مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 4

ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى....... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

خەلق ئادۇۋكاتى 13239850499

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6770
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 05:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسدىكى دەلىل - ئىسپات توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى

2001 - يىل 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت
ھەيئىتىنىڭ 1201 - يىغىنىدا ماقۇللاندى




)ق چ 33 2001–نومۇرلۇٿ
بۇ بەلگىلىمە خەلق سوت مەھكىمىلىرى دېلو پاكىتىنى توغرا بېكىتىش،ھەق تەلەپ دېلولىرىنىئادىل، ۋاقتىدا قاراپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقىداركىشىلەرنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەقۇلايلىق يارىتىش مەقسىتىدە «جۇڭخۇا خەلق


جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»)تۆۋەندە «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» دەپ قىسقارتىلدى( قاتارلىقمۇناسىۋەتلىك قانۇنبەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىپ، ھەق تەلەپ سوت قىلىش تەجرىبىلىرى ۋەئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

1. ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل
ئىسپات كۆرسىتىشى

1- ماددا دەۋاگەرخەلق سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىشتا ياكى جاۋابكار قارشى ئەرزقىلىشتا، ئەرز قىلىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇناسىپ دەلىل -ئىسپات ماتېرىياللىرىنىقوشۇمچە قىلىشى لازىم.
2- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۆزى دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئاساسلانغان پاكىت ياكى


قارشى تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشتا ئاساسلانغان پاكىت ئۈستىدە دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئىسپاتلاش جاۋابكارلىقى بولىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تەشەببۇسىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل - ئىسپات بولمىسا ياكى دەلىل -ئىسپاتى يېتەرلىك بولمىسا، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولغان ئالاقىدار كىشى پايدىسىزئاقىۋەتنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
3 –مادداخەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىشتىكى تەلەپ ۋە قانۇن ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئالاقىداركىشىلەرنىڭ مۇۋاپىق مۆھلەتئىچىدە ئاكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، توغرا، راستچىللىق بىلەن دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشلازىم.
ئالاقىدار كىشىلەر ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزى دەلىل - ئىسپاتتوپلىيالمىسا، خەلقسوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ توپلىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
4- ماددا تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋالىرىدا،تۆۋەندىكى بەلگىلىمەبويىچە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ:
)1( يېڭىمەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى كەشپىيات پاتېنتى تۈپەيلىدىنكېلىپ چىققان پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، ئوخشاش خىلدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشئۇسۇلىنىڭ پاتېنتئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغانلىقى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنىزىممىسىگە ئالىدۇ؛
)2( خەتىرى چوڭ مەشغۇلاتنىڭ ئادەمگە زىيان يەتكۈزۈش يۈزىسىدىنقىلىنغان ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، زىيان سالغۇچى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ قەستەن زىيان پەيداقىلىش پاكىتىدادەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
)3( مۇھىتنى بۇلغاش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەش دەۋاسىدا،زىيان سالغۇچىقانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبلىرىھەمدە ئۆزىنىڭھەرىكىتى بىلەن زىيان سېلىش نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب -نەتىجە مۇناسىۋىتىمەۋجۇت ئەمەسلىكى ئۈستىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنىزىممىسىگە ئالىدۇ؛
)4( ئىمارەتياكى باشقا مۇئەسسەسەلەر ھەمدە ئىمارەت ئۈستىگە قويۇلغان نەرسە، ئېسىپ قويۇلغاننەرسىلەر ئۇرۇلۇپكېتىپ، ئاجراپ كېتىپ، چۈشۈپ كېتىپ باشقىلارغا زىيان سالغان ھوقۇققادەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋالىرىدا، ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىيوقلۇقى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
)5( باققان ھايۋانلارنىڭ باشقىلارغا زىيان سېلىشىدىن پەيدا بولغانھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، ھايۋاننى باققۇچى ياكىباشقۇرغۇچىلارنىڭ زىيانغائۇچرىغۇچىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقى ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقىتوغرىسىدا دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
)6( مەھسۇلاتنىڭ نۇقسانى تۈپەيلىدىن باشقىلارغا زىيان سالغان ھوقۇققادەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقنىكەچۈرۈم قىلىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ؛
)7( ئورتاق خەۋپلىك قىلمىش باشقىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىش ىغ ا سەۋەببولغان ھوقۇققا دەخلى- تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا، خەۋپلىك قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئۆزىنىڭ قىلمىشىبىلەن زىيانلىقئاقىۋەت ئوتتۇرىسىدا سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتئەمەسلىكى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگەئالىدۇ؛
)8( داۋالاشھەرىكىتىدىن پەيدا بولغان ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشدەۋاسىدا، داۋالاش ئاپپاراتى داۋالاش ھەرىكىتى بىلەن زىيانلىق ئاقىۋەت ئوتتۇرىسىداسەۋەب - نەتىجەمۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ۋە داۋالاش سەۋەنلىكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىتوغرىسىدا دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش دەۋاسىدا دەلىل -ئىسپات كۆرسىتىشجاۋابكارلىقى توغرىسىدا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگەئاساسلىنىلىدۇ.

5 –مادداتوختام ماجىرالىرى دېلولىرىدا، توختام مۇناسىۋىتىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشھەمدە كۈچكە ئىگە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان ئالاقىدار تەرەپتىكى كىشىلەر توختام تۈزۈش ۋە كۈچكە ئىگەبولۇش پاكىتى توغرىسىدا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنىزىممىسىگە ئالىدۇ؛ توختاممۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ئاخىرلاشتۇرۇش، كۈچتىنقالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانتەرەپتىكى ئالاقىدار كىشىلەر توختام مۇناسىۋىتىنى ڭ ئ ۆزگ ىرىشىنىپەيدا قىلغان پاكىت ئۈستىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
توختامنى ئىجرا قىلىش - قىلماسلىقتا تالاش - تارتىش كېلىپ چىقسا،ئادا قىلىشمەجبۇرىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى يۈزىسىدىن كېلىپ چىققان تالاش - تارتىشتاۋاكالەتچىلىك ھوقۇقىنىتەشەببۇس قىلغان ئالاقىدار كىشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنىزىممىسىگە ئالىدۇ.
6 –ماددا ئەمگەك تالاش - تارتىش ماجىراسى دېلولىرىدا، ئادەمئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشتىن ھەيدەش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، چېكىندۈرۈش،ئەمگەك توختامىنىبىكار قىلىش، ئەمگەك ھەققىنى ئازايتىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىستاژىنىھېسابلاش قاتارلىقبەلگىلىمىلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىدا،ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالىدۇ.
7- ماددا قانۇندا بەلگىلىمە بولمىغان، بۇ بەلگىلىمە ھەمدە باشقائەدلىيىلىكچۈشەندۈرۈشلەرگەئاساسەن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكەئامال بولمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى باراۋەرلىك پرىنسىپى ۋە سەمىمىي،ئىشەنچلىك بولۇشپرىنسىپىغا ئاساسەن، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش ئىقتىدارى قاتارلىق ئامىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنىزىممىسىگە ئېلىشنى بېكىتسەبولىدۇ.
8- ماددا دەۋالىشىش داۋامىدا، ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ يەنە بىرتەرەپ بايان قىلغاندېلونىڭ پاكىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە، ئالاق ى دار يەنە بىر تەرەپنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، لېكىن سالاھىيەتمۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا.
ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ بايان قىلغان پاكىتنى يەنە بىر تەرەپھەم ئېتىراپقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىسە ھەم ئىنكار قىلمىسا، سوت قىلغۇچىخادىملارنىڭ تولۇق چۈشەندۈرۈشى ھەمدە سوئال قويۇشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇئېتىراپ قىلىدىغانلىقىياكى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى يەنىلا ئېنىق بىلدۈرمىسە، شۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر دەۋا ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالەقىلغان بولسا،ۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئېتىراپقىلىشى، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلمىگەن ۋاكالەتچىنىڭپاكىتنى ئېتىراپقىلىشى قارشى تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىنى بىۋاسىتە ئىجرا قىلىشنىكەلتۈرۈپ چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛ ئالاقىدار كىشىلەر نەق مەيداندابولغان، لېكىنۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەنبولسا، ئالاقىداركىشىلەر ئېتىراپ قىلدى، دەپ قارىلىدۇ.
ئالاقىداركىشىلەر سوتتىكى مۇنازىرە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئېتىراپقىلىشنى قايتۇرۇۋالغان ھەمدە ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىدىنئۆتكەن بولسا ياكىئۇنىڭ ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ تەھدىت سېلىش ياكى چوڭ خاتاچۈشىنىش ئەھۋالى ئاستىدا چىقارغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاكىتغا ئۇيغۇنكەلمەيدىغانلىقىنىئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان تولۇق دەلىل - ئىسپات بولسا، ئالاقىدارقارشى تەرەپنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقابولمايدۇ.
9- ماددا تۆۋەندىكى پاكىتلارنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىپ ئىسپاتلىشىھاجەتسىز:
)1( ھەممىگە ئايان بولغان پاكىت؛
)2( تەبىئىي قانۇنىيەت ۋە تېئورىما؛
)3( قانۇن بەلگىلىمىسى ياكى ئايان بولغان پاكىت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتەجرىبە قائىدىلىرىگەئاساسەن، يەنە بىر پاكىتنى ئەقلىي ھۆكۈم بىلەن بېكىتكىلى بولسا؛
)4( خەلق سوتمەھكىمىلىرىنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولغان ھۆكۈم - كېسىملىرىدەمۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىتبولسا؛
)5( كېسىم ئورگانلىرىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان كېسىملىرىدەمۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پاكىتبولسا؛
)6( كۈچكە ئىگە بولغان گۇۋاھلىق ھۆججەتلىرىدە ئىسپاتلانغان پاكىت بولسا.
يۇقىرىدىكى )1(، )2(، )3(، )4(، )5(، )6( تارماقچىلاردىن ئالاقىداركىشىلەر قارشى دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىپ ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
10- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىشتە ئەسلىينۇسخىسى ياكى ئەسلىي بۇيۇمنى كۆرسىتىشى شەرت. ئەگەر ئۆزىدىكى دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي بۇيۇمنى ئۆزى ساقلاشقا توغرا كەلسە ياكى ئەسلىي نۇسخا، ئەسلىيبۇيۇمنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ سېلىشتۇرۇپباشقا ئەھۋال بولمىغانلىقى ئىسپاتلانغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكىكۆپەيتىلگەن بۇيۇمنىكۆرسەتسە بولىدۇ.
11- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىگە كۆرسەتكەندەلىل - ئىسپاتجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسىنىڭ سىرتىدا شەكىللەنگەن بول س ا، ب ۇ دەل ى ل - ئىسپات شۇ دەلىل - ئىسپات شەكىللەنگەن دۆلەت گۇۋاھلىق ئورگىنىنىڭگۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتەتۇرۇشلۇق ئەلچىخانا،كونسۇلخانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى ياكى جۇڭخۇا خەلقجۇمھۇرىيىتى بىلەن دەلىل- ئىسپات شەكىللەنگەن دۆلەت ئىمزالىغان مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىلەردەبەلگىلەنگەن ئىسپاتلاش رەسمىيەتلىرى ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.
ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە كۆرسەتكەندەلىل - ئىسپاتلارشياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدا شەكىللەنگەن بولسا،مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كېرەك.
12- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىگەكۆرسەتكەن چەت ئەليېزىقىدىكى دەلىل - ئىسپاتلار ياكى چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرىغا خەنزۇچەتەرجىمىسى قوشۇمچە قىلىنىشىكېرەك.
13 –ماددا ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭ تالاش - تارتىشى بولمىغان، لېكىن دۆلەتمەنپەئىتى،ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەت ياكى باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگەچېتىلىدىغانپاكىتلاردا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى مۇناسىۋەتلىك دەلىل -ئىسپات بىلەنتەمىنلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ.
14- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر ئۆزلىرى تاپشۇرغان دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىغابىر - بىرلەپ نومۇر سېلىشى، دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئىسپاتلاش ئوبيېكتى ۋەمەزمۇنىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى، ئىمزا قويۇپ، تامغا بېسىشى، تاپشۇرغانۋاقىتنى ئىزاھلىشىھەمدە ئالاقىدار قارشى تەرەپنىڭ ئادەم سانى بويىچە قوشۇمچەنۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى لازىم.
خەلق سوتمەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر تاپشۇرغان دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنىتاپشۇرۇۋېلىشتا ھۆججەتبېرىشى، دەلىل - ئىسپاتنىڭ نامى، سانى ۋە بەت سانى ھەمدەتاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتنى ئىزاھلىشى، ئۈستىگە بېجىرگۈچى ئىمزا قويۇشى ياكىتامغا بېسىشىكېرەك.

2. خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلىشى


15 - ماددا«ھەقتەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 64 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن «خەلق سوتمەھكىمىلىرى دېلوغا قاراپ چىقىشتا زۆرۈر دەپ قارىغان دەلىل - ئىسپات»تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىكۆرسىتىدۇ:
)1( دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەنپەئەت ياكىباشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان پاكىتقا چېتىلسا؛
)2( خىزمەت ھوقۇقى بويىچە ئالاقىدار كىشىلەرنى قوشۇش، دەۋانى توختىتىپ تۇرۇش، دەۋانىئاخىرلاشتۇرۇش، چەتلەپ تۇرۇشتەك سۇبستانسىيە تالاش - تارتىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىزبولغان تەرتىپئىشلىرىغا چېتىشلىق بولسا.
16 –ماددا بۇبەلگىلىمىنىڭ 15 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا،خەلق سوت مەھكىمىلىرىتەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلاش ئىشىنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭئىلتىماسىغا ئاساسەن ئېلىپبېرىشى كېرەك.
17- ماددا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئالاقىداركىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭدەۋا ۋاكالەتچىلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپاتتوپلىشىنى ئىلتىماس قىلسابولىدۇ:
)1( تەكشۈرۈپ توپلاشنى ئىلتىماس قىلغان دەلىل - ئىسپات دۆلەتنىڭمۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىداساقلىنىۋاتقان ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپئالىدىغان ئارخىپماتېرىياللىرى بولسا؛
)2( دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكى، سودا مەخپىيىتى، شەخسنىڭ سىرىغاچېتىلىدىغان ئارخىپماتېرىياللار بولسا؛
)3( ئالاقىدار كىشىلەر ھەمدە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئوبيېكتىپسەۋەبلەر تۈپەيلىدىنھەقىقەتەن ئۆز ئالدىغا توپلىيالمايدىغان باشقا ماتېرىياللار بولسا.
18- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭتەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلىشىنى ئىلتىماس قىلىشتا يازما ئىلتىماس تاپشۇرۇش كېرەك. ئىلتىماسنامىگەتەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى ئورۇننىڭ نامى، ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسى قاتارلىق ئاساسىيئەھۋاللىرى، تەكشۈرۈپ توپلايدىغان دەلىل - ئىسپاتنىڭ مەزمۇنى، خەلق سوتمەھكىمىلىرىنىڭتەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇشتىكى سەۋەبلەر ھەمدەئۇنىڭدا ئىسپاتلىنىدىغانپاكىتلار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.
19- ماددائالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ خەلق سوتمەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپدەلىل - ئىسپات ئېلىشىنى ئىلتىماس قىلىشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتىتوشۇشتىن يەتتە كۈن ئىلگىرىبولۇشى كېرەك.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ دەۋاۋاكالەتچىلىرىنىڭئىلتىماسىغا رۇخسەت قىلمىسا، ئالاقىدار كىشىلەر ياكى ئۇلارنىڭ دەۋاۋاكالەتچىلىرىگە ئۇقتۇرۇشنامە يەتكۈزۈشى كېرەك. ئالاقىدار كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىئۇقتۇرۇشنامىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغانخەلق سوت مەھكىمىسىگە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى يازما ئىلتىماسقىلسا بولىدۇ. خەلقسوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ بەشكۈن ئىچىدە جاۋاببېرىشى لازىم.
20 –ماددا تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈپ توپلىغان يازما ئىسپاتىئەمەلىي نۇسخىسىبولسا بولىدۇ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق خاتاسىز بولغان قوشۇمچەنۇسخىسى ياكى تەقلىد نۇسخىسى بولسىمۇ بولىدۇ. قوشۇمچە نۇسخىسى ياكىتەقلىد نۇسخىسى بولسا،تەكشۈرۈش خاتىرىسىدە كېلىش مەنبەسى ۋە دەلىل - ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنىچۈشەندۈرۈش كېرەك.
21 –ماددا تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈپ توپلىغان ماددىي ئىسپات ئەسلىي نەرسەبولۇشى كېرەك.تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئەسلىي نەرسىنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولسا،تەقلىد بۇيۇمى ياكىسۈرئىتىنى بەرسە بولىدۇ. تەقلىد بۇيۇم ياكى سۈرئىتىنى بەرسە، تەكشۈرۈشخاتىرىسىدە دەلىل- ئىسپات ئېلىش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش لازىم.
22 –ماددا تەكشۈرگۈچى خادىملار كومپيۇتېر سانلىق ئاساسلىرى ياكى ئۈنئالغۇ،سىنئالغۇغا ئېلىنغان ئۈن- سىن ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ توپلاشتا، تەكشۈرۈلگۈچىدىن مۇناسىۋەتلىكماتېرىياللارنىڭدەسلەپكى ۋاسىتىچىسىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. دەسلەپكىۋاسىتىچىسىنى بېرىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىق بولسا، تەقلىدىنى بەرسە بولىدۇ.تەقلىدىي بېرىلگەنبولسا، تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈش خاتىرىسىگە ئۇنىڭ كېلىشمەنبەسى ۋە تەييارلاش جەريانىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
23 –ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 74 - ماددىسىدىكىبەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلت ى م اسقىلىشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇشتىن يەتتە كۈنئىلگىرى بولۇشى لازىم.
ئالاقىداركىشىلەر دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلقسوت مەھكىمىلىرى ئۇنىڭدىن مۇناسىپ كېپىللىك بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
قانۇن، ئەدلىيىلىك چۈشەندۈرۈشلەردە دەۋادىن ئىلگىرىكى دەلىل -ئىسپاتنى ئامان ساقلاشتوغرىسىدا بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ.
24- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاشتا، كونكرېتئەھۋالغا ئاساسەن، پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، سۈرەتكە تارتىش، ئۈنئالغۇ،سىنئالغۇغا ئېلىش، تەقلىدقىلىش، باھالاش، تەكشۈرۈش، خاتىرە تەييارلاشتەك ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ.
خەلق سوتمەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپاتنى ئامان ساقلاشتا، ئالاقىدار كىشىلەر ياكى دەۋاۋاكالەتچىلىرىنىڭمەيدانغا كېلىشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
25- ماددائالاقىدار كىشىلەر باھالاش ئىلتىماسىنى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى ئىچىدەئوتتۇرىغا قويۇشىكېرەك، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 27 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارغائۇيغۇن بولغانلىرىدا، ئالاقىدار كىشىلەر يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ئىلتىماسقىلغانلىرى بۇنىڭسىرتىدا.
باھالاشقا تېگىشلىك ئىشلاردا دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولغان ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىسىبەلگىلىگەن مۇددەتئىچىدە ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ باھالاشنى ئىلتىماس قىلماي ياكى باھالاشخىراجىتىنى ئالدىنتاپشۇرماي ياكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى رەتقىلىپ، دېلودا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان پاكىتنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئارقىلىق بېكىتىلمەسلىكىگەسەۋەبچى بولسا، مەزكۇر پاكىتتا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلمەسلىكنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنىزىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
26- ماددائالاقىدار كىشىلەرنىڭ باھالاش ئىلتىماسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ باھالاش سالاھىيىتىگە ئىگە باھالاشئاپپاراتى، باھالىغۇچى خادىملارنى بەلگىلەيدۇ، كېڭىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بەلگىلەيدۇ.
27- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھاۋالە قىلغان باھالاشتارماقلىرىچىقارغان باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولۇپ، يېڭىۋاشتىنباھالاشنى ئىلتىماس قىلىپ، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنىڭ مەۋجۇتئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى رۇخسەت قىلىشى كېرەك:
)1( باھالاشئاپپاراتى ياكى باھالىغۇچى خادىملار مۇناسىۋەتلىك باھالاشسالاھىيىتىنى ھازىرلىمىغان بولسا؛
)2( باھالاش تەرتىپى قانۇنغا ئېغىر ھالدا خىلاپ بولسا؛
)3( باھالاش يەكۈنىنىڭ ئاساسى كۆرۈنەرلىك يېتەرسىز بولسا؛
)4( دەلىللەش ئارقىلىق دەلىل - ئىسپات قاتارىدا ئىشلىتىشكەبولمايدىغان باشقائەھۋاللار بېكىتىلگەن بولسا.
نۇقسانى بارباھالاش يەكۈنىنى تولۇقلاپ باھالاش، يېڭىۋاشتىن دەلىللەش ياكى تولۇقلاپ دەلىللەشقاتارلىق ئۇسۇللاربىلەن ھەل قىلغىلى بولسا يېڭىۋاشتىن باھالاشقا بولمايدۇ.

28- ماددا ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئۆز ئالدىغا ھاۋالەقىلىش ئارقىلىقمۇناسىۋەتلىك تارماقلار چىقارغان باھالاش يەكۈنى ئۈستىدەئالاقىدار كىشىلەردىن يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۇنى رەت قىلىدىغان يېتەرلىكدەلىل - ئىسپاتكۆرسەتسە ھەمدە يېڭىۋاشتىن باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرىرۇخسەت قىلىشى كېرەك.
29 –ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار باھالىغۇچى چىقارغان باھالاشنامىسىدەتۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭبار - يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشى كېرەك:
)1( ھاۋالەقىلغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ياكى نامى، ھاۋالە قىلىپ باھالاتقان مەزمۇنلار؛
)2( ھاۋالە قىلىپباھالاتقان ماتېرىياللار؛
)3( باھالاشنىڭ ئاساسى ھەمدە ئىشلەتكەن ئىلمىي - تېخنىكا ۋاسىتىسى؛
)4( باھالاش جەريانىنىڭ چۈشەندۈرۈشى؛
)5( ئېنىقبولغان باھالاش يەكۈنى؛
)6( باھالىغۇچىنىڭباھالاش سالاھىيىتى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى؛
)7( باھالىغۇچى ۋە باھالاش ئاپپاراتىنىڭ ئىمزا، تامغىسى.

30 –ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ماددىي ئىسپات ياكى نەق مەيداننىتەكشۈرۈشتە، خاتىرەقالدۇرۇشى، خاتىرىگە تەكشۈرگەن ۋاقتى، ئورۇن، تەكشۈرگۈچى، شۇ مەيداندا ھازىربولغۇچى، باھالاشجەريانى، نەتىجىسىنى خاتىرىلىشى، ئۇنىڭغا نەق مەيداندىكى خادىملار ئىمزاقويۇشى ياكى تامغا بېسىشىكېرەك. نەق مەيداننىڭ خەرىتىسىنى سىزىشتا خەرىتە سىزغان ۋاقىت،ئورۇن، خەرىتە سىزغۇچىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، سالاھىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىزاھلاپ قويۇش كېرەك.
31 - ماددامۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەييارلىغان دېلونىڭ پاكىتلىرىبىلەن مۇناسىۋەتلىكبولغان ھۆججەت، ماتېرىياللارنى ئۈزۈندى قىلىپ ئېلىشتا، چىققان جاينى ئىزاھلاپقويۇشى ھەمدەتەييارلىغان ئورۇن ياكى ساقلىغۇچى ئورۇن تامغا بېسىشى، ئۈزۈندە ئالغۇچى ۋەتەكشۈرگۈچى ئۇنىڭغائىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.
ھۆججەت،ماتېرىياللاردىن ئۈزۈندە ئېلىشتا، مەزمۇنىنىڭ مۇناسىپ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشلازىم، باش - ئاخىرىدىنئۈزۈۋېلىشقا بولمايدۇ.

3. دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى ۋە دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش


32 –ماددا جاۋابكار جاۋاب بېرىش مۆھلىتى توشۇشتىن ئىلگىرى يازما جاۋاببېرىپ، ئۆزىنىڭدەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىپى ھەمدە ئاساسلانغان پاكىت ۋە سەۋەبلىرىتوغرىسىدىكى پىكرىنى بايان قىلىشى كېرەك.

33- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە دېلو قوبۇلقىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋەئەرزگە جاۋاب قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەلىل- ئىسپات كۆرسىتىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈشى كېرەك. دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش ئۇقتۇرۇشنامىسىگەدەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشجاۋابكارلىقىنى تەقسىم قىلىش پرىنسىپى ۋە تەلىپى، خەلق سوتمەھكىمىسىگە تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقابولىدىغان ئەھۋاللار، خەلقسوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلەيدىغان دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش مۆھلىتى ۋەمۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشنىڭ قانۇنىيئاقىۋىتىنى ئېنىق يېزىپ قويۇش لازىم.
دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتىنى ئالاقىدار كىشىلەر كېڭىشىپبىرلىككە كەلتۈرىدۇ ھەمدەخەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتىنىبەلگىلىسە، بەلگىلىگەندەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى 30 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، بۇ مۆھلەتئالاقىدار كىشىلەرنىڭدېلونى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشنامىسى ۋە ئەرزگە جاۋاب بېرىشئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
34- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە خەلق سوتمەھكىمىلىرىگە دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە تاپشۇرمىسا، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، دەپقارىلىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مۆھلەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ تەمىنلىگەن دەلىل -ئىسپات ماتېرىياللىرىنىخەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندا دەلىللەشنى تەشكىللىمىسە بولىدۇ، لېكىن ئالاقىدار ئىككى تەرەپنىڭدەلىللەشكە قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئالاقىدار كىشىلەر دەۋا تەلىپىنى كۆپەيتمەكچى، ئۆزگەرتمەكچى ياكىقارشى ئەرز بەرمەكچىبولسا، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى توشۇشتىن ئىلگىرىئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
35 –ماددا دەۋالىشىشجەريانىدا، ئالاقىدار كىشىلەر تەشەببۇس قىلغان قانۇن مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى ۋە ھەق تەلەپئىشلىرىنىڭ كۈچى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو پاكىتىغا ئاساسلىنىپ بېكىتكىنى بىردەكبولمىسا، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 34 - ماددىسىدىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، خەلق سوتمەھكىمىلىرىئالاقىدار كىشىلەرگە دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشىكېرەك.
ئالاقىداركىشىلەر دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتسە، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش سۈرۈكىنىيېڭىۋاشتىن بەلگىلەپ بېرىشى لازىم.
36- ماددائالاقىدار كىشىلەر ئىسپات كۆرسىتىش مۆھلىتى ئىچىدە دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتەلمىسە، دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىشنى كېچىكتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشىئارقىلىق دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكىنى مۇۋاپىق ئۇزارتسا بولىدۇ.ئالاقىدار كىشىلەرئۇزارتىلغان دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى ئىچىدە دەلىل - ئىسپاتماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشتا يەنىلا قىينالسا، مۇددەتنى ئۇزارتىشنى يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلسابولىدۇ، رۇخسەت قىلىش - قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى قارار قىلىدۇ.
37- ماددائالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى ئارقىلىق، خەلق سوتمەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى رەسمىي سوت قىلىشتىن ئىلگىرى دەلىل -ئىسپات ئالماشتۇرۇشقاتەشكىللىسە بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپاتلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغانياكى مۇرەككەپ چىگىشبولغان دېلولاردا، ئالاقىدار كىشىلەرنى جاۋاب بېرىش مۇددىتىتوشقاندىن كېيىن، رەسمىي قاراپ چىقىشتىن ئىلگىرى دەلىل - ئىسپاتئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىشىكېرەك.
38- ماددا دەلىل - ئىسپاتنى ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنى ئالاقىدار كىشىلەركېڭىشىپ بىرلىككە كەلسەھەمدە خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشىدىن ئۆتكۈزسەبولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بەلگىلىسىمۇ بولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرنى دەلىل - ئىسپاتئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىگەنبولسا، دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرغان كۈن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سۈرۈكى توشقانكۈن بولىدۇ.ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشنى كېچىكتۈرۈشئىلتىماسى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسىتىدىن ئۆتكەن بولسا، دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇشكۈنى مۇناسىپ ئۇزارتىلىدۇ.
39- ماددادەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش سوت قىلغۇچى خادىملارنىڭ رىياسەتچىلىكىدەئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
دەلىل- ئىسپاتنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، سوت قىلغۇچى خادىملار ئالاقىدار كىشىلەرنىڭباشقىچە پىكرىبولمىغان پاكىت، دەلىل - ئىسپاتلارنى دېلوغا خاتىرىلىشى كېرەك؛ باشقىچەپىكرىدە بولغان دەلىل- ئىسپاتلارنى ئىسپاتلاشقا تېگىشلىك بولغان پاكىتلار بويىچە تۈرگەئايرىپ دېلوغا خاتىرىلىشى ھەمدە باشقىچە پىكىردە بولۇش سەۋەبلىرىنى خاتىرىلىشى لازىم. دەلىل -ئىسپات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئالاقىدار ئىككى تەرەپ تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان ئاساسلىقمەسىلىلەرنى بېكىتىش كېرەك
40 –ماددائالاقىدار كىشىلەر قارشى تەرەپ بىلەن ئالماشتۇرغان دەلىل - ئىسپاتلارنىتاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن،رەددىيە بەرسە ھەمدە يېڭى دەلىل - ئىسپات ئوتتۇرىغا قويسا، خەلقسوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەرگە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدەئالماشتۇرۇشنى ئۇقتۇرۇشىكېرەك.
دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش ئادەتتە ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، لېكىنچوڭ، قىيىن ۋە دېلوئەھۋالى ئالاھىدە مۇرەككەپ بولغان دېلولاردا، خەلق سوتمەھكىمىلىرى يەنە بىر قېتىم دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى باردەپ ھېسابلىغانلىرىبۇنىڭ سىرتىدا.
41- ماددا «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 125 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن«يېڭى دەلىل - ئىسپات» تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ:
)1( بىرىنچى س وتتەرتىپىدىكى يېڭى دەلىل - ئىسپات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىرىنچى سوتتا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يېڭىدىن سەزگەندەلىل - ئىسپات؛ ئالاقىداركىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىش مۇددىتى ئىچىدە كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭرۇخسىتى ئارقىلىق،ئۇزارتىلغان مۇددەت ئىچىدە يەنىلا كۆرسىتىشكە ئامالسىز قالغان دەلىل - ئىسپات؛
)2( ئىككىنچىسوت تەرتىپىدىكى يېڭى دەلىل - ئىسپات تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ: بىرىنچى سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭىدىن سېزىلگەن دەلىل - ئىسپات؛ئالاقىدار كىشىلەر بىرىنچى سوتتا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتىتوشۇشتىن ئىلگىرى خەلق سوتمەھكىمىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسىتەستىقلانمىغان، ئىككىنچىسوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى رۇخسەت قىلىش كېرەك، دەپھېسابلىغان ھەمدە ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپئالغان دەلىل- ئىسپاتلار.
42- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىرىنچى سوت تەرتىپىدە يېڭىدەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشئىشى ئىككىنچى سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى ياكى رەسمىي سوت قىلىش بىلەنبىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى سوتتا رەسمىي سوتقىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىبولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى بەلگىلىگەن مۇددەت ئىچىدە ئوتتۇرىغاقويۇش كېرەك.
43- ماددائالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشقاندىنكېيىن كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتى يېڭى دەلىل - ئىسپات بولمىسا، خەلقسوت مەھكىمىلىرى قوبۇلقىلمايدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپاتكۆسىتىش مۇددىتىنىئۇزارتىشقا رۇخسەت قىلغان، لېكىن ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رۇخس ەت قىلىن غ ان م ۇددەت ئىچىدە دەلىل - ئىسپات كۆرسەتمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزكۇر دەلىل -ئىسپاتنى قاراپ چىقىش ھۆكۈمىنىڭ روشەن ئادىل بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشمۇمكىنچىلىكى بولغانبولسا، ئۇ كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتنى يېڭى ئىسپات دەپ قاراشقابولىدۇ.
44- ماددا «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 179 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماق )1( تارماقچىسىدابەلگىلەنگەن «يېڭى دەلىل - ئىسپات» ئەسلىي سوتتا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يېڭىدىنسېزىلگەن دەلىل - ئىسپاتنى كۆرسىتىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر قايتا قاراپ چىقىش تەرتىپىدە كۆرسىتىدىغان يېڭى دەلىل -ئىسپاتنى قايتا قاراپچىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
45 –ماددا ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ يېڭى دەلىل - ئىسپات كۆرسەتسە،خەلق سوت مەھكىمىلىرىئالاقىدار قارشى تەرەپكە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ياكىدەلىل - ئىسپاتكۆرسىتىشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
46- ماددائالاقىدار كىشىلەرنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدەدەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلمەي، دېلونى ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىقىش ياكى قايتا قاراپ چىقىش مۇددىتى ئىچىدەيېڭى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش سەۋەبىدىن، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قايتا قاراپ چىقىشقا ياكىئۆزگەرتىپ ھۆكۈم قىلىشقا سەۋەبچى بولسا، ئەسلىي قاراپ چىقىپ چىقارغان ھۆكۈم خاتا ھۆكۈم قىلىنغاندېلو قاتارىغا كىرمەيدۇ. ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ يېڭىدىن دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشئىلتىماسى قىلغان بولسا، ئالاقىدار يەنە بىر تەرەپنىڭ بۇ سەۋەبتۈپەيلىدىن زىممىسىگەئالىدىغان كۆپەيگەن كاماندىروپكا، ئىشقا دەخلى يەتكۈزۈش، گۇۋاھچىنىڭ سوتقاكېلىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشۋە دەۋالىشىشقا كەتكەن مۇۋاپىق خىراجەتلىرىنى ھەمدە بۇ سەۋەبتۈپەيلىدىن چوڭايغان زىيىنىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك.

4 . يۈزلەشتۈرۈش

47- ماددا دەلىل - ئىسپات سوتتا كۆرسىتىلىشى، ئالاقىدار كىشىلەربىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشىكېرەك. يۈزلەشتۈرۈشتىن ئۆتمىگەن دەلىل - ئىسپاتنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقابولمايدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپات ئالماشتۇرۇش جەريانىدائېتىراپ قىلغان ھەمدەدېلوغا خاتىرىلەنگەن دەلىل - ئىسپاتنى سوت قىلغۇچى خادىملاررەسمىي سوتتا ئىزاھات بەرگەندىن كېيىن، دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسىقىلىشقا بولىدۇ.
48- ماددا دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغاتاقىلىدىغان ياكىقانۇندا مەخپىيەتلىكنى ساقلاش لازىملىقى بەلگىلەنگەن دەلىل -ئىسپاتلارنى رەسمىي سوت قىلغاندا ئاشكارا يۈزلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ.
49- ماددا يازما ئىسپات، ماددىي ئىسپات، ئاڭلاش، كۆرۈش ماتېرىياللىرىنى يۈزلەشتۈرگەندە،ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي نەرسىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىبولىدۇ. لېكىنتۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
)1( ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي نەرسىنى كۆرسىتىشتە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقبولغان ھەمدە خەلقسوت مەھكىمىلىرى تەقلىد قىلىنغان نۇسخىسى ياكى تەقلىد قىلغان نەرسىنىكۆرسىتىشكە رۇخسەت قىلغانبولسا؛
)2( ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي نەرسە مەۋجۇت بولمىغان، لېكىن تەقلىدقىلىنغان نۇسخىسىتەقلىد قىلىنغان نەرسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى ئەسلىي بۇيۇم بىلەن بىردەكلىكنىئىسپاتلىيالايدىغاندەلىل - ئىسپات بولسا.
50 –ماددا يۈزلەشتۈرگەندە، ئالاقىدار كىشىلەر دەلىل - ئىسپاتنىڭ چىنلىقى، باغلىنىشلىقى،قانۇنلۇقلۇقى، دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ بار - يوقلۇقى ھەمدە ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ چوڭ -كىچىكلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا سوئال قويۇشى، چۈشەندۈرۈشى ياكى رەددىيە بېرىشى كېرەك.
51 –ماددا يۈزلەشتۈرۈش تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:
)1( دەۋاگەر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىدۇ، جاۋابكار، ئۈچىنچىكىشى بىلەن دەۋاگەريۈزلىشىدۇ؛
)2( جاۋابكار دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىدۇ، دەۋاگەر، ئۈچىنچىكىشى بىلەن جاۋابكاريۈزلىشىدۇ؛
)3( ئۈچىنچى كىشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىدۇ، دەۋاگەر، جاۋابكاربىلەن ئۈچىنچى كىشىيۈزلىشىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار كىشىلەر تەكشۈرۈپ توپلاشنىئىلتىماس قىلغان دەلىل- ئىسپاتلارنى ئالاقىدار كىشىلەردىن ئىلتىماس قىلغۇچى تەرەپكۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپات قىلىدۇ.
خەلق سوتمەھكىمىلىرى ھوقۇقىغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ توپلىغان دەلىل -ئىسپاتلارنى رەسمىي سوت قىلغاندا كۆرسىتىشى، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ پىكرىنىئاڭلىشى ھەمدەتەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات توپلاش ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
52- ماددا دېلودا ئىككىدىن ئارتۇق مۇستەقىل دەۋا تەلىپى بولسا، ئالاقىدار كىشىلەر بىر -بىرلەپ دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ يۈزلەشتۈرۈشى لازىم.
53 –ماددا مەقسىتىنى توغرا ئىپادىلىيەلمەيدىغان كىشىلەر گۇۋاھچى بولسا بولمايدۇ.
ئىسپاتلىماقچى بولغان پاكىت بىلەن ئۇنىڭ ياش قۇرامى، ئەقىل كۈچىئەھۋالى ياكى روھىيساغلاملىق ئەھۋالى ماس كېلىدىغان ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا، ھەرىكەت ئىقتىدارىبولمىغانلار ۋە ھەقتەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلار گۇۋاھچى بولسابولىدۇ.
54 –ماددا ئالاقىدار كىشىلەر گۇۋاھچىنىڭ سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشىنى ئىلتىماسقىلىشىنى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى توشۇشتىن ئون كۈن ئىلگىرىئوتتۇرىغا قويۇشى ھەمدەسوتنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەك.
خەلق سوتمەھكىمىسى ئالاقىدار كىشىنىڭ ئىلتىماسىغا رۇخسەت قىلغان بولسا،رەسمىي سوت ئېچىشتىن ئىلگىرى گۇۋاھچىنىڭ سوتقا كېلىپ گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئەينەنگۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش لازىملىقى ھەمدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇرۇپقويۇشى لازىم.
گۇۋاھچىنىڭ سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش سەۋەبىدىن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق خىراجەتنى ئالاقىداركىشىلەردىن گۇۋاھچىنى كۆرسەتكەن تەرەپ ئالدى بىلەن چىقىم قىلىدۇ، دەۋادا يېڭىلگەن ئالاقىدار كىشىزىممىسىگە ئالىدۇ.
55 -مادداگۇۋاھچى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭسوئال قويۇشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
گۇۋاھچى خەلق سوت مەھكىمىلىرى تەشكىللىگەن ئالاقىدار ئىككى تەرەپ دەلىل -ئىسپات ئالماشتۇرۇشۋاقتىدا بايان قىلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى سوتتا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش، دەپ قاراشقابولىدۇ.
56- ماددا«ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 70 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن«گۇۋاھچىلارنىڭ ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بولۇپ سوتقا چىقالماسلىقى»تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىكۆرسىتىدۇ:
)1( ياشىنىپ قالسا ياكى ھەرىكىتى قۇلايسىز بولغانلىقتىن سوتقاقاتنىشىشقا ئامالسىزقالسا؛
)2( پەۋقۇلئاددە ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشقا ئامالسىز قالسا؛
)3( يول يىراق، قاتناش قۇلايسىز بولغانلىقتىن سوتقا قاتنىشىشتاقىيىنچىلىقبولسا؛
)4( تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ھادىسە تۈپەيلىدىن سوتقاقاتنىشىشقا ئامالسىزقالسا؛
)5( سوتقا قاتنىشىشقا ئىلاجسىز بولغان باشقا ئەھۋاللار بولسا.
گۇۋاھچىلار ئالدىنقى تارماقلاردا كۆرسىتىلگەن ئەھۋاللاردا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭرۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق يازما گۇۋاھلىق سۆزى تاپشۇرسا ياكى كۆرۈش - ئاڭلاش ماتېرىياللىرىياكى قوش يۆنىلىشلىك كۆرۈش، ئاڭلاش، يەتكۈزۈش تېخنىكىلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق گۇۋاھلىقتىنئۆتسە بولىدۇ.
57 –ماددا سوتقا قاتنىشىپگۇۋاھلىقتىن ئۆتىدىغان گۇۋاھچىلار ئۆزلىرى ھېس قىلىپ بىلگەن پاكىتنىئوبيېكتىپ بايان قىلىشىكېرەك. گۇۋاھچىلار گاس - گاچا بولسا، باشقا ئىپادىلەش شەكلى بىلەنگۇۋاھلىقتىن ئۆتىسە بولىدۇ.
گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشتە، قىياس، ئەقلىي ھۆكۈم، باھا خاراكتېرلىكسۆزلەرنى ئىشلەتسەبولمايدۇ.
58- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار ۋە ئالاقىدار كىشىلەر گۇۋاھچىدىنسوئال سورىسا بولىدۇ.گۇۋاھچىلار سوتتا قاراپ چىقىش ئەھۋالىنى سىرتتىن ئاڭلىسابولمايدۇ، گۇۋاھچىدىن سوئال سورىغاندا، باشقا گۇۋاھچىلار نەق مەيدانداھازىر بولسابولمايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى زۆرۈر دەپ قارىسا، گۇۋاھچىلارنىيۈزلەشتۈرسە بولىدۇ.
59 - مادداباھالىغۇچى سوتقا قاتنىشىپ ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوئال سورىشىنىقوبۇل قىلىشى كېرەك.
باھالىغۇچىلار ھەقىقەتەن پەۋقۇلئاددە سەۋەب تۈپەيلىدىن سوتقا قاتنىشىشقائامالسىز قالسا، خەلقسوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ سوئالىغايازما جاۋاب بەرسەبولىدۇ.

60- ماددا سوتنىڭ رۇخسىتى ئارقىلىق ئالاقىدار كىشىلەر گۇۋاھچى،باھالىغۇچى،تەكشۈرگۈچىلەرگە سوئال قويسا بولىدۇ.
گۇۋاھچى،باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەردىن سوئال سوراشتا، تەھدىت سېلىش، ھاقارەتقىلىش ھەمدە گۇۋاھچىنى نامۇۋاپىق سۆز ۋە شەكىللەر ئارقىلىق يېتەكلەشكەبولمايدۇ.
61- ماددا ئالاقىدار كىشىلەر خەلق سوت مەھكىمىلىرىگە بىردىنئىككىگىچە مەخسۇس بىلىمى بار كىشىلەرنىڭ سوتقا قاتنىشىپ دېلودىكى مەخسۇسمەسىلىلەر توغرىسىدائىزاھات بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسىئۇنىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىسا، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى ئىلتىماس قىلغان ئالاقىداركىشىلەر زىممىسىگە ئالىدۇ.
سوت قىلغۇچىخادىملار ۋە ئالاقىدار كىشىلەر سوتقا قاتناشقان مەخسۇس بىلىمى بار كىشىلەردىنسوئال سورىسابولىدۇ.
خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىشى ئارقىلىق، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭھەرقايسىسى ئىلتىماسقىلغان مەخسۇس بىلىمى بار خادىملار بىلەن دېلودىكى مەسىلىلەرئۈستىدە يۈزلەشسە بولىدۇ.
مەخسۇسبىلىمى بار خادىملار باھالىغۇچىدىن سوئال سورىسا بولىدۇ.
62- ماددا سوت ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ يۈزلىشىش ئەھۋالىنى خاتىرىلىشىھەمدە ئالاقىداركىشىلەر سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن ئۈستىگە ئىمزا قويۇشى ياكىتامغا بېسىشى كېرەك.

5. دەلىل- ئىسپاتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش

63 - ماددا خەلقسوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان دېلوپاكىتىنى قانۇن بويىچەھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشى لازىم.
64 –ماددا سوت قىلغۇچىخادىملار قانۇندابەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە دەلىل - ئىسپاتلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپتەكشۈرۈشى، قانۇنبەلگىلىمىلىرى بويىچە سودىيىلەرنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى،لوگىكىلىق ئەقلىي ھۆكۈم چىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنى قوللىنىپ دەلىل - ئىسپاتنىڭئىسپاتلاش كۈچى بار - يوقلۇقى ۋە ئىسپاتلاش كۈچىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە ھۆكۈمقىلىش ئاساسلىرى ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلىشى كېرەك.
65- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار يەككە دەلىل - ئىسپاتلارنى تۆۋەندىكى جەھەتلەردىنتەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك:
)1( دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي نەرسىسى، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، تەقلىدقىلىنغان بۇيۇمى بىلەنئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي بۇيۇمىنىڭ ئوخشاش - ئوخشاش ئەمەسلىكى؛
)2( دەلىل - ئىسپاتنىڭ شۇ دېلو پاكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى -ئەمەسلىكى؛
)3( دەلىل - ئىسپاتنىڭ شەكلى، كېلىش مەنبەسىنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگەئۇيغۇن - ئۇيغۇن ئەمەسلىكى؛
)4( دەلىل - ئىسپاتنىڭ مەزمۇنىنىڭ چىن ياكى چىن ئەمەسلىكى؛
)5( گۇۋاھچىنىڭ ياكى گۇۋاھچى كۆرسەتكەن كىشىنىڭ ئالاقىداركىشىلەر بىلەن مەنپەئەتمۇناسىۋىتى بار - يوقلۇقى.
66- ماددا سوت قىلغۇچى خادىملار دېلونىڭ بارلىق دەلىل - ئىسپاتىنى ھەرقايسى دەلىل -ئىسپاتلار بىلەن دېلو پاكىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دەرىجىسى، ھەرقايسى دەلىل - ئىسپاتلار ئوتتۇرىسىدىكىباغلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشى كېرەك.
67- ماددا دەۋالىشىش داۋامىدا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مۇرەسسەكېلىشىمى ھاسىل قىلىش ياكى ئەپلىشىپ قېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بارغان يولقويۇشى چېتىلىدىغان دېلوپاكىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى كېيىنكى دەۋالىشىش داۋامىدا ئۇنىڭغا پايدىسىز دەلىل- ئىسپات قىلىشقابولمايدۇ.
68 - ماددا باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قېلىشياكى قانۇننىڭمەنئى قىلىش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىش يولىبىلەن ئىگە بولغان دەلىل - ئىسپاتلارنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسىقىلىشقا بولمايدۇ.
69 - ماددا تۆۋەندىكى دەلىل - ئىسپاتلارنى دېلو پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ مۇستەقىل ئاساسى قىلىشقابولمايدۇ:
)1( قۇرامىغايەتمىگەنلەرنىڭ ياش قۇرامى ۋە ئەقىل كۈچىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغانگۇۋاھلىق سۆزلىرى؛
)2( ئالاقىدار بىرتەرەپ ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان گۇۋاھچىلاربەرگەن گۇۋاھلىقسۆزى؛
)3( گۇمانلىق جايلىرى بولغان كۆرۈش - ئاڭلاش ماتېرىياللىرى؛
)4( ئەسلىي نۇسخىسى، ئەسلىي بۇيۇم بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئامال بولمىغان تەقلىدقىلىنغان نۇسخا، تەقلىد قىلىنغان بۇيۇم؛
)5( ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي سوتقا قاتناشمىغان گۇۋاھچىلارنىڭگۇۋاھلىق سۆزى.
70- ماددا ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغانتۆۋەندىكى دەلىل - ئىسپاتلارغا ئالاقىدار قارشى تەرەپ باشقىچە پىكىردەبولغان، ئەممائاغدۇرۇۋېتىشكە يېتەرلىك قارشى دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ كۈچىنى خەلقسوت مەھكىمىلىرى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك:
)1( يازما ئەسلىي نۇسخا ياكى يازما ئەسلىي نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرغانداخاتالىق بولمىغانكۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، سۈرەت، قوشۇمچە نۇسخىسى، قىسقارتىلغان نۇسخىسى؛
)2( ماددىي دەلىل- ئىسپاتنىڭ ئەسلىي بۇيۇمى ياكى ماددىي دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئەسلىي بۇيۇمى بىلەنسېلىشتۇرغانداخاتالىق بولمىغان كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، سۈرەت، سىنئالغۇ ماتېرىياللىرى؛
)3( باشقا دەلىل- ئىسپات بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان ھەمدە قانۇنلۇق ۋاسىتىلەرئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن، گۇمانلىق جايلىرى بولمىغان كۆرۈش، ئاڭلاشماتېرىياللىرى ياكىكۆرۈش، ئاڭلاش ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خاتالىقبولمىغان تەقلىد قىلىنغان نۇسخىسى؛
)4( ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئىلتىماس قىلغان خەلق سوتمەھكىمىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەييارلىغان ماددىيئىسپات ياكى نەق مەيدانتەكشۈرۈش خاتىرىسى.

71 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھاۋالە قىلغان باھالاش تارماقلىرى چىقارغانباھالاش خۇلاسىسىنى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغانيېتەرلىك دەلىل- ئىسپاتلىرى ۋە سەۋەبى بولمىغانلىرىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپقىلىشقا بولىدۇ.
72- ماددائالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ دەلىل - ئىسپات ئوتتۇرىغا قويسا، ئالاقىداركىشىلەردىن يەنە بىرتەرەپ ئېتىراپ قىلسا ياكى قارشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ ئۇنى رەت قىلىشقايېتەرلىك بولمىسا، خەلقسوت مەھكىمىلىرى ئۇنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان دەلىل -ئىسپاتتا، ئالاقىدار يەنەبىر تەرەپ باشقىچە پىكىردە بولسا ھەمدە رەت قىلىش دەلىل -ئىسپاتى ئوتتۇرىغا قويسا، ئالاقىدار قارشى تەرەپ رەت قىلغان دەلىل -ئىسپاتنى رەت قىلمىسا، رەتقىلغان دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ.
73- ماددا ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئوخشاش بىر پاكىت ئۈستىدە ئايرىم- ئايرىم ھالداقارشى دەلىل - ئىسپات كۆرسەتسە، لېكىن ھەممىسى قارشى تەرەپنىڭ دەلىل- ئىسپاتىنى ئىنكار قىلىشتا يېتەرلىك ئاساسى بولمىسا، خەلق سوتمەھكىمىلىرى دېلونىڭئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ بىر تەرەپ كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتنىڭئىسپاتلاش كۈچىنىڭ يەنە بىر تەرەپ كۆرسەتكەن دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىدىن روشەن چوڭئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە ئىسپاتلاش كۈچى بىرقەدەر چوڭ بولغان دەلىل- ئىسپاتنىمۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.
دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىنى بېكىتىشكە ئامال بولمىغانلىقتىن، تالاش - تارتىشقىلىۋاتقان پاكىتنى بېكىتىشكە ئامال بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشجاۋابكارلىقىنى تەقسىم قىلىش قائىدىسىگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم قىلىشى كېرەك.

74 –ماددادەۋالىشىش داۋامىدا، ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئەرزنامە، جاۋابنامە،بايان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھاۋالە قىلغان ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋاكالەتلىك سۆزلىرىدە ئېتىراپ قىلغان ئۆزىگەپايدىسىز بولغان پاكىت ۋە ئېتىراپ قىلغان دەلىل - ئىسپاتلارنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىلازىم، لېكىن ئالاقىدار كىشىلەر يېنىۋالغان ھەمدە قارشى دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغانلىرىبۇنىڭ سىرتىدا.
75- ماددا ئالاقىدار كىشىلەردىن بىر تەرەپنىڭ قولىدا دەلىل - ئىسپاتبار بولۇپ، ئورۇنلۇق سەۋەب بولماي تۇرۇپ كۆرسىتىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغاندەلىل - ئىسپات بولسا، ئەگەر ئالاقىدار قارشى تەرەپ مەزكۇر دەلىل - ئىسپاتنىڭ مەزمۇنىنىڭدەلىل - ئىسپات تۇتقۇچىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلسا، مەزكۇر تەشەببۇسنى ۋۇجۇدقاچىققان، دەپ ئەقلىي ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
76- ماددا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ ئۆز تەشەببۇسى توغرىسىدا بايانلابولۇپ، مۇناسىۋەتلىكباشقا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەلمىسە، ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللاشقا بولمايدۇ،لېكىن ئالاقىدارقارشى تەرەپ ئېتىراپ قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
77- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى بىر قانچە دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئوخشاشبىر پاكىتنىئىسپاتلاش كۈچىنى تۆۋەندىكى پرىنسىپلار بويىچە بېكىتسە بولىدۇ:
)1( دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا ئاساسەن تەييارلىغانھۆججەت يازما ئىسپاتلىرىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە باشقا يازمائىسپاتلارنىڭكىدىن چوڭبولىدۇ؛
)2( ماددىي ئىسپات، ئارخىپ، باھالاش يەكۈنى، تەكشۈرۈش خاتىرىسى ياكىگۇۋاھلىق، تىزىملاشتىنئۆتكەن يازما ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى باشقا يازما ئىسپات، ئاڭلاش،كۆرۈش ماتېرىياللىرى ۋەگۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن چوڭ بولىدۇ؛
)3( ئەسلىدىكى دەلىل ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە قولدىن - قولغائۆتۈپ يېتىپ كەلگەن دەلىل- ئىسپاتتىن چوڭ بولىدۇ؛
)4( بىۋاسىتە دەلىل - ئىسپاتنىڭ ئىسپاتلاش كۈچى ئادەتتە ۋاسىتىلىق دەلىل - ئىسپاتتىن چوڭبولىدۇ؛
)5( گۇۋاھچى كۆرسەتكەن ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان باشقائالاقىدار كىشىلەرگە پايدىلىق بولغان گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ ئىسپاتلاش كۈچىئادەتتە باشقاگۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدىن كىچىك بولىدۇ.
78- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىنىبېكىتىشتە، گۇۋاھچىنىڭئەقلىي كۈچى ئەھۋالى، پەزىلىتى، بىلىمى، تەجرىبىسى، قانۇن ئېڭى ۋەكەسپىي ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.
79- ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھۆكۈم - كېسىم ھۆججەتلىرىدە دەلىل - ئىسپاتنىقوبۇل قىلىش- قىلماسلىق ئاساسلىرىنى بايان قىلىشى كېرەك.
ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ تالاش - تارتىشلىرى بولمىغان دەلىل - ئىسپاتلارنىقوبۇل قىلىش- قىلماسلىق ئاساسلىرىنى ھۆكۈم، كېسىم ھۆججەتلىرىدە بايانقىلماسلىققا بولىدۇ.

6. باشقىلار

80- ماددا گۇۋاھچى، باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتى قانۇنبويىچە قوغدىلىدۇ.
ئالاقىدار كىشىلەر ياكى باشقا دەۋا قاتناشقۇچىلىرى دەلىل -ئىسپاتنى يالغاندىنياسىسا، يوق قىلىۋەتسە، يالغان دەلىل - ئىسپات كۆرسەتسە، گۇۋاھچىنىڭگۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشىگەتوسقۇنلۇق قىلسا، باشقىلارنى ساختا دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىشكەكۆرسەتسە، پارا بېرىپ سېتىۋالسا، تەھدىت سالسا ياكى گۇۋاھچى -باھالىغۇچى، تەكشۈرگۈچىلەرگە زەربە بېرىپ ئۆچ ئالسا، «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»نىڭ 102 - ماددىسىدىكىبەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
81 –ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئاددىي تەرتىپنى تەتبىقلاپدېلوغا قاراپ چىقىشى بۇچۈشەندۈرۈشنىڭ 32 - ماددىسى، 33 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقى ۋە 79 - ماددىسىدىكىبەلگىلىمىلەرنىڭچەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
82 –ماددا مەھكىمىمىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەدلىيىلىك چۈشەندۈرۈشلىرى بۇ بەلگىلىمە بىلەن بىردەكبولمىسا، بۇ بەلگىلىمە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
83- ماددا بۇ بەلگىلىمە 2002 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغاقويۇلىدۇ. 2002- يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بېجىرىلىپ تاماملانمىغان 1 - سوت، 2 - سوتۋە قايتا سوت قىلىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىغا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ.
بۇبەلگىلىمە يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى قاراپ چىقىپ تاماملانغانھەق تەلەپ دېلولىرىدا ئالاقىدار كىشىلەر بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىققىلىشىنى باھانە قىلىپقايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قوللىمايدۇ.
بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قايتا قاراپ چىقىلغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنىخەلق سوت مەھكىمىلىرى «ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» نىڭ 184 - ماددىسىدىكىبەلگىلىمىلەر بويىچەقاراپ چىقىشتا بۇ بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ.

24سائەتقانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىق لىنىيەلىك تىلفۇنى ؛   18299819854( ئادۇۋكات بەختىيار)

                                                                                        چ چ: 1471561935 توردا ماتىريال يوللاش ئۇچۇن بۇ نۇمۇرقالدۇرۇلدى،چ چ دا مەسلھەت بىرىش قولايسىز، دوسلارنىڭ ئامال بار تىلفۇن بىرىشنىتەۋسىيە قىلىمىز

بىزنىڭ  مۇلازىمەت ۋەدىمىز:

باراۋارلىك، ئادىللىق ، ئىتتىپاقلىق ،تىنىچلىق ۋەتەرەققىيات، بىزنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىمىز .

خەلق ئادۇۋكاتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 06:00 PM  


خەلق ئادۇۋكاتى

خەلق ئادۇۋكاتى 13239850499

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6770
تۆھپە نۇمۇرى: 740
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 06:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلىنى زادىلا ئۇڭشىغىلى بۇلمىدى،بىلسەڭلار ئۇڭشاپ قۇيۇڭلار ئارلىق شۇنداق زىچ چىقىۋالدى ،،،،،،،،ى

خەلق ئادۇۋكاتى

گۈزەللىك قەلىبتە

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1697
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6931
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 12:13:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇندىن خەۋەردار بولوپ قويغۇلۇق .... ،  ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئۆتۈپ كىتگەن ئاتالەرنىڭ ، پاك روھلەرى قوللەسىن،ھەرقەدەمدە يامان كۆزدەن ،اللە ، بىز ھەم سىزلەرنى ئەسرەسىن...

yaxawargin totkun bolsimu

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38167
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4319
تۆھپە نۇمۇرى: 243
توردا: 365 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 01:35:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋالدىم , رەھمەت 。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1323
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9623
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-20 01:03:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىزگە ، مەنمۇ ساقلۋالاي

نەدە ياشاش مۇھىم ئەمەس قانداق ياشاش مۇھىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش