مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2264|ئىنكاس: 28

جىن ھەمراھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 08:13:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جىن ھەمراھ

ئاچلىق ۋە ھارغىنلىقتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلاشقان جۈمەر ئاخۇن بۈگۈنمۇ ئېتىزدىن قايتىپ كەلدى.جۈمەر ئاخۇن 50ياشلار چاممىسىدىكى، يۈزلىرىنى يول-يول قورۇقلار قاپلىغان، بىچارە، بويتاق دېھقان ئىدى. ھەممىدىن قورساق ئاچلىقى يامان دەپ، ئۆزىنىڭ چىرايى بىلەن ئوخشاش قارداپ كەتكەن مىس چۆگۈننى ئوچاققا ئېسىپ چاي قاينىتىشقا باشلىدى، چاينى قاينىتىپ بۇلۇپ، يىرتىلىپ تىتما-تىتما بۇلۇپ كەتكەن پوتىسىنى يىشىپ  داستىخان قىلىپ سالدى. ئاندىن ساندۇقىنى ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ، شالدەك قېتىپ كەتكەن زاغرا ناننى ئالدىدە ۋە تەستە ئوشتۇپ، چايغا چىلىدى، جۈمەر ئاخۇن، زاغرىنىڭ يۇمشىشىنى كۈتكەچ خىيالغا پاتتى، تۇڭلۇكتىن چۈشكەن يۇرۇق، بارا-بارا غۇۋالىشىپ قاراڭغۇ چۈشىۋاتقانلىقدىن دېرەك بىرەتتى.
جۈمەر ئاخۇن ئاتا-ئانىسىدىن كېچىكلا يىتىم قالغان بۇلۇپ باشقا تۇققانلىرى يوق ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ ھازىرغىچە بويتاق ئۆتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ جەمئى بىساتى، بىر ئەسكى قازان، چاي ئىچىدىغان چۆگىنى، ئىككى چىنىسى، ئەسكى يوتقان، كۆرپىسىدىن باشقا ھېچقانداق بىساتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىمۇ مەھەللىنىڭ ئەڭ چېتىدە بۇلۇپ، ئەڭ يېقىن قوشنىسىنىڭ ئۆيىمۇ 100مېتىردىن ئاشاتتى، ھويلىسىدا ناھايىتى چوڭ بىر قېرى چىنار، ئۆينىڭ ئالدىدا ئىگىلىپ گىچماچ بۇلۇپ كەتكەن ئىككى سۆگەت ۋە سۆگەتنى قاپلاپ كەتكەن ماندا ئوتلىرىنىڭ گۈللىرى ئېچىلىپ، ئۆينىڭ ئالدىدىن يالغۇز ئۆتۈپ قالغان ئادەمنى سۈر باساتتى.
جۈمەر ئاخۇن يەنە خىيالغا پاتتى، ئۇ خىيالىدا ئاۋالقىدەك، چىرايلىق بىر چوكان بىلەن توي قىلىشنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈر بويى بىرگە ئۆتۈشنى ئويلاۋاتاتتى، ئەنە ھېلىقى خىيالىدىكى چوكان، جۈمەر ئاخۇننىڭ ئالدىغا ئۇششاق گۆش توغرالغان مىزىلىك سويقاشنى قويۇپ، ۋاي ئادەم تاماققا باقسىلا دەۋاتاتتى. ۋاي ئادەم، ئېتىزدىن ھېرىپ كەلدىلە كەلسىلە دۈمبىلىرىنى ئوۋلاپ قوياي. ھوي ئادەم، بالىنىڭ زاكىسىنى يېيىۋەتسىلە، ھوي ئادەم كىچىك بالا بىلەنمۇ مۇنداق ئوينىشامدۇ.... شېرىن خىياللار بىلەن مەس بۇلىۋاتقان جۈمەر ئاخۇننىڭ خىيالىدىكى كۈلكىسى چىرايىغا تەپچىپ چىقتى ۋە ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ ئۇنتىغاندى.
-ئەجەپ ئاچتا بۇ قورساق، ھېلىقى چوكانچاق بولغان بولسىدى، بۇنداق ئەسكى ناننى يىمەس ئىدىم. جۈمەر ئاخۇن خيالدىن ئويغۇنۇپ، يۇمشاپ ئۇماچتەك بۇلۇپ كەتكەن زاغرا ناننى يىدى ۋە زاغرىنى يەپ بۇلۇپ قاچىلارنىمۇ يېغماستىن، يەنە خىيالغا پاتتى، قاياقتىندۇر يىراقلاردىن ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، شېرىن خىياللا سۈرىۋاتقان جۈمەر ئاخۇننىڭ خىيالىنى توڭلۇكىدىلا ئۈنلۈك ئۈنلىگەن ھوقۇش بۇزىۋەتتى.
-ئۇۋ، ئەجەپ قورقتىما، ھو ئۆلگۈر يوقال، مېنى بوزەك قىلمىغان ئەمدى سەن قالغانمىتىك، ئۆيۈمنىڭ چۆللىشىنى تىلىمىسەڭمۇ بۇ يەر پات يېقىندا ساڭا قالىدۇ، ئاز قالدى ۋۇ ئۆلگۈر. ئاۋازىنى قويىۋىتىپ ھوقۇشنى راسا تىللىۋالغان جۈمەر ئاخۇن، ئۆزىنى سەل ئارام تاپقاندەك ھېس قىلىپ تەككىيگە يۆلەندى، ئۇ يەنە شېرىن خىياللىرىنى داۋام قىلماقچى بۇلىۋاتاتتى لىكىن تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان ئىشىك يەنىلا جۈمەر ئاخۇننىڭ ئارامىنى بۇزىۋەتتى.
-يەنە شۇ ئەترەت باشلىقى ئوخشىمامدۇ، بۇ كېچىدە نىمە ئىش بىلەن كەلگەندۇ،  جۈمەر ئاخۇن غودىرغان قىياپەتتە ئىشك ئالدىغا كەلدىيۇ قورقۇپ يۈرەكلىرى گۈپ.. گۈپ ئەنسىز سېلىپ كەتتى، توۋا دەرۋازىنى ئەمەس ئىشكنى چېكىۋاتىدىغۇ، دەرۋازىنى قۇلۇپلىغىنىم ئېنق ئىسىمدە تۇرسا شۇنچە ئىگىز سوققان ھويلا تامدىن قانداق ئارتىلىپ چۈشكەندۇ. جۈمەر ئاخۇن شۇلارنى ئويلاۋاتاتتى، ئىشىك يەنە ئۇرىلىشقا باشلىدى. جۈمەر ئاخۇن تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى، جىن بولسا دەرۋازىدىن كىرگەن يەردە، ئۆينىڭ توڭلىكىدىنلا بىۋاستە كىرمەمتى. جۈمەر ئاخۇن غەيرەتكە كىلىپ ئاران تەستە كىم دىيەلىدى. مەن دىگەن ناھايىتى ئىنچىكە ئاۋازدا بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. جۈمەر ئاخۇن مۇشۇ يېشىغىچە ئىشكىنى ئايال كىشىنىڭ چېكىپ باققانلىقىنى زادىلا ئىسىگە ئالاممىدى.-چاپسان بولسىلا، مەن بەك ساقلاپ كەتتىم، ھە مانا، جۈمەر ئاخۇن ئىشىك كىلتىنى ئاستا ئاچتى، ئىشىك ئالدىدا ئاي نۇرىنى خىرە قىلغۇدەك ئاق رومال تاشلىغان، كۆزلىرى يىشىل، چاچلرى سېرىق ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز تۇراتتى. قىزنىڭ بەدىندىن چىققان يېىقملىق پۇراق جۈمەر ئاخۇننى مەسىت قىلىپ قويدى.
-سىز كىم بۇلىسىز؟-بۇ يەرگە قانداق كەلدىڭىز؟
جۈمەر ئاخۇن ئاكا، مەن قوشنا ناھيىدىن كەلگەن، توراي جايىم يوق قىزمەن، مېنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىۋالسىڭىز. جۈمەر ئاخۇن نىمە دىيشىنى بىلەممەي قاققان قۇزۇقتەك بىر پەس تۇرۇپ قالدى.
-نىمە مېنى ئۆيىڭىزگە تەكلىپ قىلمامسىز دېدى قىز. جۈمە ئاخۇن چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتتى، -ئۆي.... ئۆي، بەك....بەك، قالايمىقان ئىدى. سەت تۇرامدىكىن دەپ، نىمىگە خىجىل بۇلىسىز، ئۆيدە ئايال كىشى بولمىغاندىكىن شۇنداق بۇلىدۇ، مانا مەن كەلدىم بۇنىڭدىن كىين ئۆيىڭىز چىنىدەك پاكىزە بۇلۇپ كېتىدۇ. جۈمەر ئاخۇن قىزنى باشلاپ ئۆيگە كىردى. جىن چىراق يۇرىقىدا قىزنى تېخىمۇ ئېنىق كۆردى.
ۋاي توۋا بۇ سەھرادا بۇنداق چىراي شەكىلدىكى قىزنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىمەنكەن. –سىڭلىم سىز نەدىن كەلدىڭىز؟ -دېدىمغۇ جۈمەر ئاخۇن ئاكا قوشنا ناھىيدىن دەپ. نىمە...نىمە.. سىز مېنى نىمە دەپ چاقىردىڭىز، قىز جۈمەر ئاخۇنغا يېقىملىق قاراپ، جۈمەر ئاخۇن ئاڭا دەپ چاقىردىم. جۈمەر ئاخۇن قورقۇپ چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتتى،  نىمە سىز مىنىڭ ئىسمىمنى ئەمدى نەدىن بىلىسىز. مەن سىزنىڭ بويتاق ئۆتىۋاتقانلىقىڭىزنى بۇرۇنلا ئاڭلىغان شۇڭا سىزنى ئالايىتەن ئىزدەپ كېلىشىم. بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى، تىزراق ياتايلىمۇ دېدى قىز.
-نىمە، دېدى جۈمەر ئاخۇن، بىر ھاياجانلىنىش، بىر قورقۇش بىلەن. مەن سىزگە خوتۇن بولاي دەۋاتىمەن دېدى قىز. –ماڭا، مەندەك نامرات ھېچنىمىسى يوق دېھقانغا، -ھەئە خاتاسى يوق جۈمەر ئاخۇن ئاكا. لىكىن مەندە ھېچنىمە يوق تۇرسا، ئۆزۈمنىمۇ باقالمايۋاتسام، سىزنى قانداق باقامەن؟-خاتىرجەم بۇلۇڭ، بۇنىڭدىن كىين سىز ھېچنىمىدىن خوۋلۇق تارتمايسىز.
-ئەمىسە ئەتە ئاخۇنۇم چاقىرىم نىكاھ ئۇقۇتىۋىتىپ ئاندىن بىرگە بولساق بۇلارمىكى.
ئاخۇنۇم دىگەن گەپنى ئاڭلىغان قىز چۈچۈپ كەتتى، يىشىل كۆزلىرى تېخىمۇ يېنىپ كەتتى.-ئاخۇنۇم، قەتئى بولمايدۇ. مەن سىزگە كېنىزەك بولاي، سىزنىڭ مۈلۈكىڭىز، بىزگە نىكاھ كەتمەيدۇ.
قىزنىڭ يۇمراق قوللىرى، جۈمەر ئاخۇننى مەس قىلىپلا قويدى، جۈمەر ئاخۇن بۇ بىر شىىرىن چۈش، ئويغانساملا ھەممىسى غايىپ بۇلىدۇ دەپ ئويلايتتى. خىياللار بىلەن جۈمەر ئاخۇن كېچىنى ناھايىتى ئاستا تاڭ ئاتقۇزدى.
تاڭ ئاتقاندا قىز يېنىدا يوق تۇراتتى، جۈمەر ئاخۇن دېدىمغۇ شېرىن چۈش كۆرۈپتىمەن، جۈمەر ئاخۇن چۆگۈننى ئېلىپ تاھارەت ئالغىلى ھويلىسىغا ماڭدى، ھويلا سۈپۈرۋاتقان قىزنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى، قىز تاتلىق تەبەسسۇم بىلەن جۈمەر ئاخۇنغا قاراپ قويدى.
يا رەببىم! چۈش كۆرمەپتىمە ئەمەسمۇ.
جۈمەر ئاخۇن كوللىكتىپ ئەمگەكتىن يېنىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى، قارىسا ئۆي باشقىچە بىر تۈسكە كىرگەن ئىدى، ھېلىقى ئۆزى بىلەن تەڭ قارىداپ كەتكەن چۆگىنى بولسا ئەسلى رەڭگىگە كېلپ پاقىراپ كەتكەن ئىدى. قىز جۈمەر ئاخۇننى داستىخانغا تەكلىپ قىلدى، يارا كارامەت! جۈمەر ئاخۇن ھەيران قالدى، گۆش توغىرغان، ھەممە سەي-كۆكتاتلار توغرالغان، ناھايىتى مېزىلىق سۇيۇق ئاش ئىدى. جۈمەر ئاخۇن ئىشتاھا بىلەن تاماقنى يىدى. تاماق يەپ بولغاندىن كىين ھەيران قالدى. ھەي قىز، ئسىمىڭىزنىمۇ سورىماپتىمە، ئىسمىڭىز نىمە ئىدى.-ئىسمىم شەرۋانى. ۋاھ، ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئوخشاش چىرايلىق ئىكەن. ھە راسىت بۇ ئۆيدە ھېچنىمە بولمىسا، ھازىر كومىنا ۋاقتى تۇرسا، بۇ نەرسىلەرنى نەدىن تاپتىڭىز؟ گۆشنى نەدىن تاپتىڭىز؟ ئوتۇننى نەدىن تاپتىڭىز؟ قىز تاتلىق كۈلۈمسىرەپ،-ۋاي ئادەم سىزگە دىيشنى ئۇنتۇپ قېلىپتىمەن، مەن ئاخشام بىر گە ئېلىپ كەلگەن. نىمە ئاخشام ئۆزىڭىزنىلا كۆتۈرۈپ كەپتىكەنسىزغۇ؟- ئاخشام بوقچامدا بار ئىدى، سىز ماڭىلا قاراپ كۆزىڭىزنىڭ پاختىسىنى ئېقىتىپ، تۈپۈكىڭىزنى يۇتۇپ، بوقچامغا قارىمايلا قويدىڭىز ئەمەسمۇ.
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتەۋەردى، قاچانلا قارىسا ھەرخىل گۆشلۈك تاماقلار جۈمەر ئاخۇنغا تەييارلار ئىدى. ھەرقانچە بولسىمۇ ھەپتىن ئاشتى، بۇ تۇمۇز ئىسسق تۇرسا، يا بۇ گۆشلەر قىلچىمۇ ئۆزگىرىپ قالماغلىق، بۇ ئۇنلار تۈگەپمۇ كەتمىدى، قوشنىلاردىن ئالغان تەقدىردىمۇ دەيلى بۇ مۇمكىن ئەمەس، ھازىر كومىنا ۋاقتى تۇرسا ھەممە نەرسە ئەترەتتە. جۈمەر ئاخۇن چەكسىز خياللار بىلەن دەرۋازىسى ئالدىغا يىتپ كەلدى. ئۇ ئۆيىگە كىرىشتىن ئاۋال، ئۆگىزىگە چىقىپ سېلىپ قويغان ئازىراق قاقلىرىغا قاراپ باقماقچى بولدى. قاراۋاتىىپ تۇيۇقسىز تۇڭلۇكتىن ئۆي ئىچىگە دىققەت قىلىپ قالدى.
قارىسا ھېلىقى قىز تاماق ئىتىۋاتقان ئىكەن، ھە جاپاكەش خوتون تاماق ئىتىۋىتپسەندە ھە بۇپتۇ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن غەلىتە ئىشتىن جۈمەر ئاخۇن قورقۇپ، توڭلۇكتىن سېپىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى تەپسلى قارىسا چاچلرى ئاقرىىپ كەتكەن بىر بوماي ئولتۇرغۇدەك. قارىسا ھېلىقى قىز بىر كۆزىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، كۆزىنىڭ ئېقىنى قازانغا تاشلىۋىدى ماي بۇلۇپ چۈچۈشكە باشلىدى، ئاندىن بىر پۇتىنى ئۈزۈپ ئېلپ، كان ئوچاققا سېلىپ ئوتنى ئولغايدى، ئاندىن بىر ئەمچىكىنى كېسىپ ئېلىپ ئوششاق-ئوششاق توغىراپ قازانغا تاشلىدى، چاچلىرىنى خېمىر قىلىپ ئۈزۈپ تاشلىدى.
جۈمەر ئاخۇن قورققىنىدىن زوۋانىدىن قالدى، شۇتىدىن ناھايىتى ئاستا چۈشۈپ ئۆزىنى سىرتقا ئېتىپ قاچتى. ئۇ قېچىۋىتىپ مەھەللە ئىمامىنى ئىزدەپ باردى. جۈمەر ئاخۇننىڭ كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن، ئىمام ئۇ خوتون ئالۋاستى پۇشتىدىن ئىكەن، سەن بېرىپ چاندۇرماي چېچىنى كېسىۋالغىن دەپ مەسلىھەت بەردى.
جۈمەر ئاخۇن قىڭىرىقىنى كېينىگە تۇتۇپ، ئاستا-ئاستا ئۆيىگە كىردى، ھېلىقى قىز كۈلۈمسىرەپ، جۈمەر ئاخۇن قېنى ئولتۇرسىلا، جۈمەر ئاخۇن تەرلەپ، قورقۇپ ئاستا ئولتۇردى، دەرھال بېرىپ چاچ كېسىۋىلىش جۈرئىتىمۇ يوقالغاندۇ. ھېلىقى قىزنىڭ ئاۋازى تۇيۇقسىز يۇقىرلىدى.. جۈمە...... ئاخۇن..- ھە... ھە...
ئۆگىزىگە پوق بار دەپ چىققانما؟ قىزنىڭ قولى ئۇزىراپ، ئۇزىراپ جۈمەر ئاخۇننىڭ گېلىدىن بوغدى، ماڭىمۇ قىلدىڭ، ئۆزەڭگمۇ قىلدىڭ دەپ غايىپ بولدى، جۈمەر ئاخۇن تورغان جايىدا قېتىپلا قالغان ئىدى.


دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78095
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3490
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 11:28:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ۋۇي مەن جىندىن بەك قورقۇمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69164
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3733
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 435 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 11:55:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايىغۇ چۇ قىنى جۇمە ئاخۇن قانداق بولدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 11:59:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۈمە ئاخۇن ئۆلدى شۇ.

دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9738
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4755 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 12:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قورقۇنۇچلۇق ئىكەن، بىراق: ئۇ قىز نىمە ئۈچۈن جۇمەر ئاخۇننىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ؟  كىيىن قانداق بولدى دىگەندەك يەشمىلىرىگە قىزىقىپ قالدىم!
ئەسلىدە چېچىنى كەسمەكچى بولۇپلا ھېكايىنى تۈگىتىپ قويۇپسىز، چېچىنى كىسىپ يەنە بىر ئىشلار بولۇپ يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقامكىن دەيمەنغۇ! بىراق ھېلھەممۇ بەك ياخشى يېزىپسىز!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

كۈمۈش بى بى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2992
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10910
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 2884 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 12:40:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالە شەرىىڭنى. خوپ بولدى ئاران بىر خوتۇن ئالغاندا شۈكرى دەپ ئۆيىنى تۇتماي پوق بامۇ ئۆگزىدە.

پۈتكۈل دۇنيانىڭ مەنبەسى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىرگىدۇر !!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80265
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3165
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 01:43:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم ئاران بىر بەگەندە....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62733
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3201
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2011-10-29
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 01:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئۇنداق قىلماي ئاخرىنى يېزىۋېتىڭە مەن بەك كىززىقىپ قالدىم
ئاخىرى قانداق بۇلار دەپ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 02:40:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر قىززىققان بولساڭلار، جىن ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تېخىمۇ كۆپ يازاي دەيمەن.

دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77660
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-19
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 02:43:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى ۋەقە مۇنداق بولغان، جۈمەر ئاخۇن، قىزنىڭ چېچىنى كېسىۋاپتۇ. قىز غەزەپكە تولۇپ، ئۆزەڭگىمۇ قىلدىڭ، ماڭىمۇ قىلدىڭ دەپ تۇڭلۇكتىن ئۇچۇپ چىكىتىپتۇ.

دۇنيا ئۈمىد بىلەن تولغان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش