|
|
|
|
باش ئەگىم (نەسىر) ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەجەبمۇ ياراشقان بۇ ئىسمىڭ ساڭا، زاتىغا قاراپ ئېتى بولۇر دېگەندەك، زۆھرەنىڭ ئىشىكىدىن
كۈندە مىڭ ئەگىپ ئۆتكەن تاھىر كەبى ھەر دوقمۇشتا يۈز قېتىم ئەگىپ ئاقىسەن، خۇددى كىمنىڭدۇر
ئارقىسىدىن يەتمەك بولۇپ قوغلاشقاندەك تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ شىددەت بىلەن چاپىسەن....
نېمە بۇنچىۋالا تەشۋىشتە قالدىڭ؟؟
بىر قاراپلا بىلدىم، چېھرىڭدە چوڭقۇر بىر قايغۇنىڭ، ئاچچىق بىر ئەلەمنىڭ ئىزى بار، خۇددى
يىلاندەك تولغۇنۇشلىرىڭمۇ مەنىسىز ئەمەس، تاپتايىنلىق ئوبدان بىلىمەنكى ئۇ بىر جان
ئاچچىقىدۇر.....
ئايدىڭ كېچىلەردە بولسا مۇڭلىنىپ ئېيتقان قوشاقلىرىڭ خۇددى قاناتلانغان قۇشلاردەك ئۇچۇپ
بېرىپ ئالەمنى قاپلار، ئۇزاقلاردا تۇرۇپ بۇ مۇڭلۇق قوشاقلىرىڭنى ئاڭلىغان كىشىنىڭ يۈرەك باغرى
خۇددى سىمابتەك تىتىرەر، ئۇ ئۆزىنى ئۇنتار، يېقىن كەلگەنسىرى ھېچ تاقىتى قالماس، چىداپ تۇرالماي
مۇڭلىرىڭغا قۇشۇلۇپ تاھىر ئاققان جىلغىلىرىڭدا كۆز ياشلىرى بىلەن ئاققۇسى كېلەر.... ھەي، باش ئەگىم! دىمىقىڭدىن ھامان بىر ھىجران پۇرىقى پۇرار، بۇنىڭغا قاراپ پەقەت كۆز
ياشلىرىم بىلەن كۆمۈلۈپ قالىمەن . سەنچۇ؟ ھامان ئۆز غېمىڭ بىلەن . قىلچىلىكمۇ پەرۋا قىلمايسەن .
ئېيتقىنا! نېمە بۇنچىلا دەرتلىكسەن؟ قاچاندىن بىرى شۇنداق مۇڭلۇقسەن؟
ھەي مۇڭلۇق باشئەگىم، ئېيتمىساڭمۇ ئوبدان بىلىمەن نىچۈن غەمكىن نىچۈن
مۇڭلۇقلىقىڭنى... ئەگەر بىلمىسەم، دەردىڭگە ئورتاقلاشمىسام قاپقارا ۋاپاسىزلىق، ئۇياتسىزلىق
توغرىسى خائىنلىق قىلغان بولىمەن . چۈنكى سۆيگۈ، ۋاپا، نومۇس ۋە ئەزگۈلۈك سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭدىن،
يۈكسەكلىكىڭدىن يارقىن بىر نەمۇنە ئەمەسمىدى؟ سەن ئەزەلدىن بىزگە شۇنى _ سۆيگۈ، ۋا پا، نومۇس ۋە
ئەزگۈلۈكنى ئۆگەتمىگەنمىدىڭ؟
سۆيگۈ تۇتقىنى تاھىر تاغدىن تاشلانغاندا سېنىڭ سۈر لۈك، قاتتىق ۋە قىلىچتەك ئۆتكۈر
تاشلىرىڭ مامۇق بولۇپ قارشى ئالغان ئەمەسمىدى؟ تاھىرنىڭ ساندۇق بىلەن بىر ئەگىمدە ئۈچ كېچە -
كۈندۈز تۇرالىشى سېنىڭ ئەزگۈلۈك ۋە ۋاپادارلىقىڭ ئەمەسمۇ؟ كىم بىلمەيدۇ تاھىر ساندۇقىنىڭ
ئىسسىق قوينۇڭدا نەچچە يىللار كۆز قارچۇقىڭدەك ئاسرالغىنىنى! بۇ، كىمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان
لەرگە خاس ئەزگۈلۈك ۋە يۈكسەكلىكتۇر...... « پەرىشتە » ئەزگۈلۈك؟ بۇ ساڭا ۋە
ئەمدىلىكتە بولسا، دەردلىك كۆزلىرىڭ بىلەن ئېگىز تاغ بېشىغا قارايسەن، ياش ئۈنچىللىرى
بىلەن تولغان كۆزلىرىڭنى بىر نەپەسمۇ ئۈزەلمەيسەن.
نېمە كۆرۈنەر؟
تۇغ قادالغان كونا بىر مازار ... ئۇزاق ئەسىرلەرنىڭ، ئېغىر يىللارنىڭ، قاراكۈنلەرنىڭ قانلىق
يەكۈنى ...
نە سۆيگۈ، نە ھايات، نە تەنتەنە!
بىر جۈپ قىزىل گۈل ئارىسىدا ھامان بىر تال ياۋۇز تىكەننىڭ ئىپلاس ۋە تەكەببۇر گەۋدىسى
ياتار... مانا، سەن شۇنى كۆرىسەن. ئوبدان بىلىمەن، ئۇ ئىپلاس، تەكەببۇر تىكەننىڭ يىرتقۇچلارچە
قىچقارغان ئۆلۈك كۈلكىسى قۇلىقىڭغا خۇددى نەشتەردەك سانچىلار ... قارا كۈنلەرنىڭ ئۇ بىر جۈپ
مەسۇم قۇربانى سېنى قانچە ئاچچىق ھەسرەتكە، چوڭقۇر مەيۈسلۈككە، چەكسىز قايغۇغا سالسا، ئۇلارنىڭ
قاتىلى شۇ ئىپلاس تىكەن سې نى شۇنچە تىنىچسىزلاندۇرار، غەزەپلەندۈرەر، كايىتار ... ناھايەت، ئىنتىقام
ئۈچۈن قوزغار!
ھەممە دەردىڭ، ھەممە قايغۇڭ، ھەممە تەشۋىشىڭ، ھەممە ئاچچىقىڭ شۇنىڭ ئۈچۈندۇر.
ئەي، مەسۇم قۇربانلار مازىرى، سۆيگۈ دەرياسى ھەسرەتلىك باش ئەگىم ! ھامان سېنىڭ ئۈستۈڭنى
بىر قارا ھ ىجران تۇمانى باسقان، سەن شۇنىڭ ئۈچۈن دەرتلىنىسەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇڭلىنسەن، شۇنىڭ
ئۈچۈن ئاچچىقلىنىسەن، غەزەپلىنىسەن، ئاچچىقىڭدىن تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ، ئاپئاق كۆپۈكلەر
چاچرىتىسەن، جان ئاچچىقىڭدىن دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ، شىردەك ھۇۋلايسەن.
ھەققىڭ بار!
ھەر نېمە قىلماققا ھەققىڭ بار!
يەنە دەرتلەن، يەنە مۇڭلان، يەنە ئاچچىقلان!
تاشتىن - تاشقا ئۇرۇل، دولقۇنۇڭ بىلەن كۆتۈرۈل... يەنە تاش!
تاھىر بىلەن زۆھرەنىڭ ياناق كۆزلىرى ھامان ساڭا تىكىلىپ تۇرماقتا . سۆيگۈ، ۋاپا، نومۇس ۋە
ئەزگۈلۈك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ روھىنى يادلان ! تا ھىر داستانى بىلەن دولقۇنلان !! ئۇنىڭ ئۈچۈن چەككەن
ئەللىمىڭ، تارتقان دەردىڭ، جاپا- ئەمگىگىڭ مەڭگۈلۈك راھەت، مەڭگۈلۈك سائادەت!
«بېشىمغا ھەر بالا كەلسە،
ئۆزۈڭنىڭ شورى دەڭلار! »
1948 -يىلى 27 - يانۋار ئۈرۈمچى يازما يوللىغۇچى: ئەرتىل
|
|
|
|
|
|