مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1654|ئىنكاس: 17

گۇناھكار بولساممۇ، قىينىما! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13025
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6375 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 04:18:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        گۇناھكار بولساممۇ، قىينىما!

        --«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى


        ئۇ قاتىللىققا چېتىلىپ قامالدى. سوراق قىلغاندا توك كالتىكى ياقتى، دۇمبالىدى، قوۋۇرغىسى سۇندى. ئۆيى كۆيدۈرۈلدى، خوتۇن-بالىسى تالادا قالدى. گۇناھكار بولساممۇ، قىينىماي، مېنى ئېتىۋېتىڭلار، دەپ ۋارقىرايدىغان بولۇپ قالدى. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئانا بۇنىڭغا چىدىمىدى. ئەرز قىلدى. كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى ئېيتتى: «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە ۋەھشىي، رەھىمسىز، ھاقارەتلىك جازاغا ئۇچرىماسلىق ھوقۇقى بەلگىلەنگەن. جاۋابكارنىڭ شۇ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىغان. بۇ تاجىكىستاندا بولغان ئىش.

        ......

        ئۇ ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىلىپ قامالدى. دەسلەپ ساقچىخانىدا سوراق قىلىندى، كېيىن ج خ قاماقخانىسىغا يۆتكەلدى. ئۆرە تۇرغۇدەك ھالى قالمىدى، سۇ سورىدى، ئازابلىق ئىڭرىدى. كېچىلەپ سوراق قىلىندى، رېزىنكە كالتەك تېگىپ تۇردى. ئەتىسى ئۆلۈپ كەتتى.

        ......

        ئۇ ئىككى قىز روھىي كېسەل. ئۇلار ساناتورىيەدە بېقىلىدۇ. ئۇلار قورامىغا يەتتى. ساناتورىيە دوختۇرى باشلىققا ئېيتتى: ئۇلارنىڭ بالىياتقۇسىنى ئېلىۋەتمىسەك، ئاۋارىچىلىق كۆپ. باشلىق ماقۇل بولدى. دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئىككى قىزنىڭ بالىياتقۇسىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتتى. ئىش ئاشكارا بولدى. جاۋابكارلار قانۇن بويىچە جازالاندى.

        ......

        ۋەھشىي، رەھىمسىز، ھاقارەتلىك جازا ياكى مۇئامىلە بىراۋنى مەلۇم ئۇچۇر-ئاخبارات بېرىشكە ياكى ئىقرار قىلىشقا قىستاپ ۋە ياكى ئىنسانىي مۇئامىلە قىلماي، روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتە ئازابلايدىغان قىلمىشتۇر.

        خەلقئارا ئەھدىنامىلەر ۋە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىدا كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك ۋە ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى، پۇقرانىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتى قوغدىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن بەزى جىنايەتكار ئادەملەر ئەمەل-مەنسەپ ۋە پايدا-مەنپەئەتنىڭ ۋەسۋەسىسىدە يەنىلا قانۇن بىلەن ئوينىشىپ، ۋەھشىي جازالارنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماقتا.

        ۋەھشىي جازا قەدىمدە بولغان. كونا جەمئىيەتتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار  ھايۋان ئورنىدا كۆرۈلگەن. دارغا ئېسىش، لىپەكنى ئېلىۋېتىش، بۇرۇن-قۇلاقتىن تۆمۈر زەنجىر ئۆتكۈزۈش، ئۇرۇق-ئەۋلادىنى قۇرىتىۋېتىش، تۈۋرۈككە باغلاپ كۆيدۈرۈش، قىيما-چىيما قىلىۋېتىش، بېشىنى يانچىش، قايناۋاتقان قازانغا تاشلاش، باشنى چەمبىرەك بىلەن قىسىش، تىرىك كۆمۈش، يىڭنە سانچىش، تېرىسىنى شۈلۈش قاتارلىق ۋەھشىي جازالار يۈرگۈزۈلگەن.

        ھازىرقى مەدەنىيەتلىك دۇنيادا يەنە بەزى ئەللەردە سوراقتا قىيناش، ئىتقا تالىتىش، ئېسىپ قويۇش، قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ كويزا سېلىش، تاماكا يېقىش، توك كالتىكى يېقىش، يالىڭاچلاپ سوراق قىلىش، ئوقوغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش، كېسەللەرنى خورلاش، داۋالاش-دورا سىناق ئوبېكتى قىلىش قاتارلىق رەھىمسىز جازا ۋە مۇئامىلىلەر ھازىرمۇ تۈگەپ كەتمەپتۇ. قانۇن مۇكەممەل، ئاخبارات ئەركىن، تۈزۈلمە دېموكراتىك، ئەدلىيە مۇستەقىل بولغان ئەللەردە يوق ياكى ئاز بولسا، ئەكسىچە بولغان ئەللەردە كۆپ ئۇچرايدىكەن.


        كادىرلىق قاتىللىقنىڭ قالقىنى ئەمەس


        ئامانلىق ئەھۋالى ئوسال يېزا-كەنتلەرنى تۈزەش قارار قىلىندى. ئورۇنباسار بازار باشلىقى ساقچى، ياردەمچى خادىملارنى باشلاپ، كەنت زۇمىگىرىنى تۇتۇپ كېلىشكە ئاتلاندى. تاپانچا ئېلىۋېلىشنى تاپىلىدى.

        كەنت زۇمىگىرىنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى، قارشىلىق قىلدى، توپلاشقانلار كادىرلارنى ئۇرۇپ كەتتى. كەنت زۇمىگىرى قاچتى. ئات، دەپ بۇيرۇدى. ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇردى، قېچىۋەردى. ئات، دېدى، ئاتتى. ئوق تەگدى، يىقىلدى، ئۆلدى. بۇ ئارال ئۆلكە -خەينەندە بولغان ئىش.

        قاتىل، دەپ ئەيىبلەندى، سوتلاندى. قۇرالنى قانۇنسىز ئىشلەتكەن، قاتىللىق قىلغان،  دېدى. ئۆلۈم جازاسى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنسۇن، دەپ ھۆكۈم قىلدى.

        نارازى بولدى. ۋەزىپە ئىجرا قىلدىم، قۇرال ئىشلىتىشىم قانۇنلۇق، دېدى. نارازىلىق ئەرز رەت قىلىندى.

        قۇراللىق جىنايەتنى توسۇش ياكى ھايات ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغاندا قۇرال ئىشلەتسە بولىدۇ، ھە دېگەندىلا ئوق چىقىرىشقا بولمايدۇ. قىلمىشى جىنايەت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان ئادەملەرگە ئوق ئېتىش قۇرالنى كەلسە-كەلمەس ئىشلەتكەنلىك. ياشاش-ئالىي ھوقۇق. قۇرالنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ جانغا زامىن بولغاندا، ئەمەلدارلىق ياكى ساقچىلىق قاتىللىقنىڭ قالقىنى بولالمايدۇ.

        شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، بىرەر ئەمەل-مەنسەپ ياكى دەستەككە ئىگە بولۇپ قالسا، غوجائاكىسىدىن باشقىسى كۆزىگە قۇرۇت-قوڭغۇزدەك قەدىرسىز كۆرۈنىدۇ، ئۇچۇشنى بىلىپ، چۈشۈشنى بىلمەيدۇ. جىمى ئەسكىلىكنى قىلىدۇ، پۇقرانىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چېقىلىدۇ. بىر كۈنلەر كەلگەندە ئەمەل-مەنسەپ ياكى دەستەكنىڭ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.


        تەنقىت قىلغانغا تويغۇزۇش


        ئۇ-بىر پۇقرا، بىر مۇخبىر، بىر زىيالى. ماقالە يازدى، گېزىتلەردە ئېلان قىلدى. دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى مۇستەبىتلىكنى، زالىملىقنى يازدى، ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ يارامسىزلىقىنى يازدى، ئاۋام-پۇقرانىڭ ئىلاجىسىزلىقىنى، دېموكراتىيە-ھۆرلۈككە، باراۋەرلىك-ئادالەتكە ئىنتىلىشىنى يازدى. ئەلنىڭ بەختسىزلىكىگە ئەلباشى جاۋابكار، دەپ يازدى.

        دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئادەملىرى چاقىرتىپ نەچچە سائەت سوراق قىلدى، قويۇپ بەردى. ئۇ يەنە يازدى. نەچچە كۈن ئۆتتى، 20 قۇراللىق ساقچى ئۇنى تۇتۇپ كەتتى. نەچچە سائەتلەپ سوراق قىلدى. يالغۇز قامىدى، ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشتۈرمىدى. نېمە گۇناھى بارلىقىنى دېمىدى. ئۆلۈپ كەتسەم ھۆكۈمەت بىلەن ئالاقىسى يوق، دەپ تىلخەت بېرىشكە قىستىدى. ئەرز قىلدى. 40 كۈندىن كېيىن كېپىلگە بېرىلدى. ئەلباشىغا تۆھمەت قىلىش گۇمانى بىلەن قامالغانلىقىنى شۇ چاغدىلا بىلدى. بۇ ئانگولادا بولغان ئىش.

        كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتى ئېيتتى: قولغا ئېلىش ۋە قاماش قانۇنلۇق ۋە زۆرۈر بولۇشى شەرت. بىر مۇخبىرنى ( ئۇ خەتەرلىك جىنايەتچى بولمىسا) 20 قۇراللىق ساقچى بېرىپ تۇتۇپ كېلىش، نەچچە ئون كۈن يالغۇز قاماش، ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىنى چەكلەش، ھۆكۈمەتنى تەنقىت قىلغان پۇقراغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىش «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى»گە ئېغىر خىلاپ.

        جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى، پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقى، كەلسە-كەلمەس قولغا ئېلىنماسلىق ھوقۇقى خەلقئارا قانۇن ۋە دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ئاساسىي ھوقۇقلاردۇر. ئەنە شۇ ھوقۇقلارغا زوراۋانلارچە چېقىلىش ئەھۋاللىرى ھەرقايسى ئەللەردە پات-پات كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.


        ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-20 04:19 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77372
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2014-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 07:53:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى ياخشى تىما ئىكەن . مەزمۇننىڭ ئاخىرىغا بۇ تىمنىڭ باش قىسىمنىڭ ئۇلىنىش ئادىرىسنى قىستۇرۇپ قويغان بولساق ئۇقۇرمەنلەرگە قۇلايلىق بولاتتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 08:07:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە ئانداق مەينەت. بەزەنلەرنىڭ دەستىدىن ئادەم خاتىرجەممۇ ئىنكاس ئۇقۇيالمىغان. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۇرۇپ.
قايسى كۈنىمۇ بىر كۇرۇپ بىر  كۈن كەچكىچە شۇنداق بىئارام بولغان ئىدىم.
خۇددى باش سۆرەت قىلغىلى رەسىم تاپالمىغاندەك.

♥LOVE✿KEY♥

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7734
تۆھپە نۇمۇرى: 695
توردا: 634 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 08:18:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabaat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-20 08:07 PM
نىمە ئانداق مەينەت. بەزەنلەرنىڭ دەستىدىن ئادەم خاتىرج ...


ئۈستىڭىزدىكى ئىنكاسچىنى دەمسىز

شۇنى دەيمە، مۇشۇنداق سۈرەتنىمۇ باش سۈرەت قىلامدۇ ئەمدى، مەن ئويلايمەن، باش سۈرەت دىگەن شۇ ئادەمنىڭ ئوبرازىنى بەلگىلەيدىغۇ، شۇنداقمۇ؟  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   @tulpar@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-20 08:19 PM  


گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 08:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
@tulpar@ يوللىغان ۋاقتى  2012-5-20 08:18 PM
ئۈستىڭىزدىكى ئىنكاسچىنى دەمسىز

شۇنى دەيمە، مۇشۇ ...

ۋاي  شۇنى دەڭە. بەكلا كۆڭلىم ئېلىشتى.

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 08:54:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  دەپ سالدىم  ...ئىۋۇ سيتەمگە  ..ئۇبرازىنى جايىدا يارتىپتۇ  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ياقۇپجان ئابدۇرشىت ئارقىش

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41410
يازما سانى: 2288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18628
تۆھپە نۇمۇرى: 95
توردا: 961 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 09:03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabaat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-20 08:22 PM
ۋاي  شۇنى دەڭە. بەكلا كۆڭلىم ئېلىشتى.


كىرمىسەم بوپتىكەن ، بۈگۈن ئېلھامىم شۇنداق كېلىۋاتىتى ، بۇ ‹‹ ئاتىۋارلىق›› نى كۆرۈپ بەدەر تىكىۋەتتى ... ...
قارىغاندا مەن ئالدىنقى قېتىم ‹‹50مىڭ سومنى يىرتىۋەتكەن ئايال-رەسىم›› دېگەن تېمىدا  قولياغلىق ئېلىش ئۈچۈن بەرگەن پۇلغا ماروژنا ئېلىپ يېگەن چېغى ... ...
ۋاي ھۆ ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-20 09:04 PM  


تور دۇنياسىدىكى يېڭى بايقاش:ئارقىش تورىwww.arkix.cn

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 09:20:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن ماۋۇ بىزنىڭ دۆلەتتە ئۇنداق ئىشلار  بەك  يىراق ،بۇ يەردە ماۋ رەئىسنىڭ ئادەم نى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇش پىرىنىپى بۇيىچە  ،،،،،،، ،

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 09:37:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭكىگە ئەينەن ئوخشىتالمىغان بولسىمۇ ، ئانچە -مۇنچە ئوخشۇتۇپراق بولسىمۇ دوراپ قويغان گەپ !!!

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 11:37:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Ahsayigit يوللىغان ۋاقتى  2012-5-20 09:03 PM
كىرمىسەم بوپتىكەن ، بۈگۈن ئېلھامىم شۇنداق كېلىۋاتىتى ...

تۆمۇر كالىنىڭ گېپى بەك ئۆتكۇرتى بولسا ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويسا بوپتىكەن ئاۋۇ  ئايپاشاغا، ھەممىڭلارنىڭ ئىلھامىنى بەدەر قاچۇرۇپتۇ ، مەنغۇ بولدى ئىككى كۈنلۈك تاماقتىن قالدىم...

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش