 |
 |
 |
 |
بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلا ر ، ياراتقان ئاللاھ ئالتۇن بويۇڭلارنى ئامان قىلغاي !
ئالدىنقى قېتىم مەن بىر قىسىم تەسىرلىك فېلىملەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنغان ئىدىم .
تۆۋەندە بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇ ئىككى فېلىمنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .
بىلسەم بىلمىسەم تارىخىمىزغا قىزىقىدىغان دوستلار ئاز ئەمەسقۇ دەيمەن . ئۇنداقتا بۇ قىسقىغىنا فېلىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار .
نېمىشقىكىن بىلمىدىم ، مەن بۇرۇنقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەك قىزىقىمەن . مەن بەك ياۋاش ھەم كۈلگۈنچەك بولغاچقا ، بىر ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ چوڭ ئانام ۋە چوڭ دادام بەك ئامراقكەنتۇق، شۇنىڭ بىلەن مەن بىر -ئىككى ياشلارغا كىرگەندە مېنى ئېلىپ كېتىپ ئۇلار بېقىپ چوڭ قىپتىكەنتۇق . ئۇلار60اشتىن ھالقىپ قالغاچقا مەن دائىم مەدەنيەت زور ئىنقىلابى ۋاقتىدىكى ئىشلارنى سوراپ تۇرىۋالاتتىم . ئۇلارمۇ زېرىكەي قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى .
چوڭ ئانامنىڭ دېيىشىچە ، ئۇ ۋاقىتلاردا كۆپچىلىك بىللە ئىشلەپ ،ھەركىمگە ئۆز ئۆيىدىكى نوپۇس سانىغا ئاساسەن نۇرما بېرىلىدىكەنتۇق . چوڭ ئانام ئەينى ۋاقىتتا قولى بەك چىۋەر بولغاچقا كۆپچىلىككە چوڭ داش قازاندا قۇيماق سېلىپ بېرەتتىكەنتۇق .
نەۋرە ئاكاملارمۇ مەكتەپتىن قويۇۋەتسە، بىردىن سېۋەت ئېلىۋېلىپ ئاغدۇرىلىپ بولغان ئېتىزلىققا چىقىپ كۆتىشەك (كۆممقوناقنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان قىسمى ) تېرىدىكەنتۇق.
مەن كەپسىز بولغاچقا ئورما مەزگىللىرىدە دائىم كىچىككىنە چاپىنىمنى ئۆشنەمگە ئارتىۋېلىپ باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىش ئۈچۈن قىلىپ قويغان كەپىسىگە كىرىپ گۈلە - قاق ، ئۈرۈك ،يەل يېمىش قاتارلىق نەرسىلىرىنى يانچۇقۇمغا لىقلاپ ئاندىن ئۆيگە كەچ قايىتىپ كېلەتىكەنمەن .
ئىشقىلپ ، بەك گۈزەل ئەسلىمىلەر قالغان گۆدەك ۋاقتلىرىمدا .
تۆۋەندىكى بۇ فېلىم بىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان << دىل كۈيى >> دېگەن مۇزىكىغا بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ ، شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ . ئەپسۇسلىنارلىقى مەن نەچچىنچى يىللىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈلمىدىم .
تۆۋەندىكىسى بولسا بىز ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان خەلىق ناخشىسىغا بۇرۇنقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئىشلەنگەن . بۇمۇ ياخشى چىقىپتۇ . كۆرۈپ باققايسىلەر .
مەنبە : يوۇكۇ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-20 01:47 AM
|
 |
 |
 |
 |
|