1. كانادالىق دوختۇر بېتىيون
تاللىنىش سەۋەبى: ئۇ بۇ دۆلەت ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغان.
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: ئۇ بىر تەڭداشسىز مەشھۇر كىشى. ئۇ چوقۇم بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
2. بوكسىيورچى ۋاستىچىسى دون-كىڭ + بوكسىيور شاھى تايسىن
تاللىنىش سەۋەبى: دون-كىن ماۋزېدۇڭ ئۈزۈندىلىرىنى يادلىيالايدۇ! تايسىننىڭ بىلىكىدە ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمى چېكىلگەن.
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: ماۋ جۇشى گەرچە بىزدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ قەلبىمىزدە يەنىلا ھايات. ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە قىلغانلىرى ۋە ۋەكىللىك قىلغىنى پۈتۈنلەي جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ئۇلۇغ رەھبەرگە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قارىيالىغىنىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.
كۆپ يىللاردىن بۇيان تايسىن ماۋجۇشىغا بولغان قىزغىنلىقىنى يوشۇرۇپ كەلگەنىدى، ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «ماۋجۇشى غايەت زور كۈچكە ئىگە بولغان ئۇلۇغ ئادەم.» تايسىن يەنە ئاتايىتەن ماۋجۇشىنىڭ باش سۈرىتىنى ئوڭ بىلىكىگە چېكىۋالغان.
3. پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بىن بوتو
تاللىنىش سەۋەبى: ناھايىتى سەمىمىي، ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى بەك يۇقىرى.
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: بەلكىم بۇنداق ئىنسان مىڭ يىلدا بىرەرسى تۇغۇلىشى مۇمكىن.
4. ئامېرىكا سىياسونى كىسسىنجېر
تاللىنىش سەۋەبى: ماۋزېدۇڭنى كۆرگەندە «توك» ئۇرىۋەتكەندەك بولغان.
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: قىزىم ئۆزى چوقۇنىدىغان چولپاننى كۆرگەندە توك ئۇرىۋەتكەندەك تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، مەندە ئۇنداق تۇيغۇنىڭ بولمىغانلىقىنى ئىقرار قىلغانىدىم؛ ئەمما ماۋزېدۇڭنى كۆرگەندە ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ماڭا شۇنداق تۇيغۇ بەردى.
5. غەربىي گىرمانىيىدىكى نانتېۋىش دوكتور
تاللىنىش سەۋەبى: ماۋزېدۇڭنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ياش تۆككەن قالتىس «مەستانە».
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: مەن 15، 16 يېشىمدىن باشلاپ ماۋزېدۇڭغا قىزىقىپ قالغانىدىم. ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە، ماۋزېدۇڭنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، مەن يىغلاپ سالغانىدىم. ئىككىنچى كۈنى بىرىنچى سائەتلىك دەرس دەل تارىخ دەرسى ئىدى، كۆپچىلىك دەرسنى توختىتىپ ماۋزېدۇڭغا ماتەم تۇتتۇق. ئەينى ۋاقىتتا مەن تەزىيە سۆزى قىلغانىدىم. ئەينى يىلى غەربىي گىرمانىيە نۇرغۇن ياشلار ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى.
6. ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسىسىسى ر ترىئېر
تاللىنىش سەۋەبى: ئۇ مۆجىزە كەبى بىر تەڭسىزلىكنى ياراتتى: ماۋزېدۇڭ › ماركىس + لېنىن + سىتالىن
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: ماۋزېدۇڭ 20-ئەسىردىكى سېھرىي كۈچى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسون...
7. ئامېرىكىلىق ئۆلىما موررىس مېيسسنېر
تاللىنىش سەۋەبى: ھازىرقى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ماۋزېدۇڭ ئىقتىسادى 0 پۇڭ دېگەن قارىشىغا ناھايىتى قايىل قىلارلىق تەنقىد پىكىر بېرەلەيدۇ.
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: ئەمەلىيەتتە ماۋزېدۇڭنىڭ ئۇ دەۋرى ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئېيتقاندەك ئاتالمىش ئىقتىساد توختاپ قالغان دەۋر ئەمەس، بەلكى تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ بولغان زامانىۋىلاشقان دەۋر.
8. ئامېرىكىلىق يازغۇچى سمېدلېي
تاللىنىش سەۋەبى: جىڭ يوڭ تەسۋىرلىگەن باتۇر پالۋانلاردەك ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئالاھىدە ئۈنۈم يارىتالايدۇ.
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىكى ھەربىر رەھبىرىي شەخسنىڭ ھەممىسى قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەلگىچە بولغان جەمئىيەتتىكى، تارىختىكى شەخسلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدۇ، ئەمما ھېچكىم ماۋزېدۇڭغا يېتىشەلمەيدۇ.
9. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياردەمچىسى پىلىپ داۋىدسون
تاللىنىش سەۋەبى: ئەڭ يۇقىرى باھا بەرگۈچى: يېڭىلمەس!
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: ماۋزېدۇڭ بىر ئۇلۇغ ستراتېگىيىچى. قايسى بىر رەھبەر ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇنچىۋالا كۆپ ئوخشاش بولمىغان توقۇنۇشلار ئارىسىدا ئۇزۇنغىچە پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ؟
10. ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋېس
تاللىنىش سەۋەبى: چاۋېس دېگەن بۇ ئىسىم خەلقئارا كۈنسېرى پارلىماقتا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ تەھدىتىگە پىسەنت قىلماستىن، باشقا بىر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان سوتسىيالىستك جەمئىيەت قۇرۇشنى قارار قىلغان. «ئۇلۇغ رولچى ماۋزېدۇڭ»، «ستراتېگىيە جەھەتتىن دۈشمەننى كۆزگە ئىلماسلىق كېرەك».... بۇ سۆزلەرنى نۇرغۇن جۇڭگولۇقلارغا ئوخشاش چاۋېزمۇ دائىم تىلغا ئالىدۇ. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن جۇڭگولۇقلار ئۇنىڭغا يېتەلمەسلىكى مۇمكىن.
ماۋزېدۇڭغا بولغان باھاسى: مەن ئۆمۈر بويى ماۋزېدۇڭغا چوقۇنىمەن.