مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6411|ئىنكاس: 83

ئاق ئۈجمىنىڭ شىپالىق رولى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 05:21:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



  ئاق ئۈجمە پىشقاندا كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 40 گىرامدىن 80 گىرامغىچە پاكىز يۇيۇپ يەپ بەرسە، ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بەدەننى، بۆرەكنى جىگەرنى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، نېرۋىنى ياخشىلايدۇ، قان كۆپەيتىپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، قۇلاق غۇڭۇلداشقا، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

  ئاق ئۈجمە يوپۇرمىقىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن پاكىز يۇيۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى قايتۇرىدۇ، يەلنى ھەيدەپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ، ئىسسىقتىن بولغان زۇكام، يۆتەل، باش ئاغرىقلىرى، كۆزدىكى قىزىللىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. توسالغۇلارنى ئېچىپ، قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ.

  ئاق ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئېلىپ پاكىز تازىلاپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، ئۆپكىنى ياشارتىدۇ، يۆتەلنى توختىتىدۇ. دەم سىقىلىشنى ياخشىلايدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئاغرىقلىرى، قان تۆكۈتۈرۈش، سۇلۇق ئىششىق ، قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ .(ئىزاھات : سوغۇقتىن بولغان يۆتەللەرگە بېرىلمەيدۇ)

  ئاق ئۈجمىنىڭ نوتا شېخىنى پاكىز تازىلاپ يالپاغداپ كېسىپ قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزىملىق بوغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ، سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، پۇت–قول ئۇيۇشۇشنى ياخشىلايدۇ، قاننى تازىلايدۇ مەنبە  .http://uyghur.people.com

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 05:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىز ئاق ئۈجمگە ئامراقمۇ يا قارا ئۈجمىگىمۇ

خەلقىمىز ئۈجمە دەرىخىنى ساخاۋەت دەرىخى، دەپ بىلىدۇ. شۇڭا ساۋابلىق ئۈچۈن ھەر يىلى ئۈجمە دەرىخى تىكىش، ئۈجمە دەرىخىنى ئىختىيارىي ھالدا پۈتۈن خەلق مۇھاپىزەت قىلىش خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز ئولتۇراقلاشقان يېزا، كەنتلەرنىڭ ھويلا – ئارام، ئىشىك ئالدى، باغۋارانلىرىغا، ئېتىز قىرلىرىغا، يول بويى، ئېرىق – ئۆستەڭ ئەتراپى ۋە باشقا مۇۋاپىق يەرلەرگە خالىس ئۈجمە دەرىخى تىكىلىدۇ.

ھەر يىلى ئۈجمە مەي باغلاپ پىشقاندا، ھەرقايسى يېزا – كەنت، مەھەللە ئاھالىسى ئۆز ئالدىغا ئۈجمە سەيلىسى ئۆتكۈزىدۇ. ئۈجمە يەپ بولۇپ، ئۈجمە ئەھيا قىلغۇچىلارغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ. ئاندىن بەزىلەر چۆنەك چاپسا، بەزىلەر ئۈجمىنى تەڭنە ياكى داسقا سېلىپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ مىجىپ ياكى چېلىپ، ئۈجمىنى دانچىلاشتۇرۇپ، كۇلا(ئارغامچە)نى ئۈجمە چىلانغان تەڭنە ياكى داسقا سېلىپ، ئۈجمە دانچىلىرى كۇلىغا يۇققاندا ئۇنى چېپىلغان چۆنەككە سېلىپ كۆمۈپ ئۈستىدىن سۇغىرىدۇ. كۇلا بىلەن كۆمۈلگەن ئۈجمە ئۇرۇقى بىر قانچە كۈندىلا قويۇق ئۈنۈپ چىقىدۇ. بۇ چاغدا خالىس ئەمگەك قىلغۇچىلار نوتىلارنى تاقلاپ، پەرۋىش قىلىدۇ، مۇۋاپىق شارائىتتا كۆچۈرۈپ، ھايۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداپ ئاسرايدۇ. دېمەك، ئون تۈپ ئۈجمىنىڭ مېۋىسىنى يېگەن بولسا، 100 تۈپ، 1000 تۈپ ئۈجمە كۆچىتى ئۈندۈرىدۇ. ئۈجمە سەيلىسىدە كىشىلەر تەڭتۇشلىرى بىلەن بەزمە، باراۋەت قىلىپ، مۇزىكا چېلىپ، ناخشا، مۇقام ئېيتىپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. بۇ سەيلىگە چىقالمىغان كىشىلەر غېرىبسىنىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى قوشاقتىن كۆرۈڭ:

ھەر شەنبە چىقىپ يەيتىم،

مەي باغلىغان ئۈجمەڭنى.

بۇ شەنبە چىقالمىدىم،

نە قىلاي غېرىبلىقنى

ئۈجمە يېڭى پىشقاندا، يوقسۇللار ياكى ئۈجمىدىن پايدىلىنىپ كىرىم قىلغۇچىلار ئۈجمىنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ سېتىپ كىرىم قىلىدۇ. يەنە بەزى يېزا ئاھالىسى ئۈجمىنى يېڭىلىق سوۋغىسى قىلىپ شەھەردىكى تۇغقانلىرىنى يوقلايدۇ. كىشىلەردىن ئېشىپ، تۆكۈلۈپ ياتقان ئۈجمىدە ئۈجمە شىرنىسى قاينىتىدۇ، قۇرۇپ قالغانلىرىنى قاق سالىدۇ، ئۈجمە قاقلىرىنى دورىگەرلەر سېتىۋېلىپ دورىلىققا ئىشلىتىدۇ. يىل ئاخىرىدا بۇنداق قۇرۇق ئۈجمىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلىدۇ ھەم روسىيە، پاكىستان، ئافغانىستان، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەرگە ئېكىسپورت قىلىنىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلغان ئۈجمە شەربىتى ياساش زاۋۇتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تەمىنلەشتىن تاشقىرى خەلقئاراغا يۈزلەندى.

خۇلاسە قىلغاندا، ئۈجمە دەرىخى رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە مېۋىلىك دەرىخى بولۇپ، خەلقىمىز ئۇنىڭدىن ئىككى خىل پايدىلانغان: بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ ئۈجمە مېۋىسىنى يېسە، ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى بىلەن پىلە بېقىپ، يىپەك تارتىپ، ئۇنىڭدىن تاۋار – دۇردۇن، شاھى كىمخاپ، ئەتلەس، بەقەسەم توقۇغان. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىن تېپىلغان ئالغۇي جىلغىسىدىكى يىل دەۋرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 – ئەسىرگە تەئەللۇق قەدىمكى قەبرىدىن چىققان يىپەك توقۇلما، ئۇنىڭدىن كېيىن نىيىدىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقتىن، لوپنۇردىكى كروران قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3 –، 4 – ئەسىرگە تەئەللۇق بىر تۈركۈم يىپەك توقۇلمىلار ئۈجمە دەرىخىنىڭ رايونىمىزدا مىلادىدىن ئىلگىرىلا بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى، ئۈجمە بار جايدا پىلە بولىدۇ.

ئۈجمە _ خەلقىمىز ئۇزۇندىن بۇيان ئۆستۈرۈپ كىلىۋاتقان ياغاچ غوللۇق دەرەخ . بارلىق مىۋىلەر ئىچىدە بالدۇر پىشىدىغان ، كۆپ دەسمايە كەتمەيدىغان ھەر-خىل تۇپراققا ماسلىشالايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرۇدۇ . سالامەتلىككە پايدىلىق نۇرغۇن شىپالىق روللارغا ئىگە . شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ، بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ .
ئۈجمە مىۋىسىنىڭ تەركىۋىدە VA, VB , VC, VPP . گىلىكوزا ، پروكتوزا ، ئالما كىسلاتاسى ، ئاقسىل ، تاننىن ، كالتىسىي ، ئانئورگانىك تۇز قاتارلىقلار بار بولۇپ ، جىگەر كېسەللىگى ، بەدەن ئاجىزلىق ، قان ئازلىق ، بۆرەك ئاجىزلىغى ،تال كېسەللىگى ، قەۋزىيەت ، قۇلاق غوڭۇلداش ، كۆز قاراڭغۇلۇشۇش ، يەل تارقىتىىش ، قىزىتما قايتۇرۇش ئىسسىقتىن بولغان زۇكام ، يۈتەل ، باش ئاغرىقى ۋە ئورۇقلاپ كەتكەنلەرنى سەمرىتىشنىڭ شىپالىق دورىسى .
ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستىنى ئۇزاق قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ئۆپكىنى ياشارتىدۇ . يېڭى چىققان ، يۇپۇرماقسىز نوتىللىرىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە سوغوق يەلنى ھەيدەپ بوغۇملارنى ياخشىلايدۇ . رېماتىزىمغا شىپا قىلىدۇ .
قارا ئۈجمە - قان ئازلىققا شىپا بولىدۇ . بەدەندىكى تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلايدۇ . مىجەزنى تەڭشەيدۇ .
ئۇجمىنىڭ يۇپۇرماقلىرى پىلىچىلىك ۋە تىبابەتچىلىكنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى .




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-19 05:53 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kurax114 + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10430
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3271 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 08:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاھاندا ئۈجمىگە مەندەك ئامراق ئادەمدىن بىرسى بولمىسا كىرەك ھە ! ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىت بولغاندا ئىزدەپ سوراپ سىتىۋىلىپ يەيمەندە مەن ، بەك ئامراق مەن ئازراق ئاڭلىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دەپ ، لىكىن بۇنچىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇقمايتتىم ، ئەمدى تىخىمۇ كۆپ يىمىسەم        رەھمەت ھە
ئەمدىلەتىن پىشقىلى تۇرغاندۇ ،

ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1982
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12072
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8710 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 08:30:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ  ھويلىمزدا بار ئىدى ئۆژمە دەرخى  مەنمۇ بەك ئامراق ئىدىم، كىچىك چاغلرىمدا
دەرەخنىڭ قاپ ئۇچقا چىقپ تازا يەيتىم، ئەمدى بالام ئىرغىتىپ بەرگەنىنى يەپ ئولتۇرارىمەن،
يازلق تەتىل بولغۇچە ئۆژمە پىشىپ تۇگەرمۇ يا

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9658
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 1855 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 08:34:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇنداق ئامراق ئىدىم ،لىكىن بۇنچە كۆپ پايدىىلىق تەرىپىنى بىلمەيدىكەنمەن،بۇ يازدا جىقىراق يەۋەلمىسام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48606
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3085
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2011-7-21
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 08:52:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىتەن ياخشى مىۋە ....چاقچاققا باشلاپ قۇياي.ئۇجمە پىش ،ئاغزىمغا چۇش     دىگەن گەپقۇ ھۇرۇن تەييارتاپلارغا ئېيتقان گەپكەن.  ئەمما ئۇجمە كۆڭۇل   دىگەن ئوخشۇتۇشتا كۇڭۇلنى ئۇجمىنىڭ قايسى خۇسۇسىيىتىگە قارىتىپ دىگەندۇ..؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1638 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 08:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيىل ئۈجمىنى مۇراببا قىلىۋالمىسام

ئادەم ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدۇ.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 09:14:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ........ئۈژمىگە ئامراقلىغىمدا  بۇ تېمىدىن ئۈژمىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئۇقۇپ تېخىمۇ يىگۈم كەلدى ،ئۈژمە دىيارىمىزدىكى مىۋىلەرنىڭ ئەڭ بالدۇر پىشىدىغىنى ،  بۇ يىللىق ئۈژمىگە تېخى ئېغىز تەگىمىدىم ،ئاللاھ  خالىسا ، ئەتە ھەمشىرەمنىڭ بېغىغا بېرىپ تازا بىر يەپ كىلەي ،

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 09:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  يەپ قويىمەن . ئىشقىلىپ يەيدىغان نەرسلەردىن ئۆچ كۆردىغىنىم يوق .ئادەملەردىن تولا   بىز تەرەپتە تېخى پىشمدى پىشقاندا  تازا بىر قوۋەتلەنمسەم .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-19 09:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۈژمىگە ئامراغلىغىمدا ئاۋۇ ئۈژمىلەرنى كۆرۈپ ئاغزىمغا سىرىق سۇ يىغىلىپ قالدى دىسە .

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش