ئەرلەر كۆپىيىۋاتقان ئەركەكلەر ئازىيىۋاتقان بۇ دەۋىرنىڭ ھەقىقىي ئاتامانى _____ خوشخەۋەر:2012- يىلى 6- ئاينىڭ 1 - 2- كۈنلىرى ئاتامان جامبازلىق كۇلۇبىدا چوڭ كۆلەملىك مۇسابىقە بار. قىززىقۇچىلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
ئاتامان جامبازلىق كۇلۇبى 2009 - يىلى 1- ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان،ھازىرغىچە 7000 دىن ئارتۇق ھەرمىللەت ياشلىرىنى تەربىيلەپ ،خەلىق ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈردى. نۇرغۇن مۇسابىقىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ 300 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى نەق پۇل ۋە ماددىي بويۇملار بىلەن مۇكاپاتلىدى.
تور بېكىتىمىز دوستىمىز ئابدۇكېرىم تۇرسۇن جانباز بىلەن ئالاقىلىشىپ سىلەرگە يېڭى بىر سوۋغا تەييارلىدى،يەنى 2011- يىلى 6 - ئاينىڭ 1- كۈنى بالىلار بايرىمىلىق ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە نەق مەيدانى.شۇ كۈنى ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىغا 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يىغىلغان بولۇپ،تاماششىبىنلار ماھىرلار نۇمۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندى.
بۇ قېتىممۇ بالىلار بايرىمىدا ئاتامان جامبازلىق كۇلۇبىدا بىر مەيدان كاتتا مۇسابىقىلەر بار... شارائىتى بار تورداشلار قەدەم تەشرىپ قىلساڭلار..
دېققىتىڭلار 2011- يىلى بالىلار بايرىمىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە بولسۇن!
چىقمىسا بۇ يەردىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ http://v.youku.com/v_show/id_XMzk5MjUxMDU2.html
بىر قىسىم رەسىملەر
ئابدۇكېرىم تۇرسۇن جانباز
بەدەن گۈزەللىك ماھىرى مەردان
پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
مۇسابىقە مەيدانى
مەشىق قىلىۋاتقان ماھىرلار
ئاتاۋۇللا جانباز
مۇكاپاتلانغان كۇلۇب ئەزالىرى
مۇكاپاتلانغان كۇلۇب ئەزالىرى
مۇكاپاتلانغان كىچىك ماھىر
مۇسابىقە جەريانىدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش
مۇكاپاتلانغان ماھىرلار
ئاتامان قۇرغۇچىسى ئابدۇكېرىم تۇرسۇن جانباز
ئاللاھ خالىسا بىز مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بېكىتىمىزنىڭ سىرداشلار كۆزنىكىدە ئابدۇكېرىم تۇرسۇننى زىيارەت قىلىپ كەڭ تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنماقچى ...
ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلىدىغان بېكەتلىرىڭلاردا تەشۋىق قىلىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمىز.
|