
سوتچى:سەپداشلىرىڭنى ئىتالىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشماسلىققا ئۈندەپ خەت يازساڭ ساڭا كەچۈرۈم بار.
ئۆمەر ئۇنىڭغا قاراپ مۇنداق دەيدۇ: ھەر نامازدا بىر ئاللاھدىن باشقا بىر ئىلاھ يوقتۇر دەپ ئىشارەت قىلىدىغان بارمىقىم بىلەن ئۇ خەتنى يېزىشىم مۇمكىن ئەمەس.
شۇنداق قىلىپ بۇ ئاللاھ نىڭ باتۇرى مۇسۇلمانلارنىڭ پەخىرى شېھىت قىلىنىدۇ.
ئۆمەر مۇختار غا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر
ئۆمەر مۇختار ئادەملىرى ئارىسىدا
ئەسىرگە چۈشكەندىن كىيىن تارتىلغان رەسىمى.
ئەسىرگە چۈشكەن ۋاقتىدا تارتىلغان رەسىم.
ئەسىرگە چۈشكەن ۋاقتىدا تارتىلغان رەسىم.
ئەسىرگە چۈشكەن ۋاقتىدا تارتىلغان رەسىم.
سوت مەھكىمىسى.
ئۆمەر مۇختار ھۆكۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن: ھۆكۈم قىلىش ئاللاھغا مەنسۈپ. بىز ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللاھقا قايتىمىز.
ئۆمەر مۇختار ئىتالىيە ئوفىسىرلىرى ئارىسىدا.
دارغا ئېسىش ئۈچۈن ئۆمەر مۇختار نىڭ پۇتىدىن كىشەننى بوشاتماقتا.
دارغا ئېسىلغاندىن كىيىن.
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي. ئامىن!!
ئاللاھتائالا بىزگىمۇ شۇنداق تۇلۇق ئىمان ئاتا قىلسۇن. ئامىن قېرىنداشلار قىسقا بولۇپ قالدى، كىيىن ئىنشائاللاھ تۇلۇق يوللايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-21 04:30 AM