ئاخسا يىگىتتىن مۇنبەردىكىلەرگە چاخچاق
سورۇن تۈزۈپ مۇنبەردە، ئاخسا يىگىت باشلىدى،
گەپ تاپالماي جەسسۇرمەن، كۆزلىرىنى ياشلىدى.
بۇنى كۆرۈپ چىدالماي، يەڭنى تۈرۈپ ئاتامان،
ئۇنتۇپ قېلىپ سۆزىنى، باشلىرىنى قاشلىدى .
ئويغان ئوغۇل ئۇيقۇدا، بۇخارادىن كېلەلمەي ،
ھېكمەت ئۇيغۇر كېكەچلەر، گەپ-سۆزىنى دېيەلمەي .
يولغا چىقىڭ غېرىپجان، چاھار باغقا ئاتلىنىڭ ،
ئېزىپ قاپتۇ سەنەمجان ئوڭ سولىنى بىلەلمەي .
ئەنە ئاتنى چاپتۇرۇپ، يېتىپ كەلدى سەركەردە ،
تۆمۈر كالا ئەپەندى، كېلىپ بولغان سەھەردە .
ھەيۋەت بىلەن ئولتۇرار شاھ تەختىدە ھۆكۈمران ،
ئايچىن ھەدەم كۆرۈنمەس ، كېتىپ قالدى قەيەرگە ؟
بىر قولىدا قوشۇقى، يېتىپ كەلدى ئىلنازە ،
چىرايىدا تەبەسسۇم، پەيدا بولدى نازىلە .
گەرچە كۈندۈز بولسىمۇ، يوقلاپ كەپتۇ ئاينۇرى،
ئىزدەپ بېقىڭ ئەزىزگۈل ، يوقاپ كەتتى نەمىرە .
لەغمەن سوزۇپ مۇسلىنە، ئاشخانىدا ئالدىراش ،
ۋىچىرلايدۇ يېقىملىق، كەلدى ئۇچۇپ قارلىغاچ(410).
كەچكە ئاران كەلگۈدەك مەجنۇن بىلەن بىپەرۋا(0997) ،
لەيلى يىغلاپ يۈرگۈدەك مەشۇقىنى سېغىنغاچ.
جەلىپكار قىز بەك خۇشال، قوللىرىدا گۈل-دەستە،
تېلفۇن ئۇرۇپ دەپ قويسام ، قۇرۇق كەپتۇ سۈمەييە.
كەلدى مېھمان ئۆيۈمگە، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن ،
توۋلاپ ‹‹ ۋاككا ۋاككا ›› نى ، ئەنە كەلدى شاكىرە .
ھازىرغىچە كەلمەيسىز ، نېمە بولدى سابائەت ؟
<<نۆل>>نى بەكمۇ سېغىندۇق ، ئىنكاسلىرى ئالامەت .
چۆكۈپ كەتتى تىتانىك ، ئەجەل يەتتى ۋاقىتسىز ،
قېنى تەمكىن ئاغىنە ، بۇ شېئىرنى داۋام ئەت .
يۈگرەپ كەلدى ئاتۇشتىن ،شوخ ۋاسكېتبول گۈزىلى ،
رەسىم سىزىپ ئاۋارە ، ئىشى بەكمۇ تولىتى .
كېيىن قالماي ھەممىڭلار، بۇ چاخچاخقا كېلىڭلار.
مېنىڭ گېپىم ۋاقتىنچە، مۇشۇ يەردە تۈگىدى .
ۋاقىت مۇناسۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازدىم ، ئىسمى چىققان ۋە چىقمىغان تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
2012-يىل 20-ماي ، شىيامىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-20 01:25 PM