ئاياللار ھەققىدە قىزىق پاراڭلار
ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويساڭ ،ئۇلار سېنى شاللاق دېيشىدۇ .ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسا ،سېنى ئەركەك تۈكى يوق دېيشدۇ.
ئاياللارنى ماختاپ قويساڭ ،سېنى خۇشامەت قىلۋاتىدۇ دېيشىدۇ.ماختىمىساڭ،سېنى ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمەيدۇ دېيشىدۇ.
ئاياللارنىڭ گېپىگە تۇلۇق قوشۇلساڭ ،ئۇلار سېنى ئەخمەق دېيشىدۇ.قوشۇلمىساڭ ،ساڭا مېنى زادىلا چۈشەنمەيدۇ دېگەن گۇناھنى ئارتىپ قويىدۇ.
ئاياللار بار سورۇننى رومانتىك كەيپىياتقا كەلتۈرۈۋەتسەڭ ، ئۇلار سېنى قىلدىغان ئىشى مۇشۇ تۇرسا دېيشىدۇ.ئۇنداق قىلالمىساڭ ،ئۇلار سېنى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن دېيشىدۇ.
ئاياللار نى دائىم ئىزدەپ تۇرساڭ ئۇلار بىزارلىق ھېس قىلىدۇ .ئىزدەپ قويمىساڭ ،ھېسياتىمنى ئالدىدىڭ دەپ سەندىن ئاغرىنىدۇ.
ئوبدانراق كىينىپ قويساڭ،سېنى قۇرۇق سۆلەت ديشىدۇ.رەتسىز كىينسەڭ ،سېنى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان كالۋا دېيشىدۇ.
كۈندەشلىك قىلساڭ بۇنداق قىلش خاتا دىيشىدۇ .كۈندەشلىك قىلمىساڭ ، مېنى قىلچە ياخشى كۆرمەيسەن دىيشىدۇ.
ئاياللارغا قاش-كۆز ئوينىتىپ قويساڭ ،ئۇلار ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭ دەيدۇ.ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلساك،مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەن دەپ ئويلايدۇ.
ئاياللار بىلەن كۆرۈشمەكچى بۇلۇپ ،بېرەر مىنۇت كىچكىپ قالساڭ ،ساقلاپ ئۆلەي دېدىم دەيدۇ .ئۆزى كىچىكىپ قالسا ، ئاياللارنىڭ ئۇچىرششقا كىچىكىپ كېلىشى تەبىئي قانۇنيەت دېگەن پەتۋانى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.
يولدىن كىسىپ ئۆتكەندە ئۇلارغا پەرۋا قىلمىساڭ ،سېنى ئەخلاقسىز دىيشىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭ يولدىن ئۆتۈشكە ياردەم قىلساڭ ،سېنى ياخشىچاقلىق قىلۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
ئاياللارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەرسەڭ ،ئۇ سېنىڭ پەقەت قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئولتۇرىشىڭنىلا ئۈمد قىلىدۇ. گىپىگە قۇلاق سالمىساڭ ، سېنىڭ گەپ قىلىپ بېرشىڭنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ.
ئۇنڭدىن -بۇنڭدىن تاللانما
ھەممە ئادەم بىر ئالمىدا قانچە تال ئۇرۇق بارلىقنى سانىيالايدۇ، بىراق ئاللا بىر تال ئۇرۇقتا قانچە دانە ئالما بارلىقنى بىلىدۇ؛
پەسكەش ئادەم ئۆزىنىڭ ئەتىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى بىلگەن چېغىدا ، ئەتىسى يېتىپ كەلگۈچە ئەڭ رەزىل قىلمىشلارنى قىلۋېلىشنىلا ئويلايدۇ.
يانپاشقا چىققاننى ئاتمىسا ئۆلگۈچە نادامەت چېكىدۇ.
مەرد ئۆزىدىن ، نامەرد ئۆزگىدىن كۆرىدۇ.
ئەگەر ھەمملا ئىشنى ئەتراپلىق ئويلىۋېلىپ ئاندىن قەدەم باسىدىغان ئىش بولسا ،كىشىلىك ھاياتىدا قانچە قەدەم تاشلىيالارسەن؟ئەمەليەتتە ،تاسادىپىي ئۆزگىرىشلەر ۋە بەرداشلىق بەرگۈسىز ئازابلارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزۈپ باقساڭ ،ئويلىمغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
ئارتۇقچىلىقىڭنى باشقىلارنىڭ كەمچىلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندىن كۆرە كەمچىلىكىڭنى باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سېلىشتۇر.
شىركەتلەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا ، تەجىربىسى بارلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىدۇ ،جۆرە تاپدىغانلار دەل بۇنىڭ ئەكسچە.
مەخپيەتلىكنى ساقلمايدىغان كىشلەر مەخپيەتلىككە ھەممدىن بەك قىزىقىدۇ.
بارلىق ئازاپ -ئوقۇبەتلەرنى ئۇنتۇپ كەتمەكچىمۇسىز؟ ئۇنداقتا پۇتڭىزغا بىر نومۇر كىچىك ئاياغنى كىيىپ سىناپ بېقىڭ.
<شىنجاڭ باج ئىشلىرى>ژورنىلىدىن ئېلىندى.