مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2365|ئىنكاس: 21

«ھۇررا» سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيىسى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 09:26:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل توپ تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ توپچىلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ھۇررا دەپ توۋلاش ئومۇملاشتى، بىر قىسىملار كىنولاردا رۇس قاتارلىقلارنىڭ ئاتاكىغا ئۆتكەندە ئۇررا دەپ توۋلىغىنىغا ئاساسەن بۇ سۆزنى رۇسلاردىن كىرگەن دەپ قارايدۇ، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىشلىرىمنى يېزىپ چىقتىم. بۇنى پۇتبول كۇلۇبى، ھۇررا تورىدىكى بىر قىسىم ھۇرراچى تورداشلارنىڭ تەلىبىگە ئاساسەن يازغان، باشقىلارغىمۇ پايدىسى تېگىپ قالار دەپ بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللىدىم

«ھۇررا» سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيىسى توغرىسىدا


تىل بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئالاقە قورالى ۋە تەپەككۈر  قىلىش قورالى. ھەر قانداق بىر تىلنىڭ لوغەت تەركىبىنى تارىخىي نۇقتىئىينەزەردىن تەكشۈرۈشكىمۇ، ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئېنىقلاش مەقسىدىدە تەكشۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. تارىخىي لىكسىكىلوگىيە نۇقتىسىدىن تىلنى سىنخرونىىيىلىك ئۇسۇل يەنى ھادسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ جەريانىنى بىر بىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەكشۈرگەندە نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ، تىلنىڭ لوغەت تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى سۆزلەر بىر نەچچە ئەسىرنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ كونىراپ ئىستىمالدىن قېلىشى، بەزىلىرىنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولىشى، بەزىلىرىنىڭ مەنىسىنىڭ كېڭىيىشى، ئۆزگىرىشى تەبىئىي. شۇڭا لىكسىكىنىڭ تەرەققى قىلىش مەنبەسىنى جەمئىيەت تارىخىدىكى تەرەققىياتتىن ئىزدەشكە توغراكېلىدۇ.

يۇقىرىقى نۇقتىئىنەزەرنى چىقىش قىلغان ئاساستا تىلىمىزدىكى «ھۇررا» سۆزىنڭ كېلىپ چىقىشى، لىكسىكىلىق ۋە فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشى ھەققىدە توختىلىمىز.

بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم ماھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ شاھانە ئەسىرى، ئەبەدىيلىك مەنىۋىي بايلىقىمىز «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە «ارلشدى(ئۇرلاشدې)- ھۇررا توۋلاشتى، ۋاقىراشتى، جارقىراشتى. بودۇن قامۇغ ئۇرلاشدې- پۈتۈن خەلق ھۇررا توۋلاشتى». («دىۋان»، 188-بەت) دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. «دىۋان»نىڭ لىكسىكىلىق ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسىي لوغەت تەركىبىگە تەۋە بولغان سۆزلەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىدا  ئاساسەن ئۆزگەرتىلمەي قوللىنىلماقتا، مەسىلەن: «ئۇردى، ئۇرۇشتى، تۇردى، تۇرۇشتى» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 27-بەت)، «باردى، كەلدى، كەلتۈردى» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 26-بەت)، «كۆمەچ» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 14-بەت)، «بىلىش»   («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 14-بەت)، «يايلاغ، قىشلاق» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 15-بەت)، «ئورغاق» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 18-بەت)، «تاغار» («دىۋان» 1- نەشرى 1-توم 26-بەت)، قاتارلىقلارنىڭ مەنىسىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغان. «ھۇررا توۋلاشتى، ۋاقىراشتى، جارقىراشتى. » مەنىسىدە كەلگەن «ارلشدى(ئۇرلاشدې) » دېگەن سۆزنىڭ تومۇرى «ئۇر» بولۇپ، «ئۇر» دېگەن سۆزنىڭ 2- شەخس بۇيرۇق رايى «ئۇرە» دېگەن  شەكلى دەل بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان «ھۇررا» سۆزى شۇ. ئۇنداتتا بۇلارنىڭ فونىتىكىلىق شەكلىدىكى ئوخشىماسلىقنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى فىلىملىرىدە، كىتابلىرىدا  رۇس قاتارلىقلار ئاتاكىغا ئۆتكەندە ئۇررا دەپ روۋلايدۇ بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بىز بۇ سۆزنى رۇسلاردىن قوبۇل قىلغانمۇ ياكى رۇسلار بىزدىن قوبۇل قىلغانمۇ؟

«ئۇر، ئۇرە» جۈملىدىن« ھۇررا» ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ھۇررا سۆزى قەدىمقى ئۇرە سۆزىنىڭ فونىتىكا جەھەتتىن ئۆزگەرگەن شەكلى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇرە» سۆزى بىلەن «ھۇررا» سۆزىنىڭ مەنىسىدە پەرىق بولۇپ، «ئۇرە» دېگەن سۆز مەلۇم ئادەم ياكى نەرسىنى ئۇرۇشقا قىلىنغان بۇيرۇقنى بىلدۈرىدۇ، «ھۇررا» سۆزى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «ھۇجۇم قىلىۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋار نىداسى» دەپ ئىزاھلانغان. قەدىمقى دەۋردە ئەجداتلىرىمىز دۈشمەن سېپىگە ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈپ كىرگەندە، سەركەردە «ئورە» دەپ ئۈنلۈك نەرە تارتىپ دۈشمەن سېپىنى يېرىپ ھۇجۇمغا ئۆتسە، لەشكەرلەر بىردەك «ئۇرە» دەپ ۋارقىراپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن، ئۇرۇشتا ئاتاكىغا ئۆتكەندە «ئۇرە» دەپ نەرە تارتىپ ھۇجۇمغا ئۆتكەندە بىرى: دۈشمەن ھودۇقۇپ سەپلىرى قالايمىقانلىشىدۇ، يەنە بىرى: ئاتاكىغا ئۆتكەن جەڭچىلەر روھلىنىپ قورقۇنچ تۈگەيدۇ، ھەرىكەت بىرلىككە كېلىپ  ئىلگىرى ئاخىرى ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. خەنزۇلارنىڭ يەل گۇمپىسىدا «ھايت- ھۇيت» دەپ كۈچنى مەلۇم ئەزاغا  يىققاندەك ئەجداتلىرىمىز «ئۇرە» دەپ ۋاقىراپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچنى بىلەككە يىققان، «ئۇرە» دەپ ۋاقىراپ، بولۇپمۇ پىستىرمىدا تۇرۇپ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندا «ئۇرە» دەپ قەھرى بىلەن نەرە تارتىپ ھۇجۇم قىلغاندا دۈشمەن تېخىمۇ ئالاقە زادە بولىدۇ، دۈشمەن ئېسىنى يىغىپ، سەپلىرىنى تۈزەپ بولغىچە بېشىدا شەمشەر، بوينىدا خەنجەر، كۆكسىدە نەيزە ئوينايدۇ، ئاخىرىقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە «ئۇرە» سۆزىدىن كۈچ- قۈۋەتكە تولۇپ، غەلىبىگە ئېرىشكەن قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئاستا- ئاستا  «ئۇرە» سۆزىنى غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەندە، بىرەر ئىشقا تەنتەنە قىلغاندىمۇ  ئىشلەتكەن. ئۇلار تەنتەنە قىلغاندا ياراقلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۇرە» دەپ توۋلاپ تەنتەنە قىلىشقان. ھازىرمۇ بىر قىسىم ياش- ئۆسمۈرلەر توپلۇشۇپ ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشماقچى بولسا، ئىككى تەرەپنىڭ نوچىلىرى ئالدىغا چىقىپ بىر نەچچە ئېغىزدىن ياپتا گەپلەر بىلەن دوق قىلىشىۋىلىپ، قايسى تەرەپنىڭ بالىلىرى يۈرەكلىك بولسا ئالدى بىلەن ھۇجۇم باشلاپ، نوچىسى «ئۇرە» دەپ قارشى تەرەپنىڭ  نوچىسىغا ئېتىلىدۇ، ئاندىن قالغان بالىلار ۋاقىرىشىپ ھۇجۇم باشلايدۇ، مانا بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىمىزنىڭ دۈشمەگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىشىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى سىماسى.

«دىۋان»نىڭ يېزىلغىنىغا 1000يىل بولاي دېدى، «ئۇرە» سۆزى مىڭ يىل بۇرۇن خاتىرىگە ئېلىنغان، بۇنىڭلىق بىلەن بۇ سۆزنى بىزمىڭ يىل بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا بار ئىدى دېسەك ئالدىراقسانلىق قىلغان بولىمىز، چۈنكى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان سۆزلەر نەچچە ئەسىر تاۋلىنىشتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن شۇ تىلنىڭ ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرەلەيدۇ، ھەمدە ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ، بولۇپمۇ پېئىللار ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ، مىڭ يىل بۇرۇن خاتىرىگە ئېلىنغان بۇ سۆز ھازىرمۇ «ئۇرە» شەكلىدە قوللىنىلىۋاتمامدۇ؟ شۇڭا ئۇرە سۆزى «دىۋان»دا خاتىرىگە ئېلىنىشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا بار بولۇپ، بىر مىڭ بەش يۈز يىلدىن ئىككى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، دەپ تەخمىن قىلشقا بولىدۇ.

سەئىدىيە خانلىقىدىن كىيىن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانلار خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى...دەۋرىدىكىدەك «ئۇرە» توۋلاپ ئاتاكىغا ئۆتىدىغان شانلىق كۈنلىرىمىز يوقالغاچقا (ئۇنىڭدىن كىيىن دەرۋەقە نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى باشتىن كۆچۈردۇق، نەزەردە تۇتقىنىم خاقانلىرىمىزغا ئەگىشىپ ئاتاكىغا ئۆتەلمىدۇق، تورداشلار بۇ ئۇدۇللا دېگەن گېپىمگە قايىل بولماسلىقى تەبىئىي) ھەمدە ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە »ئۇرە»نىڭ ئورنىغا «اللە اكبر» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر كىرىپ كەلگەچكە، بۇ سۆزنىڭ ئىستىمال چاستۇتىسى تۆۋەنلەشكە باشلىغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەريانىدا بۇ سۆز يەنە ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلغان.  

بۇ سۆز ئۇيغۇرتىلىدىن ئۇزاق مۇددەت رۇسلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان تۈركى خەلقلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق رۇسلارغا كىرىپ رۇسلار قوبۇل قىلغان. رۇسلاردا «ئە» تاۋۇشى بولمىغاچقا، «ئە» تاۋۇشىنى «ئا» تەلەپپۇز قىلىپ «ئۇرە»نى «ئۇرا» دەپ تەلەپپۇز قىلغان، توۋلىغاندا ئۇرغۇلۇق چىقىش ئۈچۈن« ر »بىلەن« ئا» نىڭ ئارىسىغا يەنە بىر «ر »نى قوشۇپ «ئۇررا» دەپ تەلەپپۇز  قىلغان، بىر مەزگىل ھاياتى كۈچىنى يوقاتقان «ئۇرە» دېگەن سۆز 40 – يىللاردىن كىيىن رۇس تىلىدىن يەنە بىزگە «ئۇررا» شەكلىدە قايتىپ كىرگەن،  كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلىدا بولۇپمۇ قەشقەر تەرەپلەردە «ئاۋۇت» نى «ھاۋۇت»، «ئايشىخان»نى «ھايشىخان»، «ئۆمەرجان»نى «ھۆمەجان»، «ئائۇشۇر» (ئەسلى ئائۇشۇر بولۇپ ئۇيغۇرلار ئاشۇر، ئوشۇر ئىككى خىل ئاتىغان )نى  «ھوشۇر»، «ئابلا» نى «ھابلا» دەپ سۆز بېشىغا بىر «ھ» تاۋۇشىنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلغىنىدەك، «ئۇررا»نىڭ ئالدىغا بىر «ھ »نى قوشۇپ «ھۇررا» دەپ تەلەپپۇز قىلغان، كىيىنچە «ھۇررا » سۆزىنىڭ «ھۈررەي» دېگەن ۋاريانتىمۇ پەيدا بولغان.

«ھۇررا» ئەسلى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك جەڭچىلەر ھۇجۇمغا ئۆتكەندە توۋلايدىغان جەڭگىۋار نىدا. بۇنىڭدىن باشقا غەلىبىگە تەنتەنە قىلىش، ئۇرۇشتىن باشقا ئىشلاردىمۇ باشقىلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن توۋلاشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، خەنزۇ تىلىدىكى  前进冲啊  دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بىلەن بىر ئاز يېقىن.

مەنبە: ئۆزۈم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-20 01:52 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-28 06:43 PM):
«ئىزدىنىش» تورىدىكى birhonنىڭ ھۇررا سۆزى ھەققىدىكى ھەققىدىكى تولۇقلىمىسى.
رۇسلار «Cheer up» دېگەن مەنىدە قوللىنىدىغان بۇ سۆزنى 1880 - يىلى ۋىلادىمىر ئىۋانوۋىچ (Даль, Владимир Иванович) تۈزگەن رۇس تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (Толковому словарю) دە مۇنداق ئىزاھلاپتۇ:
«Ура» (ئۇرا)  سۆزى تاتارچە سۆز بولۇپ، تاتار، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىكى «ئۇر» سۆزىدىن كەلگەن.
татарское слово «ур» — бей, от «урмак» — бить, а также киргизское «уран» — племенной военный клич, и, наконец, русское «уразить» — ударить.
يەنە، 1800 - يىلى تۈزۈلگەن بىروكوس ۋە ئېفرون ئېتىمولوگىيە لۇغىتى «Энциклопедический словарь Брокгауза и Ефрона» دە «ھۇررا» سۆزىنى تۈركىي تىللارنىڭ سۆزى، رۇس تىلىغا تاتارچە ۋە قىرغىزچە ئارقىلىق كىرگەن دەپتۇ.
بىروكوس ۋە ئېفرون ئېتىمولوگىيە لۇغىتىدە كۆرسىتىلىشىچە مەزكۇر سۆزنىڭ ئەسلى تۈركچە (ئۇيغۇرچە، قىرغىزچە، تاتارچە، ....) شەكلى: «ئۇرە»دۇر.
«ھ» تاۋۇشى تۈرك (تۈركىي) تىلىدىمۇ، رۇس تىلىدىمۇ يوق (بۈگۈنكى كۈندە تۈرك تىللىرىدا بار بولغان ھ تاۋۇشى ئەرەب قاتارلىق تىللاردىن كىرگەندۇر.) . رۇسلار بۇ سۆزنى ئاينى پېتى ساقلىغان بولۇپ، رۇسلاردىكى شەكلى «Ура» دۇر. ئۇيغۇرلار رۇسلاردىن قايتا قوبۇل قىلغاندا بىر «ھ»نى قوشۇۋالغان.
دېمەك «ھۇررا» سۆزى ئەسلى تۈركچە (ئۇيغۇرچە) «ئۇرە!» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدۇر. ئىككى ئەسىر ئىلگىرى تۈزۈلگەن رۇسچە لۇغەتلەر شۇنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپتۇكى «ھۇررا»نىڭ ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىكىدە ئەمدى ئارتۇق گۇمان ۋە تالاش - تارتىش يوقتۇر.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
matimatika + 59 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 10:28:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىن ئايرىلىپ ، باشقىلارغا بىرىپ، ئاخىر يەنە بىزگە قايتىپتىدە .
   ئەسلىدە ھۇشۇر ئەمەس ئا ئۇشۇر  ئىكەندە .
  رەخمەت سىزگە.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80203
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3380
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 10:35:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇررا!!!!!نىمە دىگەن ھەيۋەت!!!

ئەخلاق ئادەم زىننىتى!!
مۇستاپا كامال ھىكمەتلىرى:
          ★ «ئەگەر بىر مىللەت ھەقىقىي كاتتا مىللەت بولىدىكەن، ئۇنىڭ كاتتىلىقى ئۆزىنى تونۇشى بىلەن تېخىمۇ يۈكسىلىدۇ»

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 10:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن جەڭگىۋار سۆزكەن بۇ

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 10:57:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ماستلىشىپ ئېلىنغان سۆزكەن بۇ... ، نىمە دىگەن ھەيۋەت.

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...
jarulla77 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 11:09:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
mullazaydin بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 11:34:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10122
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 11:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۇررا  ھۇررا ...       ئەكىس سادالار ياڭرىسۇن .

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70862
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5102
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 732 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2014-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 12:34:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۆز گېرمان تىلى ۋە ئىنگلس تىلىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

DUNYA,,MUHABBATKA,TULSUN.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6527
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9877
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2014-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 12:38:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇسلاردىن كىرگەنمىكىن ،،،ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدە،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش